ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
إِذَا وَقَعَتِ ٱلْوَاقِعَةُ
1 _ قىيامەت قايىم بولغان چاغدا،
لَيْسَ لِوَقْعَتِهَا كَاذِبَةٌ
2 _ ئۇنىڭ قايىم بولغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
خَافِضَةٌ رَّافِعَةٌ
3 _ (ئۇ قىيامەت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرگۈچىدۇر، (مۇئمىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن مەرتىۋىسىنى) كۆتۈرگۈچىدۇر.
إِذَا رُجَّتِ ٱلْأَرْضُ رَجًّا (4) وَبُسَّتِ ٱلْجِبَالُ بَسًّا (5) فَكَانَتْ هَبَآءً مُّنۢبَثًّا (6) وَكُنتُمْ أَزْوَٰجًا ثَلَـٰثَةً (7)
4 _ 7_ زېمىن شىددەتلىك تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچە-پارچە بولۇپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، سىلەر ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىسىلەر.
فَأَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ مَآ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ
8 _ (بىرىنچى پىرقە) نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار نېمىدېگەن بەختلىك ئادەملەر!
وَأَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ مَآ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ
9 _ (ئىككىنچى پىرقە) نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار نېمىدېگەن بەختسىز ئادەملەر!
وَٱلسَّـٰبِقُونَ ٱلسَّـٰبِقُونَ
10 _ (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلاردا) ئەڭ ئالدىدا بولغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار مۇكاپاتلىرىنى ئېلىشتىمۇ) ئەڭ ئالدىدا بولغۇچىلاردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلْمُقَرَّبُونَ (11) فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ (12)
11 _ 12_ ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.
ثُلَّةٌ مِّنَ ٱلْأَوَّلِينَ (13) وَقَلِيلٌ مِّنَ ٱلْـَٔاخِرِينَ (14)
13 _ 14_ بۇلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر.
عَلَىٰ سُرُرٍ مَّوْضُونَةٍ (15) مُّتَّكِـِٔينَ عَلَيْهَا مُتَقَـٰبِلِينَ (16)
15 _ 16_ ئۇلار (ئالتۇندىن) ياسالغان تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر _ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ.
يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَٰنٌ مُّخَلَّدُونَ (17) بِأَكْوَابٍ وَأَبَارِيقَ وَكَأْسٍ مِّن مَّعِينٍ (18)
17 _ 18_ ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار (مۇلازىم بالىلار) ئېقىپ تۇرىدىغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (خىزمەت ئۈچۈن) ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
لَّا يُصَدَّعُونَ عَنْهَا وَلَا يُنزِفُونَ
19 _ ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ.
وَفَـٰكِهَةٍ مِّمَّا يَتَخَيَّرُونَ (20) وَلَحْمِ طَيْرٍ مِّمَّا يَشْتَهُونَ (21)
20 _ 21_ ئۇلارغا خالىغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بار.
وَحُورٌ عِينٌ (22) كَأَمْثَـٰلِ ٱللُّؤْلُؤِ ٱلْمَكْنُونِ (23)
22 _ 23_ ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدە ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بار.
جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
24 _ بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا تَأْثِيمًا (25) إِلَّا قِيلًا سَلَـٰمًا سَلَـٰمًا (26)
25 _ 26_ ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» دېگەن (يەنى ھۇزۇر ۋە ئامان – ئېسەنلىك بېغىشلايدىغان) سۆزنىلا ئاڭلايدۇ.
وَأَصْحَـٰبُ ٱلْيَمِينِ مَآ أَصْحَـٰبُ ٱلْيَمِينِ
27 _ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك كىشىلەر!
فِى سِدْرٍ مَّخْضُودٍ (28) وَطَلْحٍ مَّنضُودٍ (29) وَظِلٍّ مَّمْدُودٍ (30) وَمَآءٍ مَّسْكُوبٍ (31) وَفَـٰكِهَةٍ كَثِيرَةٍ (32) لَّا مَقْطُوعَةٍ وَلَا مَمْنُوعَةٍ (33) وَفُرُشٍ مَّرْفُوعَةٍ (34)
28 _ 34_ ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرىخىنىڭ، مېۋىسى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرىخىىنىڭ، دائىملىق سايىنىڭ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇنىڭ، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە كۆتۈرۈلگەن (ئالىي) تۆشەكلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.
إِنَّآ أَنشَأْنَـٰهُنَّ إِنشَآءً
35 _ شەكسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق.
فَجَعَلْنَـٰهُنَّ أَبْكَارًا
36 _ ئۇلارنى (ھەمىشە) قىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان قىلدۇق.
