ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىيامەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ، ئۇنىڭدا مۇئمىنلەرگە قىلىنغان ۋەدىلەرنىڭ ۋە كاپىرلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱلْحَآقَّةُ
1 _ (چوقۇم بولىدىغان) قىيامەت.
مَا ٱلْحَآقَّةُ
2 _ قىيامەت دېگەن نېمە؟
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْحَآقَّةُ
3 _ سەن قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌۢ بِٱلْقَارِعَةِ
4 _ سەمۇد ۋە ئاد قەۋملىرى قەلىبلەرنى تىترەتكۈچى (قىيامەت)نى ئىنكار قىلدى.
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا۟ بِٱلطَّاغِيَةِ
5 _ سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى.
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا۟ بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
6 _ ئاد بولسا قاتتىق ئاۋازلىق، سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَـٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى ٱلْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
7 _ ئاللاھ بوراننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قويۇۋەتتى، سەن (ئەگەر شۇ يەردە بولساڭ) ئۇلارنىڭ خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرەتتىڭ.
فَهَلْ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٍ
8 _ (ھازىر) ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
وَجَآءَ فِرْعَوْنُ وَمَن قَبْلَهُۥ وَٱلْمُؤْتَفِكَـٰتُ بِٱلْخَاطِئَةِ
9 _ پىرئەۋن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە يۇرتلىرى دۈم كۆمتۈرۈلگەنلەر گۇناھقا چۆمگەن ئىدى.
فَعَصَوْا۟ رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَّابِيَةً
10 _ ئۇلار رەببىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ناھايىتى قاتتىق جازالىدى.
إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلْمَآءُ حَمَلْنَـٰكُمْ فِى ٱلْجَارِيَةِ (11) لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَآ أُذُنٌ وَٰعِيَةٌ (12)
11 _ 12 _ شەكسىزكى، توپان بالاسى يامرىغان چاغدا، بىز سىلەر (نىڭ ئەجدادىڭلار)نى كېمىگە چىقارغان ئىدۇق. بىز ئۇنى سىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە (ئاڭلىغانلىرىنى) ساقلىيالايدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى ساقلىۋېلىشى ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق).
فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ نَفْخَةٌ وَٰحِدَةٌ
13 _ سۇر بىر قېتىم (يەنى بىرىنچى قېتىم) چېلىنغان چاغدا،
وَحُمِلَتِ ٱلْأَرْضُ وَٱلْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَٰحِدَةً
14 _ زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتۈرۈلۈپ بىر _ بىرىگە بىرلا ئۇرۇلۇش بىلەن كۈكۈم تالقان بولۇپ كەتكەن چاغدا،
فَيَوْمَئِذٍ وَقَعَتِ ٱلْوَاقِعَةُ
15 _ بۇ كۈندە چوڭ ۋەقە (يەنى قىيامەت) يۈز بىرىدۇ.
وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِىَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ
16 _ ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان بوشىشىپ كېتىدۇ.
وَٱلْمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرْجَآئِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَـٰنِيَةٌ
17 _ پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە ئۆز ئۈستىدە كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ.
يَوْمَئِذٍ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَىٰ مِنكُمْ خَافِيَةٌ
18 _ بۇ كۈندە سىلەر (ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا) چىقىرىلىسىلەر، سىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر سىرىڭلار مەخپىي قالمايدۇ.
فَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقْرَءُوا۟ كِتَـٰبِيَهْ (19) إِنِّى ظَنَنتُ أَنِّى مُلَـٰقٍ حِسَابِيَهْ (20)
19 _ 20_ نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم: «ئېلىڭلار! مېنىڭ نامە _ ئەمەلىمنى ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ئۆزۈمدىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ.
فَهُوَ فِى عِيشَةٍ رَّاضِيَةٍ (21) فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍ (22) قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ (23)
21 _ 23_ ئۇ (مېۋە ئۈزمەكچى بولغان كىشى قايسى ھالەتتە بولسۇن، ئۇنىڭغا) مېۋىلىرى يېقىن كېلىدىغان، ئالىي جەننەتتىكى باياشات تۇرمۇشتا بولىدۇ.
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَآ أَسْلَفْتُمْ فِى ٱلْأَيَّامِ ٱلْخَالِيَةِ
24 _ (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال _ خورام يەڭلار، ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).
وَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى لَمْ أُوتَ كِتَـٰبِيَهْ
25 _ نامە _ ئەمەلى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ: «كاشكى، نامە _ ئەمەلىم ماڭا بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
26 _ ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!
يَـٰلَيْتَهَا كَانَتِ ٱلْقَاضِيَةَ
27 _ كاشكى، ئۇنىڭ (يەنى ئۆلۈم) بىلەن ھەممە ئىشىم تۈگىگەن بولسىچۇ!
مَآ أَغْنَىٰ عَنِّى مَالِيَهْ ۜ
28 _ مېنىڭ مال _ مۈلۈكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
هَلَكَ عَنِّى سُلْطَـٰنِيَهْ
29 _ مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى» دەپ كېتىدۇ.
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
30 _ (ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئەمر قىلىدۇ): «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار!
ثُمَّ ٱلْجَحِيمَ صَلُّوهُ
31 _ ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار.
ثُمَّ فِى سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَٱسْلُكُوهُ
32 _ ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار.
إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ ٱلْعَظِيمِ
33 _ چۈنكى ئۇ (مەندەك) ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ
34 _ مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمىغان ئىدى.
فَلَيْسَ لَهُ ٱلْيَوْمَ هَـٰهُنَا حَمِيمٌ
35 _ بۈگۈن بۇ يەردە ئۇنىڭغا بىرەر يېقىن دوست يوقتۇر.
وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍ (36) لَّا يَأْكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلْخَـٰطِـُٔونَ (37)
36 _ 37_ ئۇنىڭغا پەقەتلا گۇناھكارلار يەيدىغان يىرىڭ – زەردابتىن باشقا تاماق يوقتۇر».
فَلَآ أُقْسِمُ بِمَا تُبْصِرُونَ (38) وَمَا لَا تُبْصِرُونَ (39)
38 _ 39_ مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ۋە سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
40 _ شەكسىزكى، بۇ (قۇرئان) ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (رەببىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر.
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَاعِرٍ ۚ قَلِيلًا مَّا تُؤْمِنُونَ
41 _ ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر (ئۇنىڭغا) ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيسىلەر.
وَلَا بِقَوْلِ كَاهِنٍ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ
42 _ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئۇنىڭدىن بەك ئاز نەسىھەت ئالىسىلەر.
تَنزِيلٌ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
43 _ (ئۇ) ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ ٱلْأَقَاوِيلِ (44) لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِٱلْيَمِينِ (45)
44 _ 45_ ئەگەر ئۇ (مۇھەممەد) بىزنىڭ نامىمىزدىن ئازغىنا سۆزنى يالغاندىن توقۇغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى شىددەت بىلەن جازالايتتۇق،
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ ٱلْوَتِينَ
46 _ ئاندىن ئۇنىڭ جان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَـٰجِزِينَ
47 _ سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى.
وَإِنَّهُۥ لَتَذْكِرَةٌ لِّلْمُتَّقِينَ
48 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇ (قۇرئان) تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر.
وَإِنَّا لَنَعْلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ
49 _ شەكسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (ئۇنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
وَإِنَّهُۥ لَحَسْرَةٌ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ
50 _ شەكسىزكى، بۇ (قۇرئاننى ئىنكار قىلىش) كاپىرلار ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە نادامەتتۇر.
وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلْيَقِينِ
51 _ مۇقەررەركى، قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇر.
فَسَبِّحْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلْعَظِيمِ
52 _ شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
ھاققە سۈرىسى