ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنىڭ ۋە ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ۋە جازانىڭ راست ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك دەلىل – پاكىتلار بىلەن بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ
1 _ ئۇلار نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟
عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلْعَظِيمِ (2) ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ (3)
2 _ 3_ ئۇلار ئۆزلىرى ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) چوڭ بىر خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ.
كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
4 _ ئەمەلىيەت ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇلار (قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
5 _ يەنە ئەمەلىيەت ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇلار (قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ مِهَـٰدًا
6 _ بىز زېمىننى سېلىنچا قىلمىدۇقمۇ؟
وَٱلْجِبَالَ أَوْتَادًا
7 _ (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
وَخَلَقْنَـٰكُمْ أَزْوَٰجًا
8 _ بىز سىلەرنى ئەر _ ئايال قىلىپ ياراتمىدۇقمۇ؟
وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
9 _ ئۇيقۇڭلارنى (سىلەر ئۈچۈن) راھەت قىلمىدۇقمۇ؟
وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِبَاسًا
10 _ كېچىنى (سىلەرنى يۆگەپ تۇرىدىغان) كىيىم قىلمىدۇقمۇ؟
وَجَعَلْنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشًا
11 _ كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلمىدۇقمۇ؟
وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
12 _ ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلمىدۇقمۇ؟
وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
13 _ يېنىپ تۇرغان چىراغ (قۇياش)نى ياراتمىدۇقمۇ؟
وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلْمُعْصِرَٰتِ مَآءً ثَجَّاجًا (14) لِّنُخْرِجَ بِهِۦ حَبًّا وَنَبَاتًا (15) وَجَنَّـٰتٍ أَلْفَافًا (16)
14 _ 16_ ئاشلىقلارنى، ئوت _ چۆپلەرنى ۋە دەرەخلىرى قويۇق باغلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرمىدۇقمۇ؟
إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ كَانَ مِيقَـٰتًا
17 _ (خالايىق ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان (قىيامەت) كۈنى ھەقىقەتەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتۇر.
يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
18 _ ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىشى بىلەنلا، سىلەر توپ _ توپ بولۇپ كېلىسىلەر.
وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ أَبْوَٰبًا
19 _ ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ.
وَسُيِّرَتِ ٱلْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
20 _ تاغلار (ئورنىدىن) قوزغۇتۇلۇپ سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ.
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
21 _ شەكسىزكى، (ئۇ كۈندە) جەھەننەم (ئۆزىگە كىرىدىغانلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.
لِّلطَّـٰغِينَ مَـَٔابًا
22 _ (ئۇ جەھەننەم) ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ بارىدىغان جايىدۇر.
لَّـٰبِثِينَ فِيهَآ أَحْقَابًا
23 _ ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ.
لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
24 _ ئۇلار جەھەننەمدە (ھارارەتتىن) بىرەر سالقىنغا ۋە (ئۇسسۇزلۇقتىن) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ،
إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
25 _ لېكىن ئۇلار يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن يىرىڭنى تېتىيدۇ.
جَزَآءً وِفَاقًا
26 _ بۇ (ئۇلار ئۈچۈن) مۇۋاپىق جازادۇر.
إِنَّهُمْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
27 _ چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشقا ئىشەنمەيتتى.
وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كِذَّابًا
28 _ ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى.
وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ كِتَـٰبًا
29 _ بىز ھەربىر ئىشنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق.
فَذُوقُوا۟ فَلَن نَّزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
30 _ (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «ئەمدى سىلەر (بۇ ئازابنى) تېتىڭلار، زادى بىز سىلەرگە ئازابنىلا كۆپەيتىمىز».
إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا (31) حَدَآئِقَ وَأَعْنَـٰبًا (32) وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا (33) وَكَأْسًا دِهَاقًا (34)
31 _ 34_ تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر، كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش ھۆرلەر، (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملار بار.
لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّٰبًا
35 _ ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ.
جَزَآءً مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابًا
36 _37 _ (بۇلارنىڭ ھەممىسى) رەببىڭ — ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان رەھمان ئاللاھ — تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە يېتەرلىك ئىنئامدۇر. (ئۇ كۈندە) ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.
رَّبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلرَّحْمَـٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا
36 _37 _ (بۇلارنىڭ ھەممىسى) رەببىڭ — ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان رەھمان ئاللاھ — تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات ۋە يېتەرلىك ئىنئامدۇر. (ئۇ كۈندە) ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.
يَوْمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ صَفًّا ۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
38 _ جىبرىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە، رەھمان ئاللاھنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، توغرا (ۋە ھەق) سۆزلىگەنلەردىن باشقا ھېچكىم (بىراۋغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن) گەپ قىلالمايدۇ.
ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا
39 _ ئەنە شۇ چوقۇم كېلىدىغان كۈندۇر. خالىغان ئادەم رەببىگە ئېلىپ بارىدىغان يولنى تۇتسۇن.
إِنَّآ أَنذَرْنَـٰكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ ٱلْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلْكَافِرُ يَـٰلَيْتَنِى كُنتُ تُرَٰبًۢا
40 _ شەكسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان (ئاخىرەتنىڭ) ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. (ھەربىر) كاپىر: «كاشكى مەن توپا بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەپ كېتىدۇ.
نەبەئ سۈرىسى