تاھا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 135 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دىننى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۈچلەندۈرۈش ۋە چىدامچان بولۇشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر.

طه
1 _ تا، ھا (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
مَآ أَنزَلْنَا عَلَيْكَ ٱلْقُرْءَانَ لِتَشْقَىٰٓ (2) إِلَّا تَذْكِرَةً لِّمَن يَخْشَىٰ (3)
2 _ 3 _ بىز ساڭا قۇرئاننى سېنى جاپاغا قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز _ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
تَنزِيلًا مِّمَّنْ خَلَقَ ٱلْأَرْضَ وَٱلسَّمَـٰوَٰتِ ٱلْعُلَى
4 _ بۇ (قۇرئان) زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
ٱلرَّحْمَـٰنُ عَلَى ٱلْعَرْشِ ٱسْتَوَىٰ
5 _ رەھمان ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىدى.
لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ ٱلثَّرَىٰ
6 _ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر.
وَإِن تَجْهَرْ بِٱلْقَوْلِ فَإِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلسِّرَّ وَأَخْفَى
7 _ سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭمۇ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭمۇ، ئاللاھ ئۈچۈن بەرىبىردۇر)، چۈنكى ئاللاھ (ھەرقانداق) سىرنى ۋە ئۇنىڭدىن بەك مەخپىي ئىشلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.
ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ ٱلْأَسْمَآءُ ٱلْحُسْنَىٰ
8 _ ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار.
وَهَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ
9 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسانىڭ قىسسىسى كەلدىمۇ؟
إِذْ رَءَا نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ ٱمْكُثُوٓا۟ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا لَّعَلِّىٓ ءَاتِيكُم مِّنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى ٱلنَّارِ هُدًى
10 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە: «سىلەر (بۇ يەردە) تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ قالدىم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىر تال چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِىَ يَـٰمُوسَىٰٓ (11) إِنِّىٓ أَنَا۠ رَبُّكَ فَٱخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِٱلْوَادِ ٱلْمُقَدَّسِ طُوًى (12)
11 _ 12 _ مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭمەن، كەشىڭنى سالغىن. چۈنكى سەن (ھازىر) مۇقەددەس تۇۋا [1] ۋادىسىدا تۇرۇۋاتىسەن.
وَأَنَا ٱخْتَرْتُكَ فَٱسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰٓ
13 _ مەن سېنى تاللىدىم، ئەمدى سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن.
إِنَّنِىٓ أَنَا ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعْبُدْنِى وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ لِذِكْرِىٓ
14 _ مەن ھەقىقەتەن ئاللاھمەن، مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا سەن ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن.
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ أَكَادُ أُخْفِيهَا لِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا تَسْعَىٰ
15 _ ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ياكى جازالىنىشى ئۈچۈن، مەن ۋاقتىنى قاتتىق مەخپىي تۇتقان قىيامەت چوقۇم بولىدۇ.
فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَن لَّا يُؤْمِنُ بِهَا وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ فَتَرْدَىٰ
16 _ قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن) توسۇپ قويمىسۇن، ئۇ چاغدا، ئۆزۈڭ ھالاك بولۇپ كېتىسەن.
وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَـٰمُوسَىٰ
17 _ ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟».
قَالَ هِىَ عَصَاىَ أَتَوَكَّؤُا۟ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِى وَلِىَ فِيهَا مَـَٔارِبُ أُخْرَىٰ
18 _ مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنى يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمغىمۇ ئىشلىتىمەن».
قَالَ أَلْقِهَا يَـٰمُوسَىٰ
19 _ ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى.
فَأَلْقَىٰهَا فَإِذَا هِىَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
20 _ مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان تېز مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى.
قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا ٱلْأُولَىٰ
21 _ ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنى تۇتقىن! قورقمىغىن! بىز ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز.
وَٱضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَآءَ مِنْ غَيْرِ سُوٓءٍ ءَايَةً أُخْرَىٰ
22 _ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر ئەيىب – نۇقسان بولغانلىقىدىن ئەمەس، يەنە بىر مۆجىزە سۈپىتىدە ئاپئاق نۇرلۇق بولۇپ چىقىدۇ.
لِنُرِيَكَ مِنْ ءَايَـٰتِنَا ٱلْكُبْرَى
23 _ (بۇنداق قىلىش) ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بەزىسىنى كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈندۇر.
ٱذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
24 _ پىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
قَالَ رَبِّ ٱشْرَحْ لِى صَدْرِى
25 _ مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مېنىڭ كۆڭلى _ كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،
وَيَسِّرْ لِىٓ أَمْرِى
26 _ مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن.
وَٱحْلُلْ عُقْدَةً مِّن لِّسَانِى
27 _ تىلىمدىن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن،
يَفْقَهُوا۟ قَوْلِى
28 _ ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
وَٱجْعَل لِّى وَزِيرًا مِّنْ أَهْلِى
29 _ 30_ ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن.
هَـٰرُونَ أَخِى
29 _ 30_ ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن.
ٱشْدُدْ بِهِۦٓ أَزْرِى
31 _ ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن.
وَأَشْرِكْهُ فِىٓ أَمْرِى
32 _ مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن.
كَىْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
33 _ بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
34 _ ساڭا كۆپ زىكىر ئېيتقايمىز.
إِنَّكَ كُنتَ بِنَا بَصِيرًا
35 _ شەكسىزكى، سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن».
قَالَ قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَـٰمُوسَىٰ
36 _ ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغانلىرىڭ ھەقىقەتەن ساڭا بېرىلدى.
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰٓ
37 _ بىز ھەقىقەتەن (بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ) ساڭا باشقا بىر نېمەت ئاتا قىلغان ئىدۇق.
إِذْ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰٓ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰٓ (38) أَنِ ٱقْذِفِيهِ فِى ٱلتَّابُوتِ فَٱقْذِفِيهِ فِى ٱلْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ ٱلْيَمُّ بِٱلسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِّى وَعَدُوٌّ لَّهُۥ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِّنِّى وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِىٓ (39)
38 _ 39 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز ئاناڭغا: ‹مۇسانى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بەرگىن، شۇنىڭ بىلەن دەريا ئۇنى قىرغاققا چىقىرىپ قويسۇن، ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى (بولغان پىرئەۋن) ئېلىۋالسۇن!› دەپ، ئىلھام قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى (شۇنداق) ئىلھام قىلغان ئىدۇق. (ئى مۇسا! سېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلۈشۈڭ)، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يېتىشتۈرۈلىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا ئۆز تەرىپىمدىن مېھرى ئىسسىقلىق ئاتا قىلدىم.
إِذْ تَمْشِىٓ أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَن يَكْفُلُهُۥ ۖ فَرَجَعْنَـٰكَ إِلَىٰٓ أُمِّكَ كَىْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَـٰكَ مِنَ ٱلْغَمِّ وَفَتَنَّـٰكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِىٓ أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَـٰمُوسَىٰ
40 _ ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: ‹سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇرغان ئىدىڭ. كېيىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (مەديەندىن تۇرسىناغا) كەلدىڭ.
وَٱصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِى
41 _ مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ چىقتىم.
ٱذْهَبْ أَنتَ وَأَخُوكَ بِـَٔايَـٰتِى وَلَا تَنِيَا فِى ذِكْرِى
42 _ (ئى مۇسا!) سەن ۋە قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى ياد ئېتىشتە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار.
ٱذْهَبَآ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ
43 _ سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
فَقُولَا لَهُۥ قَوْلًا لَّيِّنًا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
44 _ ئۇنىڭغا سىلىق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ئەقلىنى تېپىشى ياكى (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقىشى مۇمكىن.
قَالَا رَبَّنَآ إِنَّنَا نَخَافُ أَن يَفْرُطَ عَلَيْنَآ أَوْ أَن يَطْغَىٰ
45 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن (بىز پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن) ئۇنىڭ بىزگە ئالدىراپ قول سېلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى.
قَالَ لَا تَخَافَآ ۖ إِنَّنِى مَعَكُمَآ أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
46 _ ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، (ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (مۇئامىلىسىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن.
فَأْتِيَاهُ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَـٰكَ بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّكَ ۖ وَٱلسَّلَـٰمُ عَلَىٰ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلْهُدَىٰٓ
47 _ سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ‹بىز ئىككىمىز ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئەمدى، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. بىز ساڭا راستتىنلا رەببىڭدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق، ئامانلىق ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە مەنسۇپتۇر.
إِنَّا قَدْ أُوحِىَ إِلَيْنَآ أَنَّ ٱلْعَذَابَ عَلَىٰ مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
48 _ بىزگە شەكسىز ۋەھيى قىلىندىكى، ئازاب (ھەقىقەتنى) يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمگە بولىدۇ› دەڭلار».
