ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇئمىنلەرگە ياردەم قىلىپ، كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مۇئمىنلەرنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ أَضَلَّ أَعْمَـٰلَهُمْ
1 _ كۇفرىدا چىڭ تۇرغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَءَامَنُوا۟ بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ
2 _ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە مۇھەممەدكە رەببىى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتكە چىن ئىشەنگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱتَّبَعُوا۟ ٱلْبَـٰطِلَ وَأَنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّبَعُوا۟ ٱلْحَقَّ مِن رَّبِّهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ أَمْثَـٰلَهُمْ
3 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىر بولغانلار باتىلغا ئەگەشتى، ئىمان ئېيتقانلار بولسا رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا (بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىدىغان) شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
فَإِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَضَرْبَ ٱلرِّقَابِ حَتَّىٰٓ إِذَآ أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا۟ ٱلْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّۢا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَآءً حَتَّىٰ تَضَعَ ٱلْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَٱنتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَـٰكِن لِّيَبْلُوَا۟ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ ۗ وَٱلَّذِينَ قُتِلُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَـٰلَهُمْ
4 _ سىلەر (جەڭ مەيدانىدا) كاپىرلار بىلەن ئېلىشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا (قىلىچ بىلەن) ئۇرۇڭلار، سىلەر ئۇلارغا ئېغىر زەربە بېرىپ ھالسىراتقان چاغدا، (ئەسىرگە چۈشگەنلەرنى) مەھكەم باغلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ياخشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، (كاپىرلار مۇسۇلمان بولغان ياكى سۈلھى بىلەن) ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر ئىش مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلاردىن (مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئۇرۇشسىزمۇ) ئىنتىقام ئېلىپ بېرەتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى بىر _ بىرىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (سىلەرگە جىھادنى پەرز قىلدى). ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىز بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.
سَيَهْدِيهِمْ وَيُصْلِحُ بَالَهُمْ
5 _ ئاللاھ ئۇلارنى (جەننەتكە) يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ،
وَيُدْخِلُهُمُ ٱلْجَنَّةَ عَرَّفَهَا لَهُمْ
6 _ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تونۇشتۇرغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تَنصُرُوا۟ ٱللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ
7 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا (ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَتَعْسًا لَّهُمْ وَأَضَلَّ أَعْمَـٰلَهُمْ
8 _ كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَرِهُوا۟ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَـٰلَهُمْ
9 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان (قۇرئان)نى يامان كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلىۋەتتى.
أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ دَمَّرَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ ۖ وَلِلْكَـٰفِرِينَ أَمْثَـٰلُهَا
10_ ئۇلار يەر يۈزىنى كېزىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمەمدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ مَوْلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَأَنَّ ٱلْكَـٰفِرِينَ لَا مَوْلَىٰ لَهُمْ
11 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا ھېچبىر مەدەتكار يوقتۇر.
إِنَّ ٱللَّهَ يُدْخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَتَمَتَّعُونَ وَيَأْكُلُونَ كَمَا تَأْكُلُ ٱلْأَنْعَـٰمُ وَٱلنَّارُ مَثْوًى لَّهُمْ
12 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار بولسا (دۇنيا ھاياتىدىن بىرئاز) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ھايۋانلاردەك يەپ _ ئىچىدۇ. (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ.
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ هِىَ أَشَدُّ قُوَّةً مِّن قَرْيَتِكَ ٱلَّتِىٓ أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَـٰهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ
13 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەر (مەككە) نىڭ ئاھالىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى.
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِۦ كَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَهْوَآءَهُم
14 _ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ئوپئوچۇق دەلىلگە ئاساسلانغان ئادەم ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمگە ئوخشامدۇ؟
مَّثَلُ ٱلْجَنَّةِ ٱلَّتِى وُعِدَ ٱلْمُتَّقُونَ ۖ فِيهَآ أَنْهَـٰرٌ مِّن مَّآءٍ غَيْرِ ءَاسِنٍ وَأَنْهَـٰرٌ مِّن لَّبَنٍ لَّمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُۥ وَأَنْهَـٰرٌ مِّنْ خَمْرٍ لَّذَّةٍ لِّلشَّـٰرِبِينَ وَأَنْهَـٰرٌ مِّنْ عَسَلٍ مُّصَفًّى ۖ وَلَهُمْ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَمَغْفِرَةٌ مِّن رَّبِّهِمْ ۖ كَمَنْ هُوَ خَـٰلِدٌ فِى ٱلنَّارِ وَسُقُوا۟ مَآءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَآءَهُمْ
15 _ تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان سۇدىن ئۆستەڭلەر، تەمى ئۆزگەرمەيدىغان سۈتتىن ئۆستەڭلەر، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابتىن ئۆستەڭلەر ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلەر بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرى بولىدۇ ۋە رەببى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە _ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟
وَمِنْهُم مَّن يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰٓ إِذَا خَرَجُوا۟ مِنْ عِندِكَ قَالُوا۟ لِلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ مَاذَا قَالَ ءَانِفًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ طَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَهْوَآءَهُمْ
16 _ ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار)نىڭ ئارىسىدا سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (مەسخىرە قىلغانلىقتىن): «بىرئاز ئىلگىرى (مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەردۇر.
وَٱلَّذِينَ ٱهْتَدَوْا۟ زَادَهُمْ هُدًى وَءَاتَىٰهُمْ تَقْوَىٰهُمْ
17 _ ھىدايەت تاپقانلارغا ئاللاھ ھىدايەتنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى تەقۋالىققا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
فَهَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأْتِيَهُم بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَآءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَآءَتْهُمْ ذِكْرَىٰهُمْ
18 _ كاپىرلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزىگە تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شەكسىزكى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. قىيامەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارغا ۋەز _ نەسىھەتنىڭ قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن؟
فَٱعْلَمْ أَنَّهُۥ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَىٰكُمْ
19 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئەر _ ئايال مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە تۇرىدىغان جايىڭلارنى بىلىدۇ.
وَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَآ أُنزِلَتْ سُورَةٌ مُّحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا ٱلْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ ٱلْمَغْشِىِّ عَلَيْهِ مِنَ ٱلْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
20 _ ئىمان ئېيتقانلار: «كاشكى، (جىھاد ھەققىدە) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا ئىدى» دەيدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) جىھادتىن سۆز ئېچىلغان، مەزمۇنى ئېنىق بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان چاغدا، دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنىڭ ساڭا ئۆلۈمدىن (قورقۇپ) ھوشىدىن كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن.
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَّعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ ٱلْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا۟ ٱللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ
21 _ ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى بولاتتى.
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوٓا۟ أَرْحَامَكُمْ
22 _ (ئى مۇناپىقلار!) ئەگەر سىلەر (قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ (جاھىلىيەتكە قايتىپ) يەر يۈزىدە بۇغۇنچىلىق قىلىشىڭلار ۋە تۇغقاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويۇشۇڭلار مۇقەررەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰٓ أَبْصَـٰرَهُمْ
23 _ ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىپ، (ھەق سۆزنى ئاڭلاشتىن) گاس، كۆزلىرىنى (توغرا يولنى كۆرۈشتىن) كور قىلىپ قويدى.
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ ٱلْقُرْءَانَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَآ
24 _ ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱرْتَدُّوا۟ عَلَىٰٓ أَدْبَـٰرِهِم مِّنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلْهُدَى ۙ ٱلشَّيْطَـٰنُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
25 _ شەكسىزكى، ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن (ئىماندىن) يېنىۋالغانلارغا شەيتان (مۇرتەدلىكنى) چىرايلىق كۆرسەتتى ۋە (شېرىن ئارزۇ ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا۟ لِلَّذِينَ كَرِهُوا۟ مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِى بَعْضِ ٱلْأَمْرِ ۖ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
26 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرىدىغانلارغا (يەھۇدىيلارغا): «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
فَكَيْفَ إِذَا تَوَفَّتْهُمُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَـٰرَهُمْ
27 _ پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولار؟
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ ٱتَّبَعُوا۟ مَآ أَسْخَطَ ٱللَّهَ وَكَرِهُوا۟ رِضْوَٰنَهُۥ فَأَحْبَطَ أَعْمَـٰلَهُمْ
28-بۇ (ئازاب)نىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىلەرگە ئەگەشتى ۋە ئۇنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى ياقتۇرمىدى. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى.