عُرُبًا أَتْرَابًا
37 _ ئۇلارنى ئەرلىرىگە ئامراق ۋە تەڭتۇش قىلدۇق.
لِّأَصْحَـٰبِ ٱلْيَمِينِ
38 _ بۇ (ئىنئاملار) نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر.
ثُلَّةٌ مِّنَ ٱلْأَوَّلِينَ (39) وَثُلَّةٌ مِّنَ ٱلْـَٔاخِرِينَ (40)
39 _ 40 _ بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر.
وَأَصْحَـٰبُ ٱلشِّمَالِ مَآ أَصْحَـٰبُ ٱلشِّمَالِ
41 _ نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلگەنلەر نېمىدېگەن بەختسىز كىشىلەر!
فِى سَمُومٍ وَحَمِيمٍ (42) وَظِلٍّ مِّن يَحْمُومٍ (43) لَّا بَارِدٍ وَلَا كَرِيمٍ (44)
42 _ 44_ ئۇلار (بەدەننىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كېتىدىغان) ئوتلۇق شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، يېقىملىقمۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَبْلَ ذَٰلِكَ مُتْرَفِينَ
45 _ چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (ھارام بىلەن) راھەت _ پاراغەتكە چۆمگەن ئىدى،
وَكَانُوا۟ يُصِرُّونَ عَلَى ٱلْحِنثِ ٱلْعَظِيمِ
46 _ ئۇلار چوڭ گۇناھتا (كاپىرلىقتا) چىڭ تۇرغان ئىدى.
وَكَانُوا۟ يَقُولُونَ أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ (47) أَوَءَابَآؤُنَا ٱلْأَوَّلُونَ (48)
47 _ 48 _ ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدىمۇ چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى.
قُلْ إِنَّ ٱلْأَوَّلِينَ وَٱلْـَٔاخِرِينَ (49) لَمَجْمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَـٰتِ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ (50)
49 _ 50_ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ (قىيامەتتىن ئىبارەت) مەلۇم كۈندىكى مۇئەييەن ۋاقىتتا ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ.
ثُمَّ إِنَّكُمْ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلْمُكَذِّبُونَ
51 _ ئاندىن سىلەر، ئى ئازغۇنلۇققا پاتقان ئىنكارچىلار!
لَـَٔاكِلُونَ مِن شَجَرٍ مِّن زَقُّومٍ
52 _ چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر،
فَمَالِـُٔونَ مِنْهَا ٱلْبُطُونَ
53 _ ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر،
فَشَـٰرِبُونَ عَلَيْهِ مِنَ ٱلْحَمِيمِ (54) فَشَـٰرِبُونَ شُرْبَ ٱلْهِيمِ (55)
54 _ 55_ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى قايناق سۇنى ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ كەتكەن تۆگىلەر ئىچكەندەك ئىچىسىلەر».
هَـٰذَا نُزُلُهُمْ يَوْمَ ٱلدِّينِ
56 _ مانا بۇ ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر.
نَحْنُ خَلَقْنَـٰكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ
57 _ (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتقان تۇرساق، (تىرىلدۈرۈشىمىزگە) نېمىشقا ئىشەنمەيسىلەر؟
أَفَرَءَيْتُم مَّا تُمْنُونَ (58) ءَأَنتُمْ تَخْلُقُونَهُۥٓ أَمْ نَحْنُ ٱلْخَـٰلِقُونَ (59)
58 _ 59_ سىلەر ئۆزۈڭلار (ئايالىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا) تۆكىدىغان مەنىيگە قاراپ باقمامسىلەر؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر ياكى ياراتقۇچى بىزمۇ؟
نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ ٱلْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ (60) عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ أَمْثَـٰلَكُمْ وَنُنشِئَكُمْ فِى مَا لَا تَعْلَمُونَ (61)
60 _ 61_ بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلدۇق، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان (باشقا) بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز.
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ ٱلنَّشْأَةَ ٱلْأُولَىٰ فَلَوْلَا تَذَكَّرُونَ
62 _ شەكسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار، (ئاللاھنىڭ سىلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكى توغرۇلۇق) ئويلىنىپ كۆرمەمسىلەر؟
أَفَرَءَيْتُم مَّا تَحْرُثُونَ
63 _ سىلەر تېرىۋاتقان زىرائەتكە قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمْ تَزْرَعُونَهُۥٓ أَمْ نَحْنُ ٱلزَّٰرِعُونَ
64 _ ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى ئۈندۈرگۈچى بىزمۇ؟
لَوْ نَشَآءُ لَجَعَلْنَـٰهُ حُطَـٰمًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ (65) إِنَّا لَمُغْرَمُونَ (66) بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ (67)
65 _ 67_ ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق _ دە، ئۇ چاغدا سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار ۋە: «بىز راستتىنلا زىيان تارتتۇق، بەلكى (ھەممىدىن) قۇرۇق قاپتۇق» (دەپ كېتەتتىڭلار).
