ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بەزى ئۆلىمالار 68 _، 69 _ ۋە 70_ ئايەتلىرىنى مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ قارايدۇ.
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلارنىڭ تۈرلۈك يامانلىقلىرىغا قارشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.
تَبَارَكَ ٱلَّذِى نَزَّلَ ٱلْفُرْقَانَ عَلَىٰ عَبْدِهِۦ لِيَكُونَ لِلْعَـٰلَمِينَ نَذِيرًا (1) ٱلَّذِى لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٌ فِى ٱلْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَىْءٍ فَقَدَّرَهُۥ تَقْدِيرًا (2)
1 _ 2_ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۆزىگە خاس بولغان، بالىلىق بولمىغان، ھاكىمىيىتىدە شېرىكى بولمىغان ۋە ھەر نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەم بېكىتكەن ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.
وَٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً لَّا يَخْلُقُونَ شَيْـًٔا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَوٰةً وَلَا نُشُورًا
3 _ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى توسۇپ قالالمايدىغان، ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى توسۇپ قالالمايدىغان، ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىمۇ كەلتۈرەلمەيدىغان، ئۆلتۈرۈشكە، ھاياتلىق بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدىغان (باتىل) ئىلاھلارغا چوقۇندى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ إِفْكٌ ٱفْتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيْهِ قَوْمٌ ءَاخَرُونَ ۖ فَقَدْ جَآءُو ظُلْمًا وَزُورًا
4 _ كاپىرلار: «بۇ (قۇرئان) پەقەتلا (مۇھەممەد ئۆزى) توقۇپ چىققان يالغان سۆزدۇر، ئۇنىڭ توقۇپ چىقىشىغا باشقا بىر قەۋم ياردەم بەرگەن» دېيىشتى. ئۇلار بۇنداق دېيىش ئارقىلىق (پەيغەمبىرىمىزگە) ھەقسىزلىق قىلدى ۋە بوھتان چاپلىدى.
وَقَالُوٓا۟ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ ٱكْتَتَبَهَا فَهِىَ تُمْلَىٰ عَلَيْهِ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
5 _ ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ ئايەتلەر) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى بولۇپ، ئۇ (مۇھەممەد) ئۇلارنى (باشقىلارغا) يازدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ».
قُلْ أَنزَلَهُ ٱلَّذِى يَعْلَمُ ٱلسِّرَّ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
6 _ ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئەزەلدىن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ رەھىم-شەپقەتلىكتۇر».
وَقَالُوا۟ مَالِ هَـٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأْكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمْشِى فِى ٱلْأَسْوَاقِ ۙ لَوْلَآ أُنزِلَ إِلَيْهِ مَلَكٌ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا (7) أَوْ يُلْقَىٰٓ إِلَيْهِ كَنزٌ أَوْ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٌ يَأْكُلُ مِنْهَا ۚ وَقَالَ ٱلظَّـٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلًا مَّسْحُورًا (8)
7 _ 8_ ئۇلار: «بۇ (بىزگە ئوخشاش) تاماق يەيدىغان، بازارلاردا مېڭىپ يۈرىدىغان قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن، نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟ يا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە بېرىملىدى؟ يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىرەر باغ بېرىلمىدى؟» دېيىشتى. بۇ زالىملار (مۇئمىنلەرگە): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى.
ٱنظُرْ كَيْفَ ضَرَبُوا۟ لَكَ ٱلْأَمْثَـٰلَ فَضَلُّوا۟ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ سَبِيلًا
9 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق كەلتۈرگەن مىساللىرىغا قارىغىن، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار راستتىنلا ئازغۇنلۇققا پاتتى، شۇڭا ئۇلار توغرا يول تاپالمايدۇ.
تَبَارَكَ ٱلَّذِىٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيْرًا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ وَيَجْعَل لَّكَ قُصُورًۢا
10 _ ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا، ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە (چوڭ) سارايلارنى ئاتا قىلاتتى.
بَلْ كَذَّبُوا۟ بِٱلسَّاعَةِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا
11 _ ئۇلار (سېنى ئەيىبلەپلا قالمىدى) بەلكى قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق.
إِذَا رَأَتْهُم مِّن مَّكَانٍۭ بَعِيدٍ سَمِعُوا۟ لَهَا تَغَيُّظًا وَزَفِيرًا
12 _ دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە شىددەت بىلەن گۈركىرىگەن ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
وَإِذَآ أُلْقُوا۟ مِنْهَا مَكَانًا ضَيِّقًا مُّقَرَّنِينَ دَعَوْا۟ هُنَالِكَ ثُبُورًا
13 _ ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ.
لَّا تَدْعُوا۟ ٱلْيَوْمَ ثُبُورًا وَٰحِدًا وَٱدْعُوا۟ ثُبُورًا كَثِيرًا
14 _ (ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ).
قُلْ أَذَٰلِكَ خَيْرٌ أَمْ جَنَّةُ ٱلْخُلْدِ ٱلَّتِى وُعِدَ ٱلْمُتَّقُونَ ۚ كَانَتْ لَهُمْ جَزَآءً وَمَصِيرًا
15 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ ياكى تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىدۇر.
لَّهُمْ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَـٰلِدِينَ ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعْدًا مَّسْـُٔولًا
16 _ ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇش بىلەن بىللە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ رەببىڭدىن (ئىشقا ئاشۇرۇش) تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر.
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمْ أَضْلَلْتُمْ عِبَادِى هَـٰٓؤُلَآءِ أَمْ هُمْ ضَلُّوا۟ ٱلسَّبِيلَ
17 _ ئاللاھ شۇ كۈندە ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى يىغىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا: «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى توغرا يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ.
قَالُوا۟ سُبْحَـٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِى لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنْ أَوْلِيَآءَ وَلَـٰكِن مَّتَّعْتَهُمْ وَءَابَآءَهُمْ حَتَّىٰ نَسُوا۟ ٱلذِّكْرَ وَكَانُوا۟ قَوْمًۢا بُورًا
18 _ ئۇ مەبۇدلار (زۇۋانغا كېلىپ) ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى مەدەتكار تۇتۇش بىزگە لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۈڭكى، ھەتتا ئۇلار سېنى ياد ئېتىشىنى ئۇنتۇدى ۋە ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى».
فَقَدْ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسْتَطِيعُونَ صَرْفًا وَلَا نَصْرًا ۚ وَمَن يَظْلِم مِّنكُمْ نُذِقْهُ عَذَابًا كَبِيرًا
19 _ (چوقۇنغۇچىلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر چوقۇنغان مەبۇدلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى توسۇپ قالالمايسىلەر ۋە ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەردىن كىمكى (كۇفرىلىق قىلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز چوڭ ئازابنى تېتىتىمىز».
وَمَآ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمْ لَيَأْكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمْشُونَ فِى ٱلْأَسْوَاقِ ۗ وَجَعَلْنَا بَعْضَكُمْ لِبَعْضٍ فِتْنَةً أَتَصْبِرُونَ ۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرًا
20 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى. (ئى ئىنسانلار!) بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. (بۇ سىناققا) بەرداشلىق بېرەلەمسىلەر؟ رەببىڭ ئەزەلدىن (ھەممىنى) ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَآءَنَا لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْنَا ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ أَوْ نَرَىٰ رَبَّنَا ۗ لَقَدِ ٱسْتَكْبَرُوا۟ فِىٓ أَنفُسِهِمْ وَعَتَوْ عُتُوًّا كَبِيرًا
21 _ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار: «بىزگە نېمىشقا پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمىدى ياكى نېمىشقا رەببىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار ئۆزىنى تولىمۇ چوڭ ساناپ كەتتى ۋە بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
يَوْمَ يَرَوْنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ لَا بُشْرَىٰ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَّحْجُورًا
22 _ ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(خۇش خەۋەر ئاڭلاش سىلەرگە) قەتئىي ھارامدۇر» دەيدۇ.
وَقَدِمْنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُوا۟ مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَـٰهُ هَبَآءً مَّنثُورًا
23 _ بىز ئۇلار قىلغان ھەربىر ئەمەلگە يۈزلىنىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز.
أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ يَوْمَئِذٍ خَيْرٌ مُّسْتَقَرًّا وَأَحْسَنُ مَقِيلًا
24 _ جەننەت ئەھلى ئۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ.
وَيَوْمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلْغَمَـٰمِ وَنُزِّلَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا
25 _ شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئارقىمۇئارقا چۈشۈرىلىدۇ.
ٱلْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ ٱلْحَقُّ لِلرَّحْمَـٰنِ ۚ وَكَانَ يَوْمًا عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ عَسِيرًا
26 _ ئۇ كۈندە ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي رەھمان ئاللاھقا خاستۇر، كاپىرلار ئۈچۈن ئۇ تولىمۇ قىيىن بىر كۈن بولىدۇ.
وَيَوْمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى ٱتَّخَذْتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلًا (27) يَـٰوَيْلَتَىٰ لَيْتَنِى لَمْ أَتَّخِذْ فُلَانًا خَلِيلًا (28) لَّقَدْ أَضَلَّنِى عَنِ ٱلذِّكْرِ بَعْدَ إِذْ جَآءَنِى ۗ وَكَانَ ٱلشَّيْطَـٰنُ لِلْإِنسَـٰنِ خَذُولًا (29)
27 _ 29_ شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر ئىنسان) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! كاشكى، مەن پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! مەن پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن مېنى قۇرئاندىن ئازدۇرۇپتىكەن» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى ھەر دائىم (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ.
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَـٰرَبِّ إِنَّ قَوْمِى ٱتَّخَذُوا۟ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانَ مَهْجُورًا
30 _ پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق (كىتابتەك) قىلىپ قويدى».
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِىٍّ عَدُوًّا مِّنَ ٱلْمُجْرِمِينَ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
31 _ شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە گۇناھكارلارنىڭ ئىچىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق، (ساڭا) يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ يېتەرلىكتۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ ٱلْقُرْءَانُ جُمْلَةً وَٰحِدَةً ۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَ ۖ وَرَتَّلْنَـٰهُ تَرْتِيلًا
32 _ كاپىرلار: «نېمىشقا قۇرئان (مۇھەممەدكە) بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن شۇنداق (بۆلۈپ _ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، چۈشىنىش ۋە يادلاش ئۈچۈن ئوڭاي بولسۇن دەپ)، ئۇنى دانە _ دانە ئوقۇپ بەردۇق.
وَلَا يَأْتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ وَأَحْسَنَ تَفْسِيرًا
33 _ ئۇلار ساڭا قانداقلا بىر سوئالنى قويسۇن، بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق.
ٱلَّذِينَ يُحْشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُو۟لَـٰٓئِكَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضَلُّ سَبِيلًا
34 _ ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۆرىلىپ توپلىنىدۇ. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇن كىشىلەردۇر.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ وَجَعَلْنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَـٰرُونَ وَزِيرًا
35 _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق.
فَقُلْنَا ٱذْهَبَآ إِلَى ٱلْقَوْمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا فَدَمَّرْنَـٰهُمْ تَدْمِيرًا
36 _ ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دېدۇق. (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق.
وَقَوْمَ نُوحٍ لَّمَّا كَذَّبُوا۟ ٱلرُّسُلَ أَغْرَقْنَـٰهُمْ وَجَعَلْنَـٰهُمْ لِلنَّاسِ ءَايَةً ۖ وَأَعْتَدْنَا لِلظَّـٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
37 _ نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا، ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، (ئۇ) زالىملارغا (يەنە) قىينىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
وَعَادًا وَثَمُودَا۟ وَأَصْحَـٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونًۢا بَيْنَ ذَٰلِكَ كَثِيرًا
38 _ ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ زامانلىرى ئارىلىقىدا ياشىغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنىمۇ (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق).
وَكُلًّا ضَرَبْنَا لَهُ ٱلْأَمْثَـٰلَ ۖ وَكُلًّا تَبَّرْنَا تَتْبِيرًا
39 _ ھەربىر قەۋمگە (ھەقىقەتنىڭ دەلىل – پاكىتلىرىنى بايان قىلىپ) مىساللارنى كەلتۈردۇق، (نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدۇق.
وَلَقَدْ أَتَوْا۟ عَلَى ٱلْقَرْيَةِ ٱلَّتِىٓ أُمْطِرَتْ مَطَرَ ٱلسَّوْءِ ۚ أَفَلَمْ يَكُونُوا۟ يَرَوْنَهَا ۚ بَلْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ نُشُورًا
40 _ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) پالاكەت يامغۇرى (تاش) ياغدۇرۇلغان يۇرتلاردىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمامدۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىكى) تىرىلىشكە ئىشەنمەيدۇ.
وَإِذَا رَأَوْكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَـٰذَا ٱلَّذِى بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا (41) إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنْ ءَالِهَتِنَا لَوْلَآ أَن صَبَرْنَا عَلَيْهَا ۚ وَسَوْفَ يَعْلَمُونَ حِينَ يَرَوْنَ ٱلْعَذَابَ مَنْ أَضَلُّ سَبِيلًا (42)
41 _ 42_ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سېنى كۆرسىلا مەسخىرە نىشانى قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟ ئەگەر بىز ئىلاھلىرىمىزغا (چوقۇنۇشتا) چىڭ تۇرمىغان بولساق، (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتىكەن» (دېيىشتى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىپ قالىدۇ.
أَرَءَيْتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَـٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا
43 _ (ئى پەيغەمبەر!) نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە قارىمامسەن؟ سەن ئۇنداق ئادەمگە ھامىي بولالامسەن؟
أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ ۚ إِنْ هُمْ إِلَّا كَٱلْأَنْعَـٰمِ ۖ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا
44 _ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر ئازغۇندۇر.
أَلَمْ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيْفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوْ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنًا ثُمَّ جَعَلْنَا ٱلشَّمْسَ عَلَيْهِ دَلِيلًا
45 _ رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا، ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى. ئاندىن بىز قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق.
ثُمَّ قَبَضْنَـٰهُ إِلَيْنَا قَبْضًا يَسِيرًا
46 _ ئاندىن ئۇ (سايە)نى ئاستا – ئاستا يىغىۋالدۇق.
وَهُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِبَاسًا وَٱلنَّوْمَ سُبَاتًا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورًا
47 _ ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى يېپىنچا، ئۇيقۇنى راھەت، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن) تارقىلىدىغان ۋاقىت قىلغان زاتتۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ ٱلرِّيَـٰحَ بُشْرًۢا بَيْنَ يَدَىْ رَحْمَتِهِۦ ۚ وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً طَهُورًا (48) لِّنُحْـِۧىَ بِهِۦ بَلْدَةً مَّيْتًا وَنُسْقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقْنَآ أَنْعَـٰمًا وَأَنَاسِىَّ كَثِيرًا (49)
48 _ 49_ ئاللاھ رەھمىتى (بولغان يامغۇر)نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زاتتۇر. بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان نۇرغۇن ھايۋانلارنى ۋە ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق.
وَلَقَدْ صَرَّفْنَـٰهُ بَيْنَهُمْ لِيَذَّكَّرُوا۟ فَأَبَىٰٓ أَكْثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورًا
50 _ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ تۇردۇق. (ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ) ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۇفرىلىقتىن باشقىسىغا ئۇنىمىدى.
وَلَوْ شِئْنَا لَبَعَثْنَا فِى كُلِّ قَرْيَةٍ نَّذِيرًا
51 _ ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە ھەربىر يۇرتقا بىردىن ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق.
فَلَا تُطِعِ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَجَـٰهِدْهُم بِهِۦ جِهَادًا كَبِيرًا
52 _ (سېنى زېمىن ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق) سەن كاپىرلارغا بويسۇنمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى چوڭ جىھاد ئېلىپ بارغىن.
وَهُوَ ٱلَّذِى مَرَجَ ٱلْبَحْرَيْنِ هَـٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَـٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَّحْجُورًا
53 _ ئاللاھ بىرى بەك تاتلىق، بىرى بەك تۇزلۇق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىر _ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىلىپ ئاقتۇرغان ۋە (ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (كۆرۈنمەيدىغان) توسۇق ۋە مۇستەھكەم پاسىل بەرپا قىلغان زاتتۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ مِنَ ٱلْمَآءِ بَشَرًا فَجَعَلَهُۥ نَسَبًا وَصِهْرًا ۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرًا
54 _ ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئۇنى نەسەبلىك ۋە قۇدا _ باجىلىق قىلغان زاتتۇر. رەببىڭ ئەزەلدىن ھەممىگە قادىردۇر.
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمْ وَلَا يَضُرُّهُمْ ۗ وَكَانَ ٱلْكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرًا
55 _ (ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر ئىنسان ھەر دائىم رەببىگە قارشى تۇرۇپ (شەيتانغا ياردەمچى بولۇپ) كەلدى.
وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
56 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق.
قُلْ مَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًا
57 _ سەن (ئۇلارغا ئېيتقىنكى): «مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت خالىغان كىشىلەرنىڭ رەببى تەرەپكە يول ئېلىشنىلا تىلەيمەن».
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱلْحَىِّ ٱلَّذِى لَا يَمُوتُ وَسَبِّحْ بِحَمْدِهِۦ ۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا
58 _ ھېچ ئۆلمەيدىغان، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر.
ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۚ ٱلرَّحْمَـٰنُ فَسْـَٔلْ بِهِۦ خَبِيرًا
59 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىگەن زاتتۇر. ئۇ رەھماندۇر. سەن بۇنى بىلىدىغان زاتتىن (يەنى ئاللاھتىن) سورىغىن.
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسْجُدُوا۟ لِلرَّحْمَـٰنِ قَالُوا۟ وَمَا ٱلرَّحْمَـٰنُ أَنَسْجُدُ لِمَا تَأْمُرُنَا وَزَادَهُمْ نُفُورًا ۩
60 _ ئۇلارغا: «رەھمانغا سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز سەن بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. (بۇ سۆز) ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
تَبَارَكَ ٱلَّذِى جَعَلَ فِى ٱلسَّمَآءِ بُرُوجًا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجًا وَقَمَرًا مُّنِيرًا
61 _ ئاسماندا ئوربىتىلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ (قۇياش)نى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِى جَعَلَ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ خِلْفَةً لِّمَنْ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوْ أَرَادَ شُكُورًا
62 _ ئاللاھ ئىبرەت ئېلىشنى ياكى شۈكۈر قىلىشنى خالىغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
وَعِبَادُ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى ٱلْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ ٱلْجَـٰهِلُونَ قَالُوا۟ سَلَـٰمًا
63 _ رەھمان ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلار: «ئامان بولۇڭلار» دەيدۇ (يەنى گۈزەل سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ).
وَٱلَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَـٰمًا
64 _ ئۇلار كېچىلەرنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ ۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
65 _ ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! جەھەننەم ئازابىنى بىزدىن يىراق قىلغىن، شەكسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابى دائىملىقتۇر.
إِنَّهَا سَآءَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
66 _ جەھەننەم راستتىنلا يامان قارارگاھتۇر، يامان تۇرالغۇدۇر».
وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَنفَقُوا۟ لَمْ يُسْرِفُوا۟ وَلَمْ يَقْتُرُوا۟ وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا
67 _ ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، (چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ) ئىسراپ قىلمايدۇ، (بېخىللىق قىلىپ) چىڭ تۇتۇۋالمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.
وَٱلَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ ٱلنَّفْسَ ٱلَّتِى حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا
68 _ ئۇلار ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ (ئۆلتۈرۈشنى) ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدۇ، زىنا قىلمايدۇ. كىمكى بۇ (گۇناھلاردىن بىرەرسى)نى قىلىدىكەن، ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ.
يُضَـٰعَفْ لَهُ ٱلْعَذَابُ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِۦ مُهَانًا
69 _ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ خارلانغان ھالدا ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَـٰلِحًا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِهِمْ حَسَنَـٰتٍ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
70 _ پەقەت تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَإِنَّهُۥ يَتُوبُ إِلَى ٱللَّهِ مَتَابًا
71 _ كىمكى تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئۇ ئاللاھقا ھەقىقىي يۈزلەنگەن بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا۟ بِٱللَّغْوِ مَرُّوا۟ كِرَامًا
72 _ ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرى) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، بىھۇدە سۆز _ ھەرىكەتلەرگە يولۇققاندا، ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ لَمْ يَخِرُّوا۟ عَلَيْهَا صُمًّا وَعُمْيَانًا
73 _ ئۇلارغا رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلىنسا، گاس ۋە كور بولۇۋالمايدۇ.
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَٰجِنَا وَذُرِّيَّـٰتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَٱجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
74 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىغىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى قىلغىن» دەيدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ يُجْزَوْنَ ٱلْغُرْفَةَ بِمَا صَبَرُوا۟ وَيُلَقَّوْنَ فِيهَا تَحِيَّةً وَسَلَـٰمًا
75 _ ئەنە شۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغانلىقى ئۈچۈن، (جەننەتتىكى) ئالىي سارايلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە ھۆرمەت ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۚ حَسُنَتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا
76 _ ئۇلار ئالىي سارايلاردا مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇ سارايلار نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي!
قُلْ مَا يَعْبَؤُا۟ بِكُمْ رَبِّى لَوْلَا دُعَآؤُكُمْ ۖ فَقَدْ كَذَّبْتُمْ فَسَوْفَ يَكُونُ لِزَامًۢا
77 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ (دۇئا ۋە ئىبادەت بىلەن) يالۋۇرۇشۇڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. (ئى كاپىرلار!) سىلەر (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلدىڭلار، شۇڭا سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا قالىسىلەر».
فۇرقان سۈرىسى