ئەھزاب سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 73 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھىمايە قىلغانلىق نېمىتىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ ٱتَّقِ ٱللَّهَ وَلَا تُطِعِ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقِينَ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
1 _ ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھتىن قورققىن، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا بويسۇنمىغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱتَّبِعْ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
2 _ ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنىۋاتقان (قۇرئان)غا ئەگەشكىن. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
3 _ سەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
مَّا جَعَلَ ٱللَّهُ لِرَجُلٍ مِّن قَلْبَيْنِ فِى جَوْفِهِۦ ۚ وَمَا جَعَلَ أَزْوَٰجَكُمُ ٱلَّـٰٓـِٔى تُظَـٰهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَـٰتِكُمْ ۚ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَآءَكُمْ أَبْنَآءَكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ قَوْلُكُم بِأَفْوَٰهِكُمْ ۖ وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِى ٱلسَّبِيلَ
4 _ ئاللاھ ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقان ئەمەس، سىلەر زىھار[1] قىلغان ئاياللىرىڭلارنى سىلەرگە ئانا قىلغانمۇ ئەمەس، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنى ئۆز بالاڭلار (نىڭ ھۆكمىدە) قىلغانمۇ ئەمەس، بۇ پەقەت سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر، ئاللاھ ھەقىقەتنى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.
ٱدْعُوهُمْ لِـَٔابَآئِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِندَ ٱللَّهِ ۚ فَإِن لَّمْ تَعْلَمُوٓا۟ ءَابَآءَهُمْ فَإِخْوَٰنُكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَمَوَٰلِيكُمْ ۚ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَآ أَخْطَأْتُم بِهِۦ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
5 _ ئۇلارنى ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستۇڭلاردۇر. سەۋەنلىكتىن قىلىپ قويغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
ٱلنَّبِىُّ أَوْلَىٰ بِٱلْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَٰجُهُۥٓ أُمَّهَـٰتُهُمْ ۗ وَأُو۟لُوا۟ ٱلْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِى كِتَـٰبِ ٱللَّهِ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُهَـٰجِرِينَ إِلَّآ أَن تَفْعَلُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَوْلِيَآئِكُم مَّعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مَسْطُورًا
6 _ پەيغەمبەر مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆز جېنىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، (پەيغەمبەر مۇئمىنلەرنىڭ ئاتىسىغا ئوخشاش بولغانلىقتىن) پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر (شۇڭا، پەيغەمبەردىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاياللىرىغا نىكاھلىنىش مۇئمىنلەرگە ھارامدۇر). ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇرۇق _ تۇغقانلار (مىراس ئېلىشتا) بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن ھەقلىقتۇر[2]. لېكىن مۇئمىن قېرىنداشلىرىڭلارغا (بىر نەرسە بېرىشكە) ۋەسىيەت قىلساڭلار بولىدۇ، بۇلار (لەۋھۇلمەھپۇز دېگەن) كىتابتا يېزىلغاندۇر.
وَإِذْ أَخَذْنَا مِنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِيثَـٰقَهُمْ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٍ وَإِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ٱبْنِ مَرْيَمَ ۖ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَـٰقًا غَلِيظًا (7) لِّيَسْـَٔلَ ٱلصَّـٰدِقِينَ عَن صِدْقِهِمْ ۚ وَأَعَدَّ لِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابًا أَلِيمًا (8)
7 _ 8_ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن (جۈملىدىن) سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسادىن (دىننى يەتكۈزۈش توغرۇلۇق) ئەھدە ئالدۇق. راستچىللاردىن (يەنى پەيغەمبەرلەردىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىكى) راستچىللىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاللاھ كاپىرلارغا قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَآءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
9 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (ئىتتىپاقداش) قوشۇن (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە (پەرىشتىلەردىن ئىبارەت) سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇن ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذْ جَآءُوكُم مِّن فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنكُمْ وَإِذْ زَاغَتِ ٱلْأَبْصَـٰرُ وَبَلَغَتِ ٱلْقُلُوبُ ٱلْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِٱللَّهِ ٱلظُّنُونَا۠
10 _ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.
هُنَالِكَ ٱبْتُلِىَ ٱلْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا۟ زِلْزَالًا شَدِيدًا
11 _ ئۇ يەردە مۇئمىنلەر سىنالغان ۋە قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى.
وَإِذْ يَقُولُ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ مَّا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ إِلَّا غُرُورًا
12 _ ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار بىلەن دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپتىكەن» دېيىشكەن ئىدى.
وَإِذْ قَالَت طَّآئِفَةٌ مِّنْهُمْ يَـٰٓأَهْلَ يَثْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَٱرْجِعُوا۟ ۚ وَيَسْتَـْٔذِنُ فَرِيقٌ مِّنْهُمُ ٱلنَّبِىَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوْرَةٌ وَمَا هِىَ بِعَوْرَةٍ ۖ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارًا
13 _ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر![3] (بۇ يەدە) تۇرۇشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، شۇڭا سىلەر (ئۆيۈڭلەرگە) قايتىڭلار!» دىدى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقلىقتا (يەنى بىخەتەر ئەمەس)» دەپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ.
وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَيْهِم مِّنْ أَقْطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُوا۟ ٱلْفِتْنَةَ لَـَٔاتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوا۟ بِهَآ إِلَّا يَسِيرًا
14 _ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىماندىن يېنىپ، (مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش) تەلەپ قىلىنسا ئىدى، ئۇلار بۇ تەلەپكە دەرھال ماقۇل بولۇپ، ئۇنى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا (ئورۇندايتتى).
وَلَقَدْ كَانُوا۟ عَـٰهَدُوا۟ ٱللَّهَ مِن قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ ٱلْأَدْبَـٰرَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ ٱللَّهِ مَسْـُٔولًا
15 _ ئۇلار ئىلگىرى (جىھادتىن) ئارقىسىنى قىلىپ قاچماسلىق ھەققىدە ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدە ئەلۋەتتە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
قُل لَّن يَنفَعَكُمُ ٱلْفِرَارُ إِن فَرَرْتُم مِّنَ ٱلْمَوْتِ أَوِ ٱلْقَتْلِ وَإِذًا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
16 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن (قورقۇپ، جىھادتىن) قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقان تەقدىردىمۇ (بۇ ھاياتتىن) پەقەت ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولالايسىلەر».
قُلْ مَن ذَا ٱلَّذِى يَعْصِمُكُم مِّنَ ٱللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوٓءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
17 _ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، سىلەرنى ئاللاھتىن كىم قوغداپ قالالايدۇ، ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەتنى ئىرادە قىلسا، (ئۇنى كىم توسۇپ قالالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىگە ۋە ھېچبىر ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.
قَدْ يَعْلَمُ ٱللَّهُ ٱلْمُعَوِّقِينَ مِنكُمْ وَٱلْقَآئِلِينَ لِإِخْوَٰنِهِمْ هَلُمَّ إِلَيْنَا ۖ وَلَا يَأْتُونَ ٱلْبَأْسَ إِلَّا قَلِيلًا
18 _ ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە ئۆز تەرەپدارلىرىغا (مۇسۇلمانلارنى تەرك ئېتىپ) بىزگە قوشۇلۇڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار (رىيا قىلىپ) جەڭگە ئاندا- ساندا قاتنىشىپ قويىدۇ.
أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَٱلَّذِى يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ ٱلْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلْخَوْفُ سَلَقُوكُم بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلْخَيْرِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا۟ فَأَحْبَطَ ٱللَّهُ أَعْمَـٰلَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
19 _ ئۇلار (قاتناشقاندىمۇ) سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىللىق قىلىدۇ، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل _ مالغا قارىتا ئاچكۆزلۈك قىلىپ سىلەرنى ئۆتكۈر (ۋە زەھەرلىك) تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئەنە شۇلار (دىلى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر.
يَحْسَبُونَ ٱلْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا۟ ۖ وَإِن يَأْتِ ٱلْأَحْزَابُ يَوَدُّوا۟ لَوْ أَنَّهُم بَادُونَ فِى ٱلْأَعْرَابِ يَسْـَٔلُونَ عَنْ أَنۢبَآئِكُمْ ۖ وَلَوْ كَانُوا۟ فِيكُم مَّا قَـٰتَلُوٓا۟ إِلَّا قَلِيلًا
20 _ ئۇلار ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (چۆلدە) سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇقۇشقاچ، (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، جەڭگە ئاندا _ ساندا قاتنىشىپ قوياتتى.
لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِى رَسُولِ ٱللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرًا
21 _ شەكسىزكى، سىلەرگە — ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.
وَلَمَّا رَءَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلْأَحْزَابَ قَالُوا۟ هَـٰذَا مَا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَصَدَقَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّآ إِيمَـٰنًا وَتَسْلِيمًا
22 _ مۇئمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتقان» دېيىشتى. بۇ (ئىتتىپاقداش قوشۇننىڭ كەلگەنلىكى) پەقەت ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ۋە ئىتائەتمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا۟ مَا عَـٰهَدُوا۟ ٱللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُم مَّن قَضَىٰ نَحْبَهُۥ وَمِنْهُم مَّن يَنتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا۟ تَبْدِيلًا
23 _ مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (ۋەدىسىنى) قەتئىي ئۆزگەرتمىدى.
لِّيَجْزِىَ ٱللَّهُ ٱلصَّـٰدِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ إِن شَآءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
24 _ ئاللاھ راستچىللارنى راستچىللىقى يۈزىسىدىن مۇكاپاتلاش، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلاش ياكى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىش ئۈچۈن (جىھادنى پەرز قىلدى). شەكسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَرَدَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا۟ خَيْرًا ۚ وَكَفَى ٱللَّهُ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱلْقِتَالَ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا
25 _ ئاللاھ كاپىرلارنى (مەدىنىدىن) ئاچچىقتىن ئىچىنى يېگەن (ئۇچرىغان تالاپەت سەۋەبلىك ھەممىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن) ھېچقانداق غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەن ھالدا قايتىشقا مەجبۇر قىلدى. ئاللاھ (بوران ۋە پەرىشتە ئارقىلىق) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
وَأَنزَلَ ٱلَّذِينَ ظَـٰهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا
26 _ ئاللاھ ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئى ئىمان ئېيتقانلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ) بىر بۆلىكىنى ئۆلتۈردۈڭلار ۋە بىر بۆلىكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.
وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَـٰرَهُمْ وَأَمْوَٰلَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَـُٔوهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرًا
27 _ ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەر _ زېمىنلىرىغا، قورۇ _ جايلىرىغا، مال _ مۈلۈكىگە ۋە بۇرۇن سىلەر قەدەم بېسىپ باقمىغان جايلارغا ئىگە قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ قُل لِّأَزْوَٰجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيْنَ أُمَتِّعْكُنَّ وَأُسَرِّحْكُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
28 _ ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ ئالدىڭغا توپلىشىپ كەلگەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيالىق ھاياتنى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى كۆزلەيدىغان بولساڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرىپ، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي.
وَإِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلدَّارَ ٱلْـَٔاخِرَةَ فَإِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَـٰتِ مِنكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
29 _ ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى (تائەت-ئىبادەتنى) ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىلارغا چوڭ مۇكاپات تەييارلىدى».
يَـٰنِسَآءَ ٱلنَّبِىِّ مَن يَأْتِ مِنكُنَّ بِفَـٰحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ يُضَـٰعَفْ لَهَا ٱلْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
30 _ ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئاراڭلاردىن كىمكى ئوپئوچۇق بىر قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
وَمَن يَقْنُتْ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتَعْمَلْ صَـٰلِحًا نُّؤْتِهَآ أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
31 _ سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، بىز ئۇنىڭغا مۇكاپاتىنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
يَـٰنِسَآءَ ٱلنَّبِىِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ ٱلنِّسَآءِ ۚ إِنِ ٱتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِٱلْقَوْلِ فَيَطْمَعَ ٱلَّذِى فِى قَلْبِهِۦ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
32 _ ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن گەپ قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (شۇڭا گەپ قىلغاندا گۇماندىن خالىي) نورمال گەپ قىلىڭلار.
وَقَرْنَ فِى بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ ٱلْجَـٰهِلِيَّةِ ٱلْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتِينَ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِعْنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ ٱلرِّجْسَ أَهْلَ ٱلْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا
33 _ سىلەر ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، (سىرتقا) ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ (يۇقىرىقى ئەمرى ئارقىلىق) پەقەت سىلەردىن نالايىق سۆز ۋە قىلمىشلارنى يىراق قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
وَٱذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِى بُيُوتِكُنَّ مِنْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ وَٱلْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
34 _ ئۆيۈڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى (ھەدىسلەرنى) ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە) ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر، (ئەھۋالىڭلاردىن) خەۋەرداردۇر.
إِنَّ ٱلْمُسْلِمِينَ وَٱلْمُسْلِمَـٰتِ وَٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ وَٱلْقَـٰنِتِينَ وَٱلْقَـٰنِتَـٰتِ وَٱلصَّـٰدِقِينَ وَٱلصَّـٰدِقَـٰتِ وَٱلصَّـٰبِرِينَ وَٱلصَّـٰبِرَٰتِ وَٱلْخَـٰشِعِينَ وَٱلْخَـٰشِعَـٰتِ وَٱلْمُتَصَدِّقِينَ وَٱلْمُتَصَدِّقَـٰتِ وَٱلصَّـٰٓئِمِينَ وَٱلصَّـٰٓئِمَـٰتِ وَٱلْحَـٰفِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَٱلْحَـٰفِظَـٰتِ وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرًا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
35 _ شەكسىزكى، مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، چىدامچان ئەرلەر ۋە چىدامچان ئاياللارغا، ئاللاھتىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھتىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا مۇكاپات تەييارلىدى.
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ ٱلْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَن يَعْصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَـٰلًا مُّبِينًا
36 _ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسا، ھېچبىر مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئايالنىڭ شۇ ئىشتا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.
وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِىٓ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَٱتَّقِ ٱللَّهَ وَتُخْفِى فِى نَفْسِكَ مَا ٱللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى ٱلنَّاسَ وَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَىٰهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَـٰكَهَا لِكَىْ لَا يَكُونَ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِىٓ أَزْوَٰجِ أَدْعِيَآئِهِمْ إِذَا قَضَوْا۟ مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ ٱللَّهِ مَفْعُولًا
37 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى (نىكاھىڭدا) تۇتقىن ۋە ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقاتتىڭ. ھالبۇكى، قورقۇشۇڭغا ئاللاھ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئايالىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇنى ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى (ئەنە شۇنداق) ئورۇندالدى.
مَّا كَانَ عَلَى ٱلنَّبِىِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ ٱللَّهُ لَهُۥ ۖ سُنَّةَ ٱللَّهِ فِى ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ ٱللَّهِ قَدَرًا مَّقْدُورًا
38 _ ئاللاھ پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان (بۇ) ئىشتا ئۇنىڭغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر.
ٱلَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَـٰلَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُۥ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا ٱللَّهَ ۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبًا
39 _ ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر _ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ھېساب ئېلىشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَآ أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَـٰكِن رَّسُولَ ٱللَّهِ وَخَاتَمَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًا
40 _ مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، پەقەت ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا
41 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.
وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
42 _ ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
هُوَ ٱلَّذِى يُصَلِّى عَلَيْكُمْ وَمَلَـٰٓئِكَتُهُۥ لِيُخْرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ ۚ وَكَانَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا
43 _ ئاللاھ سىلەرنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان زاتتۇر. ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئەزەلدىن مۇئمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
تَحِيَّتُهُمْ يَوْمَ يَلْقَوْنَهُۥ سَلَـٰمٌ ۚ وَأَعَدَّ لَهُمْ أَجْرًا كَرِيمًا
44 _ ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارغان كۈندە «سالام» بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ شَـٰهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا (45) وَدَاعِيًا إِلَى ٱللَّهِ بِإِذْنِهِۦ وَسِرَاجًا مُّنِيرًا (46)
45 _ 46_ ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يولىمىزغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق.
وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ بِأَنَّ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَضْلًا كَبِيرًا
47 _ (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۈيۈك ئېھسانغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
وَلَا تُطِعِ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَدَعْ أَذَىٰهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
48 _ كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا بويسۇنمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا يەتكۈزگەن) ئەزىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (تەۋەككۈل قىلغۇچىلارغا) يېتەرلىك ھامىيدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا نَكَحْتُمُ ٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا ۖ فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
49 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇئمىن ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۈن ساناپ ئىددەت تۇتۇشى لازىم ئەمەس، ئۇلارغا (مەلۇم مىقداردا) بىر نەرسە بېرىپ، چىرايلىق يوسۇندا قويۇپ بېرىڭلار.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِنَّآ أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَٰجَكَ ٱلَّـٰتِىٓ ءَاتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّـٰتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَـٰلَـٰتِكَ ٱلَّـٰتِى هَاجَرْنَ مَعَكَ وَٱمْرَأَةً مُّؤْمِنَةً إِن وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِىِّ إِنْ أَرَادَ ٱلنَّبِىُّ أَن يَسْتَنكِحَهَا خَالِصَةً لَّكَ مِن دُونِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِىٓ أَزْوَٰجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
50 _ ئى پەيغەمبەر! سەن مەھرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەن چۆرىلەرنى بىز ساڭا ھالال قىلدۇق، سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ئاتا تەرەپ تاغا _ ھاممىلىرىڭنىڭ قىزلىرىنى ۋە ئانا تەرەپ تاغا _ ھاممىلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق). ئەگەر بىر مۇئمىن ئايال ئۆزىنى پەيغەمبەرگە (مەھرى تەلەپ قىلمايلا) تەقدىم قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا ھالال قىلدۇق. شەكسىزكى، مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر. (بۇ) سېنىڭ تەڭلىكتە قالماسلىقىڭ ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
تُرْجِى مَن تَشَآءُ مِنْهُنَّ وَتُـْٔوِىٓ إِلَيْكَ مَن تَشَآءُ ۖ وَمَنِ ٱبْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَن تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَآ ءَاتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِى قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
51 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاياللىرىڭدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنىڭ (سەن بىلەن يېتىش) نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭمۇ، خالىغىنىڭدىن بىرى بىلەن بىللە بولساڭمۇ، سەن نۆۋىتىنى كېچىكتۈرگەن ئاياللىرىڭدىن خالىغان بىرىنى قايتىدىن تەلەپ قىلساڭمۇ ساڭا گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، سېنىڭ تەقسىماتىڭغا ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعْدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَٰجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ رَّقِيبًا
52 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خوتۇن ئېلىشىڭ ۋە باشقا ئاياللارنىڭ ھۆسنى _ جامالى سېنى قىزىقتۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇلارنى يەڭگۈشلىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. پەقەت قول ئاستىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَدْخُلُوا۟ بُيُوتَ ٱلنَّبِىِّ إِلَّآ أَن يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَـٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَـٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَٱدْخُلُوا۟ فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَٱنتَشِرُوا۟ وَلَا مُسْتَـْٔنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِى ٱلنَّبِىَّ فَيَسْتَحْىِۦ مِنكُمْ ۖ وَٱللَّهُ لَا يَسْتَحْىِۦ مِنَ ٱلْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَـٰعًا فَسْـَٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَن تُؤْذُوا۟ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓا۟ أَزْوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعْدِهِۦٓ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا
53 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە پەقەت سىلەر تاماققا چاقىرىلغاندىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا ئىجازەت سوراپ كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار _ يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا تارقىلىپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىپ ئولتۇرماڭلار، بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ. ئاللاھ ھەقنى ئېيتىشتىن تارتىنمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.
إِن تُبْدُوا۟ شَيْـًٔا أَوْ تُخْفُوهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًا
54 _ سىلەر بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يوشۇرساڭلارمۇ (بەرىبىردۇر)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّا جُنَاحَ عَلَيْهِنَّ فِىٓ ءَابَآئِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآئِهِنَّ وَلَآ إِخْوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآءِ إِخْوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآءِ أَخَوَٰتِهِنَّ وَلَا نِسَآئِهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُنَّ ۗ وَٱتَّقِينَ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدًا
55 _ ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۇئمىن ئاياللار بىلەن، قۇل _ چۆرىلىرى بىلەن (پەردىسىز) كۆرۈشۈشتە ھېچبىر گۇناھ يوق. (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ وَمَلَـٰٓئِكَتَهُۥ يُصَلُّونَ عَلَى ٱلنَّبِىِّ ۚ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ صَلُّوا۟ عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا۟ تَسْلِيمًا
56 _ شەكسىزكى، ئاللاھ پەيغەمبەرگە رەھمەت قىلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭ ئۈچۈن) مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُّهِينًا
57 _ شەكسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.
وَٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ بِغَيْرِ مَا ٱكْتَسَبُوا۟ فَقَدِ ٱحْتَمَلُوا۟ بُهْتَـٰنًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
58 _ مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار چوڭ بىر بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ قُل لِّأَزْوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَـٰبِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
59 _ ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار (سىرتقا چىققاندا) پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (تەقۋادار ئاياللار ئىكەنلىكى) ئوڭايلا تونۇلىدۇ _ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لَّئِن لَّمْ يَنتَهِ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْمُرْجِفُونَ فِى ٱلْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَآ إِلَّا قَلِيلًا (60) مَّلْعُونِينَ ۖ أَيْنَمَا ثُقِفُوٓا۟ أُخِذُوا۟ وَقُتِّلُوا۟ تَقْتِيلًا (61)
60 _ 61 _ ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا (شەك) كېسىلى بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار ئازغىنە بىر مۇددەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەدىنىدە سەن بىلەن تۇرالمايدۇ، لەنەت قىلىنغان ھالدا (مەدىنىدىن چىقىرىلىدۇ)، قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
سُنَّةَ ٱللَّهِ فِى ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلُ ۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبْدِيلًا
62 _ (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكىلەر ئىچىدە (يۈرگۈزۈپ كەلگەن) قانۇنىدۇر. ئاللاھنىڭ قانۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
يَسْـَٔلُكَ ٱلنَّاسُ عَنِ ٱلسَّاعَةِ ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ ٱللَّهِ ۚ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
63 _ (ئى پەيغەمبەر!) كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن. سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكىم قىيامەتنىڭ ۋاقتى يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
إِنَّ ٱللَّهَ لَعَنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمْ سَعِيرًا
64 _ شۇ ئېنىقكى، ئاللاھ كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.
خَـٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا ۖ لَّا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
65 _ ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى تاپالمايدۇ.
يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِى ٱلنَّارِ يَقُولُونَ يَـٰلَيْتَنَآ أَطَعْنَا ٱللَّهَ وَأَطَعْنَا ٱلرَّسُولَا۠
66 _ دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دېيىشىپ كېتىدۇ.
وَقَالُوا۟ رَبَّنَآ إِنَّآ أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَآءَنَا فَأَضَلُّونَا ٱلسَّبِيلَا۠ (67) رَبَّنَآ ءَاتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ ٱلْعَذَابِ وَٱلْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا (68)
67 _ 68 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، چوڭلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، نەتىجىدە، ئۇلار بىزنى يولدىن چىقاردى، ئى رەببىمىز! ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن ۋە ئۇلارنى رەھمىتىڭدىن تامامەن يىراق قىلغىن» دەيدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ ءَاذَوْا۟ مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ ٱللَّهُ مِمَّا قَالُوا۟ ۚ وَكَانَ عِندَ ٱللَّهِ وَجِيهًا
69 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇساغا ئازار بەرگەنلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ (تۆھمەت) سۆزلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَقُولُوا۟ قَوْلًا سَدِيدًا
70 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلار.
يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَـٰلَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا
71 _ (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ ۋە گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.
إِنَّا عَرَضْنَا ٱلْأَمَانَةَ عَلَى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱلْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا ٱلْإِنسَـٰنُ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
72 _ شۈبھىسىزكى، بىز (دىنىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداشتىن ئىبارەت) ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىۋىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتتى، ئۇنىڭ (مەسئۇلىيىتى) دىن قورقتى. ئىنسان بولسا ئۇنى ئۈستىگە ئالدى. ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ۋە بەكمۇ ناداندۇر.
لِّيُعَذِّبَ ٱللَّهُ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقَـٰتِ وَٱلْمُشْرِكِينَ وَٱلْمُشْرِكَـٰتِ وَيَتُوبَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًۢا
73 _ ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلاش، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن (مەزكۇر ئامانەتنى ئىنساننىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.