نۇر سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 64 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداش، جەمئىيەتنى زىنا _ پاھىشىلەرنىڭ ئامىللىرىدىن، مۇناپىقلارنىڭ ۋە بۇزغۇنچىلارنىڭ ھىيلە ۋە نەيرەڭلىرىدىن قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.

سُورَةٌ أَنزَلْنَـٰهَا وَفَرَضْنَـٰهَا وَأَنزَلْنَا فِيهَآ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ لَّعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
1 _ (بۇ) بىز نازىل قىلغان ۋە (كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان بىر سۈرىدۇر. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەرنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
ٱلزَّانِيَةُ وَٱلزَّانِى فَٱجْلِدُوا۟ كُلَّ وَٰحِدٍ مِّنْهُمَا مِا۟ئَةَ جَلْدَةٍ ۖ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِى دِينِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلْيَوْمِ ٱلْـَٔاخِرِ ۖ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَآئِفَةٌ مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
2 _ (ئۆيلەنمىگەن) زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەربىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدا (ھۆكۈم ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتماڭلار، ئۇلارنى جازالىغاندا مۇئمىنلەردىن بىر بۆلەك كىشى ھازىر بولسۇن.
ٱلزَّانِى لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَٱلزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَآ إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ ۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ
3 _ زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايالمۇ پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىك ئەرگىلا تېگىدۇ، بۇ مۇئمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
وَٱلَّذِينَ يَرْمُونَ ٱلْمُحْصَنَـٰتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا۟ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَآءَ فَٱجْلِدُوهُمْ ثَمَـٰنِينَ جَلْدَةً وَلَا تَقْبَلُوا۟ لَهُمْ شَهَـٰدَةً أَبَدًا ۚ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
4 _ ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن (بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئادالەتلىك) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى سەكسەن دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار. ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُوا۟ مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
5 _ شۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر (ئۇلارنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ).
وَٱلَّذِينَ يَرْمُونَ أَزْوَٰجَهُمْ وَلَمْ يَكُن لَّهُمْ شُهَدَآءُ إِلَّآ أَنفُسُهُمْ فَشَهَـٰدَةُ أَحَدِهِمْ أَرْبَعُ شَهَـٰدَٰتٍۭ بِٱللَّهِ ۙ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ (6) وَٱلْخَـٰمِسَةُ أَنَّ لَعْنَتَ ٱللَّهِ عَلَيْهِ إِن كَانَ مِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ (7)
6 _ 7 _ ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى (سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ۋە ئۆزىدىن تۆھمەتنىڭ جازاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن) ئۆزىنىڭ راستچىللاردىن ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ گۇۋاھلىق بەرسۇن.
وَيَدْرَؤُا۟ عَنْهَا ٱلْعَذَابَ أَن تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَـٰدَٰتٍۭ بِٱللَّهِ ۙ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ (8) وَٱلْخَـٰمِسَةَ أَنَّ غَضَبَ ٱللَّهِ عَلَيْهَآ إِن كَانَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ (9)
8 _ 9_ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمىدا، «ئەگەر ئۇ راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن» دەپ ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىشى (ئۇنىڭدىن زىنانىڭ) جازاسىنى توسۇپ قالىدۇ.
وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ
10 _ ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىغان بولسا، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولمىغان بولسا ئىدى (ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلاتتى، جازاغا تېگىشلىك بولغانلارنى ئۆز ۋاقتىدا جازالىغان بولاتتى).
إِنَّ ٱلَّذِينَ جَآءُو بِٱلْإِفْكِ عُصْبَةٌ مِّنكُمْ ۚ لَا تَحْسَبُوهُ شَرًّا لَّكُم ۖ بَلْ هُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۚ لِكُلِّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُم مَّا ٱكْتَسَبَ مِنَ ٱلْإِثْمِ ۚ وَٱلَّذِى تَوَلَّىٰ كِبْرَهُۥ مِنْهُمْ لَهُۥ عَذَابٌ عَظِيمٌ
11 _ شۈبھىسىزكى، (ئائىشەگە) [1] بۇ بوھتاننى چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھتۇر. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق دەپ قارىماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (باشلامچى بولۇپ) بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىغا مەسئۇل بولغان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
لَّوْلَآ إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ ٱلْمُؤْمِنُونَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتُ بِأَنفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا۟ هَـٰذَآ إِفْكٌ مُّبِينٌ
12 _ بۇ بوھتاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا ئەر _ ئايال مۇئمىنلەر بىر _ بىرى ھەققىدە نېمىشقا ياخشى ئويلاردا بولۇپ، «بۇ ئېنىق بوھتاندۇر» دېمىدى؟
لَّوْلَا جَآءُو عَلَيْهِ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَآءَ ۚ فَإِذْ لَمْ يَأْتُوا۟ بِٱلشُّهَدَآءِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ عِندَ ٱللَّهِ هُمُ ٱلْكَـٰذِبُونَ
13 _ ئۇلار نېمىشقا تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچىلاردۇر.
وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ لَمَسَّكُمْ فِى مَآ أَفَضْتُمْ فِيهِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
14 _ سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەر تارقاتقان بۇ بوھتان ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.
إِذْ تَلَقَّوْنَهُۥ بِأَلْسِنَتِكُمْ وَتَقُولُونَ بِأَفْوَاهِكُم مَّا لَيْسَ لَكُم بِهِۦ عِلْمٌ وَتَحْسَبُونَهُۥ هَيِّنًا وَهُوَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمٌ
15 _ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بۇ بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، سىلەر ئۇنى كىچىك ئىش دەپ قارىدىڭلار، ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ گۇناھتۇر.
وَلَوْلَآ إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُم مَّا يَكُونُ لَنَآ أَن نَّتَكَلَّمَ بِهَـٰذَا سُبْحَـٰنَكَ هَـٰذَا بُهْتَـٰنٌ عَظِيمٌ
16 _ سىلەر نېمىشقا ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، بۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، «بۇ چوڭ بوھتاندۇر» دېمىدىڭلار؟
يَعِظُكُمُ ٱللَّهُ أَن تَعُودُوا۟ لِمِثْلِهِۦٓ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
17 _ ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر (راستتىنلا) ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولساڭلار، ھەرگىز قايتا بۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار.
وَيُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
18 _ ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ ٱلْفَـٰحِشَةُ فِى ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
19 _ مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ وَأَنَّ ٱللَّهَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ
20 _ ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىبان بولمىغان بولسا ئىدى (ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئەلۋەتتە جازالىغان بولاتتى).
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّبِعُوا۟ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَـٰنِ ۚ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيْطَـٰنِ فَإِنَّهُۥ يَأْمُرُ بِٱلْفَحْشَآءِ وَٱلْمُنكَرِ ۚ وَلَوْلَا فَضْلُ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُۥ مَا زَكَىٰ مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يُزَكِّى مَن يَشَآءُ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
21 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ ئىشلارغا، يامان ئەمەللەرگە بۇيرۇيدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم مەڭگۈ پاك بولالمايتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَا يَأْتَلِ أُو۟لُوا۟ ٱلْفَضْلِ مِنكُمْ وَٱلسَّعَةِ أَن يُؤْتُوٓا۟ أُو۟لِى ٱلْقُرْبَىٰ وَٱلْمَسَـٰكِينَ وَٱلْمُهَـٰجِرِينَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ وَلْيَعْفُوا۟ وَلْيَصْفَحُوٓا۟ ۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَن يَغْفِرَ ٱللَّهُ لَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
22 _ ئاراڭلاردىكى مەرتىۋىلىك ۋە دۆلەتمەن بولغانلار يېقىن تۇغقانلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَرْمُونَ ٱلْمُحْصَنَـٰتِ ٱلْغَـٰفِلَـٰتِ ٱلْمُؤْمِنَـٰتِ لُعِنُوا۟ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
23 _ شەكسىزكى، (يامان ئىشلاردىن) بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
يَوْمَ تَشْهَدُ عَلَيْهِمْ أَلْسِنَتُهُمْ وَأَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُم بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
24 _ ئۇ (قىيامەت) كۈنىدە ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
يَوْمَئِذٍ يُوَفِّيهِمُ ٱللَّهُ دِينَهُمُ ٱلْحَقَّ وَيَعْلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ ٱلْمُبِينُ
25 _ شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەقلىقىنى (ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى ئىكەنلىكىنى) بىلىپ قالىدۇ.