قَالَ فَمَن رَّبُّكُمَا يَـٰمُوسَىٰ
49 _ پىرئەۋن: «ئى مۇسا! سىلەرنىڭ رەببىڭلار كىم؟» دېدى.
قَالَ رَبُّنَا ٱلَّذِىٓ أَعْطَىٰ كُلَّ شَىْءٍ خَلْقَهُۥ ثُمَّ هَدَىٰ
50 _ مۇسا ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە خاس) شەكىل، (ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت) ئاتا قىلغان، ئاندىن (ھەربىر مەخلۇقنى ھاياتلىق يوللىرىغا) يېتەكلىگەن زاتتۇر».
قَالَ فَمَا بَالُ ٱلْقُرُونِ ٱلْأُولَىٰ
51 _ پىرئەۋن: «ئۇنداقتا، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق بولغان؟» دېدى.
قَالَ عِلْمُهَا عِندَ رَبِّى فِى كِتَـٰبٍ ۖ لَّا يَضِلُّ رَبِّى وَلَا يَنسَى
52 _ مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات رەببىمنىڭ دەرگاھىدىكى كىتاب (لەۋھۇلمەھفۇز)دا خاتىرىلەنگەندۇر. رەببىم خاتالاشمايدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ.
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّن نَّبَاتٍ شَتَّىٰ
53 _ ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەرگەن، سىلەر ئۈچۈن يوللارنى ئېچىپ بەرگەن، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇنىڭ بىلەن (رەڭدە، شەكىلدە، پۇراقتا ۋە تەمدە) بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق».
كُلُوا۟ وَٱرْعَوْا۟ أَنْعَـٰمَكُمْ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّأُو۟لِى ٱلنُّهَىٰ
54 _ سىلەر (ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
مِنْهَا خَلَقْنَـٰكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَىٰ
55 _ بىز سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، (ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرىمىز، (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) سىلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن چىقىرىمىز.
وَلَقَدْ أَرَيْنَـٰهُ ءَايَـٰتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
56 _ شەكسىزكى، بىز (پىرئەۋنگە) مۆجىزىلىرىمىزنىڭ ھەممە تۈرىنى كۆرسەتكەن ئىدۇق. ئۇ (يەنىلا) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشقا) ئۇنىمىدى.
قَالَ أَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ أَرْضِنَا بِسِحْرِكَ يَـٰمُوسَىٰ
57 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «ھەي مۇسا! سەن سېھرىڭگە تايىنىپ بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟
فَلَنَأْتِيَنَّكَ بِسِحْرٍ مِّثْلِهِۦ فَٱجْعَلْ بَيْنَنَا وَبَيْنَكَ مَوْعِدًا لَّا نُخْلِفُهُۥ نَحْنُ وَلَآ أَنتَ مَكَانًا سُوًى
58 _ (بىلىپ قويغىنكى)، بىزمۇ ساڭا شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇناسىپ جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى».
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ ٱلزِّينَةِ وَأَن يُحْشَرَ ٱلنَّاسُ ضُحًى
59 _ مۇسا ئېيتتى: «سىلەر بىلەن كېلىشكەن ۋاقتىمىز بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن».
فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُۥ ثُمَّ أَتَىٰ
60 _ پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ، ھىيلىسىنى (يەنى سېھىرگەرلىرىنى) توپلىدى، ئاندىن (ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى.
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُم بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ ٱفْتَرَىٰ
61 _ مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ».
فَتَنَـٰزَعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا۟ ٱلنَّجْوَىٰ
62 _ ئۇلار (مۇسا ۋە ھارۇنغا قوللىنىلىدىغان) تەدبىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىشتى ۋە يوشۇرۇن مەسلىھەتلەشتى.
قَالُوٓا۟ إِنْ هَـٰذَٰنِ لَسَـٰحِرَٰنِ يُرِيدَانِ أَن يُخْرِجَاكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ ٱلْمُثْلَىٰ
63 _ ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئەڭ توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى.
فَأَجْمِعُوا۟ كَيْدَكُمْ ثُمَّ ٱئْتُوا۟ صَفًّا ۚ وَقَدْ أَفْلَحَ ٱلْيَوْمَ مَنِ ٱسْتَعْلَىٰ
64 _ سىلەر ھىيلەڭلارنى (بارلىق سېھىرلىرىڭلارنى) توپلاڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ كېلىڭلار. بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ».
قَالُوا۟ يَـٰمُوسَىٰٓ إِمَّآ أَن تُلْقِىَ وَإِمَّآ أَن نَّكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَىٰ
65 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! سەن ئاۋۋال تاشلامسەن ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟».
قَالَ بَلْ أَلْقُوا۟ ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِن سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
66 _ مۇسا: «ياق، سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىۋىدى) شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭغا تېز مېڭىۋاتقان (يىلانلار)دەك تۇيۇلدى.
فَأَوْجَسَ فِى نَفْسِهِۦ خِيفَةً مُّوسَىٰ
67 _ (بۇنىڭدىن) مۇسا بىردىنلا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى.
قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْأَعْلَىٰ
68 _ بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن! شەكسىزكى، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن.
وَأَلْقِ مَا فِى يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوٓا۟ ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا۟ كَيْدُ سَـٰحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ ٱلسَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
69 _ ئوڭ قولۇڭدىكىنى (ھاسىنى) تاشلىغىنكى، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر. سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
فَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ هَـٰرُونَ وَمُوسَىٰ
70 _ (مۇسانىڭ ھاسىسى سېھىرگەرلەرنىڭ سېھىرلىرىنى يۇتۇپ كەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر دەرھال سەجدىگە باش قويۇپ: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
قَالَ ءَامَنتُمْ لَهُۥ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِى عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَـٰفٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِى جُذُوعِ ٱلنَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَآ أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
71 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلارمۇ؟ شەكسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن. ئەمدى چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ _ سول قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن. سىلەر (مەن بىلەن مۇسانىڭ رەببىدىن) قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر».
قَالُوا۟ لَن نُّؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَآءَنَا مِنَ ٱلْبَيِّنَـٰتِ وَٱلَّذِى فَطَرَنَا ۖ فَٱقْضِ مَآ أَنتَ قَاضٍ ۖ إِنَّمَا تَقْضِى هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَآ
72 _ ئۇلار ئېيتتى: «بىز سېنى بىزگە كەلگەن ئوپئوچۇق مۆجىزىلەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ھەرگىز ئارتۇق كۆرمەيمىز (ئاللاھنى تاشلاپ سېنى تاللىمايمىز). سەن (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) قانداق ھۆكۈم قىلغۇڭ كەلسە، شۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەر! سەن پەقەت مۇشۇ دۇنيا ھاياتىدىلا ھۆكۈم قىلالايسەن.
إِنَّآ ءَامَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَـٰيَـٰنَا وَمَآ أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ ٱلسِّحْرِ ۗ وَٱللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰٓ
73 _ بىز ھەقىقەتەن خاتالىقلىرىمىزنى ۋە سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا سېھىر كۆرسەتكەنلىك گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ رەببىمىزگە شەكسىز ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھ (مۇكاپاتى) ئەڭ ياخشى، (جازاسى) دائىمىي بولغان زاتتۇر».
إِنَّهُۥ مَن يَأْتِ رَبَّهُۥ مُجْرِمًا فَإِنَّ لَهُۥ جَهَنَّمَ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
74 _ كىمكى رەببىنىڭ ئالدىغا گۇناھكار ھالدا بارىدىكەن، ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يا ئۆلمەيدۇ، ياكى (ئوبدان) ياشىمايدۇ.
وَمَن يَأْتِهِۦ مُؤْمِنًا قَدْ عَمِلَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلدَّرَجَـٰتُ ٱلْعُلَىٰ
75 _ كىمكى رەببىنىڭ ئالدىغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بىر مۇئمىن ھالىتىدە بارسا، ئەنە شۇلارغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلەر بار.
جَنَّـٰتُ عَدْنٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ مَن تَزَكَّىٰ
76 _ (ئۇ دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، (قەسىرلىرىنىڭ ۋە دەل-دەرەخلىرىنىڭ) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئۇ جايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەمنىڭ مۇكاپاتىدۇر.
وَلَقَدْ أَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِى فَٱضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِى ٱلْبَحْرِ يَبَسًا لَّا تَخَـٰفُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
77 _ شەكسىزكى، بىز مۇساغا: «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىلەپ (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، ھاساڭنى دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋن قوشۇنلىرىنىڭ سىلەرگە) يېتىشىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) ئەنسىرىمىگىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُودِهِۦ فَغَشِيَهُم مِّنَ ٱلْيَمِّ مَا غَشِيَهُمْ
78 _ پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋىدى، ئۇلارنى دەھشەتلىك دېڭىز سۈيى ئورىۋېلىپ غەرق قىلىۋەتتى.
وَأَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهُۥ وَمَا هَدَىٰ
79 _ پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىمىدى.
يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ قَدْ أَنجَيْنَـٰكُم مِّنْ عَدُوِّكُمْ وَوَٰعَدْنَـٰكُمْ جَانِبَ ٱلطُّورِ ٱلْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ ٱلْمَنَّ وَٱلسَّلْوَىٰ
80 _ ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەرگە تۇر (تېغى)نىڭ ئوڭ تەرىپىدە (ئۇچرىشىشنى) ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق.
كُلُوا۟ مِن طَيِّبَـٰتِ مَا رَزَقْنَـٰكُمْ وَلَا تَطْغَوْا۟ فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبِى ۖ وَمَن يَحْلِلْ عَلَيْهِ غَضَبِى فَقَدْ هَوَىٰ
81 _ (ئېيتتۇقكى) «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، سىلەرگە غەزىپىم چۈشىدۇ. مېنىڭ غەزىپىم كىمگە چۈشسە، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ.
وَإِنِّى لَغَفَّارٌ لِّمَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا ثُمَّ ٱهْتَدَىٰ
82 _ شەكسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمگە ھەقىقەتەن بەك مەغپىرەت قىلغۇچىمەن».
وَمَآ أَعْجَلَكَ عَن قَوْمِكَ يَـٰمُوسَىٰ
83 _ «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇر تېغىغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» (دېدۇق).
قَالَ هُمْ أُو۟لَآءِ عَلَىٰٓ أَثَرِى وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
84 _ مۇسا ئېيتتى: «ئۇلارمۇ كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ. ئى رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم».
قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنۢ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ ٱلسَّامِرِىُّ
85 _ ئاللاھ ئېيتتى: «سەن (قەۋمىڭنىڭ يېنىدىن كەتكەن)دىن كېيىن، بىز ئۇلارنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى».
فَرَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوْمِهِۦ غَضْبَـٰنَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَـٰقَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ ٱلْعَهْدُ أَمْ أَرَدتُّمْ أَن يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُم مَّوْعِدِى
86 _ مۇسا (بۇنى ئاڭلاپ) قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە رەببىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (بۇ ۋەدىگە) شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلارغا رەببىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى خالىغانلىقتىن، شۇڭا ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى.
قَالُوا۟ مَآ أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَـٰكِنَّا حُمِّلْنَآ أَوْزَارًا مِّن زِينَةِ ٱلْقَوْمِ فَقَذَفْنَـٰهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى ٱلسَّامِرِىُّ
87 _ ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە بىز ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىزگە (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن زور مىقداردا يۈكلەنگەن ئىدى، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ تاشلىدى».
فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُۥ خُوَارٌ فَقَالُوا۟ هَـٰذَآ إِلَـٰهُكُمْ وَإِلَـٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِىَ
88 _ سامىرى ئۇلارغا (ئېرىتىلگەن زىننەت بۇيۇملىرىدىن) مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلى ياساپ چىقتى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر، مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر. مۇسا (بۇنى) ئۇنتۇپ قاپتۇ» دېدى.
أَفَلَا يَرَوْنَ أَلَّا يَرْجِعُ إِلَيْهِمْ قَوْلًا وَلَا يَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا
89 _ ئۇلار ئۇ موزاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پايدا _ زىيىنىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَـٰرُونُ مِن قَبْلُ يَـٰقَوْمِ إِنَّمَا فُتِنتُم بِهِۦ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ ٱلرَّحْمَـٰنُ فَٱتَّبِعُونِى وَأَطِيعُوٓا۟ أَمْرِى
90 _ شەكسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇ (ھەيكەل) بىلەن سىنالدىڭلار، شەكسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھمان ئاللاھتۇر، ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېگەن ئىدى.
قَالُوا۟ لَن نَّبْرَحَ عَلَيْهِ عَـٰكِفِينَ حَتَّىٰ يَرْجِعَ إِلَيْنَا مُوسَىٰ
91 _ ئۇلار: «مۇسا يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى.
قَالَ يَـٰهَـٰرُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوٓا۟ (92) أَلَّا تَتَّبِعَنِ ۖ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِى (93)
92 _ 93_ مۇسا (قايتىپ كېلىپ) ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا مېنىڭ ئارقىمدىن كېلىشىڭگە نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟».
قَالَ يَبْنَؤُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِى وَلَا بِرَأْسِىٓ ۖ إِنِّى خَشِيتُ أَن تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِى
94 _ ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن راستتىنلا سېنىڭ مېنى ‹سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، مېنىڭ سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَـٰسَـٰمِرِىُّ
95 _ مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزىڭ نېمە؟».
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا۟ بِهِۦ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِّنْ أَثَرِ ٱلرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِى نَفْسِى
96 _ سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (جىبرىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم _ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم (ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقتى)، مۇشۇنداق قىلىشنى ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى».
قَالَ فَٱذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِى ٱلْحَيَوٰةِ أَن تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَّن تُخْلَفَهُۥ ۖ وَٱنظُرْ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِكَ ٱلَّذِى ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَّنُحَرِّقَنَّهُۥ ثُمَّ لَنَنسِفَنَّهُۥ فِى ٱلْيَمِّ نَسْفًا
97 _ مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «يوقال! چۈنكى ھاياتى دۇنيادا ساڭا بېرىلىدىغان جازا (ساڭا ئۇچرىغان ھەربىر ئادەمگە) ‹ماڭا تەگمەڭلار!› دېيىشىڭدىن ئىبارەت بولىدۇ، شەكسىزكى، (ئاخىرەتتىكى جازايىڭ ئۈچۈن) ساڭا ۋەدە قىلىنغان مۇئەييەن بىر ۋاقىت بار، ئۇ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىنمايدۇ. سەن چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا سورۇۋېتىمىز».
إِنَّمَآ إِلَـٰهُكُمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِى لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَسِعَ كُلَّ شَىْءٍ عِلْمًا
98 _ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ئىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر.
كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنۢبَآءِ مَا قَدْ سَبَقَ ۚ وَقَدْ ءَاتَيْنَـٰكَ مِن لَّدُنَّا ذِكْرًا
99 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىپ بېرىمىز، شەكسىزكى، بىز ساڭا دەرگاھىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق.
مَّنْ أَعْرَضَ عَنْهُ فَإِنَّهُۥ يَحْمِلُ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وِزْرًا
100 _ كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ چوقۇم قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن ئىبارەت) ئېغىر بىر يۈكنى كۆتۈرىدۇ.
خَـٰلِدِينَ فِيهِ ۖ وَسَآءَ لَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ حِمْلًا
101 _ ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان) گۇناھ نېمىدېگەن يامان!
يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ ۚ وَنَحْشُرُ ٱلْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا
102 _ ئۇ كۈندە سۇر (ئىككىنچى قېتىم) [2] چېلىنىدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى كۆك كۆز[3]، (قارا يۈزلۈك) ھالەتتە (ھېساب مەيدانىغا) يىغىمىز.
يَتَخَـٰفَتُونَ بَيْنَهُمْ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا عَشْرًا
103 _ (قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن دۇنيا ھاياتى قىسقا تۇيۇلۇپ كېتىپ) ئۇلار بىر _ بىرىگە «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ.
نَّحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذْ يَقُولُ أَمْثَلُهُمْ طَرِيقَةً إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا يَوْمًا
104 _ ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنىمۇ: «سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
وَيَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلْجِبَالِ فَقُلْ يَنسِفُهَا رَبِّى نَسْفًا
105 _ ئۇلار سەندىن (قىيامەت كۈنى) تاغلار (نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «رەببىم ئۇلارنى توزۇتۇپ سورۇيدۇ،
فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
106 _ ئاندىن (ئۇلارنىڭ ئورنىنى) تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
لَّا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجًا وَلَآ أَمْتًا
107 _ سەن ئۇ تۈزلەڭلىكتە چوڭقۇرلۇقنىمۇ، ئېگىزلىكنىمۇ كۆرمەيسەن».
يَوْمَئِذٍ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِىَ لَا عِوَجَ لَهُۥ ۖ وَخَشَعَتِ ٱلْأَصْوَاتُ لِلرَّحْمَـٰنِ فَلَا تَسْمَعُ إِلَّا هَمْسًا
108 _ بۇ كۈندە ئىنسانلار بىر چاقىرغۇچىغا (ئىسرافىلغا) ئەگىشىپ ئۇدۇل ماڭىدۇ، رەھمان ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقۇپ بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلىشىشتىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن.
يَوْمَئِذٍ لَّا تَنفَعُ ٱلشَّفَـٰعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَرَضِىَ لَهُۥ قَوْلًا
109 _ بۇ كۈندە رەھمان ئاللاھ رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ.
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِۦ عِلْمًا
110 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى (يەنى ئۆتمۈشلىرىنى ۋە كېلەچەكلىرىنى) بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئاللاھنى تولۇق بىلمەيدۇ.
وَعَنَتِ ٱلْوُجُوهُ لِلْحَىِّ ٱلْقَيُّومِ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا
111 _ يۈزلەر (يەنى بەندىلەر) مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى مەڭگۈ ھايات ئاللاھ ئۈچۈن ئېگىلىدۇ، (ئاخىرەتكە) زۇلۇم بىلەن كەلگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
وَمَن يَعْمَلْ مِنَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا يَخَافُ ظُلْمًا وَلَا هَضْمًا
112 _ مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (گۇناھىنىڭ) كۆپىيىپ كېتىشىدىن، (ساۋابىنىڭ) كېمىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ.
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَـٰهُ قُرْءَانًا عَرَبِيًّا وَصَرَّفْنَا فِيهِ مِنَ ٱلْوَعِيدِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ أَوْ يُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا
113 _ بىز شۇنىڭدەك، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) ساقلانسۇن ياكى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاننى ساڭا ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق.
فَتَعَـٰلَى ٱللَّهُ ٱلْمَلِكُ ٱلْحَقُّ ۗ وَلَا تَعْجَلْ بِٱلْقُرْءَانِ مِن قَبْلِ أَن يُقْضَىٰٓ إِلَيْكَ وَحْيُهُۥ ۖ وَقُل رَّبِّ زِدْنِى عِلْمًا
114 _ ھەقىقىي پادىشاھ بولغان ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. (ئى پەيغەمبەر!) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىۋاتقان بۆلۈكى تولۇق نازىل قىلىنىپ بولمىغۇچە، ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. «ئى رەببىم! ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن.
وَلَقَدْ عَهِدْنَآ إِلَىٰٓ ءَادَمَ مِن قَبْلُ فَنَسِىَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُۥ عَزْمًا
115 _ ئىلگىرى بىز ئادەمگە (مەلۇم دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق، ئۇ بۇنى يادىدىن چىقاردى، بىز ئۇنىڭدا مۇستەھكەم ئىرادىنىمۇ كۆرمىدۇق.
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ ٱسْجُدُوا۟ لِـَٔادَمَ فَسَجَدُوٓا۟ إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰ
116 _ ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى.
فَقُلْنَا يَـٰٓـَٔادَمُ إِنَّ هَـٰذَا عَدُوٌّ لَّكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ ٱلْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰٓ
117 _ بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ (شەيتان) سېنىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، ئۇ چاغدا سەن جاپا _ مۇشەققەتتە قالىسەن.
إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعْرَىٰ
118 _ جەننەتتە سەن ئاچ قالمايسەن، يالىڭاچمۇ قالمايسەن.
وَأَنَّكَ لَا تَظْمَؤُا۟ فِيهَا وَلَا تَضْحَىٰ
119 _ ھەمدە جەننەتتە ئۇسساپ قالمايسەن، ئىسسىقتىمۇ قالمايسەن».
فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ ٱلشَّيْطَـٰنُ قَالَ يَـٰٓـَٔادَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ ٱلْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَّا يَبْلَىٰ
120 _ شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! مەن ساڭا (مېۋىسىنى يېگەن ئادەم ئۆلمەيدىغان) ئەبەدىيلىك دەرىخىنى ۋە قولدىن كەتمەس سەلتەنەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى.
فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْءَٰتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِن وَرَقِ ٱلْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰٓ ءَادَمُ رَبَّهُۥ فَغَوَىٰ
121 _ نىھايەت ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۇ يەرلىرىنى يۆگەشكە كىرىشتى. ئادەم رەببىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى.
ثُمَّ ٱجْتَبَـٰهُ رَبُّهُۥ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
122 _ ئاندىن رەببى ئۇنى (ئۆزىگە يېقىن قىلىپ) تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتتى.
