ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالاھىدە يېتىشتۈرگەنلىكى، پەيغەمبەرلىككە تاللىغانلىقى قاتارلىق نېمەتلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلضُّحَىٰ (1) وَٱلَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ (2)
1 _ 2 _ چاشگاھ ۋاقتى بىلەن، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
3 _ (ئى پەيغەمبەر!) رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى.
وَلَلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌ لَّكَ مِنَ ٱلْأُولَىٰ
4 _ سەن ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادىن ياخشىدۇر.
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰٓ
5 _ رەببىڭ ساڭا كەلگۈسىدە (كۆپ ياخشىلىق) ئاتا قىلىدۇ، سەن (بۇنىڭدىن) مەمنۇن بولىسەن.
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَـَٔاوَىٰ
6 _ ئۇ سېنىڭ يېتىملىكىڭنى بىلىپ پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟
وَوَجَدَكَ ضَآلًّا فَهَدَىٰ
7 _ سېنىڭ تېڭىرقاپ قالغىنىڭنى بىلىپ يول كۆرسەتمىدىمۇ؟
وَوَجَدَكَ عَآئِلًا فَأَغْنَىٰ
8 _ سېنىڭ يوقسۇللۇقۇڭنى بىلىپ بېيىتمىدىمۇ؟
فَأَمَّا ٱلْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
9 _ سەن يېتىمغا قوپاللىق قىلما،
وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنْهَرْ
10 _ تىلەمچىنى سىلكىشلىمە،
وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ
11 _ رەببىڭنىڭ نېمىتىنى سۆزلەپ تۇرغىن.
زۇھا سۈرىسى