ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرنى بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىق قىسسىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ٱقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِى غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ
1 _ ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىدىغان ۋاقتى (قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدە (بۇ ھەقىقەتتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
مَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّن رَّبِّهِم مُّحْدَثٍ إِلَّا ٱسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ (2) لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ ۗ وَأَسَرُّوا۟ ٱلنَّجْوَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ هَلْ هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ ۖ أَفَتَأْتُونَ ٱلسِّحْرَ وَأَنتُمْ تُبْصِرُونَ (3)
2 _ 3_ ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز _ نەسىھەت كەلسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا ئويۇن _ تاماشاغا بېرىلگەن ۋە دىللىرى غاپىل ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ. بۇ زالىملار (ئۆزئارىسىدا): «بۇ (مۇھەممەد) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان تۇرسا، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ.
قَالَ رَبِّى يَعْلَمُ ٱلْقَوْلَ فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
4 _ (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «رەببىم ئاسمان، زېمىندىكى ھەربىر سۆزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
بَلْ قَالُوٓا۟ أَضْغَـٰثُ أَحْلَـٰمٍۭ بَلِ ٱفْتَرَىٰهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِـَٔايَةٍ كَمَآ أُرْسِلَ ٱلْأَوَّلُونَ
5 _ (كاپىرلار: قۇرئان سېھىردۇر دەپلا قالماي): «بەلكى ئۇ (مۇھەممەد كۆرگەن) قالايمىقان چۈشلەردۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققاندۇر. بەلكى ئۇ شائىردۇر. (ئەگەر ئۇ ئۇنداق بولمىسا) بىزگە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.
مَآ ءَامَنَتْ قَبْلَهُم مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَآ ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
6 _ ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىدىن ھېچقايسىسى (مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ) ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، بۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
وَمَآ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِىٓ إِلَيْهِمْ ۖ فَسْـَٔلُوٓا۟ أَهْلَ ٱلذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
7 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەردىن ئەمەس) پەقەت (ئىنسانلاردىن) ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق. ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار.
وَمَا جَعَلْنَـٰهُمْ جَسَدًا لَّا يَأْكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَمَا كَانُوا۟ خَـٰلِدِينَ
8 _ بىز پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، ئۇلار (دۇنيادا) مەڭگۈ قالغۇچىلارمۇ ئەمەس.
ثُمَّ صَدَقْنَـٰهُمُ ٱلْوَعْدَ فَأَنجَيْنَـٰهُمْ وَمَن نَّشَآءُ وَأَهْلَكْنَا ٱلْمُسْرِفِينَ
9 _ ئاندىن بىز ئۇلارغا (بەرگەن) ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە زۇلۇمدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق.
لَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكُمْ كِتَـٰبًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
10 _ ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ شان _ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
وَكَمْ قَصَمْنَا مِن قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا ءَاخَرِينَ
11 _ بىز ئاھالىسى زالىم بولغان نۇرغۇنلىغان يۇرتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.
فَلَمَّآ أَحَسُّوا۟ بَأْسَنَآ إِذَا هُم مِّنْهَا يَرْكُضُونَ
12 _ ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى ھېس قىلغان چاغدا (ئۇ يەردىن) دەرھال قاچىدۇ.
لَا تَرْكُضُوا۟ وَٱرْجِعُوٓا۟ إِلَىٰ مَآ أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَـٰكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْـَٔلُونَ
13 _ (بۇ چاغدا ئۇلارغا مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا) «قاچماڭلار! سىلەردىن سوئال سورۇلۇشى ئۈچۈن، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
قَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
14 _ ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىكەنمىز» دېيىشىدۇ.
فَمَا زَالَت تِّلْكَ دَعْوَىٰهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَـٰهُمْ حَصِيدًا خَـٰمِدِينَ
15 _ بىز ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك قىلىۋەتكىنىمىزگە قەدەر، ئۇلارنىڭ پەريادى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدۇ.
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَـٰعِبِينَ
16 _ بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتتۇق).
لَوْ أَرَدْنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهْوًا لَّٱتَّخَذْنَـٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَـٰعِلِينَ
17 _ ئەگەر بىز تاماشا قىلايلى دېسەك، ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆز تەرىپىمىزدىن قىلغان بولاتتۇق، (ئەمما) بىز ئۇنداق قىلمىدۇق.
بَلْ نَقْذِفُ بِٱلْحَقِّ عَلَى ٱلْبَـٰطِلِ فَيَدْمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ ۚ وَلَكُمُ ٱلْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ
18 _ بەلكى بىز باتىلغا ھەق بىلەن زەربە بېرىمىز، ھەق باتىلنى ئېزىپ تاشلايدۇ، باتىل شۇ ھامان توزۇپ كېتىدۇ. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر (ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەر بىلەن) سۈپەتلىگەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن دەھشەتلىك ئازابقا قالىسىلەر.
وَلَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَمَنْ عِندَهُۥ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ
19 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى (پەرىشتە) لەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ.
يُسَبِّحُونَ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
20 _ ئۇلار كېچە _ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ.
أَمِ ٱتَّخَذُوٓا۟ ءَالِهَةً مِّنَ ٱلْأَرْضِ هُمْ يُنشِرُونَ
21 _ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، بۇ نەرسىلەر ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟
لَوْ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
22 _ ئەگەر (ئاسمان _ زېمىن) ئىككىسىدە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئۇ ئىككىسى (نىڭ ۋە بارلىق كائىناتنىڭ نىزامى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. دېمەككى، ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە پاكتۇر.
لَا يُسْـَٔلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْـَٔلُونَ
23 _ ئاللاھ قىلغانلىرىدىن سورالمايدۇ، ئۇلار بولسا سوئال _ سوراق قىلىنىدۇ.
أَمِ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً ۖ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ ۖ هَـٰذَا ذِكْرُ مَن مَّعِىَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِى ۗ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ ٱلْحَقَّ ۖ فَهُم مُّعْرِضُونَ
24 _ بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋالدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «(ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارلىقىغا) دەلىل - ئىسپاتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابىدۇر (بۇنىڭدا ئاللاھتىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشقا دائىر دەلىل-ئىسپات يوقتۇر)». ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار (ئۇنىڭدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ.
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ إِلَّا نُوحِىٓ إِلَيْهِ أَنَّهُۥ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّآ أَنَا۠ فَٱعْبُدُونِ
25 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا سىلەر ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَلَدًا ۗ سُبْحَـٰنَهُۥ ۚ بَلْ عِبَادٌ مُّكْرَمُونَ
26 _ مۇشرىكلار: «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئەمەلىيەتتە (پەرىشتىلەر) ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.
لَا يَسْبِقُونَهُۥ بِٱلْقَوْلِ وَهُم بِأَمْرِهِۦ يَعْمَلُونَ
27 _ ئۇلار ھېچقانداق سۆزدە ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ٱرْتَضَىٰ وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِۦ مُشْفِقُونَ
28 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگىلا شاپائەت قىلالايدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ.
وَمَن يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّىٓ إِلَـٰهٌ مِّن دُونِهِۦ فَذَٰلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلظَّـٰلِمِينَ
29 _ ئۇلاردىن كىمكى مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن دەيدىكەن، بىز ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، بىز زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز.
أَوَلَمْ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَـٰهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ ٱلْمَآءِ كُلَّ شَىْءٍ حَىٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
30 _ كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر _ بىرىگە تۇتاش ئىدى، بىز ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىقنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزگە) ئىشەنمەمدۇ؟
وَجَعَلْنَا فِى ٱلْأَرْضِ رَوَٰسِىَ أَن تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَّعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
31 _ يەر تەۋرەپ ئۇلارنى سىلكىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن جايلىرىغا يېتىۋېلىشى ئۈچۈن، زېمىندا كەڭ يوللارنى قىلدۇق.
وَجَعَلْنَا ٱلسَّمَآءَ سَقْفًا مَّحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ ءَايَـٰتِهَا مُعْرِضُونَ
32 _ ئاسماننى بىز بىخەتەر تورۇس قىلدۇق، ھالبۇكى، مۇشرىكلار ئاسماندىكى (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِى فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
33 _ ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتقان زاتتۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى (بەلگىلەنگەن) ئوربىتىسىدا سەير قىلىدۇ.
وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِّن قَبْلِكَ ٱلْخُلْدَ ۖ أَفَإِي۟ن مِّتَّ فَهُمُ ٱلْخَـٰلِدُونَ
34 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەندىن ئىلگىرىمۇ ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشايدىغان قىلمىدۇق، سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدىكەن؟
كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ ٱلْمَوْتِ ۗ وَنَبْلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلْخَيْرِ فِتْنَةً ۖ وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
35 _ ھەربىر جان ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. بىز سىناش ئۈچۈن سىلەرنى يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىمتىھان قىلىمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَإِذَا رَءَاكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَـٰذَا ٱلَّذِى يَذْكُرُ ءَالِهَتَكُمْ وَهُم بِذِكْرِ ٱلرَّحْمَـٰنِ هُمْ كَـٰفِرُونَ
36 _ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟» (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار رەھمان (ئاللاھ)نىڭ زىكرى (بولغان قۇرئان)نى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
خُلِقَ ٱلْإِنسَـٰنُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُو۟رِيكُمْ ءَايَـٰتِى فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
37 _ ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان. مەن سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (ئازابىمنى) كۆرسىتىمەن. شۇڭا مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
38 _ ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى ئازاب) قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دېيىشىدۇ.
لَوْ يَعْلَمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَن وُجُوهِهِمُ ٱلنَّارَ وَلَا عَن ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ
39 _ بۇ كاپىرلار يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى توسۇپ قالالمايدىغان ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان بىر ۋاقىتنىڭ (كېلىدىغانلىقىنى) بىلسە ئىدى (ھەرگىز ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى).
بَلْ تَأْتِيهِم بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ
40 _ لېكىن، قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ _ دە، ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلار قىيامەتنى كەينىگە قايتۇرالمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
وَلَقَدِ ٱسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِٱلَّذِينَ سَخِرُوا۟ مِنْهُم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
41 _ سەندىن ئىلگىرىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىنغان، ئاندىن مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالغان ئىدى.
قُلْ مَن يَكْلَؤُكُم بِٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ مِنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِم مُّعْرِضُونَ
42 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇ كاپىرلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھمان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم قوغداپ قالالايدۇ؟» دېگىن. بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
أَمْ لَهُمْ ءَالِهَةٌ تَمْنَعُهُم مِّن دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنفُسِهِمْ وَلَا هُم مِّنَّا يُصْحَبُونَ
43 _ ياكى ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قوغداپ قالىدىغان مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان نەرسىلىرى) ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ھىمايىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.
بَلْ مَتَّعْنَا هَـٰٓؤُلَآءِ وَءَابَآءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ ٱلْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِى ٱلْأَرْضَ نَنقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَآ ۚ أَفَهُمُ ٱلْغَـٰلِبُونَ
44 _ بىز بۇ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇقەدەم تارايتىپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (مۇشۇنداق ئەھۋالدا) غالىب كېلىۋاتقان تەرەپ ئۇلار بولامدۇ؟
قُلْ إِنَّمَآ أُنذِرُكُم بِٱلْوَحْىِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ ٱلصُّمُّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا مَا يُنذَرُونَ
45 _ «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار (يەنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدىغان كاپىرلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ.
وَلَئِن مَّسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِّنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَـٰوَيْلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
46 _ ئەگەر ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ئازابىدىن ئازراق بىر نەرسە يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز راستتىنلا ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىپتۇق» دەيدۇ.
وَنَضَعُ ٱلْمَوَٰزِينَ ٱلْقِسْطَ لِيَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْـًٔا ۖ وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَـٰسِبِينَ
47 _ بىز قىيامەت كۈنى (ئەمەللەرنى تارتىش ئۈچۈن) ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بىر تال قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرىمىز، ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ ٱلْفُرْقَانَ وَضِيَآءً وَذِكْرًا لِّلْمُتَّقِينَ
48 _ شەكسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى (تەۋرات)نى، نۇرنى ۋە تەقۋادارلارغا (پايدىلىق) ۋەز _ نەسىھەتنى ئاتا قىلدۇق.
ٱلَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِٱلْغَيْبِ وَهُم مِّنَ ٱلسَّاعَةِ مُشْفِقُونَ
49 _ (ئۇ تەقۋادارلار) خىلۋەتتە رەببىدىن قورقىدىغان، قىيامەتتىن (قورقۇپ) تىترەيدىغان كىشىلەردۇر.
وَهَـٰذَا ذِكْرٌ مُّبَارَكٌ أَنزَلْنَـٰهُ ۚ أَفَأَنتُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ
50 _ مانا بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. (شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر بۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَآ إِبْرَٰهِيمَ رُشْدَهُۥ مِن قَبْلُ وَكُنَّا بِهِۦ عَـٰلِمِينَ
51 _ ھەقىقەتەن بىز ئىبراھىمغا بۇرۇنلا ئەقىل – پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە لايىق ئىكەنلىكىنى) بىلەتتۇق.
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَا هَـٰذِهِ ٱلتَّمَاثِيلُ ٱلَّتِىٓ أَنتُمْ لَهَا عَـٰكِفُونَ
52 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» دېدى.
قَالُوا۟ وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا لَهَا عَـٰبِدِينَ
53 _ ئۇلار: «بىز ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.
قَالَ لَقَدْ كُنتُمْ أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُمْ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
54 _ ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا _ بوۋىلىرىڭلارمۇ ئوپئوچۇق بىر ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دېدى.
قَالُوٓا۟ أَجِئْتَنَا بِٱلْحَقِّ أَمْ أَنتَ مِنَ ٱللَّـٰعِبِينَ
55 _ ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى.
قَالَ بَل رَّبُّكُمْ رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ٱلَّذِى فَطَرَهُنَّ وَأَنَا۠ عَلَىٰ ذَٰلِكُم مِّنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ
56 _ ئىبراھىم ئېيتتى: «(چاقچاق قىلغىنىم يوق) بەلكى سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىنمەن.
وَتَٱللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَـٰمَكُم بَعْدَ أَن تُوَلُّوا۟ مُدْبِرِينَ
57 _ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن چوقۇم بۇتلىرىڭلارغا (پىلانلىغان) تەدبىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن».
فَجَعَلَهُمْ جُذَٰذًا إِلَّا كَبِيرًا لَّهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ
58 _ ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە _ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ (قايتىپ كېلىپ بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى) سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن، پەقەت چوڭ بۇتقا تەگمىدى.
قَالُوا۟ مَن فَعَلَ هَـٰذَا بِـَٔالِهَتِنَآ إِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
59 _ ئۇلار (قايتىپ كېلىپ): «ئىلاھلىرىمىزنى مۇنداق (پارچە-پارچە) قىلغان كىم؟ ئۇ چوقۇم زالىملاردىن ئىكەن» دېدى.
قَالُوا۟ سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُۥٓ إِبْرَٰهِيمُ
60 _ ئۇلار: «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ (ئىلاھلىرىمىزنى) ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېيىشتى.
قَالُوا۟ فَأْتُوا۟ بِهِۦ عَلَىٰٓ أَعْيُنِ ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
61 _ ئۇلار: «ئۇنداقتا، ئىبراھىمنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، بەلكى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىشى مۇمكىن» (دېدى).
قَالُوٓا۟ ءَأَنتَ فَعَلْتَ هَـٰذَا بِـَٔالِهَتِنَا يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ
62 _ ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.
قَالَ بَلْ فَعَلَهُۥ كَبِيرُهُمْ هَـٰذَا فَسْـَٔلُوهُمْ إِن كَانُوا۟ يَنطِقُونَ
63 _ ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇنى بۇتلارنىڭ مۇشۇ چوڭى قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى.
فَرَجَعُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ فَقَالُوٓا۟ إِنَّكُمْ أَنتُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
64 _ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ (بىر _ بىرىگە كايىغان ھالدا): «ئەسلى زالىملار سىلەر ئىكەنسىلەر!» دېيىشتى.
ثُمَّ نُكِسُوا۟ عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَـٰٓؤُلَآءِ يَنطِقُونَ
65 _ ئاندىن ئۇلار بۇرۇنقى تەرسالىقىغا قايتىپ «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى.
قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكُمْ شَيْـًٔا وَلَا يَضُرُّكُمْ
66 _ ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
أُفٍّ لَّكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
67 _ ئىسىت! سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
قَالُوا۟ حَرِّقُوهُ وَٱنصُرُوٓا۟ ءَالِهَتَكُمْ إِن كُنتُمْ فَـٰعِلِينَ
68 _ ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستتىنلا ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار، ئىبراھىمنى (ئوتقا تاشلاپ) كۆيدۈرۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىڭلار» دېدى.
