ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى تىرىلدۈرۈشكە ۋە بارلىق ئەزالىرىنى توپلاشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ بەزى ئۆرنەكلىرىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
إِذَا ٱلشَّمْسُ كُوِّرَتْ
1 _ كۈننىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتْ
2 _ يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ سُيِّرَتْ
3 _ تاغلار سۈردۈرۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْعِشَارُ عُطِّلَتْ
4 _ بوغاز تۆگىلەر ئىگىسىز تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْوُحُوشُ حُشِرَتْ
5 _ ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْبِحَارُ سُجِّرَتْ
6 _ دېڭىزلار ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتْ
7 _ جانلار (تەنلەر بىلەن) قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْمَوْءُۥدَةُ سُئِلَتْ (8) بِأَىِّ ذَنۢبٍ قُتِلَتْ (9)
8 _ 9_ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن: «سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟» دەپ سورالغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتْ
10 _ (نامە _ ئەمەل) دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتْ
11 _ ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
12 _ دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
13 _ جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّآ أَحْضَرَتْ
14 _ ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ (ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن) نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى بىلىدۇ.
فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلْخُنَّسِ (15) ٱلْجَوَارِ ٱلْكُنَّسِ (16)
15 _ 16_ كۈندۈزى كۆرۈنمەيدىغان ۋە پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
17 _ قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ كەلگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
18 _ يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
19 _ ئەلۋەتتە بۇ (قۇرئان) ھۆرمەتلىك بىر ئەلچى (جىبرىل ئاللاھتىن) ئېلىپ كەلگەن سۆزدۇر.
ذِى قُوَّةٍ عِندَ ذِى ٱلْعَرْشِ مَكِينٍ
20 _ (ئۇ ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسى (بولغان ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر.
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
21 _ ئۇ بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن) ئىتائەت قىلىنغۇچىدۇر، (ۋەھيىگە) ئىشەنچلىكتۇر.
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ
22 _ سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) مەجنۇن ئەمەس.
وَلَقَدْ رَءَاهُ بِٱلْأُفُقِ ٱلْمُبِينِ
23 _ شەكسىزكى، ئۇ جىبرىلنى روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلْغَيْبِ بِضَنِينٍ
24 _ ئۇ غەيىبكە (يەنى ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە) بېخىل ئەمەستۇر.
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَـٰنٍ رَّجِيمٍ
25 _ بۇ (قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر.
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
26 _ (شۇنداق تۇرسا)، سىلەر نەگە كېتىپ بارىسىلەر؟
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ (27) لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ (28)
27 _ 28_ بۇ (قۇرئان) پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پەقەتلا ۋەز-نەسىھەتتۇر.
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
29 _ پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغان چاغدىلا سىلەر (شۇ يولنى تۇتۇشنى) خالىيالايسىلەر.
تەكۋىر سۈرىسى