ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانلارنىڭ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشى ياكى ناشۈكۈرلۈك قىلىشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىلاھىي قانۇنىيەتنىڭ بەزى ئۆرنەكلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ وَلَهُ ٱلْحَمْدُ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۚ وَهُوَ ٱلْحَكِيمُ ٱلْخَبِيرُ
1 _ جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۚ وَهُوَ ٱلرَّحِيمُ ٱلْغَفُورُ
2 _ ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر، تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَا تَأْتِينَا ٱلسَّاعَةُ ۖ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّى لَتَأْتِيَنَّكُمْ عَـٰلِمِ ٱلْغَيْبِ ۖ لَا يَعْزُبُ عَنْهُ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَلَا فِى ٱلْأَرْضِ وَلَآ أَصْغَرُ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكْبَرُ إِلَّا فِى كِتَـٰبٍ مُّبِينٍ
3 _ (ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان) كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، غەيىبنى بىلگۈچى رەببىمنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە بولسۇن ۋە زەررىدىنمۇ كىچىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق نەرسە بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر، روشەن كىتابتا (لەۋھۇلمەھپۇزدا) خاتىرىلەنمىگەن ھېچنەرسە يوقتۇر».
لِّيَجْزِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
4 _ (ھەممە نەرسىنىڭ مۇنداق خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
وَٱلَّذِينَ سَعَوْ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا مُعَـٰجِزِينَ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مِّن رِّجْزٍ أَلِيمٌ
5 _ بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قوتۇلۇشىنى گۇمان قىلىپ، ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغانلارغا ئەڭ يىرگىنىشلىك ۋە قىينىغۇچى ئازاب بار.
وَيَرَى ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ ٱلَّذِىٓ أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ ٱلْحَقَّ وَيَهْدِىٓ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ
6 _ ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (قۇرئان) نىڭ شەكسىز ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ غالىب ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ هَلْ نَدُلُّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ يُنَبِّئُكُمْ إِذَا مُزِّقْتُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمْ لَفِى خَلْقٍ جَدِيدٍ
7 _ كاپىرلار (بىر _ بىرىگە) «سىلەرگە سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما _ تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يارىتىلىدىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟
أَفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَم بِهِۦ جِنَّةٌۢ ۗ بَلِ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ فِى ٱلْعَذَابِ وَٱلضَّلَـٰلِ ٱلْبَعِيدِ
8 _ ئۇ ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» دەيدۇ. ئىش ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابقا ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇققا مەھكۇمدۇر.
أَفَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَىٰ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۚ إِن نَّشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ ٱلْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّكُلِّ عَبْدٍ مُّنِيبٍ
9 _ ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە _ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (تەۋبە قىلىپ) ئاللاھقا قايتقۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا دَاوُۥدَ مِنَّا فَضْلًا ۖ يَـٰجِبَالُ أَوِّبِى مَعَهُۥ وَٱلطَّيْرَ ۖ وَأَلَنَّا لَهُ ٱلْحَدِيدَ
10 _ شەكسىزكى، بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن (پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق ۋە ئىلىم قاتارلىق) ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى ئۇنىڭغا يۇمشىتىپ بەردۇق.
أَنِ ٱعْمَلْ سَـٰبِغَـٰتٍ وَقَدِّرْ فِى ٱلسَّرْدِ ۖ وَٱعْمَلُوا۟ صَـٰلِحًا ۖ إِنِّى بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
11 _ بىز (ئۇنىڭغا) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى) ئۆلچەملىك قىلغىن، ھەممىڭلار ياخشى ئىش قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن» (دەپ ۋەھيى قىلدۇق).
وَلِسُلَيْمَـٰنَ ٱلرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُۥ عَيْنَ ٱلْقِطْرِ ۖ وَمِنَ ٱلْجِنِّ مَن يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِۦ ۖ وَمَن يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
12 _ بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (ئۇ شامال نورمال مېڭىشتا) چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن يەنە بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى (سەلدەك) ئاققۇزۇپ بەردۇق، جىنلاردىن رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيدىغانلىرى بار ئىدى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز.
يَعْمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَـٰرِيبَ وَتَمَـٰثِيلَ وَجِفَانٍ كَٱلْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَّاسِيَـٰتٍ ۚ ٱعْمَلُوٓا۟ ءَالَ دَاوُۥدَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِّنْ عِبَادِىَ ٱلشَّكُورُ
13 _ جىنلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان بويىچە مەسجىدلەرنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلىقىدىن) مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان قازانلارنى ياساپ بېرەتتى، (بىز): «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، بەندىلىرىمدىن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئازدۇر» (دېدۇق).
فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ ٱلْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَىٰ مَوْتِهِۦٓ إِلَّا دَآبَّةُ ٱلْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنسَأَتَهُۥ ۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ ٱلْجِنُّ أَن لَّوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ ٱلْغَيْبَ مَا لَبِثُوا۟ فِى ٱلْعَذَابِ ٱلْمُهِينِ
14 _ سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جىنلارغا پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلا بىلدۈرۈپ قويدى. سۇلەيمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلار شۇنى ئېنىق بىلدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيىبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى.
لَقَدْ كَانَ لِسَبَإٍ فِى مَسْكَنِهِمْ ءَايَةٌ ۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٍ وَشِمَالٍ ۖ كُلُوا۟ مِن رِّزْقِ رَبِّكُمْ وَٱشْكُرُوا۟ لَهُۥ ۚ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ
15 _ شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىنىڭ تۇرىدىغان جايلىرىدا ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار ئىدى، (ئۇ جاينىڭ) ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە (بىردىن) ئىككى باغ بار ئىدى. (ئۇلارغا): «رەببىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، (سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ) ياخشى يۇرتتۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر» (دېگەن ئىدۇق).
فَأَعْرَضُوا۟ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ ٱلْعَرِمِ وَبَدَّلْنَـٰهُم بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَىْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَىْءٍ مِّن سِدْرٍ قَلِيلٍ
16 _ (ئۇلار شۈكۈر قىلىشتىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا كۈچلۈك كەلكۈننى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ شۇ ئىككى بېغىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز _ تولا سىدرىلىق (ياۋا چىلانلىق) ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.
ذَٰلِكَ جَزَيْنَـٰهُم بِمَا كَفَرُوا۟ ۖ وَهَلْ نُجَـٰزِىٓ إِلَّا ٱلْكَفُورَ
17 _ ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنى مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز (مۇشۇنداق ئېغىر جازا بىلەن) پەقەت تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز.
وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ ٱلْقُرَى ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا قُرًى ظَـٰهِرَةً وَقَدَّرْنَا فِيهَا ٱلسَّيْرَ ۖ سِيرُوا۟ فِيهَا لَيَالِىَ وَأَيَّامًا ءَامِنِينَ
18 _ ئۇلار (نىڭ يۇرتى) بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن يۇرتلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارىسىدىكى قاتناشنى (ئۆتەڭلەر بىلەن) ئۆلچەملىك قىلدۇق، (ئۇلارغا): «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ _ ئامان مېڭىڭلار!» (دېدۇق).
فَقَالُوا۟ رَبَّنَا بَـٰعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فَجَعَلْنَـٰهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَـٰهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
19 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! سەپىرىمىز (دىكى ئۆتەڭلەر)نىڭ ئارىسىنى يىراق قىلىپ بەرگىن» دېدى (ۋە كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. بىز ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى كېيىنكىلەرگە) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تامامەن تىرى -پىرەن قىلىۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا (تائەت _ ئىبادەتتە) ناھايىتى چىداملىق، (ئاللاھقا) كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (مۇئمىن) بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
وَلَقَدْ صَدَّقَ عَلَيْهِمْ إِبْلِيسُ ظَنَّهُۥ فَٱتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقًا مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
20 _ ئىبلىس ئۇلار (نى ئازدۇرۇش) ھەققىدىكى تەخمىنىنى ھەقىقەتەن راستقا چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم مۇئمىنلەردىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگىشىپ كەتتى.
وَمَا كَانَ لَهُۥ عَلَيْهِم مِّن سُلْطَـٰنٍ إِلَّا لِنَعْلَمَ مَن يُؤْمِنُ بِٱلْـَٔاخِرَةِ مِمَّنْ هُوَ مِنْهَا فِى شَكٍّ ۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ حَفِيظٌ
21 _ ھالبۇكى، ئىبلىسنىڭ ئۇلار ئۈستىدە ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقى يوق ئىدى. پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلارنى ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئايرىشىمىز ئۈچۈن (ئىبلىسقا ۋەسۋەسە قىلىش پۇرسىتىنى بەردۇق)، رەببىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
قُلِ ٱدْعُوا۟ ٱلَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَلَا فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا لَهُمْ فِيهِمَا مِن شِرْكٍ وَمَا لَهُۥ مِنْهُم مِّن ظَهِيرٍ
22 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، بۇ ئىككىسى (نىڭ يارىتىلىشى ۋە ئىدارە قىلىنىشى)دا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق شېرىكچىلىكى يوق، ئۇلاردىن ھېچبىرى ئاللاھقا ياردەمچىمۇ ئەمەس».
وَلَا تَنفَعُ ٱلشَّفَـٰعَةُ عِندَهُۥٓ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُۥ ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا فُزِّعَ عَن قُلُوبِهِمْ قَالُوا۟ مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا۟ ٱلْحَقَّ ۖ وَهُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْكَبِيرُ
23 _ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھ ئۆزى رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەن چاغدا، ئۇلار (بىر _ بىرىگە): «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەقنى (دېدى)» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھ (ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر ۋە (ھەممىدىن) كاتتىدۇر.
قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ قُلِ ٱللَّهُ ۖ وَإِنَّآ أَوْ إِيَّاكُمْ لَعَلَىٰ هُدًى أَوْ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
24 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرۇۋاتقان كىم؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھتۇر! شەكسىزكى، بىز ياكى سىلەر (يەنى ئىككى تەرەپنىڭ بىرى) چوقۇم ھىدايەت ئۈستىدە، يەنە بىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتىدۇر».
قُل لَّا تُسْـَٔلُونَ عَمَّآ أَجْرَمْنَا وَلَا نُسْـَٔلُ عَمَّا تَعْمَلُونَ
25 _ ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىزدىن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، بىزمۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلمايمىز».
قُلْ يَجْمَعُ بَيْنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفْتَحُ بَيْنَنَا بِٱلْحَقِّ وَهُوَ ٱلْفَتَّاحُ ٱلْعَلِيمُ
26 _ ئېيتقىنكى، «رەببىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) بىر ئارىغا توپلايدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ئادالەتلىك ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».
قُلْ أَرُونِىَ ٱلَّذِينَ أَلْحَقْتُم بِهِۦ شُرَكَآءَ ۖ كَلَّا ۚ بَلْ هُوَ ٱللَّهُ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
27 _ ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئۇنىڭغا قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلارنى ماڭا بىر كۆرسىتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەمەلىيەت ھەرگىز سىلەر دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ إِلَّا كَآفَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
28 _ سېنى بىز پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
29 _ ئۇلار: «ئەگەر سىلەر (گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (قىلىنغان قىيامەت) قاچان بولىدۇ؟» دەيدۇ.
قُل لَّكُم مِّيعَادُ يَوْمٍ لَّا تَسْتَـْٔخِرُونَ عَنْهُ سَاعَةً وَلَا تَسْتَقْدِمُونَ
30 _ ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن بىردەممۇ كېچىكىپ قالالمايسىلەر ۋە بىردەممۇ ئىلگىرى كېتەلمەيسىلەر».
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَن نُّؤْمِنَ بِهَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ وَلَا بِٱلَّذِى بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّـٰلِمُونَ مَوْقُوفُونَ عِندَ رَبِّهِمْ يَرْجِعُ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ ٱلْقَوْلَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ ٱسْتُضْعِفُوا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوا۟ لَوْلَآ أَنتُمْ لَكُنَّا مُؤْمِنِينَ
31 _ كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغىمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغىمۇ قەتئىي ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. سەن زالىملارنىڭ رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى، بىر _ بىرى بىلەن جېدەللىشىۋاتقان ھالىنى بىر كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ.
قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتُضْعِفُوٓا۟ أَنَحْنُ صَدَدْنَـٰكُمْ عَنِ ٱلْهُدَىٰ بَعْدَ إِذْ جَآءَكُم ۖ بَلْ كُنتُم مُّجْرِمِينَ
32 _ چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ بەلكى، سىلەر گۇناھكار ئادەملەر ئىدىڭلار» دەيدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتُضْعِفُوا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوا۟ بَلْ مَكْرُ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَآ أَن نَّكْفُرَ بِٱللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُۥٓ أَندَادًا ۚ وَأَسَرُّوا۟ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا۟ ٱلْعَذَابَ وَجَعَلْنَا ٱلْأَغْلَـٰلَ فِىٓ أَعْنَاقِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
33 _ بوزەك قىلىنغانلار ھاكاۋۇر يولباشچىلارغا: «ياق! (سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىزنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن) كېچە _ كۈندۈز ھىيلە – مىكىر قىلىش ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ھەسرەت – نادامەتلىرىنى يوشۇرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
وَمَآ أَرْسَلْنَا فِى قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَآ إِنَّا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ كَـٰفِرُونَ
34 _ قانداقلا بىر يۇرتقا بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇ يۇرتنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىننى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز» دېدى.
وَقَالُوا۟ نَحْنُ أَكْثَرُ أَمْوَٰلًا وَأَوْلَـٰدًا وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
35 _ ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ پۇل _ مېلىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابقا ئۇچرىمايمىز» دېدى.
قُلْ إِنَّ رَبِّى يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
36 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شەكسىزكى، رەببىم خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنىڭ بىر سىناق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ».
وَمَآ أَمْوَٰلُكُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُكُم بِٱلَّتِى تُقَرِّبُكُمْ عِندَنَا زُلْفَىٰٓ إِلَّا مَنْ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ جَزَآءُ ٱلضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا۟ وَهُمْ فِى ٱلْغُرُفَـٰتِ ءَامِنُونَ
37 _ سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسە سىلەرنىڭ پۇل _ ماللىرىڭلار ياكى بالىلىرىڭلار ئەمەس، لېكىن كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئەنە شۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتتىكى) ئېسىل سارايلاردا خاتىرجەم ھالدا تۇرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ يَسْعَوْنَ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا مُعَـٰجِزِينَ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ٱلْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
38 _ بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قوتۇلۇشىنى گۇمان قىلىپ، ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى تۇرغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئازابقا ھازىر قىلىنىدىغانلاردۇر.
قُلْ إِنَّ رَبِّى يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ وَيَقْدِرُ لَهُۥ ۚ وَمَآ أَنفَقْتُم مِّن شَىْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُۥ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
39 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «شۈبھىسىزكى، رەببىم بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، سىلەر (ئاللاھ يولىدا) نېمىنى بەرسەڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ أَهَـٰٓؤُلَآءِ إِيَّاكُمْ كَانُوا۟ يَعْبُدُونَ
40 _ (قىيامەت) كۈنىدە (ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ) ھەممىسىنى توپلايدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «ئاشۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ.
قَالُوا۟ سُبْحَـٰنَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِم ۖ بَلْ كَانُوا۟ يَعْبُدُونَ ٱلْجِنَّ ۖ أَكْثَرُهُم بِهِم مُّؤْمِنُونَ
41 _ پەرىشتىلەر ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ ئىگىمىز ئۇلار ئەمەس، پەقەتلا سەن. ئۇلار ئەمەلىيەتتە جىنغا چوقۇناتتى، ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئېتىقاد قىلاتتى».
فَٱلْيَوْمَ لَا يَمْلِكُ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ نَّفْعًا وَلَا ضَرًّا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّتِى كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
42 _ بۈگۈن سىلەر بىر- بىرىڭلارغا يا پايدا، يا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (مۇشرىك بولۇپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ قَالُوا۟ مَا هَـٰذَآ إِلَّا رَجُلٌ يُرِيدُ أَن يَصُدَّكُمْ عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ ءَابَآؤُكُمْ وَقَالُوا۟ مَا هَـٰذَآ إِلَّآ إِفْكٌ مُّفْتَرًى ۚ وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
43 _ ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوپئوچۇق ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا - بوۋاڭلار چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دېدى، ئۇلار يەنە: «بۇ (قۇرئان) توقۇلغان يالغان سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر» دېدى. كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (قۇرئان) يېتىپ كەلگەندە: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
وَمَآ ءَاتَيْنَـٰهُم مِّن كُتُبٍ يَدْرُسُونَهَا ۖ وَمَآ أَرْسَلْنَآ إِلَيْهِمْ قَبْلَكَ مِن نَّذِيرٍ
44 _ بىز ئۇلارغا (قۇرئاندىن ئىلگىرى) ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتاب ئاتا قىلمىغان ئىدۇق. (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) مۇ ئەۋەتمىگەن ئىدۇق.
وَكَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَمَا بَلَغُوا۟ مِعْشَارَ مَآ ءَاتَيْنَـٰهُمْ فَكَذَّبُوا۟ رُسُلِى ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
45 _ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. بۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) بىز ئىلگىرىكىلەرگە بەرگەن (كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە بايلىق قاتارلىق) نېمەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشكىنى يوق. ئىلگىرىكىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مېنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق بولدى؟
قُلْ إِنَّمَآ أَعِظُكُم بِوَٰحِدَةٍ ۖ أَن تَقُومُوا۟ لِلَّهِ مَثْنَىٰ وَفُرَٰدَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا۟ ۚ مَا بِصَاحِبِكُم مِّن جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ لَّكُم بَيْنَ يَدَىْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
46 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئىككى _ ئىككىدىن، ياكى بىر _ بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)دا ھېچبىر مەجنۇنلۇق يوق، ئۇ پەقەت قاتتىق ئازاب چۈشۈشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».
قُلْ مَا سَأَلْتُكُم مِّنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ
47 _ ئېيتقىنكى، «مەن (دىننى يەتكۈزگەنلىكىمگە) سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، (ئەگەر تەلەپ قىلغان بولسام) سىلەرنىڭ بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجىرىمنى بېرىشنى پەقەتلا ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».
قُلْ إِنَّ رَبِّى يَقْذِفُ بِٱلْحَقِّ عَلَّـٰمُ ٱلْغُيُوبِ
48 _ ئېيتقىنكى، «رەببىم ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق (باتىلنى ۋە ھەرقانداق سەپسەتىنى) ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ئاللاھ غەيىبلەرنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».
قُلْ جَآءَ ٱلْحَقُّ وَمَا يُبْدِئُ ٱلْبَـٰطِلُ وَمَا يُعِيدُ
49 _ ئېيتقىنكى، «ھەقىقەت كەلدى، باتىل (بىرەر نەرسىنى) پەيدا قىلالمايدۇ، ئەسلىگىمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ».
قُلْ إِن ضَلَلْتُ فَإِنَّمَآ أَضِلُّ عَلَىٰ نَفْسِى ۖ وَإِنِ ٱهْتَدَيْتُ فَبِمَا يُوحِىٓ إِلَىَّ رَبِّىٓ ۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٌ قَرِيبٌ
50 _ ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن (ھەق يولدىن) ئېزىپ كەتسەم، ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى پەقەت ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر مەن ھىدايەت تاپسام (بۇ) رەببىم ماڭا ۋەھيى قىلغان (قۇرئاننىڭ) سەۋەبىدىندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ناھايىتى يېقىندۇر».
وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذْ فَزِعُوا۟ فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا۟ مِن مَّكَانٍ قَرِيبٍ
51 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (ئازابنى كۆرۈپ) قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقان، دوزاخقا يېقىن بىر جايدا تۇتۇلغان ۋاقىتتىكى ھالىنى بىر كۆرسەڭ (ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ).
وَقَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِهِۦ وَأَنَّىٰ لَهُمُ ٱلتَّنَاوُشُ مِن مَّكَانٍۭ بَعِيدٍ
52 _ ئۇلار (ئازابنى كۆرگەن چاغدىلا): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار (ئاخىرەتتىن ئىبارەت) يىراق جايدا تۇرۇپ (دۇنيادىكى) ئىماننى قانداقمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟
وَقَدْ كَفَرُوا۟ بِهِۦ مِن قَبْلُ ۖ وَيَقْذِفُونَ بِٱلْغَيْبِ مِن مَّكَانٍۭ بَعِيدٍ
53 _ ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيىب توغرۇلۇق (ھېچ نەرسە) بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا سۆزلەيتتى.
وَحِيلَ بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ مَا يَشْتَهُونَ كَمَا فُعِلَ بِأَشْيَاعِهِم مِّن قَبْلُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ فِى شَكٍّ مُّرِيبٍۭ
54 _ ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىسى ئارىسىدا خۇددى ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە قىلىنغاندەك توسالغۇ پەيدا قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار (ئاخىرەت توغرۇلۇق) چوڭقۇر شەكتە ئىدى.
سەبەئ سۈرىسى