ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: دىننى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ناچار ئەخلاقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇئمىنلەرنى ئۇلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
أَرَءَيْتَ ٱلَّذِى يُكَذِّبُ بِٱلدِّينِ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاخىرەت كۈنىنى يالغان دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
فَذَٰلِكَ ٱلَّذِى يَدُعُّ ٱلْيَتِيمَ (2) وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ (3)
2 _ 3_ ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر.
فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ (4) ٱلَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ (5)
4 _ 5_ شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن بىپەرۋا كىشىلەردۇر.
ٱلَّذِينَ هُمْ يُرَآءُونَ (6) وَيَمْنَعُونَ ٱلْمَاعُونَ (7)
6 _ 7_ ئۇلار رىياكارلىق قىلىدىغان، (يىپ، يىڭنە چاغلىق) ئەڭ ئەقەللىي نەرسىنىمۇ ئۆتنە _ يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر.
مائۇن سۈرىسى