ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دەۋىتىنى ئوچۇق – ئاشكارا جاكارلاش ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان كاپىرلارنى ئاخىرەتنىڭ قاتتىق ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمُدَّثِّرُ
1 _ ئى يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)
قُمْ فَأَنذِرْ
2 _ ئورنۇڭدىن تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغىن،
وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
3 _ رەببىڭنى ئۇلۇغلىغىن،
وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ
4 _ كىيىمىڭنى پاك تۇتقىن،
وَٱلرُّجْزَ فَٱهْجُرْ
5 _ گۇناھتىن يىراق بولغىن،
وَلَا تَمْنُن تَسْتَكْثِرُ
6 _ (كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرسەڭ) كۆپرەك ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە بەرمىگىن.
وَلِرَبِّكَ فَٱصْبِرْ
7 _ رەببىڭ (نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش) ئۈچۈن چىداملىق بولغىن.
فَإِذَا نُقِرَ فِى ٱلنَّاقُورِ (8) فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ (9)
8 _ 9_ سۇر چېلىنغان ۋاقىت _ ئۇ كۈن ناھايىتى جاپالىق بىر كۈندۇر.
عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ
10 _ كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر.
ذَرْنِى وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
11 _ مەن (ھېچ نەرسىسى يوق) تەنھا ياراتقان شۇ ئادەمنى ماڭا قويۇۋەتكىن[1].
وَجَعَلْتُ لَهُۥ مَالًا مَّمْدُودًا
12 _ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال _ مۈلۈك بەردىم.
وَبَنِينَ شُهُودًا
13 _ ئۇنىڭغا (ھەمىشە) يېنىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.
وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمْهِيدًا
14 _ ئۇنىڭغا (ياشاش يوللىرىنى) كەڭ ئېچىپ بەردىم.
ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
15 _ ئۇ بولسا يەنىمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىپ تۇرىدۇ.
كَلَّآ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِـَٔايَـٰتِنَا عَنِيدًا
16 _ ياق (ئۇنىڭ خالىغىنى ھەرگىز بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ (گەدەنكەشلىك قىلىپ) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.
سَأُرْهِقُهُۥ صَعُودًا
17 _ مەن ئۇنى يېقىندا قاتتىق ئازابقا قىستايمەن.
إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
18 _ ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى (ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى.
فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
19 _ ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇنكى! ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
20 _ ئاندىن ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇنكى! ئۇ قانداق پىلانلىدى؟
ثُمَّ نَظَرَ
21 _ ئاندىن ئۇ (ئۆز پىلانىغا) قاراپ چىقتى.
ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
22 _ ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
ثُمَّ أَدْبَرَ وَٱسْتَكْبَرَ (23) فَقَالَ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ (24) إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا قَوْلُ ٱلْبَشَرِ (25)
23 _ 25_ ئاندىن ئۇ (ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتتى ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «بۇ (قۇرئان) پەقەت ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى.
سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
26 _ ئۇنى مەن يېقىندا سەقەرگە تاشلايمەن.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سَقَرُ
27 _ سەن سەقەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
لَا تُبْقِى وَلَا تَذَرُ
28 _ ئۇ ھەممە نەرسىنى قالدۇرماي كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان دوزاختۇر.
لَوَّاحَةٌ لِّلْبَشَرِ
29 _ ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋېتىدۇ.
عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
30 _ ئۇنىڭغا ئون توققۇز پەرىشتە مەسئۇلدۇر.
وَمَا جَعَلْنَآ أَصْحَـٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَـٰٓئِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيَسْتَيْقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ وَيَزْدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِيمَـٰنًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْكَـٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَـٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِىَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
31 _ بىز دوزاخ مەسئۇللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانىنى پەقەت كاپىرلار ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. بۇنداق قىلىشىمىز (بۇ سان تەۋرات ۋە ئىنجىللاردا بايان قىلىنغان سانغا مۇۋاپىق كەلگەچكە) كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ (قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) تولۇق ئىشەنچ قىلىشى، مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۇئمىنلەرنىڭ (بۇ ھەقتە) شەكلەنمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دىلىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ (ھەيران قېلىپ): «ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇ؟» دەپ قېلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (مۇشۇنداق) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، رەببىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئۆزىلا بىلىدۇ. بۇ (بايانلار) پەقەت ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
كَلَّا وَٱلْقَمَرِ (32) وَٱلَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ (33) وَٱلصُّبْحِ إِذَآ أَسْفَرَ (34) إِنَّهَا لَإِحْدَى ٱلْكُبَرِ (35) نَذِيرًا لِّلْبَشَرِ (36) لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ (37)
32 _ 37_ ياق (ئەمەلىيەت كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس!). ئاي بىلەن، ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن، يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى ياكى (ئۇنىڭدىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ (بالا)لارنىڭ بىرىدۇر!
كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ
38 _ ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن رەنىگە ئېلىنغاندۇر.
إِلَّآ أَصْحَـٰبَ ٱلْيَمِينِ
39 _ پەقەت نامە _ ئەمەلى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
فِى جَنَّـٰتٍ يَتَسَآءَلُونَ (40) عَنِ ٱلْمُجْرِمِينَ (41) مَا سَلَكَكُمْ فِى سَقَرَ (42)
40 _ 42_ ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ سەقەرگە كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ.
قَالُوا۟ لَمْ نَكُ مِنَ ٱلْمُصَلِّينَ
43 _ ئۇلار: «بىز ناماز ئوقۇيدىغانلاردىن بولمىغان ئىدۇق،
وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ ٱلْمِسْكِينَ
44 _ يوقسۇللارغا تائام بەرمەيتتۇق،
وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلْخَآئِضِينَ
45 _ (باتىلغا) چۆكۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىللە (بىزمۇ چۆكۈپ كەتكەن) ئىدۇق،
وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ (46) حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلْيَقِينُ (47)
46 _ 47 _ تاكى بىزگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق».
فَمَا تَنفَعُهُمْ شَفَـٰعَةُ ٱلشَّـٰفِعِينَ
48 _ شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ.
فَمَا لَهُمْ عَنِ ٱلتَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ (49) كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُّسْتَنفِرَةٌ (50) فَرَّتْ مِن قَسْوَرَةٍۭ (51)
49 _ 51_ ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردەك ۋەز _ نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟
بَلْ يُرِيدُ كُلُّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ أَن يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُّنَشَّرَةً
52 _ بەلكى ئۇلاردىن ھەربىرى ئۆزىگە ئېچىلغان سەھىپىلەرنىڭ بېرىلىشىنى تەمە قىلىدۇ.
كَلَّا ۖ بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ
53 _ ياق (ئىش ھەرگىز ئۇلار تەمە قىلغاندەك بولمايدۇ). ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ.
كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذْكِرَةٌ
54 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، ئۇ (قۇرئان) ۋەز-نەسىھەتتۇر.
فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ
55 _ خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.
وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ ٱلتَّقْوَىٰ وَأَهْلُ ٱلْمَغْفِرَةِ
56 _ ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىسىلا، ئاندىن ۋەز-نەسىھەت ئالالايدۇ، ئاللاھ قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىگە) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.
مۇددەسسىر سۈرىسى