ئىخلاس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 4 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ يەككە _ يېگانە ۋە تەڭداشسىز ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، بارچە نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

قُلْ هُوَ ٱللَّهُ أَحَدٌ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر.
ٱللَّهُ ٱلصَّمَدُ
2 _ ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر.
لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ
3 _ ئۇ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.
وَلَمْ يَكُن لَّهُۥ كُفُوًا أَحَدٌۢ
4 _ ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش ئەمەس.