قُلْنَا يَـٰنَارُ كُونِى بَرْدًا وَسَلَـٰمًا عَلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ
69 _ بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بولۇپ بەرگىن» دېدۇق.
وَأَرَادُوا۟ بِهِۦ كَيْدًا فَجَعَلْنَـٰهُمُ ٱلْأَخْسَرِينَ
70 _ ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىۋىدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچى قىلىۋەتتۇق.
وَنَجَّيْنَـٰهُ وَلُوطًا إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا لِلْعَـٰلَمِينَ
71 _ بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى (ئۇ جايدىن) قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى بىز جاھان ئەھلى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا يەتكۈزدۇق.
وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَـٰلِحِينَ
72 _ بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى بەردۇق، يەنە (نەۋرىسى) يەئقۇبنىمۇ قوشۇپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سالىھ كىشىلەر قىلدۇق.
وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِمْ فِعْلَ ٱلْخَيْرَٰتِ وَإِقَامَ ٱلصَّلَوٰةِ وَإِيتَآءَ ٱلزَّكَوٰةِ ۖ وَكَانُوا۟ لَنَا عَـٰبِدِينَ
73 _ بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.
وَلُوطًا ءَاتَيْنَـٰهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَـٰهُ مِنَ ٱلْقَرْيَةِ ٱلَّتِى كَانَت تَّعْمَلُ ٱلْخَبَـٰٓئِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمَ سَوْءٍ فَـٰسِقِينَ
74 _ لۇتقىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى ئۇلار ناچار، پاسىق قەۋم ئىدى.
وَأَدْخَلْنَـٰهُ فِى رَحْمَتِنَآ ۖ إِنَّهُۥ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
75 _ بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. چۈنكى ئۇ سالىھلاردىن ئىدى.
وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِن قَبْلُ فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ فَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥ مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ
76 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى تىلەپ) بەتدۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى (مۇئمىن) لەرنى بۈيۈك بالا (توپان)دىن قۇتقۇزغان ئىدۇق.
وَنَصَرْنَـٰهُ مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَآ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَـٰهُمْ أَجْمَعِينَ
77 _ ئۇنى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن قوغدىدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق.
وَدَاوُۥدَ وَسُلَيْمَـٰنَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِى ٱلْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ ٱلْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَـٰهِدِينَ
78 _ داۋۇد بىلەن سۇلەيمان (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى[1]. ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى بىز كۆزىتىپ تۇرغان ئىدۇق.
فَفَهَّمْنَـٰهَا سُلَيْمَـٰنَ ۚ وَكُلًّا ءَاتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُۥدَ ٱلْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَٱلطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَـٰعِلِينَ
79 _ قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلەيمانغا بىلدۈرگەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھۆكۈمدارلىق ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىدىغان قىلدۇق، بىز (شۇنداق قىلىشقا) ئەزەلدىن قادىرمىز.
وَعَلَّمْنَـٰهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَّكُمْ لِتُحْصِنَكُم مِّنۢ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنتُمْ شَـٰكِرُونَ
80 _ جەڭلەردە (دۈشمەننىڭ زەربىسىدىن) سىلەرنى ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىۋاتامسىلەر؟
وَلِسُلَيْمَـٰنَ ٱلرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِى بِأَمْرِهِۦٓ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلَّتِى بَـٰرَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَىْءٍ عَـٰلِمِينَ
81 _ سۇلەيمانغا كۈچلۈك شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، شامال سۇلەيماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) غا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلىپ تۇراتتۇق.
وَمِنَ ٱلشَّيَـٰطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُۥ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَـٰفِظِينَ
82 _ سۇلەيمانغا غەۋۋاسلىق (قىلىپ دېڭىزدىن ئۈنچە _ مارجان سۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىدىغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىدىغان بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ نەرگەن ئىدۇق، بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.
وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَسَّنِىَ ٱلضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
83 _ ئەييۇب (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىگە: «ھەقىقەتەن ماڭا بالا (يەنى كېسەل) تەگدى، سەن شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىسەن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى.
فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ فَكَشَفْنَا مَا بِهِۦ مِن ضُرٍّ ۖ وَءَاتَيْنَـٰهُ أَهْلَهُۥ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَـٰبِدِينَ
84 _ بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق. يەنە ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋىرىنى ئاتا قىلدۇق.
وَإِسْمَـٰعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا ٱلْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِّنَ ٱلصَّـٰبِرِينَ
85 _ ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفل (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
وَأَدْخَلْنَـٰهُمْ فِى رَحْمَتِنَآ ۖ إِنَّهُم مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
86 _ ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن سالىھلاردىن ئىدى.
وَذَا ٱلنُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَـٰضِبًا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِى ٱلظُّلُمَـٰتِ أَن لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّآ أَنتَ سُبْحَـٰنَكَ إِنِّى كُنتُ مِنَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
87 _ يۇنۇس (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ) ئۆز ۋاقتىدا (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاچچىقلىنىپ، (رەببىمنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىپ كەتسەممۇ) مېنى قىيىنچىلىقتا قويمايدۇ، دەپ ئويلاپ (يۇرتىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. (ئۇنى كىت يۇتتى) ئۇ (كىتنىڭ ئىچىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا: «(ئى رەببىم!) سەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارلىق كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن راستتىنلا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ ئىلتىجا قىلدى.
فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ وَنَجَّيْنَـٰهُ مِنَ ٱلْغَمِّ ۚ وَكَذَٰلِكَ نُـۨجِى ٱلْمُؤْمِنِينَ
88 _ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، بىز مۇئمىنلەرنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز.
وَزَكَرِيَّآ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥ رَبِّ لَا تَذَرْنِى فَرْدًا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْوَٰرِثِينَ
89 _ زەكەرىييا (نىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىگە: «ئى رەببىم! مېنى (ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىسسەن» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
فَٱسْتَجَبْنَا لَهُۥ وَوَهَبْنَا لَهُۥ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُۥ زَوْجَهُۥٓ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا۟ لَنَا خَـٰشِعِينَ
90 _ بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ھەقىقەتەن ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە ۋايىغا يەتكەن كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى.
وَٱلَّتِىٓ أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِن رُّوحِنَا وَجَعَلْنَـٰهَا وَٱبْنَهَآ ءَايَةً لِّلْعَـٰلَمِينَ
91 _ ئىپپىتىنى ساقلىغان ئايال (مەريەمنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بىر روھنى پۈۋلىدۇق (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلى (ئىيسا)نى ئالەملەر ئۈچۈن (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق.
إِنَّ هَـٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَأَنَا۠ رَبُّكُمْ فَٱعْبُدُونِ
92 _ (ئى ئىنسانلار!) شەكسىزكى، سىلەرنىڭ دىنىڭلار (ئىسلامدىن ئىبارەت) بىرلا دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، شۇڭا سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.
وَتَقَطَّعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ ۖ كُلٌّ إِلَيْنَا رَٰجِعُونَ
93 _ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دىن) ئىشىدا پىرقە _ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر.
فَمَن يَعْمَلْ مِنَ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِۦ وَإِنَّا لَهُۥ كَـٰتِبُونَ
94 _ كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشى زايە بولۇپ كەتمەيدۇ، بىز ئۇنى يېزىپ تۇرىمىز.
وَحَرَٰمٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَآ أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
95 _ بىز ھالاك (قىلىشنى ھۆكۈم) قىلغان يۇرت ئاھالىسىنىڭ (ئىمانغا) كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
حَتَّىٰٓ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُم مِّن كُلِّ حَدَبٍ يَنسِلُونَ
96 _ نىھايەت، يەجۇج _ مەجۇج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ.
وَٱقْتَرَبَ ٱلْوَعْدُ ٱلْحَقُّ فَإِذَا هِىَ شَـٰخِصَةٌ أَبْصَـٰرُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِى غَفْلَةٍ مِّنْ هَـٰذَا بَلْ كُنَّا ظَـٰلِمِينَ
97 _ ھەق ۋەدە (قىيامەت) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت بىزگە! بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قاپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» (دەپ كېتىدۇ).
إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنتُمْ لَهَا وَٰرِدُونَ
98 _ (ئى مۇشرىكلار!) شەكسىزكى، سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر.
لَوْ كَانَ هَـٰٓؤُلَآءِ ءَالِهَةً مَّا وَرَدُوهَا ۖ وَكُلٌّ فِيهَا خَـٰلِدُونَ
99 _ ئەگەر (سىلەر چوقۇنۇۋاتقان) ئاشۇ نەرسىلەر ئىلاھ بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. (چوقۇنغۇچى ۋە چوقۇنۇلغۇچى) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
100 _ ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُم مِّنَّا ٱلْحُسْنَىٰٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
101 _ شەكسىزكى، بىز تەرەپتىن سائادەتكە تېگىشلىك بولىدىغانلىقى ئالدىن بېكىتىلگەنلەر بولسا، ئەنە شۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ.
لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا ۖ وَهُمْ فِى مَا ٱشْتَهَتْ أَنفُسُهُمْ خَـٰلِدُونَ
102 _ ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
لَا يَحْزُنُهُمُ ٱلْفَزَعُ ٱلْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّىٰهُمُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ هَـٰذَا يَوْمُكُمُ ٱلَّذِى كُنتُمْ تُوعَدُونَ
103 _ (قىيامەتتىن ئىبارەت) ئەڭ چوڭ دەھشەتمۇ ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (بەختلىك) كۈنۈڭلاردۇر» دەپ ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ.
يَوْمَ نَطْوِى ٱلسَّمَآءَ كَطَىِّ ٱلسِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَآ أَوَّلَ خَلْقٍ نُّعِيدُهُۥ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَآ ۚ إِنَّا كُنَّا فَـٰعِلِينَ
104 _ ئۇ كۈندە بىز ئاسماننى (خۇددى پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، بىز (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.
وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِى ٱلزَّبُورِ مِنۢ بَعْدِ ٱلذِّكْرِ أَنَّ ٱلْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِىَ ٱلصَّـٰلِحُونَ
105 _ لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغاندىن كېيىن، زەبۇردا (يەنى ساماۋى كىتابلاردا): «زېمىنغا چوقۇم مېنىڭ سالىھ بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ» دەپ يازدۇق.
إِنَّ فِى هَـٰذَا لَبَلَـٰغًا لِّقَوْمٍ عَـٰبِدِينَ
106 _ شەكسىزكى، بۇ قۇرئاندا (بايان قىلىنغان خەۋەر ۋە ۋەز- نەسىھەتلەردە، ئاللاھقا لايىقىدا) ئىبادەت قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئىبرەت بار.
وَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَـٰلَمِينَ
107 _ (ئى پەيغەمبەر!) سېنى بىز ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.
قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ أَنَّمَآ إِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
108 _ ئېيتقىنكى، «ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھيى كېلىپ تۇرىدۇ، ئەمدىغۇ بويسۇنارسىلەر؟».
فَإِن تَوَلَّوْا۟ فَقُلْ ءَاذَنتُكُمْ عَلَىٰ سَوَآءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِىٓ أَقَرِيبٌ أَم بَعِيدٌ مَّا تُوعَدُونَ
109 _ ئەگەر ئۇلار (يەنىلا ئىماندىن) باش تارتسا، ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى) ئوخشاشلا جاكارلىدىم، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان (ئازاب) يېقىنمۇ ياكى يىراقمۇ؟ بىلمەيمەن.
إِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلْجَهْرَ مِنَ ٱلْقَوْلِ وَيَعْلَمُ مَا تَكْتُمُونَ
110 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئاشكارا سۆزنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرۇۋاتقانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.
وَإِنْ أَدْرِى لَعَلَّهُۥ فِتْنَةٌ لَّكُمْ وَمَتَـٰعٌ إِلَىٰ حِينٍ
111 _ مەن بىلمەيمەن، بەلكى (بۇ ئازابنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى) سىلەر ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولسا كېرەك».
قَـٰلَ رَبِّ ٱحْكُم بِٱلْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا ٱلرَّحْمَـٰنُ ٱلْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
112 _ (پەيغەمبەر ئېيتتى) «ئى رەببىم! (بىز بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھمان ئاللاھتۇر، ئۇ سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىنىدىغان زاتتۇر».
ئەنبىيا سۈرىسى