قَالَ ٱهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًۢا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّى هُدًى فَمَنِ ٱتَّبَعَ هُدَاىَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
123 _ رەببى (ئۇلارغا) ئېيتتىكى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر _ بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار! (ئى ئادەم ئەۋلادى!) سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلگەندە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىمايدۇ.
وَمَنْ أَعْرَضَ عَن ذِكْرِى فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةً ضَنكًا وَنَحْشُرُهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ أَعْمَىٰ
124 _ كىمكى مېنىڭ زىكرىم (بولغان قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ، قىيامەت كۈنى بىز ئۇنى كور ھالىتىدە تىرىلدۈرىمىز».
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِىٓ أَعْمَىٰ وَقَدْ كُنتُ بَصِيرًا
125 _ ئۇ: «ئى رەببىم! نېمىشقا مېنى كور ھالەتتە تىرىلدۈردۈڭ؟ ھالبۇكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ.
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ ءَايَـٰتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلْيَوْمَ تُنسَىٰ
126 _ ئاللاھ ئېيتىدۇ: «سېنى شۇنداق (كور ھالەتتە تىرىلدۈردۈم)، چۈنكى ساڭا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز كەلگەن تۇرۇقلۇق، سەن ئۇلارنى تاشلاپ قويغان ئىدىڭ. سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق تاشلىنىپ قالىسەن».
وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى مَنْ أَسْرَفَ وَلَمْ يُؤْمِنۢ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِۦ ۚ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبْقَىٰٓ
127 _ ھەددىدىن ئاشقان ۋە رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا ئەنە شۇنداق جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر.
أَفَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّنَ ٱلْقُرُونِ يَمْشُونَ فِى مَسَـٰكِنِهِمْ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّأُو۟لِى ٱلنُّهَىٰ
128 _ ئۇلار بىزنىڭ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولالمىدىمۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا كېزىپ يۈرىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ لَكَانَ لِزَامًا وَأَجَلٌ مُّسَمًّى
129 _ ئەگەر رەببىڭ تەرىپىدىن (گۇناھكارلارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە) ئىلگىرى بېرىلگەن بىر سۆز (ھۆكۈم) ۋە ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقىت بولمىسا ئىدى، ئۇلار دەرھال ھالاك بولغان بولاتتى.
فَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ ٱلشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ ءَانَآئِ ٱلَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
130 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن، كېچىلەردە ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ھەم ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا (رەببىڭگە) تەسبىھ ئېيتقىن، (شۇنداق قىلساڭ، رەببىڭ بېرىدىغان ساۋاب بىلەن) مەمنۇن بولىسەن.
وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّنْهُمْ زَهْرَةَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
131_ بىز كاپىرلارنىڭ بەزىسىنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيا ھاياتىنىڭ تۈرلۈك زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن. بىز ئۇلارنى (بۇ ئارقىلىق) سىنايمىز. رەببىڭنىڭ (ئاتا قىلىدىغان) رىزقى ھەممىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر.
وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْـَٔلُكَ رِزْقًا ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَٱلْعَـٰقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
132 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ (ئۇنى ئادا قىلىشتا) چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بىز سېنى رىزىقلاندۇرۇۋاتىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.
وَقَالُوا۟ لَوْلَا يَأْتِينَا بِـَٔايَةٍ مِّن رَّبِّهِۦٓ ۚ أَوَلَمْ تَأْتِهِم بَيِّنَةُ مَا فِى ٱلصُّحُفِ ٱلْأُولَىٰ
133 _ ئۇلار: «(مۇھەممەد) رەببى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى كىتابلاردىكى ھەقىقەتنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدىغان (مۆجىزە) قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
وَلَوْ أَنَّآ أَهْلَكْنَـٰهُم بِعَذَابٍ مِّن قَبْلِهِۦ لَقَالُوا۟ رَبَّنَا لَوْلَآ أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ ءَايَـٰتِكَ مِن قَبْلِ أَن نَّذِلَّ وَنَخْزَىٰ
134 _ ئەگەر بىز ئۇلارنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى بىرەر ئازاب بىلەن ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «ئى رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭچۇ! (ئەگەر شۇنداق قىلغان بولساڭ)، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ئەمەسمۇ؟!» دەيتتى.
قُلْ كُلٌّ مُّتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا۟ ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَـٰبُ ٱلصِّرَٰطِ ٱلسَّوِىِّ وَمَنِ ٱهْتَدَىٰ
135 _ (ئى پەيغەمبەر! ئاشۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر».