نەمل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 93 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك مۆجىزىنى ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشنى ۋە دىننى يەتكۈزۈش يولىدا چىدامچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

طسٓ ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْقُرْءَانِ وَكِتَابٍ مُّبِينٍ
1 _ تا، سىين (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار قۇرئاننىڭ ۋە (ھەر نەرسىنى) روشەن بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر،
هُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ (2) ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ (3)
2 _ 3_ ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشەنگەن ھالدا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، زاكات بېرىدىغان مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەردۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمْ أَعْمَـٰلَهُمْ فَهُمْ يَعْمَهُونَ
4 _ شەكسىزكى، بىز ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق. شۇڭا، ئۇلار (ئازغۇنلۇقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَهُمْ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ وَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ هُمُ ٱلْأَخْسَرُونَ
5 _ ئەنە شۇلارغا ئەڭ قاتتىق ئازاب بار، ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارمۇ دەل شۇلاردۇر.
وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى ٱلْقُرْءَانَ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ عَلِيمٍ
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلمەكتە.
إِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهْلِهِۦٓ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا سَـَٔاتِيكُم مِّنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ ءَاتِيكُم بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَّعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
7 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن بىر ئوت كۆردۈم، مەن (بېرىپ) سىلەرگە ئۇ يەردىن (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن (ئوتتىن) بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي» دېگەن ئىدى.
فَلَمَّا جَآءَهَا نُودِىَ أَنۢ بُورِكَ مَن فِى ٱلنَّارِ وَمَنْ حَوْلَهَا وَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
8 _ مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا قىلىندى: «ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىگە ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىندى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پاكتۇر.
يَـٰمُوسَىٰٓ إِنَّهُۥٓ أَنَا ٱللَّهُ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
9 _ ئى مۇسا! شەكسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.
وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَـٰمُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّى لَا يَخَافُ لَدَىَّ ٱلْمُرْسَلُونَ
10 _ ھاساڭنى تاشلىغىن!». مۇسا (ھاسىسىنى تاشلىغاندىن كېيىن) ھاسىسىنىڭ گويا يىلاندەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، (قورققىنىدىن) كەينىگە قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى): «ئى مۇسا! قورقمىغىن، شەكسىزكى، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر قورقمايدۇ.
إِلَّا مَن ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسْنًۢا بَعْدَ سُوٓءٍ فَإِنِّى غَفُورٌ رَّحِيمٌ
11 _ پەقەت كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىپ، ئاندىن (تەۋبە قىلىپ) يامان قىلمىشلىرىنى تاشلاپ، ياخشى ئىش قىلسا، ھەقىقەتەن مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، تولىمۇ مېھرىبانمەن.
وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِى جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَآءَ مِنْ غَيْرِ سُوٓءٍ ۖ فِى تِسْعِ ءَايَـٰتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِۦٓ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمًا فَـٰسِقِينَ
12 _ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر كېسەلدىن ئەمەس (بەلكى مۆجىزە سۈپىتىدە) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى».
فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ ءَايَـٰتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوا۟ هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ
13 _ ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىز (ھەقىقەتنى ئوپئوچۇق) نامايان قىلىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
وَجَحَدُوا۟ بِهَا وَٱسْتَيْقَنَتْهَآ أَنفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُفْسِدِينَ
14 _ ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرگە دىلىدا شەكسىز ئىشەنگەن تۇرۇپ، ھەقىقەتكە قارشى چىقىش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا دَاوُۥدَ وَسُلَيْمَـٰنَ عِلْمًا ۖ وَقَالَا ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٍ مِّنْ عِبَادِهِ ٱلْمُؤْمِنِينَ
15 _ ھەقىقەتەن بىز داۋۇدقا ۋە سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلار: «ئاللاھقا شۈكۈركى، ئۇ بىزنى نۇرغۇنلىغان مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلدى» دېدى.
وَوَرِثَ سُلَيْمَـٰنُ دَاوُۥدَ ۖ وَقَالَ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ عُلِّمْنَا مَنطِقَ ٱلطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِن كُلِّ شَىْءٍ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْفَضْلُ ٱلْمُبِينُ
16 _ سۇلەيمان (ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى بىلدۈرۈلدى ۋە (ئېھتىياجلىق بولغان) ھەممە نەرسە بېرىلدى. بۇ ئەلۋەتتە، (ئاللاھتىن كەلگەن) ئوپئوچۇق ئېھساندۇر» دېدى.
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَـٰنَ جُنُودُهُۥ مِنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ وَٱلطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
17 _ سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا توپلاندى. ئۇلار ۋەزىپىلىرىگە تەرتىپلىك تەقسىملىنەتتى.
حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَوْا۟ عَلَىٰ وَادِ ٱلنَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّمْلُ ٱدْخُلُوا۟ مَسَـٰكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَـٰنُ وَجُنُودُهُۥ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
18 _ نىھايەت، ئۇلار چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چىشى چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! (دەرھال) ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى تۇيماستىن سىلەرنى يانچىۋەتمىسۇن».
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِّن قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِىٓ أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتَ عَلَىَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَىَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَـٰلِحًا تَرْضَىٰهُ وَأَدْخِلْنِى بِرَحْمَتِكَ فِى عِبَادِكَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
19 _ سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئېيتتى: «ئى رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا _ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى سالىھ بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
وَتَفَقَّدَ ٱلطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِىَ لَآ أَرَى ٱلْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ ٱلْغَآئِبِينَ
20 _ سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! يا ئۇ كەلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدىنمۇ؟
لَأُعَذِّبَنَّهُۥ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَا۟ذْبَحَنَّهُۥٓ أَوْ لَيَأْتِيَنِّى بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
21 _ ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلىۋېتىمەن ياكى ئۇ چوقۇم (ئۆزرىسىنى كۆرسىتىپ) ماڭا بىرەر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».
فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِۦ وَجِئْتُكَ مِن سَبَإٍۭ بِنَبَإٍ يَقِينٍ
22 _ ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ (كەلدى ۋە) ئېيتتى: «مەن سەن ئىگىلىمىگەن بىر مەلۇماتنى ئىگىلىدىم، ساڭا سەبەئ (قەبىلىسى) توغرىسىدا ئىشەنچلىك بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
إِنِّى وَجَدتُّ ٱمْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِن كُلِّ شَىْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ
23 _ مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭغا (سەلتەنەتكە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ كاتتا تەختكە ئىگە ئىكەن.
وَجَدتُّهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ أَعْمَـٰلَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ ٱلسَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ
24 _ ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. (ئېنىقكى) شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ، شۇڭا ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ.
أَلَّا يَسْجُدُوا۟ لِلَّهِ ٱلَّذِى يُخْرِجُ ٱلْخَبْءَ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
25 _ (شەيتان) ئۇلارنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاشكارىلايدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان (بارلىق) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمىسۇن (دەپ شۇنداق ئازدۇرۇپ كېتىپتۇ).
ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ ۩
26 _ ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر».
قَالَ سَنَنظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ
27 _ سۇلەيمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، ياكى يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قاراپ باقىمىز.
ٱذْهَب بِّكِتَـٰبِى هَـٰذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَٱنظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ
28 _ بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا) تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (ئۆز ئارىسىدا) نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن».
قَالَتْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ إِنِّىٓ أُلْقِىَ إِلَىَّ كِتَـٰبٌ كَرِيمٌ (29) إِنَّهُۥ مِن سُلَيْمَـٰنَ وَإِنَّهُۥ بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ (30)
29 _ 30_ (سۇلەيماننىڭ خېتىنى ئالغان سەبەئ مەلىكىسى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلەيماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭدا) ‹ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)،
أَلَّا تَعْلُوا۟ عَلَىَّ وَأْتُونِى مُسْلِمِينَ
31 _ سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار› (دەپ يېزىلىپتۇ)».
قَالَتْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ أَفْتُونِى فِىٓ أَمْرِى مَا كُنتُ قَاطِعَةً أَمْرًا حَتَّىٰ تَشْهَدُونِ
32 _ (بىلقىس) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىم توغرىسىدا ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار، مەن سىلەرنى قاتناشتۇرماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىشنى بېكىتكىنىم يوق».
قَالُوا۟ نَحْنُ أُو۟لُوا۟ قُوَّةٍ وَأُو۟لُوا۟ بَأْسٍ شَدِيدٍ وَٱلْأَمْرُ إِلَيْكِ فَٱنظُرِى مَاذَا تَأْمُرِينَ
33 _ ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز. قانداق قىلىش يەنىلا سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر. بىزنى نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆرگىن».
قَالَتْ إِنَّ ٱلْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا۟ قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوٓا۟ أَعِزَّةَ أَهْلِهَآ أَذِلَّةً ۖ وَكَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
34 _ (بىلقىس) ئېيتتى: «شۇ ئېنىقكى، پادىشاھلار بىرەر يۇرتقا (ھۇجۇم قىلىپ) كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، ئۇ يۇرتنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى خار قىلىدۇ. (بەلكىم) ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
وَإِنِّى مُرْسِلَةٌ إِلَيْهِم بِهَدِيَّةٍ فَنَاظِرَةٌۢ بِمَ يَرْجِعُ ٱلْمُرْسَلُونَ
35 _ مەن ئۇلارغا سوۋغات ئەۋەتىمەن، ئاندىن ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن».
فَلَمَّا جَآءَ سُلَيْمَـٰنَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٍ فَمَآ ءَاتَىٰنِۦَ ٱللَّهُ خَيْرٌ مِّمَّآ ءَاتَىٰكُم بَلْ أَنتُم بِهَدِيَّتِكُمْ تَفْرَحُونَ
36 _ ئەلچى سۇلەيماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلەيمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا پۇل _ مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى سىلەرگە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلار سۆيۈنىسىلەر.
ٱرْجِعْ إِلَيْهِمْ فَلَنَأْتِيَنَّهُم بِجُنُودٍ لَّا قِبَلَ لَهُم بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُم مِّنْهَآ أَذِلَّةً وَهُمْ صَـٰغِرُونَ
37 _ (ئى ئەلچى!) سەن (سوۋغىتىڭنى ئېلىپ) ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكىن. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم (باستۇرۇپ) بارىمىز، ئۇلارنى چوقۇم يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چىقىرىۋېتىمىز».
قَالَ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ أَيُّكُمْ يَأْتِينِى بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَن يَأْتُونِى مُسْلِمِينَ
38 _ (ئاندىن سۇلەيمان) ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ماڭا ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىسىلەر؟».
قَالَ عِفْرِيتٌ مِّنَ ٱلْجِنِّ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبْلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَ ۖ وَإِنِّى عَلَيْهِ لَقَوِىٌّ أَمِينٌ
39 _ جىنلاردىن ئەڭ كۈچلۈك بىرى ئېيتتى: «سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بولغۇچە مەن ئۇنى يېنىڭغا ئەكېلىپ بولىمەن. شەكسىزكى، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن».
قَالَ ٱلَّذِى عِندَهُۥ عِلْمٌ مِّنَ ٱلْكِتَـٰبِ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبْلَ أَن يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَءَاهُ مُسْتَقِرًّا عِندَهُۥ قَالَ هَـٰذَا مِن فَضْلِ رَبِّى لِيَبْلُوَنِىٓ ءَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَن شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّى غَنِىٌّ كَرِيمٌ
40 _ (ساماۋى) كىتابتىن مەلۇماتى بار بىرسى: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىڭغا ئەكېلىپ بولىمەن» دېدى (راستتىنلا ئېلىپ كەلدى). سۇلەيمان تەختنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ مېنى شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ دەپ سىناش ئۈچۈن ماڭا قىلغان پەزلىدۇر. كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ھەقىقەتەن رەببىم (ھەممىدىن) بىھاجەت، پەزل-كەرەمى كەڭ زاتتۇر» دېدى.
قَالَ نَكِّرُوا۟ لَهَا عَرْشَهَا نَنظُرْ أَتَهْتَدِىٓ أَمْ تَكُونُ مِنَ ٱلَّذِينَ لَا يَهْتَدُونَ
41 _ سۇلەيمان (بىلقىسنى سىناش ئۈچۈن، ئادەملىرىگە) ئېيتتى: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىۋېتىڭلار، ئۇنى تونۇيالامدۇ ياكى تونۇيالمايدىغانلاردىن بولامدۇ، قاراپ باقايلى».
فَلَمَّا جَآءَتْ قِيلَ أَهَـٰكَذَا عَرْشُكِ ۖ قَالَتْ كَأَنَّهُۥ هُوَ ۚ وَأُوتِينَا ٱلْعِلْمَ مِن قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِينَ
42 _ بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمىدى؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلەيمان ئېيتتى) «بىزگە ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇنلا ئىلىم بېرىلگەن، بىز مۇسۇلمان بولغان ئىدۇق».
وَصَدَّهَا مَا كَانَت تَّعْبُدُ مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ إِنَّهَا كَانَتْ مِن قَوْمٍ كَـٰفِرِينَ
43 _ ئۇنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى ئۇنى (بۈگۈنگىچە ھەق دىندىن) توسۇپ قويغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى.
قِيلَ لَهَا ٱدْخُلِى ٱلصَّرْحَ ۖ فَلَمَّا رَأَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَكَشَفَتْ عَن سَاقَيْهَا ۚ قَالَ إِنَّهُۥ صَرْحٌ مُّمَرَّدٌ مِّن قَوَارِيرَ ۗ قَالَتْ رَبِّ إِنِّى ظَلَمْتُ نَفْسِى وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَـٰنَ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
44 _ ئۇنىڭغا: «قەسىرگە كىرىڭ!» دېيىلدى، ئۇ قەسىرنى كۆرگەندە ئۇنى چوڭقۇر سۇ دەپ ئويلاپ (ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى. (سۇلەيمان ئۇنىڭغا): «بۇ ھەقىقەتەن ئەينەكتىن ياسالغان قەسىردۇر» دېدى. (بىلقىس) ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن (سېنى تونۇماي) ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم زۇلۇم قىپتىكەنمەن، ئەمدى سۇلەيمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى ئىمان ئېيتتىم)».
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَآ إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَـٰلِحًا أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ فَإِذَا هُمْ فَرِيقَانِ يَخْتَصِمُونَ
45 _ بىز ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمىگە قېرىندىشى سالىھنى «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (دەپ دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن ئىدۇق. (ئۇ دەۋەت قىلىۋىدى) شۇ ھامان ئۇلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ جېدەللىشىپ كەتتى.
قَالَ يَـٰقَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبْلَ ٱلْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
46 _ سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ تېزرەك كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟».
قَالُوا۟ ٱطَّيَّرْنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَ ۚ قَالَ طَـٰٓئِرُكُمْ عِندَ ٱللَّهِ ۖ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُونَ
47 _ ئۇلار ئېيتتى: «(بېشىمىزغا كەلگەن خاپىلىق) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «بېشىڭلارغا كېلىدىغىنى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەر سىنىلىۋاتقان بىر قەۋمسىلەر».
وَكَانَ فِى ٱلْمَدِينَةِ تِسْعَةُ رَهْطٍ يُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
48 _ (ھىجر[1] شەھىرىدە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ياخشى ئىش قىلمايدىغان توققۇز ئادەم بار ئىدى.
قَالُوا۟ تَقَاسَمُوا۟ بِٱللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُۥ وَأَهْلَهُۥ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِۦ مَا شَهِدْنَا مَهْلِكَ أَهْلِهِۦ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ
49 _ ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشىڭلار، بىز بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەلىيسىگە (يېقىن تۇغقانلىرىغا): ‹بىز (سالىھنىڭ) ئائىلىسى ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا ئۇ يەردە يوق ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راست گەپ قىلىۋاتىمىز› دەيلى» دېيشتى.
وَمَكَرُوا۟ مَكْرًا وَمَكَرْنَا مَكْرًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
50 _ ئۇلار شۇنداق بىر سۇيىقەست پىلانلىۋىدى، بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى تۇيدۇرمايلا بىتچىت قىلىۋەتتۇق.
فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ مَكْرِهِمْ أَنَّا دَمَّرْنَـٰهُمْ وَقَوْمَهُمْ أَجْمَعِينَ
51 _ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋەتتۇق.
فَتِلْكَ بُيُوتُهُمْ خَاوِيَةًۢ بِمَا ظَلَمُوٓا۟ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
52 _ مانا ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئادەمسىز قالغان ئۆيلىرى! شەكسىزكى، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار.
وَأَنجَيْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَكَانُوا۟ يَتَّقُونَ
53 _ ئىمان ئېيتقان ۋە (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن) ساقلانغانلارنى قۇتقۇزدۇق.
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِۦٓ أَتَأْتُونَ ٱلْفَـٰحِشَةَ وَأَنتُمْ تُبْصِرُونَ
54 _ لۇتنىمۇ (ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: «سىلەر قاراپ تۇرۇپ، قەبىھ ئىشنى (بەچچىۋازلىقنى) قىلامسىلەر؟
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهْوَةً مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِ ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
55 _ سىلەر راستتىنلا ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىپىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ سىلەر ئىنتايىن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېگەن ئىدى.
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓا۟ أَخْرِجُوٓا۟ ءَالَ لُوطٍ مِّن قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
56 _ ئۇلارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ئىنسانلاردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.
فَأَنجَيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ قَدَّرْنَـٰهَا مِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ
57 _ بىز ئۇنى ۋە ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇ (ئايال)نى ھالاك بولغۇچىلار قاتارىدىن قىلدۇق.
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا ۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلْمُنذَرِينَ
58 _ بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (تاشتىن) يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!
قُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ وَسَلَـٰمٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ ٱلَّذِينَ ٱصْطَفَىٰٓ ۗ ءَآللَّهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ
59 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئامانلىق ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە بولسۇن!». ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا) شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ؟
أَمَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَنۢبَتْنَا بِهِۦ حَدَآئِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَّا كَانَ لَكُمْ أَن تُنۢبِتُوا۟ شَجَرَهَآ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
60 _ (ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن زاتمۇ؟ ئاشۇ يامغۇر بىلەن دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدىغان گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). بەلكى ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر.
أَمَّن جَعَلَ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَـٰلَهَآ أَنْهَـٰرًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَٰسِىَ وَجَعَلَ بَيْنَ ٱلْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
61 _ (ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ (تەۋرىمەسلىكى) ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتقان، (بىرىنىڭ سۈيى تاتلىق، يەنە بىرىنىڭ سۈيى تۇزلۇق) ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق پەيدا قىلغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ.
أَمَّن يُجِيبُ ٱلْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ ٱلسُّوٓءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَآءَ ٱلْأَرْضِ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ
62 _ (ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). سىلەر تولىمۇ ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر.
أَمَّن يَهْدِيكُمْ فِى ظُلُمَـٰتِ ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ وَمَن يُرْسِلُ ٱلرِّيَـٰحَ بُشْرًۢا بَيْنَ يَدَىْ رَحْمَتِهِۦٓ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ تَعَـٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
63 _ (ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتى (بولغان يامغۇر)دىن ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈندۇر.
أَمَّن يَبْدَؤُا۟ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَمَن يَرْزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
64 _ (ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلىرى ياخشىمۇ) ياكى (مەخلۇقاتنى) دەسلەپتە ياراتقان، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان، سىلەرنى ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىقلاندۇرىدىغان زاتمۇ؟ (بۇ ئىشلارنى قىلىشتا) ئاللاھ بىلەن بىللە بىرەر ئىلاھ بارمۇ؟ (يوق). (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار».
قُل لَّا يَعْلَمُ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ٱلْغَيْبَ إِلَّا ٱللَّهُ ۚ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ
65 _ يەنە ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ»، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.
بَلِ ٱدَّٰرَكَ عِلْمُهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۚ بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ مِّنْهَا ۖ بَلْ هُم مِّنْهَا عَمُونَ
66 _ ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلىمى يېتىلدىمۇ؟ (ياق). بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق شەك ئىچىدىدۇر، بەلكى بۇ ھەقتە كوردۇر.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا وَءَابَآؤُنَآ أَئِنَّا لَمُخْرَجُونَ
67 _ كاپىرلار: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا _ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلىپ قەبرىمىزدىن) چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟
لَقَدْ وُعِدْنَا هَـٰذَا نَحْنُ وَءَابَآؤُنَا مِن قَبْلُ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
68 _ ھەقىقەتەن بىز ۋە ئاتا _ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.
قُلْ سِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُجْرِمِينَ
69 _ (ئى پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا): «يەر يۈزىنى كېزىپ، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» دېگىن.
وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُن فِى ضَيْقٍ مِّمَّا يَمْكُرُونَ
70 _ سەن ئۇلار سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە _ مىكىرىدىن ئىچىڭ سىقىلمىسۇن.
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
71 _ ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىللاردىن بولساڭلار، (سىلەر بىزگە تەھدىت سېلىۋاتقان) شۇ ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دەيدۇ.
قُلْ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ رَدِفَ لَكُم بَعْضُ ٱلَّذِى تَسْتَعْجِلُونَ
72 _ ئېيتقىنكى، «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى يېقىندا بېشىڭلارغا كېلىشى مۇمكىن».
وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
73 _ شەكسىزكى، رەببىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن كەرەملىكتۇر (شۇڭا ئازابنى كېچىكتۈردى)، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ
74 _ ھەقىقەتەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
وَمَا مِنْ غَآئِبَةٍ فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ إِلَّا فِى كِتَـٰبٍ مُّبِينٍ
75 _ ئاسمان _ زېمىندا روشەن كىتابقا (لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق.
إِنَّ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَكْثَرَ ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
76 _ شەكسىزكى، بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپلاشقان نەرسىلىرىنىڭ نۇرغۇنىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
وَإِنَّهُۥ لَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ
77 _ ئۇ (قۇرئان) ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.
إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِى بَيْنَهُم بِحُكْمِهِۦ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْعَلِيمُ
78 _ (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئۆزىنىڭ ئادالەتلىك ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
فَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۖ إِنَّكَ عَلَى ٱلْحَقِّ ٱلْمُبِينِ
79 _ سەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، شەكسىزكى، سەن ئوپئوچۇق ھەقىقەت ئۈستىدىسەن.
