زۇخرۇف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 89 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: «قۇرئان كەرىم» ئوتتۇرىغا قويغان پىرىنسىپلارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە جاھىلىيەتنىڭ بارلىق تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ (2) إِنَّا جَعَلْنَـٰهُ قُرْءَٰنًا عَرَبِيًّا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (3)
2 _ 3_ (بۇ) روشەن كىتاب بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.
وَإِنَّهُۥ فِىٓ أُمِّ ٱلْكِتَـٰبِ لَدَيْنَا لَعَلِىٌّ حَكِيمٌ
4 _ شەكسىزكى، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىكى لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئورۇن ئالغان)، يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ھېكمەتلىك كىتابتۇر.
أَفَنَضْرِبُ عَنكُمُ ٱلذِّكْرَ صَفْحًا أَن كُنتُمْ قَوْمًا مُّسْرِفِينَ
5 _ سىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار سەۋەبلىك قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟
وَكَمْ أَرْسَلْنَا مِن نَّبِىٍّ فِى ٱلْأَوَّلِينَ
6 _ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن نَّبِىٍّ إِلَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
7 _ ئۇلار ئۆزلىرىگە قانداقلا بىر پەيغەمبەر كەلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى.
فَأَهْلَكْنَآ أَشَدَّ مِنْهُم بَطْشًا وَمَضَىٰ مَثَلُ ٱلْأَوَّلِينَ
8 _ بىز كۈچ _ قۇۋۋەتتە بۇلار (يەنى مەككىلىكلەر)دىن ئۈستۈن بولغانلارنىمۇ ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى (قۇرئاندا) بايان قىلىندى.
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ ٱلْعَزِيزُ ٱلْعَلِيمُ
9 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئۇلارنى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ.
ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ مَهْدًا وَجَعَلَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا لَّعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
10 _ ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى سېلىنچا قىلغان، (كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە يەر يۈزىدە (نۇرغۇن) يوللارنى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
وَٱلَّذِى نَزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۢ بِقَدَرٍ فَأَنشَرْنَا بِهِۦ بَلْدَةً مَّيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
11 _ ئاللاھ بۇلۇتتىن ئۆلچەملىك مىقداردا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەرمۇ (قەبرەڭلەردىن) مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
وَٱلَّذِى خَلَقَ ٱلْأَزْوَٰجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلْفُلْكِ وَٱلْأَنْعَـٰمِ مَا تَرْكَبُونَ (12) لِتَسْتَوُۥا۟ عَلَىٰ ظُهُورِهِۦ ثُمَّ تَذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ رَبِّكُمْ إِذَا ٱسْتَوَيْتُمْ عَلَيْهِ وَتَقُولُوا۟ سُبْحَـٰنَ ٱلَّذِى سَخَّرَ لَنَا هَـٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُۥ مُقْرِنِينَ (13) وَإِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ (14)
12 _ 14 ئاللاھ (مەخلۇقاتلاردىن ) بارلىق تۈرلەرنى ياراتقان، سىلەرنىڭ چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنى ۋە مىنىىشڭلار ئۈچۈن ئۇلاغلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا چىققاندا ۋە مىنگەندە رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (چىقىشقا ۋە مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېيىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
وَجَعَلُوا۟ لَهُۥ مِنْ عِبَادِهِۦ جُزْءًا ۚ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَكَفُورٌ مُّبِينٌ
15 _ مۇشرىكلار (‹پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر› دەپ) ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر قىسمىنى ئاللاھنىڭ بىر بۆلىكى قىلىۋالدى. (بۇنداق) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئوپئوچۇق كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر.
أَمِ ٱتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَىٰكُم بِٱلْبَنِينَ
16 _ (ئى نادانلار!) ئاللاھ مەخلۇقاتتىن (ئۆزى ئۈچۈن) قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلغانمىدۇ؟
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمَـٰنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهُۥ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
17 _ ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆزلىرى رەھمان ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىۋالغان قىز بالا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلسە، قايغۇغا چۆمۈپ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ.