أَفَرَءَيْتُمُ ٱلْمَآءَ ٱلَّذِى تَشْرَبُونَ
68 _ سىلەر ئىچىۋاتقان سۇغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمْ أَنزَلْتُمُوهُ مِنَ ٱلْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ ٱلْمُنزِلُونَ
69 _ ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى چۈشۈرگۈچى بىزمۇ؟
لَوْ نَشَآءُ جَعَلْنَـٰهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
70 _ ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق. سىلەر (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامسىلەر؟
أَفَرَءَيْتُمُ ٱلنَّارَ ٱلَّتِى تُورُونَ
71 _ سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتقا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
ءَأَنتُمْ أَنشَأْتُمْ شَجَرَتَهَآ أَمْ نَحْنُ ٱلْمُنشِـُٔونَ
72 _ ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى ئۆستۈرگۈچى بىزمۇ؟
نَحْنُ جَعَلْنَـٰهَا تَذْكِرَةً وَمَتَـٰعًا لِّلْمُقْوِينَ
73 _ بىز ئۇنى (كىشىلەرگە دوزاخ ئوتىنى) ئەسلىتىدىغان ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق.
فَسَبِّحْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلْعَظِيمِ
74 _ شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
فَلَآ أُقْسِمُ بِمَوَٰقِعِ ٱلنُّجُومِ (75) وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٌ لَّوْ تَعْلَمُونَ عَظِيمٌ (76)
75 _ 76_ يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر.
إِنَّهُۥ لَقُرْءَانٌ كَرِيمٌ (77) فِى كِتَـٰبٍ مَّكْنُونٍ (78)
77 _ 78_ شەكسىزكى، بۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.
لَّا يَمَسُّهُۥٓ إِلَّا ٱلْمُطَهَّرُونَ
79 _ ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ.
تَنزِيلٌ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
80 _ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
أَفَبِهَـٰذَا ٱلْحَدِيثِ أَنتُم مُّدْهِنُونَ
81 _ سىلەر بۇ سۆز (قۇرئان)نى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىلەر؟
وَتَجْعَلُونَ رِزْقَكُمْ أَنَّكُمْ تُكَذِّبُونَ
82 _ سىلەر (ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن) رىزقىڭلارغا (شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا) تۇزكورلۇق قىلىۋاتامسىلەر؟
فَلَوْلَآ إِذَا بَلَغَتِ ٱلْحُلْقُومَ (83) وَأَنتُمْ حِينَئِذٍ تَنظُرُونَ (84)
83 _ 84_ جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا، سىلەر (جان تالىشىۋاتقان كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر (شۇ ھالدا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالامسىلەر؟).
وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنكُمْ وَلَـٰكِن لَّا تُبْصِرُونَ
85 _ بىز ئۇنىڭغا سىلەردىن بەكرەك يېقىنمىز، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر.
فَلَوْلَآ إِن كُنتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ (86) تَرْجِعُونَهَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ (87)
86 _ 87_ ئەگەر (سىلەر ئويلىغاندەك) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار ۋە (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، سىلەر نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيتنىڭ جېنىنى تېنىگە) قايتۇرالمايسىلەر؟
فَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ (88) فَرَوْحٌ وَرَيْحَانٌ وَجَنَّتُ نَعِيمٍ (89)
88 _ 89_ ئەگەر ئۇ (مېيىت) ئاللاھقا يېقىن كىشىلەردىن بولسا، ئۇنىڭغا راھەت _ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بار.
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْيَمِينِ (90) فَسَلَـٰمٌ لَّكَ مِنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْيَمِينِ (91)
90 _ 91_ ئەگەر ئۇ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولسا، (ئۇنىڭغا) «نامەـ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەردىن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا سالام!» (دېيىلىدۇ).
وَأَمَّآ إِن كَانَ مِنَ ٱلْمُكَذِّبِينَ ٱلضَّآلِّينَ (92) فَنُزُلٌ مِّنْ حَمِيمٍ (93)
92 _ 93 _ ئەگەر ئۇ (تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇنلاردىن بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ،
وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ
94 _ جەھەننەمگە تاشلىنىپ كۆيدۈرۈلىدۇ.
إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ حَقُّ ٱلْيَقِينِ
95 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر.
فَسَبِّحْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلْعَظِيمِ
96 _ شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
ۋاقىئە سۈرىسى