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ ٱلْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوْا۟ مُدْبِرِينَ
80 _ ئەلۋەتتە سەن ئۆلۈكلەرگە (يەنى قەلبى ئۆلگەن كاپىرلارغا ھەقنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ (سەندىن) يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
وَمَآ أَنتَ بِهَـٰدِى ٱلْعُمْىِ عَن ضَلَـٰلَتِهِمْ ۖ إِن تُسْمِعُ إِلَّا مَن يُؤْمِنُ بِـَٔايَـٰتِنَا فَهُم مُّسْلِمُونَ
81 _ سەن (دىلى) كورلارنى ئازغۇنلۇقىدىن (چىقىرىپ) ھىدايەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئەمەسسەن. سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.
وَإِذَا وَقَعَ ٱلْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَآبَّةً مِّنَ ٱلْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ ٱلنَّاسَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا لَا يُوقِنُونَ
82 _ ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئەمەلگە ئاشقان چاغدا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر مەخلۇقنى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
وَيَوْمَ نَحْشُرُ مِن كُلِّ أُمَّةٍ فَوْجًا مِّمَّن يُكَذِّبُ بِـَٔايَـٰتِنَا فَهُمْ يُوزَعُونَ
83 _ (قىيامەت) كۈنىدە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى توپلايمىز _ دە، ئۇلار توپلانغان پېتى (ھېساب مەيدانىغا) ھەيدىلىدۇ.
حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُو قَالَ أَكَذَّبْتُم بِـَٔايَـٰتِى وَلَمْ تُحِيطُوا۟ بِهَا عِلْمًا أَمَّاذَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
84 _ ئۇلار (ھېساب مەيدانىغا) كەلگەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر زادى نېمە قىلغانتىڭلار؟» دەيدۇ.
وَوَقَعَ ٱلْقَوْلُ عَلَيْهِم بِمَا ظَلَمُوا۟ فَهُمْ لَا يَنطِقُونَ
85 _ ئۇلار (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب تېگىشلىك بولدى. شۇڭا، ئۇلار (ئۆزلىرىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن) گەپ قىلالماي قالىدۇ.
أَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا جَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِيَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
86 _ ئۇلار كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى يورۇق قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَيَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَفَزِعَ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُ ۚ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَٰخِرِينَ
87 _ سۇر چېلىنغان كۈندە ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ.
وَتَرَى ٱلْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَهِىَ تَمُرُّ مَرَّ ٱلسَّحَابِ ۚ صُنْعَ ٱللَّهِ ٱلَّذِىٓ أَتْقَنَ كُلَّ شَىْءٍ ۚ إِنَّهُۥ خَبِيرٌۢ بِمَا تَفْعَلُونَ
88 _ سەن تاغلارغا قاراپ ئۇلارنى تۇرغۇن ھالەتتە دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. (بۇ) ھەممە نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان ئاللاھنىڭ سەنئىتىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
مَن جَآءَ بِٱلْحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيْرٌ مِّنْهَا وَهُم مِّن فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ ءَامِنُونَ
89 _ كىمكى (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) ياخشى ئەمەل بىلەن كەلسە، ئۇنىڭغا قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ.
وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِى ٱلنَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
90 _ كىمكى يامان ئىش بىلەن كەلسە، مۇنداقلار يۈزىچە دوزاخقا تاشلىنىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا تېگىشلىك جازالىنىسىلەر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّمَآ أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ رَبَّ هَـٰذِهِ ٱلْبَلْدَةِ ٱلَّذِى حَرَّمَهَا وَلَهُۥ كُلُّ شَىْءٍ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ (91) وَأَنْ أَتْلُوَا۟ ٱلْقُرْءَانَ ۖ فَمَنِ ٱهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِى لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن ضَلَّ فَقُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُنذِرِينَ (92)
91 _ 92_ (ئى پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان[2] بۇ شەھەر (مەككە مۇكەررەمە)نىڭ رەببىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئاننى (ئىنسانلارغا) ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم». كىمكى (قۇرئاننىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىپ) توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن».
وَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَتَعْرِفُونَهَا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
93 _ (ئى پەيغەمبەر!) يەنە ئېيتقىنكى، «بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇ دەلىللەرنى تونۇيسىلەر، رەببىڭ سىلەرنىڭ قىلغان قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر».