ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بۇرۇن ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ھەق دىننى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىنى ھەق دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓر ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ وَقُرْءَانٍ مُّبِينٍ
1 _ ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار كىتابنىڭ ۋە (ھەر نەرسىنى) روشەن بايان قىلغۇچى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.
رُّبَمَا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْ كَانُوا۟ مُسْلِمِينَ
2 _ كاپىرلار (قىيامەت كۈنى) كاشكى بىزمۇ مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ناھايىتى بەك ئارزۇ قىلىپ كېتىدۇ.
ذَرْهُمْ يَأْكُلُوا۟ وَيَتَمَتَّعُوا۟ وَيُلْهِهِمُ ٱلْأَمَلُ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
3 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار يەپ _ ئىچىپ، (دۇنيا لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن. ئۇلار (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىدۇ.
وَمَآ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَّعْلُومٌ
4 _ بىز (پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان) ھېچقانداق يۇرت (ئاھالىسى)نى ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك قىلمىدۇق.
مَّا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَـْٔخِرُونَ
5 _ ھېچبىر ئۇممەت ئۆز ئەجىلىنى ئىلگىرى- كېيىن قىلالمايدۇ.
وَقَالُوا۟ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِى نُزِّلَ عَلَيْهِ ٱلذِّكْرُ إِنَّكَ لَمَجْنُونٌ
6 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن راستتىنلا مەجنۇنسەن.
لَّوْ مَا تَأْتِينَا بِٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
7 _ ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، ئالدىمىزغا پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟».
مَا نُنَزِّلُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَمَا كَانُوٓا۟ إِذًا مُّنظَرِينَ
8 _ بىز پەرىشتىلەرنى (كاپىرلارغا) ھەق (لىق بولغان ئازاب) بىلەنلا چۈشۈرىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا ٱلذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَـٰفِظُونَ
9 _ قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قوغدايمىز.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِى شِيَعِ ٱلْأَوَّلِينَ
10 _ (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەندىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ئىچىدىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
11 _ ئۇلار ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر پەيغەمبەر كەلسە ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.
كَذَٰلِكَ نَسْلُكُهُۥ فِى قُلُوبِ ٱلْمُجْرِمِينَ
12 _ ئەنە شۇنىڭدەك، بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا (ئىنكار قىلىشنى) سالىمىز.
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۖ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ ٱلْأَوَّلِينَ
13 _ ئاللاھنىڭ (ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى جازالاشتىكى) قانۇنىيىتى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردە ئۆتكەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ.
وَلَوْ فَتَحْنَا عَلَيْهِم بَابًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَظَلُّوا۟ فِيهِ يَعْرُجُونَ
14 _ بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىن داۋاملىق ئاسمانغا ئۆرلىگەن تەقدىردىمۇ،
لَقَالُوٓا۟ إِنَّمَا سُكِّرَتْ أَبْصَـٰرُنَا بَلْ نَحْنُ قَوْمٌ مَّسْحُورُونَ
15 _ ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم بىز سېھىرلەنگەن بىر قەۋم بولۇپ قالدۇق» دېيىشىدۇ.
وَلَقَدْ جَعَلْنَا فِى ٱلسَّمَآءِ بُرُوجًا وَزَيَّنَّـٰهَا لِلنَّـٰظِرِينَ
16 _ بىز ئاسماندا ئوربىتىلارنى قىلدۇق، قارىغۇچىلار ئۈچۈن ئاسماننى زىننەتلىدۇق.
وَحَفِظْنَـٰهَا مِن كُلِّ شَيْطَـٰنٍ رَّجِيمٍ
17 _ بىز ئاسماننى ھەربىر قوغلاندى شەيتاندىن قوغدىدۇق.
إِلَّا مَنِ ٱسْتَرَقَ ٱلسَّمْعَ فَأَتْبَعَهُۥ شِهَابٌ مُّبِينٌ
18 _ لېكىن (شەيتانلاردىن) كىمكى ئوغرىلىقچە (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) قۇلاق سالماقچى بولىدىكەن، روشەن ئاقار يۇلتۇز ئۇنى قوغلاپ يېتىدۇ.
وَٱلْأَرْضَ مَدَدْنَـٰهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَىْءٍ مَّوْزُونٍ
19 _ يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.
وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَـٰيِشَ وَمَن لَّسْتُمْ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ
20 _ يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق.
وَإِن مِّن شَىْءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٍ مَّعْلُومٍ
21 _ ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مۇئەييەن بىر ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىمىز.
وَأَرْسَلْنَا ٱلرِّيَـٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَسْقَيْنَـٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمْ لَهُۥ بِخَـٰزِنِينَ
22 _ بىز شاماللارنى چاڭلاشتۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ئۇنى ھەرگىز ساقلىيالمايتتىڭلار.
وَإِنَّا لَنَحْنُ نُحْىِۦ وَنُمِيتُ وَنَحْنُ ٱلْوَٰرِثُونَ
23 _ شەكسىزكى، بىز (يوقنى يارىتىپ) تىرىلدۈرىمىز، (ئەجىلى توشقاننى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) بىز ۋارىسلىق قىلىمىز.
وَلَقَدْ عَلِمْنَا ٱلْمُسْتَقْدِمِينَ مِنكُمْ وَلَقَدْ عَلِمْنَا ٱلْمُسْتَـْٔخِرِينَ
24 _ شەكسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى كېلىپ كەتكەنلەرنىمۇ بىلىمىز ۋە (قىيامەتكە قەدەر) كېلىدىغانلارنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىمىز.
وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
25 _ شەكسىزكى، رەببىڭ (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنى يىغىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ
26 _ شەكسىزكى، بىز ئىنساننى (چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن ياراتتۇق.
وَٱلْجَآنَّ خَلَقْنَـٰهُ مِن قَبْلُ مِن نَّارِ ٱلسَّمُومِ
27 _ جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق.
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى خَـٰلِقٌۢ بَشَرًا مِّن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ
28 _ رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن (چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن ئىنسان يارىتىمەن.
فَإِذَا سَوَّيْتُهُۥ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِى فَقَعُوا۟ لَهُۥ سَـٰجِدِينَ
29 _ مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا (مەن ياراتقان) روھىمدىن پۈۋلىگەن (يەنى جان كىرگۈزگەن) چاغدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».
فَسَجَدَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
30 _ پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى سەجدە قىلدى.
إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰٓ أَن يَكُونَ مَعَ ٱلسَّـٰجِدِينَ
31 _ پەقەت ئىبلىسلا ئۇلار بىلەن بىللە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.
قَالَ يَـٰٓإِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّـٰجِدِينَ
32 _ ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلار بىلەن بىللە سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى.
قَالَ لَمْ أَكُن لِّأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُۥ مِن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ
33 _ ئىبلىس: مەن «(چەكسە) ئاۋاز چىققۇدەك قۇرۇغان سېسىق قارا لايدىن يارىتىلغان ئىنسانغا سەجدە قىلىدىغان ئەمەسمەن» دېدى.
قَالَ فَٱخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
34 _ ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن سەن قوغلاندى بولدۇڭ.
وَإِنَّ عَلَيْكَ ٱللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلدِّينِ
35 _ شەكسىزكى، قىيامەت كۈنىگە قەدەر ساڭا لەنەت يېغىپ تۇرىدۇ».
قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
36 _ ئىبلىس: «ئى رەببىم! ماڭا (مەخلۇقات) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلْمُنظَرِينَ (37) إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْوَقْتِ ٱلْمَعْلُومِ (38)
37 _ 38_ ئاللاھ: «سەن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدىغانلاردىنسەن» دېدى.
قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغْوَيْتَنِى لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
39 _ ئىبلىس ئېيتتى: «ئى رەببىم! سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھ _ مەئسىيەتلەرنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن.
إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ ٱلْمُخْلَصِينَ
40 _ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ساڭا سەمىمىي ئىتائەت قىلىدىغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
قَالَ هَـٰذَا صِرَٰطٌ عَلَىَّ مُسْتَقِيمٌ
41 _ ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ ماڭا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ توغرا يولدۇر.
إِنَّ عِبَادِى لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَـٰنٌ إِلَّا مَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْغَاوِينَ
42 _ شەكسىزكى، مېنىڭ بەندىلىرىم ئۈستىدە سېنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقىڭ يوق، پەقەت ساڭا ئەگەشكەن ئازغۇنلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوْعِدُهُمْ أَجْمَعِينَ
43 _ شەكسىزكى، جەھەننەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر.
لَهَا سَبْعَةُ أَبْوَٰبٍ لِّكُلِّ بَابٍ مِّنْهُمْ جُزْءٌ مَّقْسُومٌ
44 _ جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ھەربىر دەرۋازىدىن كىرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن مۇئەييەن بىر گۇرۇھ ئايرىلغان بولىدۇ.
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ
45 _ تەقۋادارلار ئەلۋەتتە جەننەت باغچىلىرىدا ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
ٱدْخُلُوهَا بِسَلَـٰمٍ ءَامِنِينَ
46 _ (ئۇلارغا) «جەننەتكە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ.
وَنَزَعْنَا مَا فِى صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ إِخْوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٍ مُّتَقَـٰبِلِينَ
47 _ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچ - ئاداۋەتنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُم مِّنْهَا بِمُخْرَجِينَ
48 _ جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن ئەسلا چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.
نَبِّئْ عِبَادِىٓ أَنِّىٓ أَنَا ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
49 _ (ئى پەيغەمبەر!) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن راستتىنلا بەك مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن.
وَأَنَّ عَذَابِى هُوَ ٱلْعَذَابُ ٱلْأَلِيمُ
50 _ مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قىينىغۇچى ئازابتۇر.
وَنَبِّئْهُمْ عَن ضَيْفِ إِبْرَٰهِيمَ
51 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگىن.
إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَيْهِ فَقَالُوا۟ سَلَـٰمًا قَالَ إِنَّا مِنكُمْ وَجِلُونَ
52 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەن ئىدى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمىز» دېدى.
قَالُوا۟ لَا تَوْجَلْ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَـٰمٍ عَلِيمٍ
53 _ ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ناھايىتى بىلىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى.
قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِى عَلَىٰٓ أَن مَّسَّنِىَ ٱلْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
54 _ ئىبراھىم: «ماڭا قېرىلىق يەتكەن تۇرۇقلۇق، خۇش خەۋەر بەرمەكچىمۇ سىلەر؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى.
قَالُوا۟ بَشَّرْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلْقَـٰنِطِينَ
55 _ ئۇلار: «بىز ساڭا راست ئىش بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق، ئۈمىدسىزلەردىن بولمىغىن» دېدى.
قَالَ وَمَن يَقْنَطُ مِن رَّحْمَةِ رَبِّهِۦٓ إِلَّا ٱلضَّآلُّونَ
56 _ ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى.
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا ٱلْمُرْسَلُونَ
57 _ ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! (يەنە باشقا) نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى.
قَالُوٓا۟ إِنَّآ أُرْسِلْنَآ إِلَىٰ قَوْمٍ مُّجْرِمِينَ
58 _ ئۇلار ئېيتتى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە (ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق.
إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ
59 _ پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا جازالىمايمىز، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز.
إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ قَدَّرْنَآ ۙ إِنَّهَا لَمِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ
60 _ پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم ئازابتا قالغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالدىن بېكىتىۋەتتۇق».
فَلَمَّا جَآءَ ءَالَ لُوطٍ ٱلْمُرْسَلُونَ
61 _ ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا،
قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ
62 _ لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى.
قَالُوا۟ بَلْ جِئْنَـٰكَ بِمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَمْتَرُونَ
63 _ ئۇلار ئېيتتى: «ياق، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا (سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان نەرسىنى (يەنى ئازابنى) ئېلىپ كەلدۇق.
وَأَتَيْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ
64 _ بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.
فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ ٱلَّيْلِ وَٱتَّبِعْ أَدْبَـٰرَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ وَٱمْضُوا۟ حَيْثُ تُؤْمَرُونَ
65 _ كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەۋېرىڭلار».
وَقَضَيْنَآ إِلَيْهِ ذَٰلِكَ ٱلْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَـٰٓؤُلَآءِ مَقْطُوعٌ مُّصْبِحِينَ
66 _ لۇتقا: «سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى ۋەھيى قىلدۇق.
وَجَآءَ أَهْلُ ٱلْمَدِينَةِ يَسْتَبْشِرُونَ
67 _ يۇرت ئاھالىسى خۇشال بولغان ھالدا يېتىپ كېلىشتى.
قَالَ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ ضَيْفِى فَلَا تَفْضَحُونِ
68 _ لۇت ئېيتتى: « بۇلار ھەقىقەتەن مېنىڭ مېھمانلىرىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ) مېنى رەسۋا قىلماڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ
69 _ ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى خىجالەتتە قويماڭلار».
قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ نَنْهَكَ عَنِ ٱلْعَـٰلَمِينَ
70 _ ئۇلار: «بىز سېنى كىشىلەر (نى مېھمان قىلىش)تىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.
قَالَ هَـٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِىٓ إِن كُنتُمْ فَـٰعِلِينَ
71 _ لۇت: «ئەگەر (ئويلىغىنىڭلارنى) قىلماقچى بولساڭلار، بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى.
لَعَمْرُكَ إِنَّهُمْ لَفِى سَكْرَتِهِمْ يَعْمَهُونَ
72 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار راستتىنلا ئۆز ئازغۇنلۇقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ
73 _ كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز يۈزلەندى.
فَجَعَلْنَا عَـٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِّن سِجِّيلٍ
74 _ ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى ئاستىن _ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّلْمُتَوَسِّمِينَ
75 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەت بار.
وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٍ مُّقِيمٍ
76 _ ئۇ (يۇرتنىڭ خارابىسى) ھېلىھەم يول ئۈستىدە تۇرماقتا.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ
77 _ بۇنىڭدا مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
وَإِن كَانَ أَصْحَـٰبُ ٱلْأَيْكَةِ لَظَـٰلِمِينَ
78 _ ئەيكەلىكلەرمۇ ھەقىقەتەن (ھەددىدىن ئاشقان) زالىملار ئىدى.
فَٱنتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُّبِينٍ
79 _ ئۇلارغىمۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتتۇق، (لۇت قەۋمىنىڭ شەھىرى بىلەن ئەيكەلىكلەرنىڭ شەھىرى) ھەر ئىككىسى (نىڭ خارابىلىرى) ھېلىھەم ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر.
وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَـٰبُ ٱلْحِجْرِ ٱلْمُرْسَلِينَ
80 _ شەكسىزكى، ھىجرلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى.
وَءَاتَيْنَـٰهُمْ ءَايَـٰتِنَا فَكَانُوا۟ عَنْهَا مُعْرِضِينَ
81 _ بىز ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئۇنىڭدىن داۋاملىق يۈز ئۆرۈدى.
وَكَانُوا۟ يَنْحِتُونَ مِنَ ٱلْجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ
82 _ ئۇلار خاتىرجەم ھالدا تاغلارنى ئۇيۇپ ئۆيلەرنى ياسايتتى.
فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ مُصْبِحِينَ
83 _ لېكىن ئۇلارنى تاڭ سەھەردە قاتتىق بىر ئاۋاز ھالاك قىلدى.
فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
84 _ ئۇلارنىڭ (ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن) قىلغانلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى.
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ ۖ فَٱصْفَحِ ٱلصَّفْحَ ٱلْجَمِيلَ
85 _ بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەت چوقۇم كېلىدۇر. شۇڭا سەن (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ تۇرغىن.
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلْخَلَّـٰقُ ٱلْعَلِيمُ
86 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَـٰكَ سَبْعًا مِّنَ ٱلْمَثَانِى وَٱلْقُرْءَانَ ٱلْعَظِيمَ
87 _ شەكسىزكى، بىز ساڭا (نامازدا) تەكرار ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان يەتتە (ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسى)نى ۋە (ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق.
لَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّنْهُمْ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَٱخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ
88 _ بىز ئۇلاردىن (يەنى كاپىرلاردىن) بەزىسىنى بەھرىمەن قىلغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلمىغىن، (ئىمان ئېيتمىدى دەپ) ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، مۇئمىنلەرگە مەرھەمەتلىك بولغىن.
وَقُلْ إِنِّىٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلْمُبِينُ
89 _ «مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.
كَمَآ أَنزَلْنَا عَلَى ٱلْمُقْتَسِمِينَ
90 _ (ئىلاھىي كىتابنى ئۇنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق) بۆلۈۋەتكۈچىلەرگە (تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك، (ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق).
ٱلَّذِينَ جَعَلُوا۟ ٱلْقُرْءَانَ عِضِينَ
91 _ ئۇلار قۇرئاننىمۇ (بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ) بۆلەكلەرگە بۆلۈۋەتتى.
فَوَرَبِّكَ لَنَسْـَٔلَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ (92) عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ (93)
92 _ 93_ (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلمىشلىرى توغرىسىدا سوراققا تارتىمىز.
فَٱصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ ٱلْمُشْرِكِينَ
94 _ ساڭا بۇيرۇلغان (ھەق دەۋەت)نى ئوچۇق _ ئاشكارا جاكارلىغىن، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن.
إِنَّا كَفَيْنَـٰكَ ٱلْمُسْتَهْزِءِينَ
95 _ سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز.
ٱلَّذِينَ يَجْعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
96 _ ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ.
وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُونَ
97 _ بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز.
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّـٰجِدِينَ
98 _ شۇڭا سەن رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن.
وَٱعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ ٱلْيَقِينُ
99 _ ساڭا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن.
ھىجر سۈرىسى