ئال ئىمران سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 200 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇئمىنلەرنى ئىسلام ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم قىلىش، ئەھلى كىتابنىڭ، خۇسۇسەن خىرىستىيانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بىلەن «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى بەزى شەك _ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْحَىُّ ٱلْقَيُّومُ
2 _ ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، (ھەممىنى) ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
نَزَّلَ عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ ٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ (3) مِن قَبْلُ هُدًى لِّلنَّاسِ وَأَنزَلَ ٱلْفُرْقَانَ ۗ إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ ذُو ٱنتِقَامٍ (4)
3 _ 4 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى كىتاب (قۇرئان)نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى؛ ئەمدى بولسا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدى. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھ غالىبتۇر، (كاپىرلارنى) جازالىغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَخْفَىٰ عَلَيْهِ شَىْءٌ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِى ٱلسَّمَآءِ
5 _ شەكسىزكى، ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەستۇر.
هُوَ ٱلَّذِى يُصَوِّرُكُمْ فِى ٱلْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَآءُ ۚ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
6 _ ئۇ سىلەرنى بالىياتقۇدىكى چېغىڭلاردا ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىغان زاتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
هُوَ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ مِنْهُ ءَايَـٰتٌ مُّحْكَمَـٰتٌ هُنَّ أُمُّ ٱلْكِتَـٰبِ وَأُخَرُ مُتَشَـٰبِهَـٰتٌ ۖ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَـٰبَهَ مِنْهُ ٱبْتِغَآءَ ٱلْفِتْنَةِ وَٱبْتِغَآءَ تَأْوِيلِهِۦ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُۥٓ إِلَّا ٱللَّهُ ۗ وَٱلرَّٰسِخُونَ فِى ٱلْعِلْمِ يَقُولُونَ ءَامَنَّا بِهِۦ كُلٌّ مِّنْ عِندِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
7 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلغان زاتتۇر. ئۇنىڭدا مۇھكەم (مەنىسى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (كۆپ مەنىلەرگە دالالەت قىلىدىغان) ئايەتلەر بار. دىللىرىدا ئەگرىلىك بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇكى: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن كەلگەن». (بۇنىڭدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِن لَّدُنكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْوَهَّابُ
8 _ (ئۇلار يەنە شۇنداق دەيدۇكى) «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. چۈنكى، سەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىسەن.
رَبَّنَآ إِنَّكَ جَامِعُ ٱلنَّاسِ لِيَوْمٍ لَّا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُخْلِفُ ٱلْمِيعَادَ
9 _ ئى رەببىمىز! كېلىدىغانلىقىدا قىلچە شەك بولمىغان (قىيامەت) كۈنىدە كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن». شەكسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَن تُغْنِىَ عَنْهُمْ أَمْوَٰلُهُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمْ وَقُودُ ٱلنَّارِ
10 _ شەكسىزكى، كاپىرلارنىڭ پۇل _ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ (ئازابى) ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر.
كَدَأْبِ ءَالِ فِرْعَوْنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
11 _ (ئۇلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَتُغْلَبُونَ وَتُحْشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ ۚ وَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ
12 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!».
قَدْ كَانَ لَكُمْ ءَايَةٌ فِى فِئَتَيْنِ ٱلْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَـٰتِلُ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُم مِّثْلَيْهِمْ رَأْىَ ٱلْعَيْنِ ۚ وَٱللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِۦ مَن يَشَآءُ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّأُو۟لِى ٱلْأَبْصَـٰرِ
13 _ (ئى يەھۇدىيلار! بەدرى غازىتىدا) ئۇچراشقان شۇ ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار ئىدى، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى كۆزلىرىگە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدەك ئىككى ھەسسە كۆرۈنۈپ كەتكەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ ٱلشَّهَوَٰتِ مِنَ ٱلنِّسَآءِ وَٱلْبَنِينَ وَٱلْقَنَـٰطِيرِ ٱلْمُقَنطَرَةِ مِنَ ٱلذَّهَبِ وَٱلْفِضَّةِ وَٱلْخَيْلِ ٱلْمُسَوَّمَةِ وَٱلْأَنْعَـٰمِ وَٱلْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَـٰعُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسْنُ ٱلْمَـَٔابِ
14 _ ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن _ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ پۇل _ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا (ياخشىلار) قايتىدىغان گۈزەل جاي بار.
قُلْ أَؤُنَبِّئُكُم بِخَيْرٍ مِّن ذَٰلِكُمْ ۚ لِلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّـٰتٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا وَأَزْوَٰجٌ مُّطَهَّرَةٌ وَرِضْوَٰنٌ مِّنَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ
15 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە) ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ياخشى نەرسىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قالىدىغان جەننەتلەر، پاك جۈپلەر، (ئەڭ كاتتىسى) ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار». ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەمەللىرى)نى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ إِنَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
16 _ ئەنە شۇ تەقۋادارلار: «ئى رەببىمىز! بىز شەكسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
ٱلصَّـٰبِرِينَ وَٱلصَّـٰدِقِينَ وَٱلْقَـٰنِتِينَ وَٱلْمُنفِقِينَ وَٱلْمُسْتَغْفِرِينَ بِٱلْأَسْحَارِ
17 _ ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، (ئىمانىدا) راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا) پۇل _ مال سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر.
شَهِدَ ٱللَّهُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَأُو۟لُوا۟ ٱلْعِلْمِ قَآئِمًۢا بِٱلْقِسْطِ ۚ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
18 _ ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ (شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەردى). ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلْإِسْلَـٰمُ ۗ وَمَا ٱخْتَلَفَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْعِلْمُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
19 _ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (قوبۇل بولىدىغان) دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر (ئۇلارنى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئەلۋەتتە جازالايدۇ).
فَإِنْ حَآجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِىَ لِلَّهِ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِ ۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْأُمِّيِّـۧنَ ءَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا۟ فَقَدِ ٱهْتَدَوا۟ ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ ٱلْبَلَـٰغُ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ
20 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن (ئۇلارغا): «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە ساۋاتسىزلارغا (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ؛ ئەگەر (ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن) باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت دىننى يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ بەندىلىرى (نىڭ ئەمەللىرى)نى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَقْتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ ٱلَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِٱلْقِسْطِ مِنَ ٱلنَّاسِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
21 _ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَـٰلُهُمْ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
22 _ ئەنە شۇلار دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ.
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ نَصِيبًا مِّنَ ٱلْكِتَـٰبِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَـٰبِ ٱللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ وَهُم مُّعْرِضُونَ
23 _ (ئى پەيغەمبەر!) تەۋرات بىلىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسىلا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئارقىغا چېكىنىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا۟ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامًا مَّعْدُودَٰتٍ ۖ وَغَرَّهُمْ فِى دِينِهِم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
24 _ ئاشۇ (يۈز ئۆرۈش) ئۇلارنىڭ: «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكىدىن ۋە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ دىن ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى ئالداپ قويغانلىقىدىن بولدى.
فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَـٰهُمْ لِيَوْمٍ لَّا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
25 _ (كېلىدىغانلىقىدا) ھېچ شەك بولمىغان(قىيامەت) كۈنىدە بىز ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) توپلىغان ۋە ھەربىر كىشىگە قىلغان ئەمەلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى قىلچە ئۇۋال قىلىنماي تولۇق بېرىلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
قُلِ ٱللَّهُمَّ مَـٰلِكَ ٱلْمُلْكِ تُؤْتِى ٱلْمُلْكَ مَن تَشَآءُ وَتَنزِعُ ٱلْمُلْكَ مِمَّن تَشَآءُ وَتُعِزُّ مَن تَشَآءُ وَتُذِلُّ مَن تَشَآءُ ۖ بِيَدِكَ ٱلْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
26 _ ئېيتقىنكى «ھەممىنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن. ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. شەكسىزكى، سەن ھەممىگە قادىرسەن.
تُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَتُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ ٱلْحَىَّ مِنَ ٱلْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ ٱلْمَيِّتَ مِنَ ٱلْحَىِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَن تَشَآءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
27 _ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن».
لَّا يَتَّخِذِ ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلْكَـٰفِرِينَ أَوْلِيَآءَ مِن دُونِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۖ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَلَيْسَ مِنَ ٱللَّهِ فِى شَىْءٍ إِلَّآ أَن تَتَّقُوا۟ مِنْهُمْ تُقَىٰةً ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفْسَهُۥ ۗ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلْمَصِيرُ
28 _ مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى قالمايدۇ. پەقەت (دوستتەك كۆرۈنۈپ) ئۇلاردىن (كېلىدىغان يامانلىقتىن) ساقلىنىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، (ئاخىر) قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.
قُلْ إِن تُخْفُوا۟ مَا فِى صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ ٱللَّهُ ۗ وَيَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
29 _ ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر».
يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَّا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُّحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِن سُوٓءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُۥٓ أَمَدًۢا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ ٱللَّهُ نَفْسَهُۥ ۗ وَٱللَّهُ رَءُوفٌۢ بِٱلْعِبَادِ
30 _ ھەر ئىنسان قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، يامان ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا كۆرىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، (ئىنسان) ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ ٱللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
31 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. (ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».
قُلْ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْكَـٰفِرِينَ
32 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (سېنىڭ دەۋىتىڭدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى) ئاللاھ كاپىرلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰٓ ءَادَمَ وَنُوحًا وَءَالَ إِبْرَٰهِيمَ وَءَالَ عِمْرَٰنَ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
33 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى.
ذُرِّيَّةًۢ بَعْضُهَا مِنۢ بَعْضٍ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
34 _ ئۇلار بىر _ بىرىنىڭ نەسلىدىندۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذْ قَالَتِ ٱمْرَأَتُ عِمْرَٰنَ رَبِّ إِنِّى نَذَرْتُ لَكَ مَا فِى بَطْنِى مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّىٓ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
35 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «ئى رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى ساڭا خالىس قىلىپ ئاتىدىم، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّى وَضَعْتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلْأُنثَىٰ ۖ وَإِنِّى سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّىٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيْطَـٰنِ ٱلرَّجِيمِ
36 _ ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى رەببىم! مەن قىز تۇغۇپ قالدىم، _ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ _ (مەن تەلەپ قىلغان) ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس (چۈنكى ئوغۇل كۈچلۈكتۇر)، مەن ئۇنىڭغا مەريەم [1] دەپ ئات قويدۇم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى.
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنۢبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا ٱلْمِحْرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَـٰمَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَـٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَرْزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
37 _ رەببى ئۇنى گۈزەل بىر رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى. شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى.
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُۥ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِى مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
38 _ شۇ ۋاقىتتا زەكەرىييا رەببىگە دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن ياخشى بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى.
فَنَادَتْهُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَهُوَ قَآئِمٌ يُصَلِّى فِى ٱلْمِحْرَابِ أَنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًۢا بِكَلِمَةٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
39 _ ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇپ تۇرۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئاللاھنىڭ (‹بول!› دېگەن) كەلىمىسى (ئارقىلىق تۆرەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى)نى تەستىقلىغۇچى، پېشۋا، ناھايىتى پەرھىزكار ۋە سالىھلاردىن بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى.
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى غُلَـٰمٌ وَقَدْ بَلَغَنِىَ ٱلْكِبَرُ وَٱمْرَأَتِى عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ ٱللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَآءُ
40 _ ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. (پەرىشتىلەر): «ئاللاھ شۇنىڭدەك (ئادەتتىن تاشقىرى ئاجايىپ ئىشلاردىن) خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى.
قَالَ رَبِّ ٱجْعَل لِّىٓ ءَايَةً ۖ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَـٰثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَٱذْكُر رَّبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَـٰرِ
41 _ ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. (ئاللاھ): «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن، پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. رەببىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، ئەتىگەن - كەچتە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
وَإِذْ قَالَتِ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ يَـٰمَرْيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصْطَفَىٰكِ وَطَهَّرَكِ وَٱصْطَفَىٰكِ عَلَىٰ نِسَآءِ ٱلْعَـٰلَمِينَ
42 _ پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلدى.
يَـٰمَرْيَمُ ٱقْنُتِى لِرَبِّكِ وَٱسْجُدِى وَٱرْكَعِى مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
43 _ ئى مەريەم! رەببىڭگە ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن».
ذَٰلِكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَـٰمَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
44 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ بىز ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقان غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ (چەك تاشلاش ئۈچۈن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ ۋە ئۇلار (بۇ ھەقتە) دەتالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
إِذْ قَالَتِ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ يَـٰمَرْيَمُ إِنَّ ٱللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ ٱسْمُهُ ٱلْمَسِيحُ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَمِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ
45 _ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ (‹بول!› دېگەن) كەلىمىسى (ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولىدۇ.
وَيُكَلِّمُ ٱلنَّاسَ فِى ٱلْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
46 _ ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە ياخشىلاردىن بولىدۇ».
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِى بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ ٱللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ ۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
47 _ مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟» دېدى. (پەرىشتە ئېيتتى): «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹بول!› دەيدۇ – دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ».
وَيُعَلِّمُهُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ
48 _ ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَنِّى قَدْ جِئْتُكُم بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ ۖ أَنِّىٓ أَخْلُقُ لَكُم مِّنَ ٱلطِّينِ كَهَيْـَٔةِ ٱلطَّيْرِ فَأَنفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًۢا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ ٱلْأَكْمَهَ وَٱلْأَبْرَصَ وَأُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُم بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِى بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
49 _ ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شەكسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن– دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. يەنە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن) تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يېگەن ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلاپ قويغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شەكسىزكى، ئەگەر (ئاللاھنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىغا) ئىشەنسەڭلار، بۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار.
وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَىَّ مِنَ ٱلتَّوْرَىٰةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعْضَ ٱلَّذِى حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُم بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
50 _ مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). مەن سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
إِنَّ ٱللَّهَ رَبِّى وَرَبُّكُمْ فَٱعْبُدُوهُ ۗ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ
51 _ شەكسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر».
فَلَمَّآ أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ ٱلْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنصَارِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۖ قَالَ ٱلْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ ٱللَّهِ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَٱشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
52 _ ئىيسا ئۇلارنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[2] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا ساڭا بىز ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز شەكسىز مۇسۇلمانلارمىز.
