تەھرىم سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 12 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنى ئىسلامىي ئەدەب _ ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئۈلگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَآ أَحَلَّ ٱللَّهُ لَكَ ۖ تَبْتَغِى مَرْضَاتَ أَزْوَٰجِكَ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
1 _ ئى پەيغەمبەر! سەن نېمە ئۈچۈن ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىدىن ئۆزۈڭنى چەكلەيسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
قَدْ فَرَضَ ٱللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَـٰنِكُمْ ۚ وَٱللَّهُ مَوْلَىٰكُمْ ۖ وَهُوَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ
2 _ ئاللاھ سىلەرگە (ياخشى ئىشتىن توسىدىغان) قەسىمىڭلاردىن (كاپارەت بېرىپ) چىقىپ كېتىشنى بەلگىلىدى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِذْ أَسَرَّ ٱلنَّبِىُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَٰجِهِۦ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِۦ وَأَظْهَرَهُ ٱللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُۥ وَأَعْرَضَ عَنۢ بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِۦ قَالَتْ مَنْ أَنۢبَأَكَ هَـٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِىَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْخَبِيرُ
3 _ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى (ھەفسە)گە بىر سىرنى ئېيتقان ئىدى، ئۇ بۇ سىرنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ ئۇنى (يەنى سىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى (ھەفسەنىڭ) يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى.
إِن تَتُوبَآ إِلَى ٱللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا ۖ وَإِن تَظَـٰهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ مَوْلَىٰهُ وَجِبْرِيلُ وَصَـٰلِحُ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۖ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ بَعْدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
4 _ ئەگەر (ئائىشە بىلەن ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر). چۈنكى، سىلەرنىڭ دىلىڭلار (پەيغەمبەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر بىرلىشىپ پەيغەمبەرگە تاقابىل تۇرساڭلار، شەكسىزكى، ئۇنىڭ مەدەتكارى ئاللاھتۇر، جىبرىلمۇ، مۇئمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر، ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر.
عَسَىٰ رَبُّهُۥٓ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبْدِلَهُۥٓ أَزْوَٰجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَـٰتٍ مُّؤْمِنَـٰتٍ قَـٰنِتَـٰتٍ تَـٰٓئِبَـٰتٍ عَـٰبِدَٰتٍ سَـٰٓئِحَـٰتٍ ثَيِّبَـٰتٍ وَأَبْكَارًا
5 _ ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى (سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا) سىلەردىن ياخشى، بويسۇنغۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، ئاللاھ يولىدا سەپەر قىلغۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ قُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَـٰٓئِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ ٱللَّهَ مَآ أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
6 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىڭلارنى يېقىلغۇسى ئىنسان ۋە تاش بولىدىغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدىغان، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر مەسئۇلدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَا تَعْتَذِرُوا۟ ٱلْيَوْمَ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
7 _ ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ تُوبُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ يَوْمَ لَا يُخْزِى ٱللَّهُ ٱلنَّبِىَّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ ۖ نُورُهُمْ يَسْعَىٰ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَـٰنِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَٱغْفِرْ لَنَآ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
8 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى خار قىلمايدۇ، (ئۇلار سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە) ئۇلارنىڭ نۇرى (ئەمەللىرىگە كۆرە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! (سىراتتىن سالامەت ئۆتۈپ جەننەتكە بېرىۋېلىشىمىز ئۈچۈن) بىزگە نۇرىمىزنى تولۇقلاپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ جَـٰهِدِ ٱلْكُفَّارَ وَٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَٱغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
9 _ ئى پەيغەمبەر! سەن كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱمْرَأَتَ نُوحٍ وَٱمْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَـٰلِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا وَقِيلَ ٱدْخُلَا ٱلنَّارَ مَعَ ٱلدَّٰخِلِينَ
10 _ ئاللاھ كاپىر بولغانلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، (بۇ ئىككىسى) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى سالىھ بەندە (نۇھ بىلەن لۇت) نىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى (مۇناپىقلىق قىلىپ) ئېرىگە خىيانەت قىلدى. نۇھ بىلەن لۇت ئاللاھتىن (كەلگەن ئازابتىن) ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككىسىدىن توسۇپ قالالمىدى ۋە (ئۇ ئىككى ئايالغا): «سىلەر (دوزاخقا) كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار» دېيىلدى.
وَضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱمْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ٱبْنِ لِى عِندَكَ بَيْتًا فِى ٱلْجَنَّةِ وَنَجِّنِى مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِۦ وَنَجِّنِى مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
11 _ ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلىپ بەرگىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ (يامان) قىلمىشىدىن قۇتقۇزغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېگەن ئىدى.
وَمَرْيَمَ ٱبْنَتَ عِمْرَٰنَ ٱلَّتِىٓ أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِن رُّوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَـٰتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِۦ وَكَانَتْ مِنَ ٱلْقَـٰنِتِينَ
12 _ (ئاللاھ يەنە) ئىمراننىڭ ئۆزىنى پاك ساقلىغان قىزى مەريەمنى (مىسال قىلىپ كۆرسەتتى). ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بىر روھنى پۈۋلىدۇق (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇ رەببىنىڭ سۆزلىرىگە ۋە كىتابلىرىغا ئىشەندى ھەمدە (رەببىگە) ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى.