ناس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 6 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن پاناھ تىلەشكە تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلنَّاسِ (1) مَلِكِ ٱلنَّاسِ (2) إِلَـٰهِ ٱلنَّاسِ (3) مِن شَرِّ ٱلْوَسْوَاسِ ٱلْخَنَّاسِ (4) ٱلَّذِى يُوَسْوِسُ فِى صُدُورِ ٱلنَّاسِ (5) مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ (6)
1 _ 6_ (ئى پەيغەمبەر! سەن) «ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (بولغان ئاللاھ)قا سىغىنىپ، كىشىلەر (غەپلەتتە قالسا، ئۇلار)نىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلىدىغان، (ئاللاھنى ياد ئەتسە) چېكىنىدىغان جىن شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.