رَبَّنَآ ءَامَنَّا بِمَآ أَنزَلْتَ وَٱتَّبَعْنَا ٱلرَّسُولَ فَٱكْتُبْنَا مَعَ ٱلشَّـٰهِدِينَ
53 _ ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان (ئىنجىل)غا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق. بىزنى (ھەقىقەتكە) گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدا قىلغىن».
وَمَكَرُوا۟ وَمَكَرَ ٱللَّهُ ۖ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلْمَـٰكِرِينَ
54 _ (يەھۇدىيلار ئىيسانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئاللاھ ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ تەدبىر قوللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
إِذْ قَالَ ٱللَّهُ يَـٰعِيسَىٰٓ إِنِّى مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَىَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَجَاعِلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوكَ فَوْقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۖ ثُمَّ إِلَىَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
55 _ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن قۇتقۇزىمەن. ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر. شۇ چاغدا، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
56 _ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابلايمەن، ئۇلارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ».
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّـٰلِمِينَ
57 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ذَٰلِكَ نَتْلُوهُ عَلَيْكَ مِنَ ٱلْـَٔايَـٰتِ وَٱلذِّكْرِ ٱلْحَكِيمِ
58 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر.
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ ٱللَّهِ كَمَثَلِ ءَادَمَ ۖ خَلَقَهُۥ مِن تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
59 _ شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ (ئاتىسىز) يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئادەمنىمۇ (ئاتا-ئانىسىز ھالدا) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى – دە، ئۇ دەرھال بولدى.
ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلْمُمْتَرِينَ
60 _ بۇ ھەقىقەت (يەنى توغرا خەۋەر) رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، شۇڭا سەن شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن.
فَمَنْ حَآجَّكَ فِيهِ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا۟ نَدْعُ أَبْنَآءَنَا وَأَبْنَآءَكُمْ وَنِسَآءَنَا وَنِسَآءَكُمْ وَأَنفُسَنَا وَأَنفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَل لَّعْنَتَ ٱللَّهِ عَلَى ٱلْكَـٰذِبِينَ
61 _ ساڭا (ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي) مەلۇمات كەلگەندىن كېيىن، كىمكى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: «كېلىڭلار! ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى چاقىرايلى، ئاندىن ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلايلى» دېگىن.
إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْقَصَصُ ٱلْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
62 _ شەكسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىلەردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِٱلْمُفْسِدِينَ
63 _ ئەگەر ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) يەنە باش تارتسا (ئۇلار چوقۇم بۇزغۇنچىلاردۇر)، شەكسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
قُلْ يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ تَعَالَوْا۟ إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَآءٍۭ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا ٱللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِۦ شَيْـًٔا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِّن دُونِ ٱللَّهِ ۚ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقُولُوا۟ ٱشْهَدُوا۟ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
64 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر – بىرىمىزنى ئىلاھ قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان كەلىمە (تەۋھىد)گە كېلىڭلار». (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئۇلار (بۇ گۈزەل دەۋەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتسا، (ئۇلارغا): «ئۇنداقتا، سىلەر بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دەڭلار.
يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ لِمَ تُحَآجُّونَ فِىٓ إِبْرَٰهِيمَ وَمَآ أُنزِلَتِ ٱلتَّوْرَىٰةُ وَٱلْإِنجِيلُ إِلَّا مِنۢ بَعْدِهِۦٓ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
65 _ ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ (ئىبراھىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا بولسۇن؟).
هَـٰٓأَنتُمْ هَـٰٓؤُلَآءِ حَـٰجَجْتُمْ فِيمَا لَكُم بِهِۦ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَآجُّونَ فِيمَا لَيْسَ لَكُم بِهِۦ عِلْمٌ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
66 _ سىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىكەنسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسە توغرىسىدا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (بۇنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
مَا كَانَ إِبْرَٰهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَـٰكِن كَانَ حَنِيفًا مُّسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
67 _ ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، خىرىستىيانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى (ئىتائەتمەن) مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى.
إِنَّ أَوْلَى ٱلنَّاسِ بِإِبْرَٰهِيمَ لَلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ وَهَـٰذَا ٱلنَّبِىُّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلْمُؤْمِنِينَ
68 _ شەكسىزكى، ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلاردۇر. ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر.
وَدَّت طَّآئِفَةٌ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ لَوْ يُضِلُّونَكُمْ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
69 _ ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار بولسا (بۇنى) تۇيمايدۇ.
يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَأَنتُمْ تَشْهَدُونَ
70 _ ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدە كىتابىڭلاردا كەلگەن) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ لِمَ تَلْبِسُونَ ٱلْحَقَّ بِٱلْبَـٰطِلِ وَتَكْتُمُونَ ٱلْحَقَّ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
71 _ ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرىسىلەر؟
وَقَالَت طَّآئِفَةٌ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ ءَامِنُوا۟ بِٱلَّذِىٓ أُنزِلَ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَجْهَ ٱلنَّهَارِ وَٱكْفُرُوٓا۟ ءَاخِرَهُۥ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
72 _ ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۇئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچتە يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىمانىدىن) يېنىشى مۇمكىن.
وَلَا تُؤْمِنُوٓا۟ إِلَّا لِمَن تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ ٱلْهُدَىٰ هُدَى ٱللَّهِ أَن يُؤْتَىٰٓ أَحَدٌ مِّثْلَ مَآ أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَآجُّوكُمْ عِندَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ ٱلْفَضْلَ بِيَدِ ٱللَّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
73 _ پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار يەنە ئۆز ئارىسىدا) «سىلەرگە بېرىلگەن (ئىلىمنىڭ) باشقا قانداقلا بىر كىشىگە بېرىلگەنلىكىگە ياكى ئۇلارنىڭ رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋېلىشىغا (ھۆججەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىلگىنىڭلارنى ئۇلارغا ئاشكارىلىماڭلار)» (دېيىشتى). (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «پەزل – كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِۦ مَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ
74 _ ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر.
وَمِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ مَنْ إِن تَأْمَنْهُ بِقِنطَارٍ يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيْكَ وَمِنْهُم مَّنْ إِن تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَّا يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَآئِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا۟ لَيْسَ عَلَيْنَا فِى ٱلْأُمِّيِّـۧنَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
75 _ ئەھلى كىتابنىڭ ئارىسىدىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل _ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغۇچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلارنىڭ بىزگە قارشى يولى يوق (يەنى دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ پۇل _ مېلىنى يەۋالساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ)» دەيدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
بَلَىٰ مَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِۦ وَٱتَّقَىٰ فَإِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُتَّقِينَ
76 _ ئىش ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ، كىمىكى ئەھدىگە ۋاپا قىلسا ۋە گۇناھتىن ساقلانسا، ئاللاھ (ئەنە شۇنداق) تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ ٱللَّهِ وَأَيْمَـٰنِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُو۟لَـٰٓئِكَ لَا خَلَـٰقَ لَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
77 _ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە تېگىشىدىغانلارغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچقانداق نېسىۋە يوقتۇر. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار خۇشال بولىدىغان) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُۥنَ أَلْسِنَتَهُم بِٱلْكِتَـٰبِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَمَا هُوَ مِنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
78 _ ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ.
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤْتِيَهُ ٱللَّهُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحُكْمَ وَٱلنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا۟ عِبَادًا لِّى مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَـٰكِن كُونُوا۟ رَبَّـٰنِيِّـۧنَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ ٱلْكِتَـٰبَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ
79 _ ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلغان بىر ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن (ئۇ ئىنسان): «سىلەر كىتاب (قۇرئان)نى ئۆگىنىش ۋە (باشقىلارغا) ئۆگىتىشىڭلار ئارقىلىق رەببانىي ئالىم بولۇڭلار» (دەيدۇ).
وَلَا يَأْمُرَكُمْ أَن تَتَّخِذُوا۟ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ أَرْبَابًا ۗ أَيَأْمُرُكُم بِٱلْكُفْرِ بَعْدَ إِذْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
80 _ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى ئىلاھ قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن (پەيغەمبىرىڭلار) سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟
وَإِذْ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَـٰقَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ لَمَآ ءَاتَيْتُكُم مِّن كِتَـٰبٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَآءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِۦ وَلَتَنصُرُنَّهُۥ ۚ قَالَ ءَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِى ۖ قَالُوٓا۟ أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَٱشْهَدُوا۟ وَأَنَا۠ مَعَكُم مِّنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ
81 _ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن: «مەن سىلەرگە قانداقلا بىر كىتاب ۋە ھېكمەت ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنى تەستىقلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار ۋە چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دەپ چىن ئەھدە ئالغان ئىدى. ئاللاھ «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگەندە، ئۇلار: «قوبۇل قىلدۇق» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا، بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.
فَمَن تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
82 _ كىمىكى شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، مۇنداقلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققۇچىلاردۇر.
أَفَغَيْرَ دِينِ ٱللَّهِ يَبْغُونَ وَلَهُۥٓ أَسْلَمَ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
83 _ ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقان تۇرسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (شۇ چاغدا ھەركىمگە ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ).
قُلْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ عَلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ عَلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
84 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان (ۋەھيى)گە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان(ۋەھيى)گە، مۇساغا، ئىيساغا ۋە (بارلىق) پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن(ۋەھيى)گە ئىمان ئېيتتۇق، (ئىمان ئېيتىشتا) ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ ٱلْإِسْلَـٰمِ دِينًا فَلَن يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ
85 _ كىمىكى ئىسلامدىن باشقا دىننى ئىزدەيدىكەن، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادەم ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ.
كَيْفَ يَهْدِى ٱللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا۟ بَعْدَ إِيمَـٰنِهِمْ وَشَهِدُوٓا۟ أَنَّ ٱلرَّسُولَ حَقٌّ وَجَآءَهُمُ ٱلْبَيِّنَـٰتُ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
86 _ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟! ئاللاھ (بۇنداق) زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ جَزَآؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ ٱللَّهِ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ
87 _ ئەنە شۇلارنىڭ جازاسى ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراشتۇر.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
88 _ ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئازاب ئۇلاردىن يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
89 _ پەقەت (كۇفرىلىقتىن) كېيىن تەۋبە قىلغانلار ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بَعْدَ إِيمَـٰنِهِمْ ثُمَّ ٱزْدَادُوا۟ كُفْرًا لَّن تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلضَّآلُّونَ
90 _ شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغان، ئاندىن كاپىرلىقتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغانلارنىڭ (سەكراتقا چۈشكەندە قىلغان) تەۋبىسى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار ئازغۇنلاردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَمَاتُوا۟ وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَن يُقْبَلَ مِنْ أَحَدِهِم مِّلْءُ ٱلْأَرْضِ ذَهَبًا وَلَوِ ٱفْتَدَىٰ بِهِۦٓ ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ وَمَا لَهُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
91 _ شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزى تولغۇدەك ئالتۇن فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار، ئۇلارغا ھىچبىر مەدەتكار چىقمايدۇ.
لَن تَنَالُوا۟ ٱلْبِرَّ حَتَّىٰ تُنفِقُوا۟ مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِن شَىْءٍ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ
92 _ سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
كُلُّ ٱلطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَٰٓءِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِۦ مِن قَبْلِ أَن تُنَزَّلَ ٱلتَّوْرَىٰةُ ۗ قُلْ فَأْتُوا۟ بِٱلتَّوْرَىٰةِ فَٱتْلُوهَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
93 _ تەۋرات كېلىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (يەئقۇب ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى ئاللاھ ھارام قىلغان دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».
فَمَنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
94 _ شۇنىڭدىن كېيىن، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئەنە شۇلار (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.
قُلْ صَدَقَ ٱللَّهُ ۗ فَٱتَّبِعُوا۟ مِلَّةَ إِبْرَٰهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
95 _ ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى».
إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِى بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِّلْعَـٰلَمِينَ
96 _ شەكسىزكى، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (كەئبە) دۇر.
فِيهِ ءَايَـٰتٌۢ بَيِّنَـٰتٌ مَّقَامُ إِبْرَٰهِيمَ ۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلْبَيْتِ مَنِ ٱسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ عَنِ ٱلْعَـٰلَمِينَ
97 _ ئۇنىڭدا ئوپئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، مەسجىدى ھەرەمگە كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ كەئبىگە (كېلىپ) ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىمكى (بۇنى) ئىنكار قىلىدىكەن، (بىلىپ قويسۇنكى)، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر.
قُلْ يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَٱللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعْمَلُونَ
98 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا (سىلەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ)، نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟».
قُلْ يَـٰٓأَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ لِمَ تَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنْ ءَامَنَ تَبْغُونَهَا عِوَجًا وَأَنتُمْ شُهَدَآءُ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
99 _ ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىپ، ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تُطِيعُوا۟ فَرِيقًا مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ يَرُدُّوكُم بَعْدَ إِيمَـٰنِكُمْ كَـٰفِرِينَ
100 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن قاسىبىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى (ئۇنىڭدىن) قايتۇرۇپ كاپىر قىلىۋېتىدۇ.
وَكَيْفَ تَكْفُرُونَ وَأَنتُمْ تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ءَايَـٰتُ ٱللَّهِ وَفِيكُمْ رَسُولُهُۥ ۗ وَمَن يَعْتَصِم بِٱللَّهِ فَقَدْ هُدِىَ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
101 _ سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان تۇرسا، سىلەر قانداقمۇ كاپىر بولۇپ كېتىسىلەر؟! كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِۦ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسْلِمُونَ
102 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار.
وَٱعْتَصِمُوا۟ بِحَبْلِ ٱللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا۟ ۚ وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنتُمْ أَعْدَآءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُم بِنِعْمَتِهِۦٓ إِخْوَٰنًا وَكُنتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِّنَ ٱلنَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
103 _ ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (دىنىغا) مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئۇنىڭ نېمىتى بىلەن سىلەر ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە (كۇفرى ئىچىدە) ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام بىلەن) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا شۇنداق بايان قىلىدۇ.
وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى ٱلْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ ۚ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
104 _ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (كىشىلەرنى) خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
وَلَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ تَفَرَّقُوا۟ وَٱخْتَلَفُوا۟ مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْبَيِّنَـٰتُ ۚ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
105 _ سىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرى كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَـٰنِكُمْ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
106 _ بەزى يۈزلەر ئاقىرىپ كېتىدىغان، بەزى يۈزلەر قارىداپ كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ ٱبْيَضَّتْ وُجُوهُهُمْ فَفِى رَحْمَةِ ٱللَّهِ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
107 _ يۈزى ئاقىرىپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى (بولغان جەننەت) دە بولىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ.
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ ۗ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعَـٰلَمِينَ
108 _ مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، (ئى پەيغەمبەر!) بىز ئۇنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئاللاھ ئالەملەرگە (يەنى ھېچكىمگە) زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.
وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ
109 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ ۗ وَلَوْ ءَامَنَ أَهْلُ ٱلْكِتَـٰبِ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُم ۚ مِّنْهُمُ ٱلْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
110 _ (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا (مۇكەممەل) ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى (دىندىن چىقىپ كەتكەن) پاسىقلاردۇر.
لَن يَضُرُّوكُمْ إِلَّآ أَذًى ۖ وَإِن يُقَـٰتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ ٱلْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ
111 _ ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ ٱلذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوٓا۟ إِلَّا بِحَبْلٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَحَبْلٍ مِّنَ ٱلنَّاسِ وَبَآءُو بِغَضَبٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ ٱلْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا۟ يَكْفُرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَقْتُلُونَ ٱلْأَنۢبِيَآءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوا۟ وَّكَانُوا۟ يَعْتَدُونَ
112 _ قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا مەھكۇم قىلىندى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى، موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر. (يەنە) بۇ ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە (ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن) چەتنەپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.
لَيْسُوا۟ سَوَآءً ۗ مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ أُمَّةٌ قَآئِمَةٌ يَتْلُونَ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ ءَانَآءَ ٱلَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
113 _ ئەھلى كىتاب ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان، دىنغا مەھكەم بىر جامائە بار.
يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ وَيَأْمُرُونَ بِٱلْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ ٱلْمُنكَرِ وَيُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
114 _ ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلاردا (بىر _ بىرى بىلەن) بەسلىشىدۇ، ئەنە شۇلار سالىھلاردىندۇر.
وَمَا يَفْعَلُوا۟ مِنْ خَيْرٍ فَلَن يُكْفَرُوهُ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِٱلْمُتَّقِينَ
115 _ ئۇلار ھەرقانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ مۇكاپاتسىز قالمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَن تُغْنِىَ عَنْهُمْ أَمْوَٰلُهُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُهُم مِّنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ ۚ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
116 _ شۈبھىسىزكى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنىڭ پۇل _ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.
مَثَلُ مَا يُنفِقُونَ فِى هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا كَمَثَلِ رِيحٍ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتْ حَرْثَ قَوْمٍ ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فَأَهْلَكَتْهُ ۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ ٱللَّهُ وَلَـٰكِنْ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
117 _ ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا سەرپ قىلغان نەرسىلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ سوغۇق بوران نابۇت قىلىۋەتكەن زىرائىتىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ بِطَانَةً مِّن دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا۟ مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ ٱلْبَغْضَآءُ مِنْ أَفْوَٰهِهِمْ وَمَا تُخْفِى صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ
118 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار، (بۇ ھەقتە) سىلەرگە نۇرغۇنلىغان دەلىل _ پاكىتلارنى بايان قىلدۇق.
هَـٰٓأَنتُمْ أُو۟لَآءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِٱلْكِتَـٰبِ كُلِّهِۦ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوْا۟ عَضُّوا۟ عَلَيْكُمُ ٱلْأَنَامِلَ مِنَ ٱلْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا۟ بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
119 _ سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، سىلەر ھەممە (ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر. ئۇلار بولسا سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغان چاغدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلاردىن ئۆلۈڭلار!» شەكسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
إِن تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِن تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا۟ بِهَا ۖ وَإِن تَصْبِرُوا۟ وَتَتَّقُوا۟ لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْـًٔا ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
120 _ ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋالىق دائىرىسىدە ئىش كۆرسەڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
وَإِذْ غَدَوْتَ مِنْ أَهْلِكَ تُبَوِّئُ ٱلْمُؤْمِنِينَ مَقَـٰعِدَ لِلْقِتَالِ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
121 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن چىقىپ، (ئۇھۇدتا) مۇئمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
إِذْ هَمَّت طَّآئِفَتَانِ مِنكُمْ أَن تَفْشَلَا وَٱللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ
122 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئادەم مەدەتكارى ئاللاھ بولغان تۇرۇقلۇق، (ئۇرۇش مەيدانىدىن) چېكىنمەكچى بولغان ئىدى (ئەمما ئاللاھ ئۇلارنى چېكىنىشتىن ساقلىدى). مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ئاللاھقىلا ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭغا تايانسۇن!).
وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنتُمْ أَذِلَّةٌ ۖ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
123 _ بەدرى غازىتىدا سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار ئاجىز بولسىمۇ، ئاللاھ سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى. شۇڭا، سىلەر شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار.
إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَن يَكْفِيَكُمْ أَن يُمِدَّكُمْ رَبُّكُم بِثَلَـٰثَةِ ءَالَـٰفٍ مِّنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ مُنزَلِينَ
124 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلەرگە: «رەببىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسىمۇ يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ.
بَلَىٰٓ ۚ إِن تَصْبِرُوا۟ وَتَتَّقُوا۟ وَيَأْتُوكُم مِّن فَوْرِهِمْ هَـٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُم بِخَمْسَةِ ءَالَـٰفٍ مِّنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ مُسَوِّمِينَ
125 _ ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر چىدامچانلىق كۆرسەتسەڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، رەببىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.
وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِۦ ۗ وَمَا ٱلنَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
126 _ ئاللاھ ئۇنى پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولۇشى ۋە دىلىڭلارنىڭ شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ.
لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنقَلِبُوا۟ خَآئِبِينَ
127 _ (ئاللاھ يەنە بۇنى) كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇپ قايتىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلدى).
لَيْسَ لَكَ مِنَ ٱلْأَمْرِ شَىْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَـٰلِمُونَ
128 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى يا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ ياكى ئۇلارنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن) ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار زالىملاردۇر.
وَلِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
129 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَأْكُلُوا۟ ٱلرِّبَوٰٓا۟ أَضْعَـٰفًا مُّضَـٰعَفَةً ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
130 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
وَٱتَّقُوا۟ ٱلنَّارَ ٱلَّتِىٓ أُعِدَّتْ لِلْكَـٰفِرِينَ
131 _ كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار.
وَأَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
132 _ سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.
وَسَارِعُوٓا۟ إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ
133 _ رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە (ئېرىشىشكە) ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان – زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە (كىرىشكە) بەسلىشىڭلار.
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ فِى ٱلسَّرَّآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَٱلْكَـٰظِمِينَ ٱلْغَيْظَ وَٱلْعَافِينَ عَنِ ٱلنَّاسِ ۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ
134 _ تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ (مۇشۇنداق) ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا۟ فَـٰحِشَةً أَوْ ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ ذَكَرُوا۟ ٱللَّهَ فَٱسْتَغْفَرُوا۟ لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ ٱلذُّنُوبَ إِلَّا ٱللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا۟ عَلَىٰ مَا فَعَلُوا۟ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
135 _ تەقۋادارلار بىرەر چوڭ گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ قالسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرەلەيدۇ؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ جَزَآؤُهُم مَّغْفِرَةٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَجَنَّـٰتٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۚ وَنِعْمَ أَجْرُ ٱلْعَـٰمِلِينَ
136 _ ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!
قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُكَذِّبِينَ
137 _ سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى، شۇڭا سىلەر يەر يۈزىنى كېزىپ، (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار.
هَـٰذَا بَيَانٌ لِّلنَّاسِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةٌ لِّلْمُتَّقِينَ
138 _ بۇ (قۇرئان) ئىنسانلارغا باياندۇر، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
وَلَا تَهِنُوا۟ وَلَا تَحْزَنُوا۟ وَأَنتُمُ ٱلْأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
139 _ ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، (ئىمان بىلەن) ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، (ئۇھۇد غازىتىدىكى مۇسىبەت ئۈچۈن) قايغۇرماڭلار.
إِن يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ ٱلْقَوْمَ قَرْحٌ مِّثْلُهُۥ ۚ وَتِلْكَ ٱلْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ ٱلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَيَتَّخِذَ مِنكُمْ شُهَدَآءَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّـٰلِمِينَ
140 _ ئەگەر سىلەرگە (ئۇھۇد غازىتىدا) بىر تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى غازىتىدا) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ئىمان ئېيتقانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ۋە سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَلِيُمَحِّصَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَيَمْحَقَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
141 _ بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىشى ۋە كاپىرلانى ھالاك قىلىشى ئۈچۈندۇر.
أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا۟ ٱلْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَـٰهَدُوا۟ مِنكُمْ وَيَعْلَمَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
142 _ (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپالىرىغا) چىداملىق بولغۇچىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماي تۇرۇپ، سىلەر جەننەتكە كىرىشىڭلارنى ئويلىغانمىدىڭلار؟
وَلَقَدْ كُنتُمْ تَمَنَّوْنَ ٱلْمَوْتَ مِن قَبْلِ أَن تَلْقَوْهُ فَقَدْ رَأَيْتُمُوهُ وَأَنتُمْ تَنظُرُونَ
143 _ سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئەمدى ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر.
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ ٱلرُّسُلُ ۚ أَفَإِي۟ن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ ٱنقَلَبْتُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَـٰبِكُمْ ۚ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ ٱللَّهَ شَيْـًٔا ۗ وَسَيَجْزِى ٱللَّهُ ٱلشَّـٰكِرِينَ
144 _ مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن. ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، سىلەر (ئىماندىن) يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى (ئىمانىدىن) يېنىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَن تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ كِتَـٰبًا مُّؤَجَّلًا ۗ وَمَن يُرِدْ ثَوَابَ ٱلدُّنْيَا نُؤْتِهِۦ مِنْهَا وَمَن يُرِدْ ثَوَابَ ٱلْـَٔاخِرَةِ نُؤْتِهِۦ مِنْهَا ۚ وَسَنَجْزِى ٱلشَّـٰكِرِينَ
145 _ ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ئۆلمەيدۇ، (ئاللاھ ھەربىر ئادەمنىڭ) ئەجىلىنى (ۋاقتى _ سائىتى بىلەن) پۈتۈۋەتكەن. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيا مەنپەئەتىدىن بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىدىن بېرىمىز. شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز.
وَكَأَيِّن مِّن نَّبِىٍّ قَـٰتَلَ مَعَهُۥ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا۟ لِمَآ أَصَابَهُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا۟ وَمَا ٱسْتَكَانُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلصَّـٰبِرِينَ
146 _ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىۋەتكەن كىشىلەر بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەر ئالدىدا روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ چىداملىق بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ رَبَّنَا ٱغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِىٓ أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَـٰفِرِينَ
147 _ ئۇلار پەقەت: «ئى رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشلىرىمىزدا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى.
فَـَٔاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ ثَوَابَ ٱلدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ ٱلْـَٔاخِرَةِ ۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلْمُحْسِنِينَ
148 _ شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ (ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تُطِيعُوا۟ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَرُدُّوكُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَـٰبِكُمْ فَتَنقَلِبُوا۟ خَـٰسِرِينَ
149 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى كۇفرىغا قايتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتىپ قالىسىلەر.
بَلِ ٱللَّهُ مَوْلَىٰكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلنَّـٰصِرِينَ
150 _ (كاپىرلار سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلار ئەمەس) بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
سَنُلْقِى فِى قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلرُّعْبَ بِمَآ أَشْرَكُوا۟ بِٱللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِۦ سُلْطَـٰنًا ۖ وَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى ٱلظَّـٰلِمِينَ
151 _ كاپىرلار ئاللاھ (ئىلاھلىقىغا) ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، (كاپىرلىقنى تاللاپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) بۇ زالىملارنىڭ تۇرار جايى نېمىدېگەن يامان!
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ ٱللَّهُ وَعْدَهُۥٓ إِذْ تَحُسُّونَهُم بِإِذْنِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَـٰزَعْتُمْ فِى ٱلْأَمْرِ وَعَصَيْتُم مِّنۢ بَعْدِ مَآ أَرَىٰكُم مَّا تُحِبُّونَ ۚ مِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلدُّنْيَا وَمِنكُم مَّن يُرِيدُ ٱلْـَٔاخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنكُمْ ۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ
152 _ شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتقان چېغىڭلاردا، ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. ئاللاھ سىلەر ئارزۇلىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلىپ، (پەيغەمبەر ئوقچى قوشۇنغا قىلغان) بۇيرۇق توغرىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىشتىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار. بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلار بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُۥنَ عَلَىٰٓ أَحَدٍ وَٱلرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِىٓ أُخْرَىٰكُمْ فَأَثَـٰبَكُمْ غَمًّۢا بِغَمٍّ لِّكَيْلَا تَحْزَنُوا۟ عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَآ أَصَـٰبَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ
153 _ ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچكىمگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەنلەرگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
ثُمَّ أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنۢ بَعْدِ ٱلْغَمِّ أَمَنَةً نُّعَاسًا يَغْشَىٰ طَآئِفَةً مِّنكُمْ ۖ وَطَآئِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِٱللَّهِ غَيْرَ ٱلْحَقِّ ظَنَّ ٱلْجَـٰهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَل لَّنَا مِنَ ٱلْأَمْرِ مِن شَىْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ ٱلْأَمْرَ كُلَّهُۥ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِىٓ أَنفُسِهِم مَّا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ ٱلْأَمْرِ شَىْءٌ مَّا قُتِلْنَا هَـٰهُنَا ۗ قُل لَّوْ كُنتُمْ فِى بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ ٱلَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ ٱلْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِىَ ٱللَّهُ مَا فِى صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِى قُلُوبِكُمْ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
154 _ ئاندىن ئاشۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك چۈشۈردىكى، (بۇ خاتىرجەملىكتىن كەلگەن) مۈگدەك ھالىتى سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى مۇئمىنلەرنى) قاپلىۋالغان ئىدى. يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ قالغان ئىدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا قاراشتا بولدى. ئۇلار: «بىزگە ئۇرۇشقا چىقىشتا ئىختىيار بارمىدى؟» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزدە (ئۇرۇشقا چىقىشتا) ئازراق ئىختىيار بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا قالغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈلۈپ كەتكەنلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».
إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَلَّوْا۟ مِنكُمْ يَوْمَ ٱلْتَقَى ٱلْجَمْعَانِ إِنَّمَا ٱسْتَزَلَّهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا۟ ۖ وَلَقَدْ عَفَا ٱللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
155 _ (ئۇھۇدتا مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلاردىن ئىبارەت) ئىككى قوشۇن بىر _ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئاراڭلاردىكى جەڭدىن چېكىنگەن كىشىلەرنى بەزى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەيتان تېيىلدۇردى، ئاللاھ ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (گۇناھكارلارنى) جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَقَالُوا۟ لِإِخْوَٰنِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ أَوْ كَانُوا۟ غُزًّى لَّوْ كَانُوا۟ عِندَنَا مَا مَاتُوا۟ وَمَا قُتِلُوا۟ لِيَجْعَلَ ٱللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِى قُلُوبِهِمْ ۗ وَٱللَّهُ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
156 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئۇلار يېنىمىزدا قالغان بولسا، ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېيىشكەن كاپىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ (بۇزۇق ئېتىقاد)نى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قاتتىق ھەسرەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالىدۇ). ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن قُتِلْتُمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِّمَّا يَجْمَعُونَ
157 _ شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ياخشىدۇر.
وَلَئِن مُّتُّمْ أَوْ قُتِلْتُمْ لَإِلَى ٱللَّهِ تُحْشَرُونَ
158 _ ئەگەر سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ ياكى ئۆلتۈرۈلسەڭلارمۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر.
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ ٱللَّهِ لِنتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ ٱلْقَلْبِ لَٱنفَضُّوا۟ مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَٱعْفُ عَنْهُمْ وَٱسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِى ٱلْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُتَوَكِّلِينَ
159 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. چۈنكى ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِن يَنصُرْكُمُ ٱللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِن يَخْذُلْكُمْ فَمَن ذَا ٱلَّذِى يَنصُرُكُم مِّنۢ بَعْدِهِۦ ۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ
160 _ ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
وَمَا كَانَ لِنَبِىٍّ أَن يَغُلَّ ۚ وَمَن يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
161 _ ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمەلىنىڭ بەدىلى (مۇكاپاتى ياكى جازاسى) ئۇۋال قىلىنماستىن تولۇق بېرىلىدۇ.
أَفَمَنِ ٱتَّبَعَ رِضْوَٰنَ ٱللَّهِ كَمَنۢ بَآءَ بِسَخَطٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأْوَىٰهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
162 _ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ جەھەننەم نېمىدېگەن يامان بارارجاي!
هُمْ دَرَجَـٰتٌ عِندَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
163 _ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ھەر خىل بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
لَقَدْ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا۟ مِن قَبْلُ لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
164 _ ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا كاتتا ئىنئام قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
أَوَلَمَّآ أَصَـٰبَتْكُم مُّصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُم مِّثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَـٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
165 _ سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن بولدى». شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
وَمَآ أَصَـٰبَكُمْ يَوْمَ ٱلْتَقَى ٱلْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ ٱللَّهِ وَلِيَعْلَمَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
166 _ ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈندۇر.
وَلِيَعْلَمَ ٱلَّذِينَ نَافَقُوا۟ ۚ وَقِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا۟ قَـٰتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أَوِ ٱدْفَعُوا۟ ۖ قَالُوا۟ لَوْ نَعْلَمُ قِتَالًا لَّٱتَّبَعْنَـٰكُمْ ۗ هُمْ لِلْكُفْرِ يَوْمَئِذٍ أَقْرَبُ مِنْهُمْ لِلْإِيمَـٰنِ ۚ يَقُولُونَ بِأَفْوَٰهِهِم مَّا لَيْسَ فِى قُلُوبِهِمْ ۗ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يَكْتُمُونَ
167 _ بۇ يەنە مۇناپىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار» دېيىلگەندە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ.
ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ لِإِخْوَٰنِهِمْ وَقَعَدُوا۟ لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا۟ ۗ قُلْ فَٱدْرَءُوا۟ عَنْ أَنفُسِكُمُ ٱلْمَوْتَ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
168 _ ئۇ مۇناپىقلار (جىھادقا چىقماي ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ، (ئۇھۇدتا شېھىت بولغان) قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرگەن بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن توسۇپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!».
وَلَا تَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ قُتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمْوَٰتًۢا ۚ بَلْ أَحْيَآءٌ عِندَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ
169 _ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ھەرگىز ئۆلۈك دەپ قارىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنماقتىدۇر.
فَرِحِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِٱلَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا۟ بِهِم مِّنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
170 _ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن دائىم خۇشالدۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) ھېچبىر قورقۇنچ ۋە غەم _ قايغۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
171 _ ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزل _ كەرەمدىن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەجىرىنى ئاللاھنىڭ ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ.
ٱلَّذِينَ ٱسْتَجَابُوا۟ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِ مِنۢ بَعْدِ مَآ أَصَابَهُمُ ٱلْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا۟ مِنْهُمْ وَٱتَّقَوْا۟ أَجْرٌ عَظِيمٌ
172 _ ئۇلار (ئۇھۇدتا) يارىلانغاندىن كېيىنمۇ، يەنە ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈن كاتتا مۇكاپات بار.
ٱلَّذِينَ قَالَ لَهُمُ ٱلنَّاسُ إِنَّ ٱلنَّاسَ قَدْ جَمَعُوا۟ لَكُمْ فَٱخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَـٰنًا وَقَالُوا۟ حَسْبُنَا ٱللَّهُ وَنِعْمَ ٱلْوَكِيلُ
173 _ ئۇلار (شۇنداق زاتلاركى، بىر قىسىم) كىشىلەر ئۇلارغا: «شەك _ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى.
فَٱنقَلَبُوا۟ بِنِعْمَةٍ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضْلٍ لَّمْ يَمْسَسْهُمْ سُوٓءٌ وَٱتَّبَعُوا۟ رِضْوَٰنَ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ
174 _ شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن (بەدرى غازىتىدىن) ھېچقانداق زىيان _ زەخمەتكە ئۇچرىماي قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر.
إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ يُخَوِّفُ أَوْلِيَآءَهُۥ فَلَا تَخَافُوهُمْ وَخَافُونِ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
175 _ پەقەت ئاشۇ شەيتان [3] سىلەرنى ئۆز دوستلىرى (بولغان كاپىرلار) دىن قورقۇتىدۇ. ئەگەر (ھەقىقىي) مۇئمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىنلا قورقۇڭلار.
وَلَا يَحْزُنكَ ٱلَّذِينَ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَن يَضُرُّوا۟ ٱللَّهَ شَيْـًٔا ۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
176 _ (ئى پەيغەمبەر!) كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، شەكسىزكى، ئۇلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱشْتَرَوُا۟ ٱلْكُفْرَ بِٱلْإِيمَـٰنِ لَن يَضُرُّوا۟ ٱللَّهَ شَيْـًٔا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
177 _ ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلَا يَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّمَا نُمْلِى لَهُمْ خَيْرٌ لِّأَنفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِى لَهُمْ لِيَزْدَادُوٓا۟ إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
178 _ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار ئۆزلىرىگە مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا پەقەت گۇناھلىرىنى كۆپەيتىشى ئۈچۈنلا مۆھلەت بېرىمىز. ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلْخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى ٱلْغَيْبِ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَجْتَبِى مِن رُّسُلِهِۦ مَن يَشَآءُ ۖ فَـَٔامِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦ ۚ وَإِن تُؤْمِنُوا۟ وَتَتَّقُوا۟ فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ
179 _ ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىماي تۇرۇپ، سىلەر مۇئمىنلەرنى ھەرگىزمۇ ھازىرقى ھالىتىڭلارچە تاشلاپ قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيىبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللايدۇ (ئاندىن ئۇنىڭغا بەزى غەيىبلەرنى بىلدۈرىدۇ). شۇڭا، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋالىق قىلساڭلار سىلەرگە كاتتا ئەجىر بار.
وَلَا يَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ هُوَ خَيْرًا لَّهُم ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا۟ بِهِۦ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
180 _ ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەكسىچە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
لَّقَدْ سَمِعَ ٱللَّهُ قَوْلَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَآءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا۟ وَقَتْلَهُمُ ٱلْأَنۢبِيَآءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْحَرِيقِ
181 _ «شەكسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ (بارلىق) سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ۋە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!» دەيمىز.
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ
182 _ مانا بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بولدى. شەكسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەستۇر.
ٱلَّذِينَ قَالُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَآ أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ ٱلنَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَآءَكُمْ رُسُلٌ مِّن قَبْلِى بِٱلْبَيِّنَـٰتِ وَبِٱلَّذِى قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
183 _ ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قۇربانلىقىنى (ئۇنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ) بىر ئوت كېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمىگۈچە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپىلىغان» دېدى. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتنىڭ ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى؛ ئەگەر سىلەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟».
فَإِن كَذَّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِّن قَبْلِكَ جَآءُو بِٱلْبَيِّنَـٰتِ وَٱلزُّبُرِ وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُنِيرِ
184 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن، چۈنكى) سەندىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى.
كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ ٱلْمَوْتِ ۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۖ فَمَن زُحْزِحَ عَنِ ٱلنَّارِ وَأُدْخِلَ ٱلْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ۗ وَمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَآ إِلَّا مَتَـٰعُ ٱلْغُرُورِ
185 _ ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجىرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنىپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەت ئالدايدىغان مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
لَتُبْلَوُنَّ فِىٓ أَمْوَٰلِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ مِن قَبْلِكُمْ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشْرَكُوٓا۟ أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِن تَصْبِرُوا۟ وَتَتَّقُوا۟ فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ ٱلْأُمُورِ
186 _ سىلەر مال _ مۈلۈكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر. ئەگەر (بۇلارنىڭ ھەممىسىگە) سەۋر قىلساڭلار، (گۇناھتىن) ساقلانساڭلار، مانا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
وَإِذْ أَخَذَ ٱللَّهُ مِيثَـٰقَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ لَتُبَيِّنُنَّهُۥ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُۥ فَنَبَذُوهُ وَرَآءَ ظُهُورِهِمْ وَٱشْتَرَوْا۟ بِهِۦ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
187 _ ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن «كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىسىلەر ۋە يوشۇرمايسىلەر» دەپ ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
لَا تَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَآ أَتَوا۟ وَّيُحِبُّونَ أَن يُحْمَدُوا۟ بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا۟ فَلَا تَحْسَبَنَّهُم بِمَفَازَةٍ مِّنَ ٱلْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
188 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆزلىرىنىڭ (يامان) قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ، دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
189 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
إِنَّ فِى خَلْقِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ لَـَٔايَـٰتٍ لِّأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ
190 _ شەكسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوپئوچۇق دەلىللەر بار.
ٱلَّذِينَ يَذْكُرُونَ ٱللَّهَ قِيَـٰمًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِى خَلْقِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَـٰذَا بَـٰطِلًا سُبْحَـٰنَكَ فَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
191 _ ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ (ۋە مۇنداق دەيدۇ:) «ئى رەببىمىز! سەن بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. (ھېكمەتسىز ئىش قىلىشتىن) ئەلۋەتتە پاكتۇرسەن! بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
رَبَّنَآ إِنَّكَ مَن تُدْخِلِ ٱلنَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُۥ ۖ وَمَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ
192 _ ئى رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ئۇنى ئەلۋەتتە رەسۋا قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ.
رَّبَّنَآ إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِى لِلْإِيمَـٰنِ أَنْ ءَامِنُوا۟ بِرَبِّكُمْ فَـَٔامَنَّا ۚ رَبَّنَا فَٱغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّـَٔاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ ٱلْأَبْرَارِ
193 _ ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن.
رَبَّنَا وَءَاتِنَا مَا وَعَدتَّنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ ٱلْمِيعَادَ
194 _ ئى رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغانلىرىڭنى بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن».
فَٱسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّى لَآ أُضِيعُ عَمَلَ عَـٰمِلٍ مِّنكُم مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ ۖ بَعْضُكُم مِّنۢ بَعْضٍ ۖ فَٱلَّذِينَ هَاجَرُوا۟ وَأُخْرِجُوا۟ مِن دِيَـٰرِهِمْ وَأُوذُوا۟ فِى سَبِيلِى وَقَـٰتَلُوا۟ وَقُتِلُوا۟ لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ثَوَابًا مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ عِندَهُۥ حُسْنُ ٱلثَّوَابِ
195 _ رەببى ئۇلار(نىڭ دۇئالىرى)نى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەكسىزكى، مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر (دىنىي قېرىنداشلىقتا ۋە ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابىنى كۆرۈشتە) ھەممىڭلار باراۋەرسىلەر. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغان، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئەزىيەت چەككەن، جىھاد قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر. مۇكاپاتنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر.
لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى ٱلْبِلَـٰدِ
196 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنىڭ (موللۇق ئىچىدە) شەھەرمۇ _ شەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.
مَتَـٰعٌ قَلِيلٌ ثُمَّ مَأْوَىٰهُمْ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ
197 _ بۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان ئورۇن!.
لَـٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ رَبَّهُمْ لَهُمْ جَنَّـٰتٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا نُزُلًا مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ ۗ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيْرٌ لِّلْأَبْرَارِ
198 _ ئەمما رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەر ياخشىلار ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر.
وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ لَمَن يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْهِمْ خَـٰشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
199 _ ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان (تەۋرات بىلەن ئىنجىل قاتارلىق كىتابلار)غا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بار؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەيدۇ. ئەنە شۇلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپات بار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱصْبِرُوا۟ وَصَابِرُوا۟ وَرَابِطُوا۟ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
200 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمىنىڭلاردىن) بەكرەك چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.