جاسىيە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 37 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاخىرەتنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدىغان مۇتەكەببىرلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. 

حمٓ
1 _ ھا، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
2 _ بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
إِنَّ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَـٰتٍ لِّلْمُؤْمِنِينَ
3 _ شەكسىزكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَفِى خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَـٰتٌ لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ
4 _ سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانلىقلاردا (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَـٰحِ ءَايَـٰتٌ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
5 _ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ ئاسماندىن (ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان) يامغۇرنى ياغدۇرۇپ، (قۇرغاقچىلىقتىن) ئۆلگەن زېمىننى ئۇنىڭ بىلەن تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار.
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ ۖ فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَ ٱللَّهِ وَءَايَـٰتِهِۦ يُؤْمِنُونَ
6 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئۇنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەي، قانداق سۆزگە ئىشىنىدىغاندۇ؟
وَيْلٌ لِّكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
7 _ ھەربىر يالغانچى گۇناھكارنىڭ ھالىغا ۋاي!
يَسْمَعُ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
8 _ ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ھېچ ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازاب بىلەن «خۇش خەۋەر» بەرگىن.
وَإِذَا عَلِمَ مِنْ ءَايَـٰتِنَا شَيْـًٔا ٱتَّخَذَهَا هُزُوًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
9 _ ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا، ئۇنى مەسخىرە ماۋزۇسى قىلىۋالىدۇ. ئەنە شۇلارغا خار قىلغۇچى ئازاب بار.
مِّن وَرَآئِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِى عَنْهُم مَّا كَسَبُوا۟ شَيْـًٔا وَلَا مَا ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْلِيَآءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
10 _ ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان) جەھەننەم تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە مەدەتكار قىلىۋالغان نەرسىلىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.
هَـٰذَا هُدًى ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِّن رِّجْزٍ أَلِيمٌ
11 _ بۇ (قۇرئان) ھىدايەتتۇر. رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا ئەڭ قىينىغۇچى ئازاب بار.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى سَخَّرَ لَكُمُ ٱلْبَحْرَ لِتَجْرِىَ ٱلْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِۦ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
12 _ ئاللاھ ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ پەزلىدىن (رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە (ئۇنىڭغا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.
وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا مِّنْهُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
13 _ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز پەزلىدىن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
قُل لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَغْفِرُوا۟ لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ ٱللَّهِ لِيَجْزِىَ قَوْمًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ
14 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئىمان ئېيتقانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەربىر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ (مۇكاپات ۋە جازا) كۈنلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايغانلار (نىڭ ئەزىيەتلىرى)نى كەچۈرۈپ تۇرسۇن.
مَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا فَلِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَنْ أَسَآءَ فَعَلَيْهَا ۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
15 _ كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر. ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحُكْمَ وَٱلنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَـٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَفَضَّلْنَـٰهُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ
16 _ شەكسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب، ھۆكۈم ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەردىن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
وَءَاتَيْنَـٰهُم بَيِّنَـٰتٍ مِّنَ ٱلْأَمْرِ ۖ فَمَا ٱخْتَلَفُوٓا۟ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْعِلْمُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِى بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
17 _ بىز ئۇلارغا (ھالال – ھارام) ئىشىدا روشەن شەرىئەت ئاتا قىلدۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا، ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. شەكسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ثُمَّ جَعَلْنَـٰكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِّنَ ٱلْأَمْرِ فَٱتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
18 _ ئاندىن كېيىن، (ئى پەيغەمبەر!) بىز سېنى دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، (ھەقىقەتنى) بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
إِنَّهُمْ لَن يُغْنُوا۟ عَنكَ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۚ وَإِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَآءُ بَعْضٍ ۖ وَٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلْمُتَّقِينَ
19 _ شەكسىزكى، ئۇلار ئاللاھتىن (كېلىدىغان) ھېچبىر نەرسىنى سەندىن توسۇپ قالالمايدۇ. شەكسىزكى، زالىملار بىر _ بىرىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر.
هَـٰذَا بَصَـٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّقَوْمٍ يُوقِنُونَ
20 _ بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىپ بىرىدىغان ) روشەن پاكىتلاردۇر، (ھەق ئىكەنلىكىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.
أَمْ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجْتَرَحُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجْعَلَهُمْ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ سَوَآءً مَّحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَآءَ مَا يَحْكُمُونَ
21 _ يامان ئىشلارنى قىلغانلار بىزنىڭ ئۆزلىرىنى ھاياتلىقىدا ۋە ئۆلگىنىدە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
وَخَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
22 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. (بۇ) ھەربىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلىنماستىن، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر.
أَفَرَءَيْتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَـٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِۦ وَقَلْبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَـٰوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِنۢ بَعْدِ ٱللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
23 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى) بىلىپ ئازغۇنلۇقتا قويغان، قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ (ئازغۇنلۇقىدا قويغان)دىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇنىڭدىن) ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
وَقَالُوا۟ مَا هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
24 _ ئۇلار: «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، بىزنى پەقەت زامانلا يوق قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت خىيالىغا كەلگەنچە سۆزلەيدۇ.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ ٱئْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
25 _ ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكىلىپ بېقىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.
قُلِ ٱللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
26 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن قىلچە شەك بولمىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇ ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ».
وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ ٱلْمُبْطِلُونَ
27 _ ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان شۇ كۈندە (ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) كاپىرلار زىيان تارتىدۇ.
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَـٰبِهَا ٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
28 _ (ئۇ كۈندە) ھەربىر ئۈممەتنى تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە _ ئەمەلىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىلىدۇ، ھەمدە (ئۇلارغا): «بۈگۈن سىلەر ئەمەلىڭلارغا يارىشا (مۇكاپات ياكى جازادىن) تېگىشلىك بولغاننى ئالىسىلەر» (دېيىلىدۇ).
هَـٰذَا كِتَـٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيْكُم بِٱلْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنسِخُ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
29 _ بۇ (نامە _ ئەمەل) سىلەرگە (بارلىق قىلمىشىڭلارنى) راستچىللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىدىغان كىتابىمىزدۇر. شەكسىزكى، بىز قىلمىشىڭلارنى (ئۇنىڭغا) يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق.
فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِى رَحْمَتِهِۦ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْمُبِينُ
30 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ ئوپئوچۇق مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَفَلَمْ تَكُنْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَٱسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنتُمْ قَوْمًا مُّجْرِمِينَ
31 _ كاپىر بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، سىلەر چوڭچىلىق قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟ سىلەر(ئەسلىدە) گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار.
وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُم مَّا نَدْرِى مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
32 _ (سىلەرگە) ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ بولۇشىدا ھېچ شەك يوق› دېيىلسە، سىلەر: ‹قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز (ئۇنىڭ بولۇشنى) پەقەتلا گۇمان قىلىمىز، (ئەمما ئۇنىڭغا) بىز چىن ئىشەنمەيمىز› دېدىڭلار» (دېيىلىدۇ).
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُوا۟ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
33 _ ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ.
وَقِيلَ ٱلْيَوْمَ نَنسَىٰكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَـٰذَا وَمَأْوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
34 _ (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (دوزاختا تەرك ئېتىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچىمۇ بولمايدۇ.
ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذْتُمْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا ۚ فَٱلْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
35 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە ماۋزۇسى قىلىۋالغان ئىدىڭلار ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكى سىلەرنى ئالدىغان ئىدى». بۇ كۈندە ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (ئاللاھنى) رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
فَلِلَّهِ ٱلْحَمْدُ رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلْأَرْضِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
36 _ جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
وَلَهُ ٱلْكِبْرِيَآءُ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
37 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى (تەڭداشسىز) ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.