ٱلْخَبِيثَـٰتُ لِلْخَبِيثِينَ وَٱلْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَـٰتِ ۖ وَٱلطَّيِّبَـٰتُ لِلطَّيِّبِينَ وَٱلطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَـٰتِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ مُبَرَّءُونَ مِمَّا يَقُولُونَ ۖ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
26 _ پاسكىنا ئاياللار پاسكىنا ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاسكىنا ئەرلەر پاسكىنا ئاياللارغا لايىقتۇر، پاك ئاياللار پاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار باشقىلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَدْخُلُوا۟ بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّىٰ تَسْتَأْنِسُوا۟ وَتُسَلِّمُوا۟ عَلَىٰٓ أَهْلِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
27 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئۈمىدكى، سىلەر (بۇنىڭدىن) نەسىھەت ئالغايسىلەر.
فَإِن لَّمْ تَجِدُوا۟ فِيهَآ أَحَدًا فَلَا تَدْخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤْذَنَ لَكُمْ ۖ وَإِن قِيلَ لَكُمُ ٱرْجِعُوا۟ فَٱرْجِعُوا۟ ۖ هُوَ أَزْكَىٰ لَكُمْ ۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
28 _ ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچقانداق ئادەم تاپالمىساڭلار، سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە ئۇ ئۆيلەرگە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە، شۇ ھامان قايتىپ كېتىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَدْخُلُوا۟ بُيُوتًا غَيْرَ مَسْكُونَةٍ فِيهَا مَتَـٰعٌ لَّكُمْ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
29 _ (دۇكان ۋە كىتابخانىغا ئوخشاش) تۇرالغۇ بولمىغان، ئىچىدە سىلەرگە مەنپەئەتلىك ئىشلار بار ئۆيلەرگە (ئىجازەت سورىماي) كىرىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىدۇ.
قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا۟ مِنْ أَبْصَـٰرِهِمْ وَيَحْفَظُوا۟ فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرٌۢ بِمَا يَصْنَعُونَ
30 _ (ئى پەيغەمبەر!) مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكلىقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
وَقُل لِّلْمُؤْمِنَـٰتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَـٰرِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ ءَابَآئِهِنَّ أَوْ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَآئِهِنَّ أَوْ أَبْنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَٰنِهِنَّ أَوْ بَنِىٓ إِخْوَٰنِهِنَّ أَوْ بَنِىٓ أَخَوَٰتِهِنَّ أَوْ نِسَآئِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُنَّ أَوِ ٱلتَّـٰبِعِينَ غَيْرِ أُو۟لِى ٱلْإِرْبَةِ مِنَ ٱلرِّجَالِ أَوِ ٱلطِّفْلِ ٱلَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا۟ عَلَىٰ عَوْرَٰتِ ٱلنِّسَآءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ ۚ وَتُوبُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ ٱلْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
31 _ مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن (يەنى باشلىرىغا سالغان رومال بىلەن باشلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىنى ۋە كۆكرەكلىرىنى ئوراپ، ياتلاردىن يوشۇرسۇن)، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتكارلاردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (نارەسىدە) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، يوشۇرۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار.
وَأَنكِحُوا۟ ٱلْأَيَـٰمَىٰ مِنكُمْ وَٱلصَّـٰلِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَآئِكُمْ ۚ إِن يَكُونُوا۟ فُقَرَآءَ يُغْنِهِمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
32 _ ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ، ئۆيلىنىشكە لاياقەتلىك قۇل -چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
وَلْيَسْتَعْفِفِ ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضْلِهِۦ ۗ وَٱلَّذِينَ يَبْتَغُونَ ٱلْكِتَـٰبَ مِمَّا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُكُمْ فَكَاتِبُوهُمْ إِنْ عَلِمْتُمْ فِيهِمْ خَيْرًا ۖ وَءَاتُوهُم مِّن مَّالِ ٱللَّهِ ٱلَّذِىٓ ءَاتَىٰكُمْ ۚ وَلَا تُكْرِهُوا۟ فَتَيَـٰتِكُمْ عَلَى ٱلْبِغَآءِ إِنْ أَرَدْنَ تَحَصُّنًا لِّتَبْتَغُوا۟ عَرَضَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۚ وَمَن يُكْرِههُّنَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ مِنۢ بَعْدِ إِكْرَٰهِهِنَّ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
33 _ ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن (ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن ئۆزىنىڭ ئازادلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن) توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلاردا ياخشىلىقنى (يەنى مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشكە ۋە ئىشلەشكە قادىر ئىكەنلىكىنى) بايقىساڭلار، ئۇلار بىلەن توختام تۈزۈڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مال _ مۈلۈكتىن ئۇلارغا بېرىڭلار. دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ چۆرىلىرىڭلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلىماڭلار، ئۇلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالايدىغان تۇرسا (سىلەر قانداقلارچە ئۇلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلايسىلەر؟!). كىمكى ئۇلارنى پاھىشىگە مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن شەكسىزكى، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) رەھىم قىلغۇچىدۇر (زىنانىڭ گۇناھى مەجبۇرلىغانلارغا بولىدۇ).
وَلَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكُمْ ءَايَـٰتٍ مُّبَيِّنَـٰتٍ وَمَثَلًا مِّنَ ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلِكُمْ وَمَوْعِظَةً لِّلْمُتَّقِينَ
34 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) شەكسىزكى، بىز سىلەرگە (ھەقىقەتنى) روشەن بايان قىلغۇچى ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز _ نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق.
ٱللَّهُ نُورُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ مَثَلُ نُورِهِۦ كَمِشْكَوٰةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ ۖ ٱلْمِصْبَاحُ فِى زُجَاجَةٍ ۖ ٱلزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّىٌّ يُوقَدُ مِن شَجَرَةٍ مُّبَـٰرَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَّا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِىٓءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ ۚ نُّورٌ عَلَىٰ نُورٍ ۗ يَهْدِى ٱللَّهُ لِنُورِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ وَيَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْأَمْثَـٰلَ لِلنَّاسِ ۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
35 _ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۇئمىن بەندىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراغ بولۇپ، چىراغ شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شېشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ كۈنچىقىشقىمۇ، كۈنپېتىشقىمۇ تەۋە بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىدىن (چىقىرىلغان ياغ بىلەن) يورۇتۇلغان، ئۇنىڭ يېغى (سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ (ھىدايەت) نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) ئىنسانلارغا (مانا مۇشۇنداق) مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
فِى بُيُوتٍ أَذِنَ ٱللَّهُ أَن تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا ٱسْمُهُۥ يُسَبِّحُ لَهُۥ فِيهَا بِٱلْغُدُوِّ وَٱلْـَٔاصَالِ
36 _ ئاللاھ، ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكرى قىلىنىشىغا ئىزىن بەرگەن ئۆيلەردە (مەسجىدلەردە) ئەتىگەن– ئاخشامدا (مۇئمىنلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.
رِجَالٌ لَّا تُلْهِيهِمْ تِجَـٰرَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَن ذِكْرِ ٱللَّهِ وَإِقَامِ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءِ ٱلزَّكَوٰةِ ۙ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ ٱلْقُلُوبُ وَٱلْأَبْصَـٰرُ
37 _ ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، نە تىجارەت، نە سودا _ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن، ناماز ئوقۇشتىن ۋە زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. ئۇلار (قورقۇنچتىن) دىللار پاراكەندە ۋە كۆزلەر ئالاقزادە بولۇپ كېتىدىغان (قىيامەت) كۈنىدىن قورقىدۇ.
لِيَجْزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا۟ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضْلِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ يَرْزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
38 _ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە مۇكاپات بېرىشى ۋە ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَعْمَـٰلُهُمْ كَسَرَابٍۭ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ ٱلظَّمْـَٔانُ مَآءً حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَهُۥ لَمْ يَجِدْهُ شَيْـًٔا وَوَجَدَ ٱللَّهَ عِندَهُۥ فَوَفَّىٰهُ حِسَابَهُۥ ۗ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
39 _ كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ، قىلغان) ئەمەللىرى خۇددى تەشنا ئادەم (يىراقتىن) سۇ دەپ ئويلاپ قالىدىغان، يېنىغا كەلسە (سۇدىن) ھېچبىر ئەسەر تاپالمايدىغان باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشاشتۇر. (قىيامەت كۈنى) ئۇ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەمەلىگە تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
أَوْ كَظُلُمَـٰتٍ فِى بَحْرٍ لُّجِّىٍّ يَغْشَىٰهُ مَوْجٌ مِّن فَوْقِهِۦ مَوْجٌ مِّن فَوْقِهِۦ سَحَابٌ ۚ ظُلُمَـٰتٌۢ بَعْضُهَا فَوْقَ بَعْضٍ إِذَآ أَخْرَجَ يَدَهُۥ لَمْ يَكَدْ يَرَىٰهَا ۗ وَمَن لَّمْ يَجْعَلِ ٱللَّهُ لَهُۥ نُورًا فَمَا لَهُۥ مِن نُّورٍ
40 _ ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر. (بۇ قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئادەم) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كىمگە نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ نۇردىن (يەنى ھىدايەتتىن ئەسلا) نېسىۋىسى بولمايدۇ.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱلطَّيْرُ صَـٰٓفَّـٰتٍ ۖ كُلٌّ قَدْ عَلِمَ صَلَاتَهُۥ وَتَسْبِيحَهُۥ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِمَا يَفْعَلُونَ
41 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كېرىگەن (ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ھەربىرى ئۆزىنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.
وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلْمَصِيرُ
42 _ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُزْجِى سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُۥ ثُمَّ يَجْعَلُهُۥ رُكَامًا فَتَرَى ٱلْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَـٰلِهِۦ وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن جِبَالٍ فِيهَا مِنۢ بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ وَيَصْرِفُهُۥ عَن مَّن يَشَآءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِۦ يَذْهَبُ بِٱلْأَبْصَـٰرِ
43 _ كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلانغان ھالغا كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ، (بۇلۇتتىكى) چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى نابۇت قىلىۋەتكىلى تاس قالىدۇ.
يُقَلِّبُ ٱللَّهُ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِّأُو۟لِى ٱلْأَبْصَـٰرِ
44 _ ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
وَٱللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَآبَّةٍ مِّن مَّآءٍ ۖ فَمِنْهُم مَّن يَمْشِى عَلَىٰ بَطْنِهِۦ وَمِنْهُم مَّن يَمْشِى عَلَىٰ رِجْلَيْنِ وَمِنْهُم مَّن يَمْشِى عَلَىٰٓ أَرْبَعٍ ۚ يَخْلُقُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
45 _ ئاللاھ بارلىق جانلىقنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
لَّقَدْ أَنزَلْنَآ ءَايَـٰتٍ مُّبَيِّنَـٰتٍ ۚ وَٱللَّهُ يَهْدِى مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
46 _ شۈبھىسىزكى، (بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى) ئېنىق بايان قىلغان ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
وَيَقُولُونَ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُم مِّنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَآ أُو۟لَـٰٓئِكَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ
47 _ (مۇناپىقلار): «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر گۇرۇھ شۇنىڭدىن (يەنى شۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن ئىتائەتتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار (ئەمەلىيەتتە) مۇئمىن ئەمەس.
وَإِذَا دُعُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِّنْهُم مُّعْرِضُونَ
48 _ (پەيغەمبەرنىڭ) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى شۇ ھامان باش تارتىدۇ.
وَإِن يَكُن لَّهُمُ ٱلْحَقُّ يَأْتُوٓا۟ إِلَيْهِ مُذْعِنِينَ
49 _ ئەگەر ھەقىقەت ئۇلار تەرىپىدە بولۇپ قالغاندا، ئۇلار پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان قىياپەتتە (يۈگۈرۈپ) كېلىشىدۇ.
أَفِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ٱرْتَابُوٓا۟ أَمْ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُۥ ۚ بَلْ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
50 _ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىللەت بارمۇ؟ يا ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) شەك قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىدۇ، دەپ قورقامدۇ؟ ياق، بەلكى ئۇلار زالىملارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ ٱلْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَن يَقُولُوا۟ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۚ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ
51 _ (پەيغەمبەرنىڭ) مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەقەت: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئەنە شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر.
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَخْشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَآئِزُونَ
52 _ كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا، ئاللاھتىن قورقسا ۋە ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلسا، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر.
وَأَقْسَمُوا۟ بِٱللَّهِ جَهْدَ أَيْمَـٰنِهِمْ لَئِنْ أَمَرْتَهُمْ لَيَخْرُجُنَّ ۖ قُل لَّا تُقْسِمُوا۟ ۖ طَاعَةٌ مَّعْرُوفَةٌ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ
53 _ (مۇناپىقلار ساڭا): «ئەگەر سەن بىزنى (جىھادقا) چىقىشقا بۇيرۇساڭ، بىز چوقۇم چىقىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(يالغاندىن) قەسەم قىلماڭلار، سىلەرنىڭ ئىتائىتىڭلار چاغلىقتۇر. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر».
قُلْ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ ۖ فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُم مَّا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِن تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا۟ ۚ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ
54 _ ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر باش تارتساڭلار، پەيغەمبەر (دىننى يەتكۈزۈش) ۋەزىپىسىدىن جاۋابكاردۇر، سىلەر (ئىتائەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش) ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارسىلەر. ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر».
