ئادىيات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 11 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

 بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىنساننىڭ دۇنيالىققا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنى ئاخىرەتلىك ئەمەللەرگە تەرغىب قىلىش ئارقىلىق تۇزكورلۇقتىن، تەمەخورلۇقتىن توسۇشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلْعَـٰدِيَـٰتِ ضَبْحًا (1) فَٱلْمُورِيَـٰتِ قَدْحًا (2) فَٱلْمُغِيرَٰتِ صُبْحًا (3) فَأَثَرْنَ بِهِۦ نَقْعًا (4) فَوَسَطْنَ بِهِۦ جَمْعًا (5) إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لِرَبِّهِۦ لَكَنُودٌ (6)
1 _ 6_ (ئاللاھ يولىدا) خارتىلداپ تېز چاپقۇچى، تۇياقلىرىدىن ئوت چىقارغۇچى، ئەتىگەندە (دۈشمەن ئۈستىگە) باستۇرۇپ كىرگۈچى، توپا _ چاڭ چىقارغۇچى، شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كەتكۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان ھەقىقەتەن رەببىنىڭ نېمەتلىرىگە بەكمۇ تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
وَإِنَّهُۥ عَلَىٰ ذَٰلِكَ لَشَهِيدٌ
7_ شەكسىزكى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قىلىمىشىغا ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر.
وَإِنَّهُۥ لِحُبِّ ٱلْخَيْرِ لَشَدِيدٌ
8 _ ئىنسان ھەقىقەتەن پۇل _ مالغا ئىنتايىن ھېرىسمەندۇر.
أَفَلَا يَعْلَمُ إِذَا بُعْثِرَ مَا فِى ٱلْقُبُورِ (9) وَحُصِّلَ مَا فِى ٱلصُّدُورِ (10) إِنَّ رَبَّهُم بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّخَبِيرٌۢ (11)
9 _ 11_ ئۇ ئىنسان قەبرىلەردىكىلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارىلانغان چاغدا، (ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى) بىلمەمدىغاندۇ؟ شەكسىزكى، ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ (بارلىق قىلمىشلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر.