فەجر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 30 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنى سىناشتىكى ھېمكىتىنى بايان قىلىش ۋە ئاخىرەتنى ئەسلىتىشتىن ئىبارەتتۇر. 

وَٱلْفَجْرِ (1) وَلَيَالٍ عَشْرٍ (2) وَٱلشَّفْعِ وَٱلْوَتْرِ (3) وَٱلَّيْلِ إِذَا يَسْرِ (4) هَلْ فِى ذَٰلِكَ قَسَمٌ لِّذِى حِجْرٍ (5)
1 _ 5_ سۈبھى بىلەن، ئون كېچە[1] بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن، ئۆتۈۋاتقان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇلاردا ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن (ئۇنى قايىل قىلغۇدەك) قەسەم بار.
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ (6) إِرَمَ ذَاتِ ٱلْعِمَادِ (7) ٱلَّتِى لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِى ٱلْبِلَـٰدِ (8) وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُوا۟ ٱلصَّخْرَ بِٱلْوَادِ (9) وَفِرْعَوْنَ ذِى ٱلْأَوْتَادِ (10)
6 _ 10_ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئاد قەۋمىنى — (باشقا) شەھەرلەردە ئوخشىشى يارىتىلىپ باقمىغان، ئېگىز بويلۇق ئىرەملىكلەرنى، تاغ جىلغىسىدا (ئۆي سېلىش ئۈچۈن) قورام تاشلارنى يونۇپ ئۆيلەرنى سالغان سەمۇد قەۋمىنى، قوراللىق لەشكەرلىرى بولغان پىرئەۋننى رەببىڭنىڭ قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ٱلَّذِينَ طَغَوْا۟ فِى ٱلْبِلَـٰدِ (11) فَأَكْثَرُوا۟ فِيهَا ٱلْفَسَادَ (12) فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ (13)
11 _ 13_ ئۇلار شەھەرلەردە ھەددىدىن ئېشىپ، ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلىۋىدى، شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئازابلارنى ياغدۇردى.
إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلْمِرْصَادِ
14 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ئەلۋەتتە (ھەممىنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
فَأَمَّا ٱلْإِنسَـٰنُ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكْرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَكْرَمَنِ
15 _ رەببى ئىنساننى سىناپ، ئۇنى ئىززەتلىسە ۋە ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ.
وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَهَـٰنَنِ
16 _ رەببى ئۇنى سىناپ، ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ.
كَلَّا ۖ بَل لَّا تُكْرِمُونَ ٱلْيَتِيمَ
17 _ ئىش ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقەت شۇكى، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر.
وَلَا تَحَـٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ
18 _ بىر _ بىرىڭلارنى يوقسۇلغا ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر.
وَتَأْكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكْلًا لَّمًّا
19 _ مىراسنى (ھالال–ھارام دېمەي) ھە دەپ يەيسىلەر[2].
وَتُحِبُّونَ ٱلْمَالَ حُبًّا جَمًّا
20 _ مال _ دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرىسىلەر.
كَلَّآ إِذَا دُكَّتِ ٱلْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا
21 _ بۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئەمەس. زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا،
وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا
22 _ رەببىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن) كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ _ سەپ بولۇپ ھازىر بولغان چاغدا،
وَجِا۟ىٓءَ يَوْمَئِذٍۭ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ ٱلْإِنسَـٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكْرَىٰ
23 _ جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (ئەمما بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟
يَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى قَدَّمْتُ لِحَيَاتِى
24 _ ئۇ: «كاشكى مەن (ئاخىرەتتىكى) ھاياتىم ئۈچۈن (دۇنيادا) ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!» دەپ كېتىدۇ.
فَيَوْمَئِذٍ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٌ
25 _ ھېچكىم ئاللاھ شۇ كۈندە جازالىغاندەك جازالىيالمايدۇ.
وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٌ
26 _ ھەمدە ھېچكىم ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىيالمايدۇ.
يَـٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفْسُ ٱلْمُطْمَئِنَّةُ
27 _ (مۇئمىننىڭ جېنىغا مۇنداق دېيىلىدۇ) «ئى ئارام تاپقۇچى جان!
ٱرْجِعِىٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةً مَّرْضِيَّةً
28 _ سەن رەببىڭدىن مەمنۇن بولغان، رەببىڭمۇ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن.
فَٱدْخُلِى فِى عِبَـٰدِى
29 _ سەن مېنىڭ (ياخشى) بەندىلىرىمنىڭ قاتارىغا قوشۇلغىن.
وَٱدْخُلِى جَنَّتِى
30 _ مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن».