قاف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 45 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاخىرەتتىكى تىرىلىش ۋە بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى _ يامان ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈش ياكى جازاسىنى تارتىش قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ دەلىل _ پاكىتلىرىنى ئىدراك قىلىشتىن غاپىل ھالدا ھايات كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئويغىتىشتىن ئىبارەتتۇر. 

قٓ ۚ وَٱلْقُرْءَانِ ٱلْمَجِيدِ
1 _ قاف (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
بَلْ عَجِبُوٓا۟ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٌ مِّنْهُمْ فَقَالَ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا شَىْءٌ عَجِيبٌ
2 _ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىپ كەتتى، ئۇلار: «بۇ ئاجايىپ بىر ئىشتۇر،
أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا ۖ ذَٰلِكَ رَجْعٌۢ بَعِيدٌ
3 _ بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن (تىرىلەمدۇق؟) بۇ (ئېھتىمالدىن تولىمۇ) يىراق بىر قايتىشتۇر» دېيىشتى.
قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنقُصُ ٱلْأَرْضُ مِنْهُمْ ۖ وَعِندَنَا كِتَـٰبٌ حَفِيظٌۢ
4 _ بىز ئۇلار (نىڭ جەسەتلىرى) دىن زېمىننىڭ قانچىلىك يەپ كەتكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (لەۋھۇلمەھپۇز) بار.
بَلْ كَذَّبُوا۟ بِٱلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ فَهُمْ فِىٓ أَمْرٍ مَّرِيجٍ
5 _ بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئۇلا تۇراقسىز ھالەتتىدۇر.
أَفَلَمْ يَنظُرُوٓا۟ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَـٰهَا وَزَيَّنَّـٰهَا وَمَا لَهَا مِن فُرُوجٍ
6 _ ئۇلار ئۈستىدىكى ئاسماننى ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق بولمىغان ھالدا قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا ۋە قانداق بېزىگەنلىكىمىزگە قارىمامدۇ؟
وَٱلْأَرْضَ مَدَدْنَـٰهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍۭ بَهِيجٍ
7 _ بىز زېمىننى كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەھكەم تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا ھەر تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.
تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُّنِيبٍ
8 _ (بۇنى ئاللاھقا) يۈزلەنگۈچى ھەربىر بەندىگە (قۇدرىتىمىزنى) كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈن(قىلدۇق).
وَنَزَّلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً مُّبَـٰرَكًا فَأَنۢبَتْنَا بِهِۦ جَنَّـٰتٍ وَحَبَّ ٱلْحَصِيدِ (9) وَٱلنَّخْلَ بَاسِقَـٰتٍ لَّهَا طَلْعٌ نَّضِيدٌ (10)
9 _ 10 – بىز بۇلۇتتىن بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق _ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورما دەرەخلىرىنى ئۆستۈردۇق.
رِّزْقًا لِّلْعِبَادِ ۖ وَأَحْيَيْنَا بِهِۦ بَلْدَةً مَّيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ ٱلْخُرُوجُ
11 _ (بۇلارنى) بەندىلەرنىڭ رىزقى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، (قەبرىلەردىن تىرىلىپ) چىقىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَـٰبُ ٱلرَّسِّ وَثَمُودُ
12 _ ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى.
وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ وَإِخْوَٰنُ لُوطٍ (13) وَأَصْحَـٰبُ ٱلْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ (14)
13 _ 14_ ئاد قەۋمى، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قىرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى ۋە تۇببە قەۋمى — ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاگاھلاندۇرغان (ئازاب) ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى.
أَفَعَيِينَا بِٱلْخَلْقِ ٱلْأَوَّلِ ۚ بَلْ هُمْ فِى لَبْسٍ مِّنْ خَلْقٍ جَدِيدٍ
15 _ بىز دەسلەپكى قېتىم يارىتىشتا ئاجىز كەلدۇقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) يېڭىدىن يارىتىلىشقا گۇماندىدۇر.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِۦ نَفْسُهُۥ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ ٱلْوَرِيدِ
16 _ بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلتۈرگەنلىرىنىمۇ بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.
إِذْ يَتَلَقَّى ٱلْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ ٱلْيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ قَعِيدٌ
17 _ ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار.
مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
18 _ ئىنسان قانداقلا بىر سۆزنى قىلسۇن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېنىدا كۆزىتىپ تۇرغۇچى (ۋە يېزىشقا) ھازىر پەرىشتە بولىدۇ.
وَجَآءَتْ سَكْرَةُ ٱلْمَوْتِ بِٱلْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنتَ مِنْهُ تَحِيدُ
19 _ ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىدۇ _ دە، «(ئى ئىنسان!) بۇ سەن داۋاملىق قېچىپ كېلىۋاتقان نەرسىدۇر» (دېيىلىدۇ).
وَنُفِخَ فِى ٱلصُّورِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ ٱلْوَعِيدِ
20 _ سۇر چېلىنىدۇ، ئەنە شۇ (كاپىرلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر.
وَجَآءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّعَهَا سَآئِقٌ وَشَهِيدٌ
21 _ ھەر ئىنسان (ھېساب مەيدانىغا) بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
لَّقَدْ كُنتَ فِى غَفْلَةٍ مِّنْ هَـٰذَا فَكَشَفْنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلْيَوْمَ حَدِيدٌ
22 _ (ئۇنىڭغا): «(ئى ئىنسان!) سەن بۇ كۈندىن غەپلەتتە ئىدىڭ، سەندىن (كۆزۈڭدىكى) پەردەڭنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى» (دېيىلىدۇ).
وَقَالَ قَرِينُهُۥ هَـٰذَا مَا لَدَىَّ عَتِيدٌ
23 _ ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە _ ئەمەل) مېنىڭ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ.
أَلْقِيَا فِى جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ (24) مَّنَّاعٍ لِّلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُّرِيبٍ (25) ٱلَّذِى جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِى ٱلْعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ (26)
24 _ 26_ (ئاللاھ ئۇ ئىككى پەرىشتىگە ئەمر قىلىپ): «كۇفرىدا چىڭ تۇرغۇچى، ياخشىلىقتىن توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، (دىنغا) شەك كەلتۈرگۈچى، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەربىر كاپىرنى جەھەننەمنىڭ ئىچىگە —شىددەتلىك ئازابنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار» (دەيدۇ).
قَالَ قَرِينُهُۥ رَبَّنَا مَآ أَطْغَيْتُهُۥ وَلَـٰكِن كَانَ فِى ضَلَـٰلٍۭ بَعِيدٍ
27 _ ئۇنىڭ ھەمراھى (بولغان شەيتان): «ئى رەببىمىز! مەن ئۇنى ئازدۇرمىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزى چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا ئىدى» دەيدۇ.
قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا۟ لَدَىَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُم بِٱلْوَعِيدِ
28 _ 29_ ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا دەۋالاشماڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ دەرگاھىمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ.
يَوْمَ نَقُولُ لِجَهَنَّمَ هَلِ ٱمْتَلَأْتِ وَتَقُولُ هَلْ مِن مَّزِيدٍ
30 _ ئۇ كۈندە بىز جەھەننەمگە: «توشتۇڭمۇ؟» دەيمىز، جەھەننەم: «يەنە بارمۇ؟» دەيدۇ.
وَأُزْلِفَتِ ٱلْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ غَيْرَ بَعِيدٍ
31 _ جەننەت تەقۋادارلارغا يىراق بولمىغان بىر جايغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.
هَـٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٍ (32) مَّنْ خَشِىَ ٱلرَّحْمَـٰنَ بِٱلْغَيْبِ وَجَآءَ بِقَلْبٍ مُّنِيبٍ (33) ٱدْخُلُوهَا بِسَلَـٰمٍ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ ٱلْخُلُودِ (34)
32 _ 34_ (ئۇلارغا): «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (جەننەت) مۇشۇدۇر، (بۇ) ئاللاھقا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان، خىلۋەتتە رەھمان ئاللاھتىن قورققان ۋە ئىخلاسمەن قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە خاستۇر. سىلەر جەننەتكە ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار، بۇ مەڭگۈ قېلىش كۈنىدۇر» (دېيىلىدۇ).
لَهُم مَّا يَشَآءُونَ فِيهَا وَلَدَيْنَا مَزِيدٌ
35 _ جەننەتتە ئۇلارغا خالىغان نەرسىلەر بار ۋە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئۇنىڭدىنمۇ زىيادىسى (يەنى ئاللاھنى كۆرۈش نېمىتى) بار.
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هُمْ أَشَدُّ مِنْهُم بَطْشًا فَنَقَّبُوا۟ فِى ٱلْبِلَـٰدِ هَلْ مِن مَّحِيصٍ
36 _ بىز ئۇلاردىن (يەنى مەككە كاپىرلىرىدىن) ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا بەك كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇ ئۈممەتلەر (ئۆلۈمدىن) قاچىدىغان جاي بارمىدۇ (دەپ) ھەرقايسى شەھەرلەرنى كېزىپ چىققان ئىدى.
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَن كَانَ لَهُۥ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى ٱلسَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
37 _ شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلى بار ياكى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند-نەسىھەت بار.
وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ وَمَا مَسَّنَا مِن لُّغُوبٍ
38 _ شەكسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتۇق، بىزگە ھېچقانداق ھاردۇق يەتكىنى يوق.
فَٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ ٱلشَّمْسِ وَقَبْلَ ٱلْغُرُوبِ
39 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن.
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَأَدْبَـٰرَ ٱلسُّجُودِ
40 _ كېچىدە ۋە سەجدىدىن (نامازدىن) كېيىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن.
وَٱسْتَمِعْ يَوْمَ يُنَادِ ٱلْمُنَادِ مِن مَّكَانٍ قَرِيبٍ
41 _ نىدا قىلغۇچى[1] يېقىن بىر جايدىن نىدا قىلىدىغان كۈندە (نىداغا) قۇلاق سالغىن.
يَوْمَ يَسْمَعُونَ ٱلصَّيْحَةَ بِٱلْحَقِّ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمُ ٱلْخُرُوجِ
42 _ ئۇ كۈندە ئۇلار (يەنى بارلىق خالايىق) سۇر ئاۋازىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئاڭلايدۇ، ئەنە شۇ (قەبرىلەردىن) چىقىش كۈنىدۇر.
إِنَّا نَحْنُ نُحْىِۦ وَنُمِيتُ وَإِلَيْنَا ٱلْمَصِيرُ
43 _ بىز ھەقىقەتەن ياشىتىمىز، ئۆلتۈرىمىز، ئاخىر قايتىدىغان جاي بىزنىڭ دەرگاھىمىزدۇر.
يَوْمَ تَشَقَّقُ ٱلْأَرْضُ عَنْهُمْ سِرَاعًا ۚ ذَٰلِكَ حَشْرٌ عَلَيْنَا يَسِيرٌ
44 _ ئۇ كۈندە يەر يېرىلىپ ئۇلار (قەبرىلىرىدىن) تېز چىقىپ كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق يىغىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئاساندۇر.
نَّحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ ۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيْهِم بِجَبَّارٍ ۖ فَذَكِّرْ بِٱلْقُرْءَانِ مَن يَخَافُ وَعِيدِ
45 _ بىز ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىمانغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، سەن مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمدىن قورقىدىغانلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن.