ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دىنىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك قازىنىدىغانلىقى، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا ئاز قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
إِذَا جَآءَ نَصْرُ ٱللَّهِ وَٱلْفَتْحُ (1) وَرَأَيْتَ ٱلنَّاسَ يَدْخُلُونَ فِى دِينِ ٱللَّهِ أَفْوَاجًا (2) فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَٱسْتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ تَوَّابًۢا (3)
1 _ 3_ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كېلىپ، فەتھى ئەمەلگە ئاشقان ۋە سەن كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ _ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن چاغدا، رەببىڭنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر.
نەسر سۈرىسى