ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغىلا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، مەخلۇقاتقا چوقۇنۇشنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە ئىمان بىلەن كۇفرى ئوتتۇرىسىغا چەك قويۇشتىن ئىبارەتتۇر.
قُلْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْكَـٰفِرُونَ (1) لَآ أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ (2)
1 _ 2_ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە مەن چوقۇنمايۋاتىمەن.
وَلَآ أَنتُمْ عَـٰبِدُونَ مَآ أَعْبُدُ
3 _ سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايۋاتىسىلەر.
وَلَآ أَنَا۠ عَابِدٌ مَّا عَبَدتُّمْ
4 _ (بۇنىڭدىن كېيىنمۇ) سىلەر چوقۇنغان نەرسىلەرگە مەن چوقۇنغۇچى ئەمەس.
وَلَآ أَنتُمْ عَـٰبِدُونَ مَآ أَعْبُدُ
5 _ سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى ئەمەس.
لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِىَ دِينِ
6 _ سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈندۇر».
كافىرۇن سۈرىسى