ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بارلىق جانلىقلارنىڭ رىزىق مەنبەسى ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا ئەمەل _ ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
وَٱلذَّٰرِيَـٰتِ ذَرْوًا
1 _ (تۇپراقنى) سورۇغۇچى شاماللار بىلەن،
فَٱلْحَـٰمِلَـٰتِ وِقْرًا
2 _ (يامغۇرنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن،
فَٱلْجَـٰرِيَـٰتِ يُسْرًا
3 _ يېنىك ماڭغۇچى كېمىلەر بىلەن،
فَٱلْمُقَسِّمَـٰتِ أَمْرًا
4 _ ھەربىر ئىشنى تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ
5 _ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئەلۋەتتە راستتۇر.
وَإِنَّ ٱلدِّينَ لَوَٰقِعٌ
6 _ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر.
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلْحُبُكِ (7) إِنَّكُمْ لَفِى قَوْلٍ مُّخْتَلِفٍ (8)
7 _ 8_ يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (قۇرئان ھەققىدىكى) گېپىڭلارنىڭ تۇتامى يوقتۇر.
يُؤْفَكُ عَنْهُ مَنْ أُفِكَ
9 _ (ھىدايەتتىن) بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئاندىن بۇرۇۋېتىلىدۇ.
قُتِلَ ٱلْخَرَّٰصُونَ
10 _ كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى،
ٱلَّذِينَ هُمْ فِى غَمْرَةٍ سَاهُونَ
11 _ ئۇلار جاھالەتكە پاتقان غاپىللاردۇر.
يَسْـَٔلُونَ أَيَّانَ يَوْمُ ٱلدِّينِ
12 _ ئۇلار: «قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
يَوْمَ هُمْ عَلَى ٱلنَّارِ يُفْتَنُونَ
13 _ ئۇ بولسا ئۇلار دوزاختا كۆيدۈرۈلىدىغان كۈندە (بولىدۇ).
ذُوقُوا۟ فِتْنَتَكُمْ هَـٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تَسْتَعْجِلُونَ
14 _ (ئۇلارغا): «ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، مانا بۇ سىلەر تېزرەك كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ (15) ءَاخِذِينَ مَآ ءَاتَىٰهُمْ رَبُّهُمْ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَبْلَ ذَٰلِكَ مُحْسِنِينَ (16)
15 _ 16 _ شەكسىزكى، تەقۋادارلار رەببى ئاتا قىلغان (نېمەتلەر)نى قوبۇل قىلغان ھالدا جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.
كَانُوا۟ قَلِيلًا مِّنَ ٱلَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ
17 _ ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى.
وَبِٱلْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
18 _ سەھەرلەردە (رەببىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى.
وَفِىٓ أَمْوَٰلِهِمْ حَقٌّ لِّلسَّآئِلِ وَٱلْمَحْرُومِ
19 _ ئۇلارنىڭ پۇل _ ماللىرىدا (كىشىلەردىن ھاجەتلىرىنى) تىلەيدىغان موھتاجلارنىڭ ۋە (ھايا قىلىپ) تىلىمەيدىغان ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھەققى بار ئىدى.
وَفِى ٱلْأَرْضِ ءَايَـٰتٌ لِّلْمُوقِنِينَ (20) وَفِىٓ أَنفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ (21)
20 _ 21_ زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا (ئاللاھقا) چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار، سىلەر (بۇلارنى) كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
وَفِى ٱلسَّمَآءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ
22 _ ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار.
فَوَرَبِّ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ إِنَّهُۥ لَحَقٌّ مِّثْلَ مَآ أَنَّكُمْ تَنطِقُونَ
23 _ ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقەتەن سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزى ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغاندەك راستتۇر.
هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ضَيْفِ إِبْرَٰهِيمَ ٱلْمُكْرَمِينَ
24 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَيْهِ فَقَالُوا۟ سَلَـٰمًا ۖ قَالَ سَلَـٰمٌ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ
25 _ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ «سالام» دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى ۋە: «بۇ ناتونۇش ئادەملەرغۇ» دېدى.
فَرَاغَ إِلَىٰٓ أَهْلِهِۦ فَجَآءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ (26) فَقَرَّبَهُۥٓ إِلَيْهِمْ قَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ (27)
26 _ 27 _ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ (كاۋاپ قىلىنغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر؟» دېدى.
فَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۖ قَالُوا۟ لَا تَخَفْ ۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَـٰمٍ عَلِيمٍ
28 _ (ئۇلارنىڭ يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ) ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى، ئۇلار: «قورقمىغىن» دېدى ۋە ئۇنىڭغا بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردى.
فَأَقْبَلَتِ ٱمْرَأَتُهُۥ فِى صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
29 _ ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن بىر تۇغماس موماي تۇرسام (قانداقمۇ تۇغىمەن؟)» دېدى.
قَالُوا۟ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْحَكِيمُ ٱلْعَلِيمُ
30 _ ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى.
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا ٱلْمُرْسَلُونَ
31 _ ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! سىلەر نېمە ئىش بىلەن ئەۋەتىلدىڭلار» دېدى.
قَالُوٓا۟ إِنَّآ أُرْسِلْنَآ إِلَىٰ قَوْمٍ مُّجْرِمِينَ (32) لِنُرْسِلَ عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِّن طِينٍ (33) مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلْمُسْرِفِينَ (34)
32 _ 33 _ 34_ ئۇلار: بىز ھەقىقەتەن بىر گۇناھكار قەۋمنىڭ ئۈستىگە رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئۈچۈن بەلگە قويۇلغان (يەنى كىمگە چۈشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن) ساپال تاشلارنى ياغدۇرش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق » دېدى.
فَأَخْرَجْنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
35 _ (ھالاك بولمىسۇن دەپ) ئۇ يۇرتتىكى مۇئمىنلەرنى (دەرھال) سىرتقا چىقىرىۋەتتۇق.
فَمَا وَجَدْنَا فِيهَا غَيْرَ بَيْتٍ مِّنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
36 _ زادى ئۇ يەردە بىر ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا مۇسۇلمان تاپالمىدۇق.
وَتَرَكْنَا فِيهَآ ءَايَةً لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَلِيمَ
37 _ قىينىغۇچى ئازابتىن قورقىدىغانلار (نىڭ ئىبرەت ئېلىشى) ئۈچۈن ئۇ يۇرتتا ئىزنالارنى قالدۇردۇق.
وَفِى مُوسَىٰٓ إِذْ أَرْسَلْنَـٰهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
38 _ مۇسا (نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇنى روشەن دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ئەۋەتكەن ئىدۇق.
فَتَوَلَّىٰ بِرُكْنِهِۦ وَقَالَ سَـٰحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
39 _ پىرئەۋن قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى ۋە (مۇسانى): «بۇ بىر سېھىرگەر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى.
فَأَخَذْنَـٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذْنَـٰهُمْ فِى ٱلْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ
40 _ بىز ئۇنى ۋە قوشۇنىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا تاشلىدۇق، ئۇ (ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك) مالامەتكە تېگىشلىك ئىدى.
وَفِى عَادٍ إِذْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ ٱلرِّيحَ ٱلْعَقِيمَ
41 _ ئاد قەۋمى(نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇلارغا (ھالاك قىلغۇچى) شۇم بوراننى ئەۋەتكەن ئىدۇق.
مَا تَذَرُ مِن شَىْءٍ أَتَتْ عَلَيْهِ إِلَّا جَعَلَتْهُ كَٱلرَّمِيمِ
42 _ ئۇ (بوران) قانداقلا نەرسىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى چېرىگەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتەتتى.
وَفِى ثَمُودَ إِذْ قِيلَ لَهُمْ تَمَتَّعُوا۟ حَتَّىٰ حِينٍ
43 _ سەمۇد قەۋمى (نىڭ قىسسىسى) دىمۇ (نۇرغۇن ئىبرەت بار). ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «سىلەر مەلۇم مۇددەتكىچە ياشىۋېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق.
فَعَتَوْا۟ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّـٰعِقَةُ وَهُمْ يَنظُرُونَ
44 _ ئۇلار رەببىنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قاراپ تۇرغان ھالىتىدە چاقماق سوقتى.
فَمَا ٱسْتَطَـٰعُوا۟ مِن قِيَامٍ وَمَا كَانُوا۟ مُنتَصِرِينَ
45 _ ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىدى، ئۆزلىرىنى قوغداپمۇ قالالمىدى.
وَقَوْمَ نُوحٍ مِّن قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمًا فَـٰسِقِينَ
46 _ بىز ئىلگىرى نۇھ قەۋمىنى (ھالاك قىلدۇق). چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى.
وَٱلسَّمَآءَ بَنَيْنَـٰهَا بِأَيْي۟دٍ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
47 _ بىز ئاسماننى قۇدرەت بىلەن بەرپا قىلدۇق، بىز (ئۇنى) ئەلۋەتتە كېڭەيتكۈچىمىز.
وَٱلْأَرْضَ فَرَشْنَـٰهَا فَنِعْمَ ٱلْمَـٰهِدُونَ
48 _ بىز زېمىننى (ياشاشقا قولايلىق قىلىپ) يايدۇق. بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز!
وَمِن كُلِّ شَىْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
49 _ بىز سىلەرنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ، ھەربىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق.
فَفِرُّوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ ۖ إِنِّى لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
50 _ (ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) «(ئى ئىنسانلار!) ئاللاھ تەرەپكە قېچىۋېلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
وَلَا تَجْعَلُوا۟ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ ۖ إِنِّى لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
51 _ سىلەر باشقا مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار. مەن راستتىنلا سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
كَذَٰلِكَ مَآ أَتَى ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُوا۟ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
52 _ شۇنىڭدەك (يەنى مەككىلىكلەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغاندەك)، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرگىمۇ بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا، (ئۇنى ئىنكار قىلىپ): «سېھىرگەر ياكى مەجنۇن» دېگەن ئىدى.
أَتَوَاصَوْا۟ بِهِۦ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ طَاغُونَ
53 _ ئۇلار بۇنداق دېيىشنى بىرـ بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر.
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ فَمَآ أَنتَ بِمَلُومٍ
54 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، (ئۇلار سەۋەبلىك) سەن ھەرگىز ئەيىبلەنمەيسەن.
وَذَكِّرْ فَإِنَّ ٱلذِّكْرَىٰ تَنفَعُ ٱلْمُؤْمِنِينَ
55 _ سەن (يەنىلا) ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. چۈنكى ۋەز _ نەسىھەت مۇئمىنلەرگە پايدا بېرىدۇ.
وَمَا خَلَقْتُ ٱلْجِنَّ وَٱلْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ
56 _ جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتىم.
مَآ أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَآ أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ
57 _ مەن ئۇلاردىن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنىمۇ ئىستىمەيمەن.
إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلرَّزَّاقُ ذُو ٱلْقُوَّةِ ٱلْمَتِينُ
58 _ شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەممىگە) رىزىق بەرگۈچىدۇر، كۈچ _ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر، ناھايىتى قۇدرەتلىكتۇر.
فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ ذَنُوبًا مِّثْلَ ذَنُوبِ أَصْحَـٰبِهِمْ فَلَا يَسْتَعْجِلُونِ
59 _ شەكسىزكى، بۇ زالىملارغىمۇ ئىلگىرىكى زالىملارنىڭ (ئازابتىن) نېسىۋىسى بولغاندەك نېسىۋە بولىدۇ. ئۇلار (ئۆزلىرىنى ئازابلاشقا) مېنى ئالدىراتمىسۇن (ئۇ ئازاب چوقۇم كېلىدۇ).
فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن يَوْمِهِمُ ٱلَّذِى يُوعَدُونَ
60 _ كاپىرلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندىكى ھالىغا ۋاي!
زارىيات سۈرىسى