ھەدىد سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 29 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچ _ قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر.

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
1 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق شەيئىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
2 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
هُوَ ٱلْأَوَّلُ وَٱلْـَٔاخِرُ وَٱلظَّـٰهِرُ وَٱلْبَاطِنُ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
3 _ ئاللاھ ئەۋۋەلدۇر (ھەممىدىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر)، ئاخىردۇر (ھەممە يوقالغاندىن كېيىنمۇ باقىيدۇر)، زاھىردۇر (دەلىل - پاكىتلىرى بىلەن ئاشكارىدۇر)، باتىندۇر (كۆزلەرنىڭ كۆرۈشىدىن مەخپىيدۇر). ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۚ يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۖ وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ ۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
4 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئۇ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ
5 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش پەقەتلا ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
يُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ ۚ وَهُوَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
6 _ ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
ءَامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَأَنفِقُوا۟ مِمَّا جَعَلَكُم مُّسْتَخْلَفِينَ فِيهِ ۖ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنكُمْ وَأَنفَقُوا۟ لَهُمْ أَجْرٌ كَبِيرٌ
7 _ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ سىلەرنى باشقۇرۇشقا ئىگە قىلغان نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىڭلار، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە (ئاللاھ يولىدا) پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بار.
وَمَا لَكُمْ لَا تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ ۙ وَٱلرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ لِتُؤْمِنُوا۟ بِرَبِّكُمْ وَقَدْ أَخَذَ مِيثَـٰقَكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
8 _ (ئى كاپىرلار!) پەيغەمبەر سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىۋاتقان، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتماقچى بولساڭلار (ئۇنىڭغا ئالدىراڭلار).
هُوَ ٱلَّذِى يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبْدِهِۦٓ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ لِّيُخْرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ بِكُمْ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
9 _ ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن، بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلغان زاتتۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر، تولىمۇ رەھىم-شەپقەتلىكتۇر.
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تُنفِقُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ لَا يَسْتَوِى مِنكُم مَّنْ أَنفَقَ مِن قَبْلِ ٱلْفَتْحِ وَقَـٰتَلَ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَعْظَمُ دَرَجَةً مِّنَ ٱلَّذِينَ أَنفَقُوا۟ مِنۢ بَعْدُ وَقَـٰتَلُوا۟ ۚ وَكُلًّا وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلْحُسْنَىٰ ۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
10 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاس تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل _ مال) سەرپ قىلمايسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (ئاللاھ يولىدا) ئۇرۇشقا قاتناشقانلار بىلەن (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل _ مال سەرپ قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقانلار) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى كېيىن پۇل _ مال سەرپ قىلغان ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن يۇقىرىدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
مَّن ذَا ٱلَّذِى يُقْرِضُ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَـٰعِفَهُۥ لَهُۥ وَلَهُۥٓ أَجْرٌ كَرِيمٌ
11 _ كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئۇنداق كىشىگە ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قىممەتلىك مۇكاپات بېرىدۇ.
يَوْمَ تَرَى ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ يَسْعَىٰ نُورُهُم بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَـٰنِهِم بُشْرَىٰكُمُ ٱلْيَوْمَ جَنَّـٰتٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
12 _ ئۇ كۈندە مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ، (ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ تۇرىسىلەر، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ).
يَوْمَ يَقُولُ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ وَٱلْمُنَـٰفِقَـٰتُ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱنظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِن نُّورِكُمْ قِيلَ ٱرْجِعُوا۟ وَرَآءَكُمْ فَٱلْتَمِسُوا۟ نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُم بِسُورٍ لَّهُۥ بَابٌۢ بَاطِنُهُۥ فِيهِ ٱلرَّحْمَةُ وَظَـٰهِرُهُۥ مِن قِبَلِهِ ٱلْعَذَابُ
13 _ ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلەرگە: «توختاپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق نەپ ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەپ بېقىڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە (مۇئمىنلەر بار تەرەپتە) رەھمەت، تېشىدا (مۇناپىقلار بار تەرەپتە) ئازاب بولىدۇ.
يُنَادُونَهُمْ أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ وَلَـٰكِنَّكُمْ فَتَنتُمْ أَنفُسَكُمْ وَتَرَبَّصْتُمْ وَٱرْتَبْتُمْ وَغَرَّتْكُمُ ٱلْأَمَانِىُّ حَتَّىٰ جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ وَغَرَّكُم بِٱللَّهِ ٱلْغَرُورُ
14 _ ئۇلار مۇئمىنلەرنى چاقىرىپ: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۇئمىنلەر: «(كۆرۈنۈشتە) شۇنداق ئىدى، لېكىن سىلەر (مۇناپىقلىق قىلىپ) ئۆزۈڭلارنى ھالاك قىلدىڭلار، (مۇئمىنلەرگە بالايىئاپەت كېلىشىنى) كۈتتۈڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشتىن) شەكلەندىڭلار، (يالغان) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى. ئاخىر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئۆلۈم) كەلدى. ئۇچىغا چىققان ئالدامچى (شەيتان) سىلەرنى ئاللاھنىڭ (كەڭچىلىكى) بىلەن ئالدىدى» دەيدۇ.
فَٱلْيَوْمَ لَا يُؤْخَذُ مِنكُمْ فِدْيَةٌ وَلَا مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ مَأْوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ ۖ هِىَ مَوْلَىٰكُمْ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
15 _ (ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كاپىرلاردىنمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) فىديە ئېلىنمايدۇ، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!» (دېيىلىدۇ).
أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَن تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ ٱللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ ٱلْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ مِن قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ ٱلْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِّنْهُمْ فَـٰسِقُونَ
16- ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئاللاھنى ياد ئەتكەندە ۋە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت (قۇرئان ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا) دىللىرى ئېرىيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولۇپ قالمىسۇنكى، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن ۋە كۆپ سانلىقى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلار ئىدى.
ٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يُحْىِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
17 _ بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن زېمىننى (سۇسىزلىقتىن) ئۆلگەندىن كېيىن (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرىدۇ. شەكسىزكى، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن (شۇنىڭ بىلەن ئىبرەت ئالسۇن) دەپ، سىلەرگە (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق.
إِنَّ ٱلْمُصَّدِّقِينَ وَٱلْمُصَّدِّقَـٰتِ وَأَقْرَضُوا۟ ٱللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَـٰعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
18 _ سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگۈچىلەرگە (ئۇلارنىڭ بەرگەنلىرى) ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ ھەم ئۇلارغا تولىمۇ ئېسىل بىر مۇكاپات بار.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلصِّدِّيقُونَ ۖ وَٱلشُّهَدَآءُ عِندَ رَبِّهِمْ لَهُمْ أَجْرُهُمْ وَنُورُهُمْ ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَآ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَحِيمِ
19 _ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلار— ئەنە شۇلار سىددىقلاردۇر . شېھىتلەر رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپاتقا ۋە نۇرغا ئېرىشىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە يالغانغا چىقارغانلار— ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
ٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَزِينَةٌ وَتَفَاخُرٌۢ بَيْنَكُمْ وَتَكَاثُرٌ فِى ٱلْأَمْوَٰلِ وَٱلْأَوْلَـٰدِ ۖ كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ ٱلْكُفَّارَ نَبَاتُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَـٰمًا ۖ وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِّنَ ٱللَّهِ وَرِضْوَٰنٌ ۚ وَمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَآ إِلَّا مَتَـٰعُ ٱلْغُرُورِ
20 _ (ئى ئىنسانلار!) بىلىڭلاركى، دۇنيا ھاياتى پەقەت ئويۇن _ تاماشىدىن، بىخۇتلۇقتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل _ مال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ماختىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇشال قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ _ دە، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنجىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كاپىرلارغا) قاتتىق ئازاب بار، (مۇئمىنلەرگە) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا ھاياتى پەقەت (غەپلەتتىكى ئادەم) ئالدىنىپ قالىدىغان بىر مەنپەئەتتىن ئىبارەتتۇر.
سَابِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا كَعَرْضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ أُعِدَّتْ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
21 _ رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان _ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراڭلار. بۇ (مەغپىرەت بىلەن جەننەت) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.
مَآ أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِىٓ أَنفُسِكُمْ إِلَّا فِى كِتَـٰبٍ مِّن قَبْلِ أَن نَّبْرَأَهَآ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٌ
22 _ يەر يۈزىدە يۈز بەرگەن (ھادىسىلەر) ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان بالا _ قازالارنىڭ ھەممىسى بىز يارىتىشتىن بۇرۇنلا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ كەتكەن ئىدى، شەكسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
لِّكَيْلَا تَأْسَوْا۟ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا۟ بِمَآ ءَاتَىٰكُمْ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
23 _ (ئاللاھ بۇنى) قولۇڭلاردىن كەتكەنگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە (ئاللاھنىڭ) بەرگەنلىرىگە كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىدۇ). شەكسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ماختانچاقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ٱلَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلْبُخْلِ ۗ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ
24 _ ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر. كىمكى (ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىشتىن) باش تارتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِٱلْبَيِّنَـٰتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلْقِسْطِ ۖ وَأَنزَلْنَا ٱلْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَـٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلْغَيْبِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِىٌّ عَزِيزٌ
25 _ بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئوپئوچۇق دەلىل – پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى ۋە مىزاننى چۈشۈردۇق. بىز كۈچ _ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولغان تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇق. بۇ ئاللاھنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە غايىبانە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى (يەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى) ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا وَإِبْرَٰهِيمَ وَجَعَلْنَا فِى ذُرِّيَّتِهِمَا ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلْكِتَـٰبَ ۖ فَمِنْهُم مُّهْتَدٍ ۖ وَكَثِيرٌ مِّنْهُمْ فَـٰسِقُونَ
26 _ بىز ھەقىقەتەن نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھىدايەت تاپقانلار بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
ثُمَّ قَفَّيْنَا عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِم بِرُسُلِنَا وَقَفَّيْنَا بِعِيسَى ٱبْنِ مَرْيَمَ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْإِنجِيلَ وَجَعَلْنَا فِى قُلُوبِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ رَأْفَةً وَرَحْمَةً وَرَهْبَانِيَّةً ٱبْتَدَعُوهَا مَا كَتَبْنَـٰهَا عَلَيْهِمْ إِلَّا ٱبْتِغَآءَ رِضْوَٰنِ ٱللَّهِ فَمَا رَعَوْهَا حَقَّ رِعَايَتِهَا ۖ فَـَٔاتَيْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنْهُمْ أَجْرَهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِّنْهُمْ فَـٰسِقُونَ
27 _ ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇردۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، ئۇلار يېڭىدىن پەيدا قىلىۋالغان رەھبانىيەتكە (تەركىدۇنيالىققا) ئۇلارنى بىز بۇيرۇمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ (پەيدا قىلىۋالدى)، بىراق ئۇلار ئۇنىڭغىمۇ لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى. ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجىرىنى بەردۇق. ئۇلاردىن كۆپلىرى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَءَامِنُوا۟ بِرَسُولِهِۦ يُؤْتِكُمْ كِفْلَيْنِ مِن رَّحْمَتِهِۦ وَيَجْعَل لَّكُمْ نُورًا تَمْشُونَ بِهِۦ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
28 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ ۋە سىلەرگە سىلەر (يورۇقىدا) ماڭىدىغان نۇرنى ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لِّئَلَّا يَعْلَمَ أَهْلُ ٱلْكِتَـٰبِ أَلَّا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَىْءٍ مِّن فَضْلِ ٱللَّهِ ۙ وَأَنَّ ٱلْفَضْلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
29 _ بۇ ئەھلى كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىگە ئۆزلىرىنىڭ قىلچىلىك ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، پەزلنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەزل _ كەرەم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر.