ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا نېمىتىنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْمَلِكِ ٱلْقُدُّوسِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
1 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنىدىكى نەرسىلەر (مۇتلەق) پادىشاھ، (نۇقسانلاردىن) پاك، غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
هُوَ ٱلَّذِى بَعَثَ فِى ٱلْأُمِّيِّـۧنَ رَسُولًا مِّنْهُمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلُ لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
2 _ ئاللاھ ساۋاتسىزلارغا (ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا (قۇرئان) ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى (بۇزۇق ئەقىدە ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا قۇرئاننى ۋە ھېكمەت (ھەدىس)نى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن زاتتۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
وَءَاخَرِينَ مِنْهُمْ لَمَّا يَلْحَقُوا۟ بِهِمْ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
3 _ ھەمدە (پەيغەمبەرنى) ئۇلارنىڭ زامانىسىدا تېخى بولمىغان (ئۇلاردىن كېيىن تا قىيامەتكىچە كېلىدىغان) باشقا قەۋملەرگىمۇ (ئەۋەتكەن زاتتۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ فَضْلُ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
4 _ مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
مَثَلُ ٱلَّذِينَ حُمِّلُوا۟ ٱلتَّوْرَىٰةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ ٱلْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًۢا ۚ بِئْسَ مَثَلُ ٱلْقَوْمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
5 _ تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
قُلْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ هَادُوٓا۟ إِن زَعَمْتُمْ أَنَّكُمْ أَوْلِيَآءُ لِلَّهِ مِن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُا۟ ٱلْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ قارايدىغان بولساڭلار ھەمدە (بۇنىڭدا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار».
وَلَا يَتَمَنَّوْنَهُۥٓ أَبَدًۢا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلظَّـٰلِمِينَ
7 _ ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
قُلْ إِنَّ ٱلْمَوْتَ ٱلَّذِى تَفِرُّونَ مِنْهُ فَإِنَّهُۥ مُلَـٰقِيكُمْ ۖ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَـٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
8 _ ئېيتقىنكى، «(ئى يەھۇدىيلار!) سىلەر قېچىۋاتقان بۇ ئۆلۈم چوقۇم سىلەرنى تاپىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. شۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىدۇ».
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا نُودِىَ لِلصَّلَوٰةِ مِن يَوْمِ ٱلْجُمُعَةِ فَٱسْعَوْا۟ إِلَىٰ ذِكْرِ ٱللَّهِ وَذَرُوا۟ ٱلْبَيْعَ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
9 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! جۈمە كۈنى نامازغا (جۈمەگە) ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا) دەرھال بېرىڭلار، ئېلىم _ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇنداق قىلغىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَٱبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِ ٱللَّهِ وَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
10 _ ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار.
وَإِذَا رَأَوْا۟ تِجَـٰرَةً أَوْ لَهْوًا ٱنفَضُّوٓا۟ إِلَيْهَا وَتَرَكُوكَ قَآئِمًا ۚ قُلْ مَا عِندَ ٱللَّهِ خَيْرٌ مِّنَ ٱللَّهْوِ وَمِنَ ٱلتِّجَـٰرَةِ ۚ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
11 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ياكى تاماشىنى كۆرۈپ قالسا، سېنى ئۆرە تۇرغان (يەنى خۇتبە ئوقۇۋاتقان) ھالىتىڭدە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ كېتىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (مۇكاپات ۋە نېمەت)لەر تاماشىدىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
جۇمۇئە سۈرىسى