ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بىلىمسىز تۇرۇپ ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلغۇچىلارغا رەددىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى ھەقىقەتكە قايتىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ (2) غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوْبِ شَدِيدِ ٱلْعِقَابِ ذِى ٱلطَّوْلِ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ (3)
2 _ 3_ (بۇ) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى _ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.
مَا يُجَـٰدِلُ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِى ٱلْبِلَـٰدِ
4 _ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا پەقەت كاپىرلارلا تالاش _ تارتىش قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەرنى كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍۭ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَـٰدَلُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
5 _ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر)دىن بۇرۇن نۇھ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (ئاد، سەمۇد قاتارلىق) جامائەلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەربىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى تۇتۇپ جازالاشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئۇلار ھەقنى بىكار قىلىۋېتىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر) بىلەن مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئازابقا تۇتتۇم. مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ
6 _ شۇنىڭدەك (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەرگە ئازاب ھەق بولغاندەك) رەببىڭنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلار توغرىسىدا: «ھەقىقەتەن ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ھەق بولدى.
ٱلَّذِينَ يَحْمِلُونَ ٱلْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَىْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَٱغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا۟ وَٱتَّبَعُوا۟ سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ
7 _ ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر ۋە ئەرشنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر رەببىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ۋە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ): «ئى رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلىمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدتَّهُمْ وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّـٰتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
8 _ ئى رەببىمىز! سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان دائىملىق تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەرگە كىرگۈزگىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.
وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُۥ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ
9 _ (ئى رەببىمىز!) سەن ئۇلارنى يامانلىقلىرىنىڭ (ئاقىۋىتىدىن) ساقلىغىن، بۇ كۈندە سەن كىمنى يامانلىقلىرىنىڭ (ئاقىۋىتىدىن) ساقلىساڭ، شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن. مانا بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ مِن مَّقْتِكُمْ أَنفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى ٱلْإِيمَـٰنِ فَتَكْفُرُونَ
10 _ شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ بىر¬ _ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ بەك قاتتىقتۇر، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرساڭلارمۇ ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.
قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا ٱثْنَتَيْنِ فَٱعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ
11 _ ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ [1]. بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار بولدۇق، ئەمدى (بىزگە دوزاختىن) چىقىش يولى بارمىدۇ؟» دەيدۇ.
ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِىَ ٱللَّهُ وَحْدَهُۥ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِن يُشْرَكْ بِهِۦ تُؤْمِنُوا۟ ۚ فَٱلْحُكْمُ لِلَّهِ ٱلْعَلِىِّ ٱلْكَبِيرِ
12 _ (ئى كاپىرلار! بۇ ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە (ئىمان ئېيتىشقا) چاقىرىلغاندا ئىنكار قىلاتتىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە، ئۇنى تەستىقلايتتىڭلار. ھۆكۈم قىلىش ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مۇتلەق بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.
هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ
13 _ (ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىدىغان ۋە سىلەرگە ئاسماندىن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدىغان زاتتۇر. پەقەت (ئاللاھقا) يۈزلەنگەن كىشىلەرلا (بۇ ئايەتلەردىن) ۋەز – نەسىھەت ئالىدۇ.
فَٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ
14 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر كاپىرلارنىڭ يامان كۆرگىنىگە قارىماي، ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار.
رَفِيعُ ٱلدَّرَجَـٰتِ ذُو ٱلْعَرْشِ يُلْقِى ٱلرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوْمَ ٱلتَّلَاقِ
15 _ ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇ ھەممە خالايىق ئۇچرىشىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، خالىغان بەندىسىگە ئۆز ھۆكمى بويىچە ۋەھيى نازىل قىلىدۇ.
يَوْمَ هُم بَـٰرِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنْهُمْ شَىْءٌ ۚ لِّمَنِ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ
16 _ خالايىق (قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھنىڭ ئالدىغا) ھازىر بولغان كۈندە ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشى مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ ئەلۋەتتە قەھرلىك بىر ئاللاھقىلا خاستۇر!
ٱلْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ ٱلْيَوْمَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
17 _ ئۇ كۈندە ھەركىمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْـَٔازِفَةِ إِذِ ٱلْقُلُوبُ لَدَى ٱلْحَنَاجِرِ كَـٰظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
18 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ چاغدا قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولغان يۈرەكلەر (قورقۇنچتىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىپ قالىدۇ، (ئىمان ئېيتماي ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا ھېچبىر يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان بىرەر شاپائەتچى چىقمايدۇ.
يَعْلَمُ خَآئِنَةَ ٱلْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِى ٱلصُّدُورُ
19 _ ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللارنىڭ يوشۇرغان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَٱللَّهُ يَقْضِى بِٱلْحَقِّ ۖ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقْضُونَ بِشَىْءٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ
20 _ ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا۟ هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ
21 _ ئۇلار زېمىننى كېزىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا يەر يۈزىدە كۈچ _ قۇۋۋەت ۋە قالدۇرغان ئىزلىرى جەھەتتە بۇلاردىن (مەككىلىكلەردىن) كۆپ ئۈستۈن ئىدى. (ئۇلار شۇنداق كۈچلۈك بولسىمۇ) ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابقا تۇتتى، ئۇلارنى ئاللاھ (نىڭ جازاسى)دىن قوغداپ قالىدىغان ھېچكىم چىقمىدى.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَكَفَرُوا۟ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ قَوِىٌّ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ
22 _ بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى (ئۆزلىرىنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئوپئوچۇق دەلىل – پاكىتلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ئازابقا تۇتتى. چۈنكى ئاللاھ كۈچلۈك، ئازابى قاتتىق زاتتۇر.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ (23) إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَقَـٰرُونَ فَقَالُوا۟ سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ (24)
23 _ 24_ شەكسىزكى، بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ۋە ئوپئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇنى سېھىرگەر، يالغانچى دېيىشتى.
فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ ٱقْتُلُوٓا۟ أَبْنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ وَٱسْتَحْيُوا۟ نِسَآءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ
25 _ مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِىٓ أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُۥٓ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْفَسَادَ
26 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى مۇسانى ئۆلتۈرگىلى قويۇڭلار، ئۇ رەببىنى چاقىرىپ باقسۇن. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق تېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن».
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ
27 _ مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار (بولغان ئاللاھ)غا سىغىنىپ، ھېساب بېرىدىغان كۈنگە ئىشەنمەيدىغان ھەربىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەن».
وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَـٰنَهُۥٓ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّىَ ٱللَّهُ وَقَدْ جَآءَكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ مِن رَّبِّكُمْ ۖ وَإِن يَكُ كَـٰذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُۥ ۖ وَإِن يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُم بَعْضُ ٱلَّذِى يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
28 _ پىرئەۋن جەمەتىدىن بولۇپ، ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان كاززاپنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
يَـٰقَوْمِ لَكُمُ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ظَـٰهِرِينَ فِى ٱلْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأْسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَآ أُرِيكُمْ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ
29 _ ئى قەۋمىم! بۈگۈنكى كۈندە سىلەر (بۇ) زېمىندا غالىبلارچە سەلتەنەت سۈرۈۋاتىسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قالسا، (ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا) بىزگە كىم ياردەم قىلالايدۇ؟». پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى (توغرا دەپ) قارىسام شۇنى كۆرسىتىۋاتىمەن ۋە سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا يېتەكلەيمەن».
وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ ٱلْأَحْزَابِ (30) مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ (31)
30 _ 31 _ مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (ئەگەر سىلەر مۇسانى ئۆلتۈرسەڭلار) مەن سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى) بىرلەشكەنلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ.
وَيَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ ٱلتَّنَادِ
32 _ ئى قەۋمىم! شەكسىزكى، مەن سىلەر ئۈچۈن (كىشىلەر بىر _ بىرىنى چاقىرىپ) نالە _ پەرياد قىلىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن.
يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ
33 _ ئۇ كۈندە سىلەر ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولىسىلەر، سىلەرنى ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ».
وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ
34 _ شەكسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر ئۇنىڭ سىلەرگە ئېلىپ كەلگەنلىرىدىن ھەمىشە شەكلىنىش ئىچىدە بولدۇڭلار، نىھايەت ئۇ ۋاپات بولغاندا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقان گۇمانخورنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
35 _ ئۇلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق دەلىل كەلمىگەن تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىدىغانلاردۇر. (ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن قاتتىق نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ھەرقانداق مۇتەكەببىر، زومىگەرنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَـٰهَـٰمَـٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَـٰبَ (36) أَسْبَـٰبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ كَـٰذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِى تَبَابٍ (37)
36 _ 37_ پىرئەۋن: «ئى ھامان! سەن ماڭا كاتتا بىر بىنا ياسىتىپ بەرگىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن يوللارغا _ ئاسماننىڭ يوللىرىغا ئۇلىشىپ، مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. چۈنكى مەن مۇسانى (ئاسماندا بىزنىڭ رەببىمىز بار دىگەن دەۋاسىدا) چوقۇم يالغانچى دەپ ئويلايمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ (ھىدايەت) يولىدىن توسۇپ قويۇلدى، پىرئەۋننىڭ تۇزاقلىرى تامامەن بەربات قىلىندى.
وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ
38 _ ئىمان ئېيتقان ھېلىقى كىشى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.
يَـٰقَوْمِ إِنَّمَا هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا مَتَـٰعٌ وَإِنَّ ٱلْـَٔاخِرَةَ هِىَ دَارُ ٱلْقَرَارِ
39 _ ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەت (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتتۇر، شەكسىزكى، ئاخىرەت بولسا ئۇ (ھەقىقىي) قارارگاھتۇر.
مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ
40 _ كىمكى بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ يامانلىقىغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتى بىلەن بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ.
وَيَـٰقَوْمِ مَا لِىٓ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدْعُونَنِىٓ إِلَى ٱلنَّارِ
41 _ ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى نىجاتلىققا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەرنىڭ مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتقىنىڭلار قانداق بولغىنى؟
تَدْعُونَنِى لِأَكْفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِۦ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَأَنَا۠ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلْغَفَّـٰرِ
42 _ سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن (ئىلاھ دەپ) بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھ (نىڭ يولى)غا دەۋەت قىلىۋاتىمەن.
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُۥ دَعْوَةٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَلَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ
43 _ ھەقىقەت شۇكى، سىلەر مېنى (چوقۇنۇشقا) چاقىرىۋاتقان نەرسىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىشقا لايىق نەرسىلەر ئەمەستۇر. شەكسىزكى، بىزنىڭ قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار چوقۇم جەھەننەم ئەھلىدۇر.
فَسَتَذْكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ
44 _ سىلەر پات ئارىدا مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُوا۟ ۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرْعَوْنَ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ
45 _ ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن تەۋەلىرىنى بولسا ئازابنىڭ ئەڭ يامىنى قورشىۋالدى.
ٱلنَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدْخِلُوٓا۟ ءَالَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ ٱلْعَذَابِ
46 _ ئۇلار ئەتىگىنى _ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋن تەۋەلىرىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ).
وَإِذْ يَتَحَآجُّونَ فِى ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِّنَ ٱلنَّارِ
47 _ ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلىرى ھاكاۋۇر باشلامچىلىرىغا: «بىز راستتىنلا سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، ئەمدى بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ.
قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُلٌّ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ ٱلْعِبَادِ
48 _ ھاكاۋۇر باشلامچىلار: «(ھازىر) ھەممىمىز دوزاختىمىز، ئاللاھ ئەلۋەتتە بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بولدى» دەيدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِى ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدْعُوا۟ رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِّنَ ٱلْعَذَابِ
49 _ دوزاختىكىلەر دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر رەببىڭلارغا دۇئا قىلساڭلار، ئۇ بىزدىن ئازابنى بىر كۈنلۈك بولسىمۇ يېنىكلىتىپ بەرگەن بولسىكەن» دەيدۇ.
قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ ۚ قَالُوا۟ فَٱدْعُوا۟ ۗ وَمَا دُعَـٰٓؤُا۟ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ
50 _ پەرىشتىلەر: «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەئە (ئەلۋەتتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى)» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇنداق بولسا (ئۆزۈڭلار) دۇئا قىلىڭلار» دەيدۇ. ھالبۇكى، كاپىرلارنىڭ دۇئاسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَـٰدُ
51 _ شەك _ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلەرگە ھەم دۇنيا ھاياتىدا، ھەم گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.
يَوْمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّـٰلِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ
52 _ ئۇ كۈندە زالىملارغا ئۆزرە ئېيتىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ، ئۇلار (دوزاختىن ئىبارەت) يامان جايغا تاشلىنىدۇ.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ (53) هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ (54)
53 _ 54 _ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان كىتابقا ۋارىس قىلدۇق.
فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَـٰرِ
55 _ ئى پەيغەمبەر! (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن. ئاللاھنىڭ (ساڭا ياردەم قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى _ ئەتىگىنى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۙ إِن فِى صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَـٰلِغِيهِ ۚ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ
56 _ شۈبھىسىزكى، ئۆزىگە ھېچقانداق بىر دەلىل كەلمىگەن تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا تالاش _ تارتىش قىلىدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە كىبىردىن (يەنى ساڭا ئۈستۈن كېلىش ھەۋىسىدىن) باشقا نەرسە يوقتۇر. ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. سەن ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
لَخَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
57 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن چوڭ ئىشتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَمَا يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَلَا ٱلْمُسِىٓءُ ۚ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ
58 _ كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە (شۇ ئىمانغا لايىق) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغان ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.
إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
59 _ قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق، ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ.
وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدْعُونِىٓ أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِى سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
60 _ رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. شەكسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».
ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
61 _ ئاللاھ سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ) قىلىپ بەرگەن، (تىرىكچىلىك قىلىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر، لېكىن، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يەنىلا شۈكۈر قىلمايدۇ.
ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
62 _ ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا (ھېچقانداق) ئىلاھ يوقتۇر، (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا) سىلەر قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟
كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ يَجْحَدُونَ
63 _ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
64 _ ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ، تۇرقۇڭلارنى چىرايلىق قىلغان ۋە سىلەرنى پاك نەرسىلەردىن رىزىقلاندۇرغان زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.
هُوَ ٱلْحَىُّ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ ۗ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
65 _ ئاللاھ مەڭگۈ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِىَ ٱلْبَيِّنَـٰتُ مِن رَّبِّى وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
66 _ (ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى: «رەببىمدىن ماڭا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرى كېلىشى بىلەنلا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ رەببىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم».
هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا۟ شُيُوخًا ۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوٓا۟ أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
67 _ ئاللاھ سىلەرنى (دەسلەپتە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن ئەلەقتىن[2] ياراتقان زاتتۇر. ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر— سىلەردىن بەزىلەر بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ— ئاندىن سىلەر بەلگىلەنگەن ئەجەلگە يېتىسىلەر. (بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تونۇشقا) ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
هُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
68 _ ئاللاھ ھەم تىرىلدۈرىدىغان ھەم ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر. ئۇ (قانداقلا) بىر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ _ دە، ئۇ شۇ ھامان بولىدۇ».
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
69 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تالاش _ تارتىش قىلىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِٱلْكِتَـٰبِ وَبِمَآ أَرْسَلْنَا بِهِۦ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
70 _ ئۇلار كىتاب (قۇرئان)نى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز چۈشۈرگەن مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغانلاردۇر. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (بۇ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىپ قالىدۇ.
إِذِ ٱلْأَغْلَـٰلُ فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ وَٱلسَّلَـٰسِلُ يُسْحَبُونَ (71) فِى ٱلْحَمِيمِ ثُمَّ فِى ٱلنَّارِ يُسْجَرُونَ (72)
71 _ 72_ ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ. ئۇلار قايناق سۇغا سۆرەپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ.
ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تُشْرِكُونَ (73) مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ قَالُوا۟ ضَلُّوا۟ عَنَّا بَل لَّمْ نَكُن نَّدْعُوا۟ مِن قَبْلُ شَيْـًٔا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلْكَـٰفِرِينَ (74)
73 _ 74_ ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ نەرسىلەر بىزنىڭ كۆزىمىزدىن غايىب بولدى (يەنى بىزگە ئەسقاتمىدى)، بەلكى بىز ئىلگىرى (ئىبادەت قىلىشقا) ئەرزىگۈدەك بىرەر نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان ئىكەنمىز» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمْ تَفْرَحُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَمْرَحُونَ
75 _ بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە ھەقسىز كۆرەڭلەپ كەتكەنلىكىڭلار ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر.
ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ
76 _ سىلەر (ئەمدى) جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلار بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!
فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
77 _ (ئى پەيغەمبەر!) چىداملىق بول! شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى (ئۇلارنى ئازابلاش بىلەن) ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى (ئۇنىڭدىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، (بەرىبىر) ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ فَإِذَا جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ قُضِىَ بِٱلْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْمُبْطِلُونَ
78 _ شەكسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا قىسسىسىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەن چاغدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇ چاغدا (ھەقىقەتكە) قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمَ لِتَرْكَبُوا۟ مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
79 _ ئاللاھ بەزىسىنى مىنىشىڭلار ۋە بەزىسىنىڭ گۆشىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە چارۋىلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر.
وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَلِتَبْلُغُوا۟ عَلَيْهَا حَاجَةً فِى صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
80 _ ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. سىلەر ئۇلارغا مىنىپ يۈرۈپ كۆڭلۈڭلاردىكى ھاجىتىڭلارغا يېتىسىلەر، سىلەر ئۇلارنىڭ ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈستىدە توشۇلىسىلەر.
وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَأَىَّ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ
81 _ ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. (ئەھۋال شۇنداق تۇرسا) سىلەر ئاللاھنىڭ دەلىللىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
82 _ ئۇلار زېمىننى كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلارغا قارىغاندا ئۇلار سان جەھەتتە كۆپ، كۈچ _ قۇۋۋەت جەھەتتە ئارتۇق ۋە يەر يۈزىدە قالدۇرغان ئىزلىرى جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى.
فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرِحُوا۟ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
83 _ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا (ھەقىقەتنىڭ) ئوپئوچۇق دەلىللىرى بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى (ئاز _ تولا) بىلىمگە ئىشىنىپ مەغرۇرلىنىپ كەتتى. (نەتىجىدە) ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىدى.
فَلَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشْرِكِينَ
84 _ ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى.
فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَـٰنُهُمْ لَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ فِى عِبَادِهِۦ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْكَـٰفِرُونَ
85 _ بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھەققىدە يۈرگۈزۈپ كەلگەن قانۇنىيىتىدۇر. بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتىدۇ.
غافىر سۈرىسى