ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىسلام دىنىنىڭ بىردىنبىر ھەق دىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە مۇكەممەللىكى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
لَمْ يَكُنِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ وَٱلْمُشْرِكِينَ مُنفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ ٱلْبَيِّنَةُ
1 _ ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى.
رَسُولٌ مِّنَ ٱللَّهِ يَتْلُوا۟ صُحُفًا مُّطَهَّرَةً
2 _ (ئۇ ئوپئوچۇق دەلىل بولسا) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر.
فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
3 _ ئۇ سەھىپىلەر ئەڭ توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
وَمَا تَفَرَّقَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَتْهُمُ ٱلْبَيِّنَةُ
4 _ كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئوپئوچۇق دەلىل كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى.
وَمَآ أُمِرُوٓا۟ إِلَّا لِيَعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ حُنَفَآءَ وَيُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ ٱلْقَيِّمَةِ
5 _ ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ وَٱلْمُشْرِكِينَ فِى نَارِ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَآ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمْ شَرُّ ٱلْبَرِيَّةِ
6 _ شەكىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار دوزاخ ئوتىدا بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمْ خَيْرُ ٱلْبَرِيَّةِ
7 _ شەكسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار — ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
جَزَآؤُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّـٰتُ عَدْنٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا ۖ رَّضِىَ ٱللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا۟ عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِىَ رَبَّهُۥ
8 _ ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى دائىملىق تۇرالغۇ بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. مانا بۇ رەببىدىن قورققان كىشىلەرگە خاستۇر.
بەييىنە سۈرىسى