ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ساختا دەلىللەر بىلەن دەۋالىشىشتىن ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
صٓ ۚ وَٱلْقُرْءَانِ ذِى ٱلذِّكْرِ (1) بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ (2)
1 _ 2 _ ساد (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). ۋەز _ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى (ئى پەيغەمبەر! سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەردىنسەن)، لېكىن كاپىرلار ھاكاۋۇرلۇق ۋە (ساڭا قارشى) دۈشمەنلىك ئىچىدىدۇر.
كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍ فَنَادَوا۟ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
3 _ بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، (ئازاب كەلگەندە) ئۇلار پەرياد قىلىشتى. ھالبۇكى، ئۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.
وَعَجِبُوٓا۟ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٌ مِّنْهُمْ ۖ وَقَالَ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ
4 _ ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى، ئۇ كاپىرلار: «بۇ ئۇچىغا چىققان يالغانچى سېھىرگەردۇر.
أَجَعَلَ ٱلْـَٔالِهَةَ إِلَـٰهًا وَٰحِدًا ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ عُجَابٌ
5 _ ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» دېدى.
وَٱنطَلَقَ ٱلْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ ٱمْشُوا۟ وَٱصْبِرُوا۟ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ يُرَادُ
6 _ ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ (ئۇلارغا): «سىلەرئىلاھلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. بۇ (مۇھەممەد دەۋەت قىلىۋاتقان ئىش ئۇنىڭ نوپۇزغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە پىلانلىق بولۇۋاتقان بىر ئىشتۇر.
مَا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِى ٱلْمِلَّةِ ٱلْـَٔاخِرَةِ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا ٱخْتِلَـٰقٌ
7 _ بىز بۇنى ئاخىرقى دىن (خىرىستىيان دىنى) دا ئاڭلىمىغان ئىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر.
أَءُنزِلَ عَلَيْهِ ٱلذِّكْرُ مِنۢ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ مِّن ذِكْرِى ۖ بَل لَّمَّا يَذُوقُوا۟ عَذَابِ
8 _ قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل بولۇپتۇمۇ؟» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (قۇرئان) توغرۇلۇق شەكتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى (ئەگەر تېتىغان بولسا بۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى).
أَمْ عِندَهُمْ خَزَآئِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ ٱلْعَزِيزِ ٱلْوَهَّابِ
9 _ ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك رەببىڭنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى بارمۇ؟
أَمْ لَهُم مُّلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا۟ فِى ٱلْأَسْبَـٰبِ
10 _ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر شۇنداق بولسا) ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاسمانغا چىقىپ باقسۇن.
جُندٌ مَّا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِّنَ ٱلْأَحْزَابِ
11 _ ئۇلار بىر قانچە گۇرۇھتىن ئۇيۇشقان ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولغان بىر قوشۇندۇر.
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو ٱلْأَوْتَادِ (12) وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَـٰبُ لْـَٔيْكَةِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلْأَحْزَابُ (13)
12 _ 13 _ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە كۈچلۈك سەلتەنەت ئىگىسى بولغان پىرئەۋن، سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ (ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى) ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى.
إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
14 _ (ئۇلاردىن) ھەربىرى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى.
وَمَا يَنظُرُ هَـٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيْحَةً وَٰحِدَةً مَّا لَهَا مِن فَوَاقٍ
15 _ بۇلار (يەنى مەككىلىك مۇشرىكلار سۇرنىڭ) قىلچە كېچىكتۈرۈلمەيدىغان بىر قاتتىق ئاۋازىنىلا كۈتىدۇ.
وَقَالُوا۟ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ ٱلْحِسَابِ
16 _ ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ) «ئى رەببىمىز! ھېساب كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن (سەن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابتىن) نېسىۋىمىزنى تېزرەك بەرگىن» دېيىشتى.
ٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلْأَيْدِ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
17 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنىڭ دەۋاتقان سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. ئۇ ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) ئىتائەتمەن بەندە ئىدى.
إِنَّا سَخَّرْنَا ٱلْجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحْنَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِشْرَاقِ
18 _ شەكسىزكى، بىز (ئۇنىڭغا) تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇ تاغلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى (داۋۇد بىلەن) بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى.
وَٱلطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَّهُۥٓ أَوَّابٌ
19 _ قۇشلارنىمۇ (ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇلارمۇ) توپلىشىپ تۇرۇپ، ھەربىرى داۋۇدقا ئەگىشىپ تەسبىھ ئېيتاتتى.
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُۥ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْحِكْمَةَ وَفَصْلَ ٱلْخِطَابِ
20 _ بىز ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) ۋە (ھەق _ ناھەقنى) ئايرىپ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدۇق.
وَهَلْ أَتَىٰكَ نَبَؤُا۟ ٱلْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا۟ ٱلْمِحْرَابَ (21) إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا۟ لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَٱحْكُم بَيْنَنَا بِٱلْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَٱهْدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ (22)
21 _ 22_ (ئى پەيغەمبەر!) دەۋاگەرلەرنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبادەتگاھنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرىۋىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز بىر _ بىرىمىزگە يولسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى.
إِنَّ هَـٰذَآ أَخِى لَهُۥ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِىَ نَعْجَةٌ وَٰحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِى فِى ٱلْخِطَابِ
23 _ (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ توقسان توققۇز ساغلىقى بار، مېنىڭ بىرلا ساغلىقىم بار ئىدى، قېرىندىشىم ئاشۇ (بىرلا ساغلىق) نىمۇ ماڭا بەرگىن دەۋاتىدۇ، ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى.
قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِّنَ ٱلْخُلَطَآءِ لَيَبْغِى بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَقَلِيلٌ مَّا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّـٰهُ فَٱسْتَغْفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
24 _ داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا ساڭا ئۇۋال قىپتۇ. شېرىكلەرنىڭ تولىسى بىر _ بىرىگە (شۇنداق) يولسىزلىق قىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇنداقلار بەكمۇ ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلىپ، رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، سەجدىگە باش قويدى ۋە (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى.
فَغَفَرْنَا لَهُۥ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍ
25 _ بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئەلۋەتتە ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يېقىنلىققا ۋە گۈزەل بىر ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.
يَـٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلْنَـٰكَ خَلِيفَةً فِى ٱلْأَرْضِ فَٱحْكُم بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِٱلْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌۢ بِمَا نَسُوا۟ يَوْمَ ٱلْحِسَابِ
26 _ ئى داۋۇد! شەكسىزكى، بىز سېنى يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىن، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب (ئېلىنىدىغان) كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَـٰطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنَ ٱلنَّارِ
27 _ بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، بۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارنىڭ دوزاختىكى ھالىغا ۋاي!
أَمْ نَجْعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ كَٱلْمُفْسِدِينَ فِى ٱلْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ ٱلْمُتَّقِينَ كَٱلْفُجَّارِ
28 _ بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟
كِتَـٰبٌ أَنزَلْنَـٰهُ إِلَيْكَ مُبَـٰرَكٌ لِّيَدَّبَّرُوٓا۟ ءَايَـٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
29 _ (ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان) ئايەتلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئەتراپلىق) تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.
وَوَهَبْنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيْمَـٰنَ ۚ نِعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
30 _ بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! شەكسىزكى، ئۇ (ئاللاھقا) بەكمۇ ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى.
إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِٱلْعَشِىِّ ٱلصَّـٰفِنَـٰتُ ٱلْجِيَادُ
31 _ ئۆز ۋاقتىدا بىر كەچقۇرۇنلۇقى ئېسىل يۈگۈرۈك ئاتلار ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
فَقَالَ إِنِّىٓ أَحْبَبْتُ حُبَّ ٱلْخَيْرِ عَن ذِكْرِ رَبِّى حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِٱلْحِجَابِ (32) رُدُّوهَا عَلَىَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلْأَعْنَاقِ (33)
32 _ 33_ ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن بۇلارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈدۈم» دېدى. نىھايەت، ئاتلار كۆزدىن غايىب بولغان ۋاقتىدا، «ئۇلارنى ماڭا قايتۇرۇپ كېلىڭلار» دېدى. (ئاتلار قايتۇرۇپ كېلىنىۋىدى) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى.
وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَـٰنَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِۦ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ (34) قَالَ رَبِّ ٱغْفِرْ لِى وَهَبْ لِى مُلْكًا لَّا يَنۢبَغِى لِأَحَدٍ مِّنۢ بَعْدِىٓ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْوَهَّابُ (35)
34 _ 35_ بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلاپ قويدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) : «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان بىر ھۆكۈمرانلىق ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ تەۋبە قىلدى.
فَسَخَّرْنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجْرِى بِأَمْرِهِۦ رُخَآءً حَيْثُ أَصَابَ
36 _ بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى.
وَٱلشَّيَـٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٍ وَغَوَّاصٍ (37) وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِى ٱلْأَصْفَادِ (38)
37 _ 38_ ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇستا بىناكار ۋە غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنە زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان نۇرغۇن شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
هَـٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
39 _ (بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، (باشقىلارغا) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ».
وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍ
40 _ شەكسىزكى، سۇلەيمان بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا يېقىنلىققا ۋە گۈزەل جايغا ئىگە بولىدۇ.
وَٱذْكُرْ عَبْدَنَآ أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَسَّنِىَ ٱلشَّيْطَـٰنُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
41 _ (ئى پەيغەمبەر!) بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە (دۇئا قىلىپ): «شەيتان ماڭا كۆپ جاپاـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
ٱرْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَـٰذَا مُغْتَسَلٌۢ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
42 _ بىز ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» (دېۋىدۇق، ئۇ يەرنى تەپكەندىن كېيىن، بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئاندىن ئۇنىڭغا) «مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق).
وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ أَهْلَهُۥ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ
43 _ بىز ئۇنىڭ (ئالەمدىن ئۆتكەن) ئەھلى _ ئەۋلادىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ (يېڭىدىن) بەردۇق. (بۇلارنىڭ ھەممىسى) بىزدىن بىر رەھمەتتۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (سەۋرنىڭ نەتىجىسى غەلىبە ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىدىغان) نەسىھەتتۇر.
وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَٱضْرِب بِّهِۦ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَـٰهُ صَابِرًا ۚ نِّعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ
44 _ بىز (ئۇنىڭغا) «قولۇڭغا بىر باغلام چىۋىقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن، قەسىمىڭنى بۇزمىغىن»[1] (دېدۇق). بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىنتايىن سەۋرچان ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ناھايىتى ئىتائەت قىلغۇچىدۇر.
وَٱذْكُرْ عِبَـٰدَنَآ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ أُو۟لِى ٱلْأَيْدِى وَٱلْأَبْصَـٰرِ
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) كۈچلۈك ۋە پاراسەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن.
إِنَّآ أَخْلَصْنَـٰهُم بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى ٱلدَّارِ
46 _ بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئالاھىدە خىسلەتكە ئىگە قىلدۇق.
وَإِنَّهُمْ عِندَنَا لَمِنَ ٱلْمُصْطَفَيْنَ ٱلْأَخْيَارِ
47 _ ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە تاللانغان ياخشى كىشىلەردۇر.
وَٱذْكُرْ إِسْمَـٰعِيلَ وَٱلْيَسَعَ وَذَا ٱلْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِّنَ ٱلْأَخْيَارِ
48 _ سەن ئىسمائىلنى، ئەليەسەئنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر.
هَـٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَـَٔابٍ
49 _ (ئى پەيغەمبەر!) بۇ (قۇرئان ساڭا ۋە قەۋمىڭگە كاتتا) شەرەپتۇر، تەقۋادارلارغا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە گۈزەل بىر مەنزىل بار.
جَنَّـٰتِ عَدْنٍ مُّفَتَّحَةً لَّهُمُ ٱلْأَبْوَٰبُ
50 _ (ئۇ گۈزەل مەنزىل) دەرۋازىلىرى ئۇلارغا ئوچۇق تۇرىدىغان، دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردۇر.
مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَـٰكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ
51 _ ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە (تەختلەرگە) يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، شەربەتلەرنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ.
وَعِندَهُمْ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ أَتْرَابٌ
52 _ ئۇلارنىڭ يانلىرىدا باشقىغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپلىرى بولىدۇ.
هَـٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ
53 _ (ئى تەقۋادارلار!) بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە (بېرىلىدىغانلىقى) ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر.
إِنَّ هَـٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ
54 _ شەكسىزكى، بۇ بىزنىڭ ھەرگىز تۈگەپ قالمايدىغان ئىنئامىمىزدۇر.
هَـٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّـٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٍ (55) جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ (56)
55 _ 56_ بۇ (تەقۋادارلارنىڭ ئەھۋالىدۇر، ئەمما كۇفرىدا ۋە گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر، ئۇ جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
هَـٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ
57 _ بۇ (يۇقىرى ھارارەتلىك) قىزىق سۇدۇر، قان _ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن.
وَءَاخَرُ مِن شَكْلِهِۦٓ أَزْوَٰجٌ
58 _ يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلارمۇ بار.
هَـٰذَا فَوْجٌ مُّقْتَحِمٌ مَّعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًۢا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُوا۟ ٱلنَّارِ
59 _ (ئازغۇنلار دوزاخقا كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىغا): «بۇ گۇرۇھمۇ سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر» (دېيىلىدۇ. باشلامچىلار) «ئۇلارغىمۇ ياخشىلىق يوق، چۈنكى ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» (دەيدۇ).