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنكُمْ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ كَمَا ٱسْتَخْلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ ٱلَّذِى ٱرْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِى لَا يُشْرِكُونَ بِى شَيْـًٔا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
55 _ ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنى يەر يۈزىدە ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.
وَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
56 _ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى تولۇق بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار.
لَا تَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مُعْجِزِينَ فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۖ وَلَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
57 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارنى يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لِيَسْتَـْٔذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُكُمْ وَٱلَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا۟ ٱلْحُلُمَ مِنكُمْ ثَلَـٰثَ مَرَّٰتٍ ۚ مِّن قَبْلِ صَلَوٰةِ ٱلْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعْدِ صَلَوٰةِ ٱلْعِشَآءِ ۚ ثَلَـٰثُ عَوْرَٰتٍ لَّكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌۢ بَعْدَهُنَّ ۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيْكُم بَعْضُكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
58 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇ) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن ئەۋرەتتۇر (يەنى ئەۋرىتىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئىجازەت سورىماي كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (ئادەتتە) سىلەر بىر _ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ _ چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِذَا بَلَغَ ٱلْأَطْفَـٰلُ مِنكُمُ ٱلْحُلُمَ فَلْيَسْتَـْٔذِنُوا۟ كَمَا ٱسْتَـْٔذَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
59 _ كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلارمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار ئۆيگە كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ھەر ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَٱلْقَوَٰعِدُ مِنَ ٱلنِّسَآءِ ٱلَّـٰتِى لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَن يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَـٰتٍۭ بِزِينَةٍ ۖ وَأَن يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَّهُنَّ ۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
60 _ ياتلىق بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (سېلىۋەتمەي) ئىپپەتلىك يۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
لَّيْسَ عَلَى ٱلْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى ٱلْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى ٱلْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمْ أَن تَأْكُلُوا۟ مِنۢ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ ءَابَآئِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَـٰتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَٰنِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَٰتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَـٰمِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّـٰتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَٰلِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَـٰلَـٰتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُم مَّفَاتِحَهُۥٓ أَوْ صَدِيقِكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَأْكُلُوا۟ جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا ۚ فَإِذَا دَخَلْتُم بُيُوتًا فَسَلِّمُوا۟ عَلَىٰٓ أَنفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ مُبَـٰرَكَةً طَيِّبَةً ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
61 _ (جىھادقا ئوخشاش كۆز، پۇت– قول ۋە بەدەن ساق بولمىسا قىلغىلى بولمايدىغان پەرز ئەمەللەرنى ئۆزرىسى سەۋەبلىك قىلالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (شۇنداقلا بالىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەرگە ئاچقۇچلىرىنى تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نەرسە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، توپلىشىپ ياكى ئايرىم _ ئايرىم يېسەڭلارمۇ سىلەرگە گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئامانلىق ۋە بەرىكەت تىلىكى بىلەن ئۆزۈڭلارغا (ۋە ئائىلەڭلاردىكىلەرگە) سالام بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.
إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَإِذَا كَانُوا۟ مَعَهُۥ عَلَىٰٓ أَمْرٍ جَامِعٍ لَّمْ يَذْهَبُوا۟ حَتَّىٰ يَسْتَـْٔذِنُوهُ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَـْٔذِنُونَكَ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ۚ فَإِذَا ٱسْتَـْٔذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَن لِّمَن شِئْتَ مِنْهُمْ وَٱسْتَغْفِرْ لَهُمُ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
62 _ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن كىشىلەر (ھەقىقىي) مۇئمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك) بىرەر مۇھىم ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، ئۇنىڭدىن ئىجازەت سورىمىغۇچە ھەرگىز كېتىپ قالمايدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىجازەت سورايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چىن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لَّا تَجْعَلُوا۟ دُعَآءَ ٱلرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَآءِ بَعْضِكُم بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
63 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر پەيغەمبەرنى ئاراڭلاردا بىر _ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كېتىدىغانلارنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار چوڭ بىر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن.
أَلَآ إِنَّ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ قَدْ يَعْلَمُ مَآ أَنتُمْ عَلَيْهِ وَيَوْمَ يُرْجَعُونَ إِلَيْهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا۟ ۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌۢ
64 _ بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان (قىيامەت) كۈنىدە، ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان–ئەتكەنلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.