ئەئلا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 19 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمەتلىرىنى ۋە سانسىزلىغان ئاتا، ئېھسانلىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇلارنى دۇنيالىققىلا بېرىلىپ كېتىشتىن توسۇپ، ئاخىرەتلىك ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىشقا يۈزلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

سَبِّحِ ٱسْمَ رَبِّكَ ٱلْأَعْلَى (1) ٱلَّذِى خَلَقَ فَسَوَّىٰ (2) وَٱلَّذِى قَدَّرَ فَهَدَىٰ (3) وَٱلَّذِىٓ أَخْرَجَ ٱلْمَرْعَىٰ (4) فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحْوَىٰ (5)
1 _ 5_ (بارچە مەخلۇقاتنى) يارىتىپ، ئۇلارنى بېجىرىم قىلغان، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىنى) ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى (پايدىلىنىش يوللىرىغا) يېتەكلىگەن، (زېمىندىن) ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوپقۇرۇق ئوت _ خەسكە ئايلاندۇرغان، ھەممىدىن ئۈستۈن رەببىڭنىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلاپ تەسبىھ ئەېيتقىن.
.
سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ (6) إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ (7)
6 _ 7 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى) خالىغاندىن باشقىسىنى ئۇنتۇمايسەن. شەكسىزكى، ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
8 _ سېنى بىز ئاسانلىققا مۇۋەپپەق قىلىمىز.
فَذَكِّرْ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكْرَىٰ
9 _ ۋەز _ نەسىھەت مەنپەئەت قىلغۇدەك بولسىلا، ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن.
سَيَذَّكَّرُ مَن يَخْشَىٰ
10 _ (ئاللاھتىن) قورققان ئادەم ۋەز _ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ.
وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلْأَشْقَى
11 _ ئەڭ بەختسىز ئادەم ۋەز _ نەسىھەتتىن قاچىدۇ.
ٱلَّذِى يَصْلَى ٱلنَّارَ ٱلْكُبْرَىٰ
12 _ ئۇ (دوزاختىن ئىبارەت) ئەڭ چوڭ ئوتقا كىرىدۇ.
ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
13 _ ئاندىن ئۇ دوزاختا يا ئۆلمەيدۇ يا (تىرىكتەك) ياشىمايدۇ.
قَدْ أَفْلَحَ مَن تَزَكَّىٰ (14) وَذَكَرَ ٱسْمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ (15)
14 _ 15_ (گۇناھتىن) پاكلانغان، رەببىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئوقۇغان ئادەم مۇرادىغا يەتتى.
بَلْ تُؤْثِرُونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا
16 _ بەلكى سىلەر (ئى ئىنسانلار!) دۇنيا ھاياتىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىسىلەر.
وَٱلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰٓ
17 _ ئاخىرەت بولسا ئەڭ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر.
إِنَّ هَـٰذَا لَفِى ٱلصُّحُفِ ٱلْأُولَىٰ (18) صُحُفِ إِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ (19)
18 _ 19_ شەكسىزكى، بۇ (ھەقىقەتلەر) بۇرۇنقى سەھىپىلەردە — ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدە باردۇر.