ئىنفىتار سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 19 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مەۋجۇداتنىڭ تەبىئىي ھالىتىدىن ئۆزگىرىشى، كائىنات نىزامىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلىش ئارقىلىق قىيامەت قايىم بولىدىغان كۈننى تەسۋىرلەشتىن ئىبارەتتۇر.

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتْ
1 _ ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتْ
2 _ يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْبِحَارُ فُجِّرَتْ
3 _ دېڭىزلار پارتلاپ بىر _ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
4 _ قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (تىرىلدۈرۈلۈپ) چىقىرىلغان چاغدا،
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
5 _ ھەربىر ئادەم ئىلگىرى _ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْإِنسَـٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلْكَرِيمِ (6) ٱلَّذِى خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ (7) فِىٓ أَىِّ صُورَةٍ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ (8)
6 _ 8_ ئى (كاپىر) ئىنسان! سېنى يارىتىپ، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلغان، سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزگەن كەرەملىك رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلىشقا سېنى نېمە ئالداپ قويدى؟
كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ
9 _ (ئى كاپىرلار!) ئەمەلىيەت ھەرگىز سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى سىلەر ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر.
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَـٰفِظِينَ
10 _ 11_ شەكسىزكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى، (قىلمىشىڭلارنى) يېزىپ تۇرغۇچى، ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بار.
12 _ ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍ
13 _ شەكسىزكى، ياخشىلار ئەلۋەتتە جەننەتتە بولىدۇ.
وَإِنَّ ٱلْفُجَّارَ لَفِى جَحِيمٍ
14 _ گۇناھكارلار چوقۇم دوزاختا بولىدۇ.
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ ٱلدِّينِ
15 _ ئۇلار ئۇ دوزاخقا قىيامەت كۈنى كىرىدۇ.
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَآئِبِينَ
16 _ ئۇلار دوزاختىن (ھېچقاچان) ئايرىلالمايدۇ.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ
17 _ سەن قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكنى بىلەمسەن؟
ثُمَّ مَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ
18 _ راستتىنلا سەن قىيامەت كۈنىنىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكنى بىلەمسەن؟
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِّنَفْسٍ شَيْـًٔا ۖ وَٱلْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ
19 _ ئۇ ھېچكىم ھېچكىمگە قىلچە ئىگە بولالمايدىغان كۈندۇر، ئۇ كۈندە ھۆكۈم قىلىش تامامەن ئاللاھقا خاستۇر.