كەۋسەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 3 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتىنى ئەسلىتىش ۋە ئۇنى يامان كۆرىدىغانلارنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

إِنَّآ أَعْطَيْنَـٰكَ ٱلْكَوْثَرَ
1 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق.
فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنْحَرْ
2 _ شۇڭا سەن رەببىڭ (نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش) ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن.
إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ ٱلْأَبْتَرُ
3 _ ھەقىقەت شۇكى، نام-نىشانسىز قالىدىغان كىشى ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.