ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: قەدر كېچىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، پەزىلىتىنى ۋە ئۇ كېچىدە بولىدىغان مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بِّسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ فِى لَيْلَةِ ٱلْقَدْرِ
1 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا لَيْلَةُ ٱلْقَدْرِ
2 _ قەدر كېچىسىنىڭ قانداق كېچە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
لَيْلَةُ ٱلْقَدْرِ خَيْرٌ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍ
3 _ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.
تَنَزَّلُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ
4 _ شۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن، (تەقدىر قىلىنغان) ھەممە ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدۇ.
سَلَـٰمٌ هِىَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ ٱلْفَجْرِ
5 _ شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئامانلىققا تولغان كېچە بولىدۇ.
قەدر سۈرىسى