قَالُوا۟ بَلْ أَنتُمْ لَا مَرْحَبًۢا بِكُمْ ۖ أَنتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ ٱلْقَرَارُ
60 _ (ئەگەشكۈچىلىرى): «بەلكى سىلەرگە ياخشىلىق يوق، بۇ (ئازاب)نى بىزگە سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي!» دەيدۇ.
قَالُوا۟ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَـٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِى ٱلنَّارِ
61 _ (ئەگەشكۈچىلىرى يەنە): «ئى رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى كىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ دوزاخ ئىچىدىكى ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ.
وَقَالُوا۟ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلْأَشْرَارِ
62 _ (باشلامچىلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟
أَتَّخَذْنَـٰهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ ٱلْأَبْصَـٰرُ
63 _ بىز ئۇلارنى (دۇنيادا خاتا) مەسخىرە قىلىپ قالدۇقمۇ ياكى (ئۇلار بۇ يەردە بولسىمۇ) كۆزلەر ئۇلاردىن ئېغىپ كەتتىمۇ؟».
إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ ٱلنَّارِ
64 _ دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۆزئارا مۇشۇنداق خۇسۇمەتلىشىشى مۇقەررەردۇر.
قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّارُ
65 _ (ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر.
رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفَّـٰرُ
66 _ (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، (كاپىرلارنى جازالاشتا) غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر».
قُلْ هُوَ نَبَؤٌا۟ عَظِيمٌ (67) أَنتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ (68)
67 _ 68_ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بۇ (قۇرئان) چوڭ بىر خەۋەردۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر.
مَا كَانَ لِىَ مِنْ عِلْمٍۭ بِٱلْمَلَإِ ٱلْأَعْلَىٰٓ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
69 _ پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم.
إِن يُوحَىٰٓ إِلَىَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
70 _ پەقەت مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، ماڭا ۋەھيى قىلىنىدۇ».
إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى خَـٰلِقٌۢ بَشَرًا مِّن طِينٍ
71 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن چوقۇم لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن.
فَإِذَا سَوَّيْتُهُۥ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِى فَقَعُوا۟ لَهُۥ سَـٰجِدِينَ (72) فَسَجَدَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ (73)
72 _ 73 _ ئۇنى مەن بېجىرىم قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا، دەرھال ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېۋىدى، پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى سەجدە قىلدى.
إِلَّآ إِبْلِيسَ ٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ
74 _ پەقەت ئىبلىسلا (سەجدە قىلمىدى، ئۇ) بويۇنتاۋلىق قىلىپ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى.
قَالَ يَـٰٓإِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَىَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ ٱلْعَالِينَ
75 _ ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتامسەن ياكى سەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمۇ؟».
قَالَ أَنَا۠ خَيْرٌ مِّنْهُ ۖ خَلَقْتَنِى مِن نَّارٍ وَخَلَقْتَهُۥ مِن طِينٍ
76 _ ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
قَالَ فَٱخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ (77) وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلدِّينِ (78)
77 _ 78_ ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىگە قەدەر مېنىڭ لەنىتىم يېغىپ تۇرسۇن» دېدى.
قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
79 _ ئىبلىس: «ئى رەببىم! ئۇنداقتا، سەن ماڭا (ئىنسانلار) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرسەڭ» دېدى.
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلْمُنظَرِينَ (80) إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْوَقْتِ ٱلْمَعْلُومِ (81)
80 _ 81_ ئاللاھ: «شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىنسەن» دېدى.
قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
82 _ ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن.
إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ ٱلْمُخْلَصِينَ
83 _ ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا مۇستەسنادۇر».
قَالَ فَٱلْحَقُّ وَٱلْحَقَّ أَقُولُ
84 _ (ئاللاھ) ئېيتتىكى: «(مېنىڭ سۆزلىرىم) ھەقتۇر، مەن ھەقىقەتنىلا سۆزلەيمەن،
لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ
85 _ ئەلۋەتتە سەن بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن».
قُلْ مَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُتَكَلِّفِينَ
86 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمىگە) سىلەردىن قىلچە ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (بۇيرۇلمىغان ئىشنى قىلىپ) ئۆزىنى جاپاغا سالغۇچىلاردىن ئەمەسمەن [2].
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ
87 _ بۇ (قۇرئان) پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن نەسىھەتتۇر.
وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُۥ بَعْدَ حِينٍۭ
88 _ ئۇنىڭ بەرگەن خەۋىرىنىڭ (راست ئىكەنلىكىنى) بىر مەزگىلدىن كېيىن چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر».
ساد سۈرىسى