ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: جىنلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلىق قىسسىسىنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋە مۇشرىكلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.
قُلْ أُوحِىَ إِلَىَّ أَنَّهُ ٱسْتَمَعَ نَفَرٌ مِّنَ ٱلْجِنِّ فَقَالُوٓا۟ إِنَّا سَمِعْنَا قُرْءَانًا عَجَبًا (1) يَهْدِىٓ إِلَى ٱلرُّشْدِ فَـَٔامَنَّا بِهِۦ ۖ وَلَن نُّشْرِكَ بِرَبِّنَآ أَحَدًا (2)
1 _ 2_ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ماڭا ھەقىقەتەن شۇنداق ۋەھيى قىلىندىكى، بىر قانچە جىن (مېنڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقانلىقىمنى) ئاڭلاپ، (ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ) مۇنداق دېدى: ‹بىز ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، بىز رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز.
وَأَنَّهُۥ تَعَـٰلَىٰ جَدُّ رَبِّنَا مَا ٱتَّخَذَ صَـٰحِبَةً وَلَا وَلَدًا
3 _ ھەقىقەت شۇكى، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى ناھايىتى ئۈستۈندۇر، ئايالىمۇ، بالىسىمۇ يوقتۇر.
وَأَنَّهُۥ كَانَ يَقُولُ سَفِيهُنَا عَلَى ٱللَّهِ شَطَطًا
4 _ شەكسىزكى، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق (ئىبلىس) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان سۆزلەرنى قىلدى.
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن تَقُولَ ٱلْإِنسُ وَٱلْجِنُّ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا
5 _ ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلار ۋە جىنلار (ئارىسىدىن ھېچكىم) ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەرگىز يالغاننى توقۇمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق.
وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٌ مِّنَ ٱلْإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِّنَ ٱلْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا
6 _ شەكسىزكى، ئىنسانلاردىن بەزى ئەرلەر بەزى ئەركەك جىنلارغا سىغىنىپ پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ جىنلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتەتتى.
وَأَنَّهُمْ ظَنُّوا۟ كَمَا ظَنَنتُمْ أَن لَّن يَبْعَثَ ٱللَّهُ أَحَدًا
7 _ (ئى جىنلار!) شەكسىزكى، ئۇلارمۇ (يەنى ئىنسانلارنىڭ كاپىرلىرىمۇ) سىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ھېچكىمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ قارايتتى.
وَأَنَّا لَمَسْنَا ٱلسَّمَآءَ فَوَجَدْنَـٰهَا مُلِئَتْ حَرَسًا شَدِيدًا وَشُهُبًا
8 _ بىز ھەقىقەتەن (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا چىقىشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق، ئاسماننىڭ (پەرىشتىلەردىن بولغان) كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق.
وَأَنَّا كُنَّا نَقْعُدُ مِنْهَا مَقَـٰعِدَ لِلسَّمْعِ ۖ فَمَن يَسْتَمِعِ ٱلْـَٔانَ يَجِدْ لَهُۥ شِهَابًا رَّصَدًا
9 _ شەكسىزكى، بىز (ئىلگىرى) ئاسماننىڭ تىڭشاشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق. ئەمدى كىمكى تىڭشاشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ (ئۆزىنى) كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارغا يولۇقىدۇ.
وَأَنَّا لَا نَدْرِىٓ أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَن فِى ٱلْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا
10 _ زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بىلمەيمىز.
وَأَنَّا مِنَّا ٱلصَّـٰلِحُونَ وَمِنَّا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ كُنَّا طَرَآئِقَ قِدَدًا
11 _ شەكسىزكى، بىزنىڭ ئارىمىزدا ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار. بىز تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈندۇق.
وَأَنَّا ظَنَنَّآ أَن لَّن نُّعْجِزَ ٱللَّهَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَن نُّعْجِزَهُۥ هَرَبًا
12 _ بىز جەزمەن ئىشەندۇقكى، زېمىندا ئاللاھ بىلەن ھەرگىز قارشىلىشالمايمىز، ئۇنىڭ (ئازابى) دىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.
وَأَنَّا لَمَّا سَمِعْنَا ٱلْهُدَىٰٓ ءَامَنَّا بِهِۦ ۖ فَمَن يُؤْمِنۢ بِرَبِّهِۦ فَلَا يَخَافُ بَخْسًا وَلَا رَهَقًا
13 _ شەكسىزكى، بىز ھىدايەتنى (قۇرئاننى) ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىمان كەلتۈردۇق. كىمكى رەببىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، نە (ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن، نە (گۇناھلىرى كۆپەيتىلىپ) ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەيدۇ.
وَأَنَّا مِنَّا ٱلْمُسْلِمُونَ وَمِنَّا ٱلْقَـٰسِطُونَ ۖ فَمَنْ أَسْلَمَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ تَحَرَّوْا۟ رَشَدًا
14 _ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇسۇلمانلارمۇ ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار. مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى نىشانلاپ ماڭغان بولىدۇ.
وَأَمَّا ٱلْقَـٰسِطُونَ فَكَانُوا۟ لِجَهَنَّمَ حَطَبًا
15 _ توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ›».
وَأَلَّوِ ٱسْتَقَـٰمُوا۟ عَلَى ٱلطَّرِيقَةِ لَأَسْقَيْنَـٰهُم مَّآءً غَدَقًا (16) لِّنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَمَن يُعْرِضْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِۦ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا (17)
16 _ 17_ ئەگەر ئۇلار توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (بۇ ئارقىلىق رىزقىنى كەڭ قىلاتتۇق)، كىمكى رەببىنىڭ زىكرى (قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
وَأَنَّ ٱلْمَسَـٰجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا۟ مَعَ ٱللَّهِ أَحَدًا
18 _ شەكسىزكى، مەسجىدلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، سىلەر (ئۇ مەسجىدلەردە) ئاللاھقا ھېچكىمنى شېرىك قىلىپ ئىبادەت قىلماڭلار.
وَأَنَّهُۥ لَمَّا قَامَ عَبْدُ ٱللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا۟ يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
19 _ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن (نامازغا) تۇرغاندا، جىنلار (قۇرئان ئاڭلاش ئۈچۈن) ئولىشىپ كېلىپ، ئۇنى بېسىۋېلىشقا تاس قالىدۇ.
قُلْ إِنَّمَآ أَدْعُوا۟ رَبِّى وَلَآ أُشْرِكُ بِهِۦٓ أَحَدًا
20 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن رەببىمگىلا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن».
قُلْ إِنِّى لَآ أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا
21 _ ئېيتقىنكى، «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە پايدا _ زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن».
قُلْ إِنِّى لَن يُجِيرَنِى مِنَ ٱللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلْتَحَدًا
22 _ ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام) شەكسىزكى، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن.
إِلَّا بَلَـٰغًا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِسَـٰلَـٰتِهِۦ ۚ وَمَن يَعْصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا
23 _ مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكىلا قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇنىڭغا مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئوتى بار.
حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوْا۟ مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
24 _ نىھايەت، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا، كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ».
قُلْ إِنْ أَدْرِىٓ أَقَرِيبٌ مَّا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُۥ رَبِّىٓ أَمَدًا
25 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا ئۇزاق بىر مۇددەتنى بەلگىلەمدۇ، مەن ئۇقمايمەن.
عَـٰلِمُ ٱلْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَىٰ غَيْبِهِۦٓ أَحَدًا
26 _ ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىگە خاس سىرلارنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدۇ.
إِلَّا مَنِ ٱرْتَضَىٰ مِن رَّسُولٍ فَإِنَّهُۥ يَسْلُكُ مِنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِۦ رَصَدًا
27 _ پەقەت ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيىبلەرنى) ئاشكارىلايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا چوقۇم مۇھاپىزەتچى (پەرىشتىلەرنى) سېلىپ قويىدۇ.
لِّيَعْلَمَ أَن قَدْ أَبْلَغُوا۟ رِسَـٰلَـٰتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَىٰ كُلَّ شَىْءٍ عَدَدًۢا
28 _ (بۇنداق قىلىش) پەيغەمبەرلەرنىڭ رەببىنىڭ دىنىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سۆز _ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) بىلىشى ئۈچۈندۇر».
جىن سۈرىسى