أَوَمَن يُنَشَّؤُا۟ فِى ٱلْحِلْيَةِ وَهُوَ فِى ٱلْخِصَامِ غَيْرُ مُبِينٍ
18 _ (ئۇلار) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، (مۇنازىرىدە) مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىۋالسا بولامدۇ؟).
وَجَعَلُوا۟ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ ٱلَّذِينَ هُمْ عِبَـٰدُ ٱلرَّحْمَـٰنِ إِنَـٰثًا ۚ أَشَهِدُوا۟ خَلْقَهُمْ ۚ سَتُكْتَبُ شَهَـٰدَتُهُمْ وَيُسْـَٔلُونَ
19 _ ئۇلار رەھمان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى چىشى دەۋالدى. ئەجىبا ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىغا ھازىر بولغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى يېزىپ قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.
وَقَالُوا۟ لَوْ شَآءَ ٱلرَّحْمَـٰنُ مَا عَبَدْنَـٰهُم ۗ مَّا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
20 _ ئۇلار: «رەھمان ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ خۇسۇستا ئۇلارنىڭ ھېچبىر مەلۇماتى يوق، ئۇلار پەقەت (ئاللاھ نامىدىن) يالغان ئېيتىدۇ.
أَمْ ءَاتَيْنَـٰهُمْ كِتَـٰبًا مِّن قَبْلِهِۦ فَهُم بِهِۦ مُسْتَمْسِكُونَ
21 _ ياكى بىز ئۇلارغا بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئېسىلىۋاتامدۇ؟
بَلْ قَالُوٓا۟ إِنَّا وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِم مُّهْتَدُونَ
22 _ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار: «بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئارقىلىق توغرا يولنى تاپقۇچىلارمىز» دەيدۇ.
وَكَذَٰلِكَ مَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِى قَرْيَةٍ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِم مُّقْتَدُونَ
23 _ شۇنىڭدەك (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر يۇرتقا بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇ يۇرتنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، شەكسىزكى، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغۇچىلارمىز» دېيىشەتتى.
قَـٰلَ أَوَلَوْ جِئْتُكُم بِأَهْدَىٰ مِمَّا وَجَدتُّمْ عَلَيْهِ ءَابَآءَكُمْ ۖ قَالُوٓا۟ إِنَّا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ كَـٰفِرُونَ
24 _ (ھەربىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى ئېلىپ كەلگەن تۇرسام (سىلەر يەنە ئاتا _ بوۋاڭلارنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇۋالامسىلەر؟)» دېگەندە، ئۇلار: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشتى.
فَٱنتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُكَذِّبِينَ
25 _ بىز ئۇلارنى جازالىدۇق. (ھەق دىننى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦٓ إِنَّنِى بَرَآءٌ مِّمَّا تَعْبُدُونَ
26 _ 27-ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن مېنى ياراتقان ئاللاھتىن باشقا، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ».
إِلَّا ٱلَّذِى فَطَرَنِى فَإِنَّهُۥ سَيَهْدِينِ
26 _ 27-ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن ھەقىقەتەن مېنى ياراتقان ئاللاھتىن باشقا، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ».
وَجَعَلَهَا كَلِمَةًۢ بَاقِيَةً فِى عَقِبِهِۦ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
28 _ ئىبراھىم كېيىنكىلەردىن (كاپىر بولغانلارنى ئىمانغا) قايتسۇن دەپ، (‹ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق› دېگەن) تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەۋلادى ئىچىدە مەڭگۈلۈك كەلىمە قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.
بَلْ مَتَّعْتُ هَـٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمْ حَتَّىٰ جَآءَهُمُ ٱلْحَقُّ وَرَسُولٌ مُّبِينٌ
29 _ (ئى پەيغەمبەر!) بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى)نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىنى تاكى ئۇلارغا ھەق (قۇرئان) ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر كەلگەنگە قەدەر ياشىتىپ (دۇنيا نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن قىلدىم.
وَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلْحَقُّ قَالُوا۟ هَـٰذَا سِحْرٌ وَإِنَّا بِهِۦ كَـٰفِرُونَ
30 _ ئۇلارغا ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ئۇنى شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشتى.
وَقَالُوا۟ لَوْلَا نُزِّلَ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانُ عَلَىٰ رَجُلٍ مِّنَ ٱلْقَرْيَتَيْنِ عَظِيمٍ
31 _ ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا (مەككە ۋە تائىف) ئىككى شەھەر ئەھلىدىن كاتتا بىر كىشىگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى.
أَهُمْ يَقْسِمُونَ رَحْمَتَ رَبِّكَ ۚ نَحْنُ قَسَمْنَا بَيْنَهُم مَّعِيشَتَهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۚ وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَـٰتٍ لِّيَتَّخِذَ بَعْضُهُم بَعْضًا سُخْرِيًّا ۗ وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَيْرٌ مِّمَّا يَجْمَعُونَ
32 _ رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدىكەن؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر.
وَلَوْلَآ أَن يَكُونَ ٱلنَّاسُ أُمَّةً وَٰحِدَةً لَّجَعَلْنَا لِمَن يَكْفُرُ بِٱلرَّحْمَـٰنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِّن فِضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ
33 _ ئىنسانلار ھەممىسى (كاپىرلىقتا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، رەھمان ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.
وَلِبُيُوتِهِمْ أَبْوَٰبًا وَسُرُرًا عَلَيْهَا يَتَّكِـُٔونَ
34 _ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق،
وَزُخْرُفًا ۚ وَإِن كُلُّ ذَٰلِكَ لَمَّا مَتَـٰعُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۚ وَٱلْـَٔاخِرَةُ عِندَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَ
35 _ ھەمدە (ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى) ئالتۇندىن بېزەپ بېرەتتۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى ئاخىرەت (مۇكاپاتلىرى بولسا) تەقۋادارلارغا خاستۇر.
وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ ٱلرَّحْمَـٰنِ نُقَيِّضْ لَهُۥ شَيْطَـٰنًا فَهُوَ لَهُۥ قَرِينٌ
36 _ كىمكى رەھمان ئاللاھنىڭ زىكرى (بولغان قۇرئان)دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىپ قويىمىز _ دە، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ.
وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ
37 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَنَا قَالَ يَـٰلَيْتَ بَيْنِى وَبَيْنَكَ بُعْدَ ٱلْمَشْرِقَيْنِ فَبِئْسَ ٱلْقَرِينُ
38 _ نىھايەت، ئۇ (ئادم ھەمراھى بىلەن) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسىچۇ! سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!» دەيدۇ.
وَلَن يَنفَعَكُمُ ٱلْيَوْمَ إِذ ظَّلَمْتُمْ أَنَّكُمْ فِى ٱلْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
39 _ (ئۇلارغا) «سىلەر (دۇنيادىكى چاغدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ.
أَفَأَنتَ تُسْمِعُ ٱلصُّمَّ أَوْ تَهْدِى ٱلْعُمْىَ وَمَن كَانَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
40 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن ياكى كورلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا قالغان ئادەمنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
فَإِمَّا نَذْهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنْهُم مُّنتَقِمُونَ
41 _ (ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) بىز سېنى (دەرگاھىمىزغا) ئېلىپ كەتسەك، (سېنىڭ ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز.
أَوْ نُرِيَنَّكَ ٱلَّذِى وَعَدْنَـٰهُمْ فَإِنَّا عَلَيْهِم مُّقْتَدِرُونَ
42 _ ياكى بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى (سەن ھايات چاغدا كەلتۈرۈپ) ساڭا كۆرسىتىمىز. بىز ئۇلارنى ئازابلاشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز.
فَٱسْتَمْسِكْ بِٱلَّذِىٓ أُوحِىَ إِلَيْكَ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
43 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ۋەھيى قىلىنغان(قۇرئان)غا چىڭ ئېسىلغىن. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولدىسەن.
وَإِنَّهُۥ لَذِكْرٌ لَّكَ وَلِقَوْمِكَ ۖ وَسَوْفَ تُسْـَٔلُونَ
44 _ شەكسىزكى، بۇ (قۇرئان) ساڭا ۋە قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە كاتتا شەرەپتۇر. سىلەر كەلگۈسىدە (ئۇنىڭغا قارىتا مەسئۇلىيىتىڭلاردىن) سورىلىسىلەر.
وَسْـَٔلْ مَنْ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رُّسُلِنَآ أَجَعَلْنَا مِن دُونِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ءَالِهَةً يُعْبَدُونَ
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز (نىڭ ئەگەشكۈچىلىرى)دىن سوراپ باققىنكى، بىز رەھمان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلەپتىمىزمۇ؟
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَآ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَقَالَ إِنِّى رَسُولُ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
46 _ شەكسىزكى، بىز مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
فَلَمَّا جَآءَهُم بِـَٔايَـٰتِنَآ إِذَا هُم مِّنْهَا يَضْحَكُونَ
47 _ مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇلار شۇ ھامان بۇ مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلۈشتى.
وَمَا نُرِيهِم مِّنْ ءَايَةٍ إِلَّا هِىَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَـٰهُم بِٱلْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
48 _ بىز ئۇلارغا بىر _ بىرىدىن چوڭ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازاب بىلەن جازالىدۇق.
وَقَالُوا۟ يَـٰٓأَيُّهَ ٱلسَّاحِرُ ٱدْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِندَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
49 _ ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! سەن رەببىڭنىڭ (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىمەن دېگەن) ۋەدىسى بويىچە، ئۇنىڭغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، (ئۇ بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە) بىز چوقۇم توغرا يولغا كىرىمىز» دېدى.
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ ٱلْعَذَابَ إِذَا هُمْ يَنكُثُونَ
50 _ (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىۋىدۇق، ئۇلار شۇ ھامان (ئەھدىسىدىن) يېنىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇرۇۋالدى.
وَنَادَىٰ فِرْعَوْنُ فِى قَوْمِهِۦ قَالَ يَـٰقَوْمِ أَلَيْسَ لِى مُلْكُ مِصْرَ وَهَـٰذِهِ ٱلْأَنْهَـٰرُ تَجْرِى مِن تَحْتِىٓ ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ (51) أَمْ أَنَا۠ خَيْرٌ مِّنْ هَـٰذَا ٱلَّذِى هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ (52)
51 _ 52_ پىرئەۋن ئۆز قەۋمىگە نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ بەلكى مەن گېپىنى ئوچۇق قىلالمايدىغان شۇ ئەرزىمەس ئادەم (مۇسا)دىن ياخشىمەن.
فَلَوْلَآ أُلْقِىَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِّن ذَهَبٍ أَوْ جَآءَ مَعَهُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
53 _ (ئەگەر ئۇ راست پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا) نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
فَٱسْتَخَفَّ قَوْمَهُۥ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمًا فَـٰسِقِينَ
54 _ (پىرئەۋن) قەۋمىنى (شۇنداق) ئالدىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى، ئۇلار (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى.
فَلَمَّآ ءَاسَفُونَا ٱنتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَـٰهُمْ أَجْمَعِينَ
55 _ ئۇلار بىزنى غەزەپلەندۈرگەندە، بىز ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق.
فَجَعَلْنَـٰهُمْ سَلَفًا وَمَثَلًا لِّلْـَٔاخِرِينَ
56 _ ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆتمۈشنىڭ (ئاچچىق) ئەسلىمىسى ۋە ئىبرەت قىلدۇق.
وَلَمَّا ضُرِبَ ٱبْنُ مَرْيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوْمُكَ مِنْهُ يَصِدُّونَ
57 _ (ئى پەيغەمبەر!) مەريەم ئوغلى (ئىيسا) مىسال كەلتۈرۈلگەندە، سېنىڭ قەۋمىڭ شۇ ھامان (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ.
وَقَالُوٓا۟ ءَأَـٰلِهَتُنَا خَيْرٌ أَمْ هُوَ ۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلًۢا ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ خَصِمُونَ
58 _ ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت جېدەل تېرىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر.
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَـٰهُ مَثَلًا لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ
59 _ ئۇ (ئىيسا) پەقەت بىز (پەيغەمبەرلىك) نېمىتىمىزگە ئېرىشتۈرگەن بىر بەندىدۇر، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق.
وَلَوْ نَشَآءُ لَجَعَلْنَا مِنكُم مَّلَـٰٓئِكَةً فِى ٱلْأَرْضِ يَخْلُفُونَ
60 _ ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە زېمىندا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى قىلاتتۇق.
وَإِنَّهُۥ لَعِلْمٌ لِّلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَٱتَّبِعُونِ ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ
61 _ شەكسىزكى، ئۇ (يەنى ئىيسانىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ (يېقىنلاشقانلىقىنىڭ) ئالامىتىدۇر. ئۇنىڭغا ھەرگىز شەك كەلتۈرمەڭلار، (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا دېگىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر.
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ ۖ إِنَّهُۥ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
62 _ شەيتان سىلەرنى (توغرا يولدىن) توسۇپ قويمىسۇن، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر».
وَلَمَّا جَآءَ عِيسَىٰ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُم بِٱلْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُم بَعْضَ ٱلَّذِى تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
63 _ ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) ئېلىپ كەلدىم، سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. شۇڭا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ رَبِّى وَرَبُّكُمْ فَٱعْبُدُوهُ ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌ مُّسْتَقِيمٌ
64 _ شەكسىزكى، ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ توغرا يولدۇر».
فَٱخْتَلَفَ ٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ
65 _ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پىرقىلەر (ئىيسا توغرىسىدا) ئىختىلاپ قىلىشتى. (قىيامەتتىن ئىبارەت) قىينىغۇچى كۈننىڭ ئازابىدىن زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي!
هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأْتِيَهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
66 _ ئۇلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ.
ٱلْأَخِلَّآءُ يَوْمَئِذٍۭ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا ٱلْمُتَّقِينَ
67 _ بۇ كۈندە دوستلار بىر _ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (ئاللاھ ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا بۇنىڭ سىرتىدا.
يَـٰعِبَادِ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمُ ٱلْيَوْمَ وَلَآ أَنتُمْ تَحْزَنُونَ
68 _ (تەقۋادارلارغا): «ئى بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قىلچە قورقۇنچ يوق، سىلەر غەمكىن بولمايسىلەر» (دېيىلىدۇ).
ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا وَكَانُوا۟ مُسْلِمِينَ
69 _ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى.
ٱدْخُلُوا۟ ٱلْجَنَّةَ أَنتُمْ وَأَزْوَٰجُكُمْ تُحْبَرُونَ
70 _ (ئۇلارغا): «سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلار خۇشال _ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).
يُطَافُ عَلَيْهِم بِصِحَافٍ مِّن ذَهَبٍ وَأَكْوَابٍ ۖ وَفِيهَا مَا تَشْتَهِيهِ ٱلْأَنفُسُ وَتَلَذُّ ٱلْأَعْيُنُ ۖ وَأَنتُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
71 _ ئۇلارغا (نازۇنېمەتلەر تىزىلغان) ئالتۇن لېگەنلەر ۋە (شەربەت تولدۇرۇلغان) ئالتۇن جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار. (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىسىلەر.
وَتِلْكَ ٱلْجَنَّةُ ٱلَّتِىٓ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
72 _ سىلەر قىلغان ئەمەلىڭلار يۈزىسىدىن ۋارىس قىلىنغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.
لَكُمْ فِيهَا فَـٰكِهَةٌ كَثِيرَةٌ مِّنْهَا تَأْكُلُونَ
73 _ جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر».
إِنَّ ٱلْمُجْرِمِينَ فِى عَذَابِ جَهَنَّمَ خَـٰلِدُونَ
74 _ شەكسىزكى، ئۇ (ئىمانسىز) گۇناھكارلار دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
لَا يُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
75 _ ئۇلاردىن ئازاب بىردەممۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار ئازاب ئىچىدە (قۇتۇلۇشتىن) ئۈمىدسىزلەنگۈچىلەردۇر.
وَمَا ظَلَمْنَـٰهُمْ وَلَـٰكِن كَانُوا۟ هُمُ ٱلظَّـٰلِمِينَ
76 _ ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، ئەمما ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
وَنَادَوْا۟ يَـٰمَـٰلِكُ لِيَقْضِ عَلَيْنَا رَبُّكَ ۖ قَالَ إِنَّكُم مَّـٰكِثُونَ
77 _ ئۇلار (دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئەلۋەتتە (بۇ ئازابتا شۇنداق) تۇرۇۋېرىسىلەر» دەيدۇ.
لَقَدْ جِئْنَـٰكُم بِٱلْحَقِّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَـٰرِهُونَ
78 _ شەكسىزكى، بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقىقەتنى ياقتۇرمايتتىڭلار.
أَمْ أَبْرَمُوٓا۟ أَمْرًا فَإِنَّا مُبْرِمُونَ
79 _ ئۇلار (پەيغەمبەرگە قارشى) بىرەر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ بىزمۇ چوقۇم (ئۇلارنىڭ جازاسىنى بېرىش ھەققىدە بىر ئىشنى) قارار قىلىمىز.
أَمْ يَحْسَبُونَ أَنَّا لَا نَسْمَعُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَىٰهُم ۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيْهِمْ يَكْتُبُونَ
80 _ ئۇلار بىزنى ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. (بىز ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە) بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ (قىلمىشلىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ.
قُلْ إِن كَانَ لِلرَّحْمَـٰنِ وَلَدٌ فَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلْعَـٰبِدِينَ
81 _ (ئى پەيغەمبەر! «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دەيدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر رەھمان ئاللاھنىڭ بالىسى بولسا ئىدى، مەن ئۇنىڭغا (يەنى ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم، (ئەمما ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر)».
سُبْحَـٰنَ رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ رَبِّ ٱلْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
82 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى (ئاللاھ) ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر.
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا۟ وَيَلْعَبُوا۟ حَتَّىٰ يُلَـٰقُوا۟ يَوْمَهُمُ ٱلَّذِى يُوعَدُونَ
83 _ ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر (ئۆز باتىللىرىغا) چۆكۈپ ئويناپ تۇرسۇن.
وَهُوَ ٱلَّذِى فِى ٱلسَّمَآءِ إِلَـٰهٌ وَفِى ٱلْأَرْضِ إِلَـٰهٌ ۚ وَهُوَ ٱلْحَكِيمُ ٱلْعَلِيمُ
84 _ (ئاللاھ شۇنداق زاتكى) ئۇ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، يەردىمۇ ئىلاھتۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَتَبَارَكَ ٱلَّذِى لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَعِندَهُۥ عِلْمُ ٱلسَّاعَةِ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
85 _ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىلكىدە بولغان زات (ئاللاھ)نىڭ بەرىكىتى كۆپتۇر. قىيامەتنىڭ (ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم پەقەت ئۇنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغىلا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَلَا يَمْلِكُ ٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِ ٱلشَّفَـٰعَةَ إِلَّا مَن شَهِدَ بِٱلْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
86 _ ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (ئۇلارغا) شاپائەت قىلالمايدۇ، پەقەت ھەق دىننى بىلىپ، (ئۇنىڭغا) گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلار شاپائەت قىلالايدۇ).
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
87 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. (شۇنداق تۇرۇقلۇق) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
وَقِيلِهِۦ يَـٰرَبِّ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ قَوْمٌ لَّا يُؤْمِنُونَ
88 _ (ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى رەببىم! بۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن (سۆزىنى بىلىپ تۇرىدۇ).
فَٱصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلَـٰمٌ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
89 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (ئۇلارغا) «ئامان بولايلى» دېگىن، ئۇلار (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.