أَمْ حَسِبَ ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَن لَّن يُخْرِجَ ٱللَّهُ أَضْغَـٰنَهُمْ
29 _ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاللاھ ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
وَلَوْ نَشَآءُ لَأَرَيْنَـٰكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُم بِسِيمَـٰهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِى لَحْنِ ٱلْقَوْلِ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَـٰلَكُمْ
30 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى چوقۇم ئۇلارنىڭ ئالامەتلىرىدىن تونۇيتتىڭ. شەكسىزكى، سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى سۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ ٱلْمُجَـٰهِدِينَ مِنكُمْ وَٱلصَّـٰبِرِينَ وَنَبْلُوَا۟ أَخْبَارَكُمْ
31 _ بىز سىلەرنى تاكى ئاراڭلاردىن جىھادقا چىققۇچىلارنى ۋە بەرداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە (ئوتتۇرىغا چىقارغانغا) ۋە ئەھۋالىڭلارنى تولۇق ئاشكارا قىلغانغا قەدەر ئەلۋەتتە (جىھاد ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇشەققەتلىك ئەمەللەر بىلەن) سىنايمىز.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَشَآقُّوا۟ ٱلرَّسُولَ مِنۢ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلْهُدَىٰ لَن يَضُرُّوا۟ ٱللَّهَ شَيْـًٔا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَـٰلَهُمْ
32 _ شەكسىزكى، ئۆزلىرىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ۋە پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُوا۟ ٱلرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوٓا۟ أَعْمَـٰلَكُمْ
33 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ مَاتُوا۟ وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَن يَغْفِرَ ٱللَّهُ لَهُمْ
34 _ شەكسىزكى، كاپىر بولغان، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئاندىن كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ.
فَلَا تَهِنُوا۟ وَتَدْعُوٓا۟ إِلَى ٱلسَّلْمِ وَأَنتُمُ ٱلْأَعْلَوْنَ وَٱللَّهُ مَعَكُمْ وَلَن يَتِرَكُمْ أَعْمَـٰلَكُمْ
35- (ئى ئىمان ئېيتقانلار! جىھاد مەيدانىدا) بوشىشىپ قالماڭلار، سىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تۇرۇپ (دۈشمەننى) سۈلھىگە چاقىرماڭلار. ئاللاھ سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ ئەمەلىڭلار (نىڭ ساۋابى)نى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ.
إِنَّمَا ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِن تُؤْمِنُوا۟ وَتَتَّقُوا۟ يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْـَٔلْكُمْ أَمْوَٰلَكُمْ
36 _ دۇنيا ھاياتى پەقەت پەقەت ئويۇن _ تاماشا ۋە بىخۇدلۇقتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئەجىرىڭلارنى بېرىدۇ، سىلەردىن پۇل _ مېلىڭلار (نىڭ ھەممىسى)نى تەلەپ قىلمايدۇ (بەلكى مەلۇم مىقدارىنى تەلەپ قىلىدۇ).
إِن يَسْـَٔلْكُمُوهَا فَيُحْفِكُمْ تَبْخَلُوا۟ وَيُخْرِجْ أَضْغَـٰنَكُمْ
37 _ ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن پۇل _ مېلىڭلار (نىڭ ھەممىسى)نى تەلەپ قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى تەلەپ قويسا، سىلەر بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا بولغان) ئۆچلىكىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ.
هَـٰٓأَنتُمْ هَـٰٓؤُلَآءِ تُدْعَوْنَ لِتُنفِقُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ فَمِنكُم مَّن يَبْخَلُ ۖ وَمَن يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَن نَّفْسِهِۦ ۚ وَٱللَّهُ ٱلْغَنِىُّ وَأَنتُمُ ٱلْفُقَرَآءُ ۚ وَإِن تَتَوَلَّوْا۟ يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوٓا۟ أَمْثَـٰلَكُم
38 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل _ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار. كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، بېخىللىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ. ئاللاھ (ھېچ نەرسىگە) موھتاج ئەمەستۇر، سىلەر بولساڭلار ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى