ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ھەرقانداق يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىشقا تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ ٱلْفَلَقِ (1) مِن شَرِّ مَا خَلَقَ (2) وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ (3) وَمِن شَرِّ ٱلنَّفَّـٰثَـٰتِ فِى ٱلْعُقَدِ (4) وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ (5)
1 _ 5_ (ئى پەيغەمبەر! سەن) «مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن، قاراڭغۇلۇق قاپلىغان چاغدىكى كېچىنىڭ يامانلىقىدىن، چېگىكلەرگە دەم سالىدىغانلارنىڭ يامانلىقىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن سۈبھىنىڭ رەببىگە سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
فەلەق سۈرىسى