ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: سىناقلارغا، پىتنىلەرگە ۋە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئۈندەش ۋە ئۇنىڭ گۈزەل نەتىجىلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓمٓ
1 _ ئەلىف، لام، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
أَحَسِبَ ٱلنَّاسُ أَن يُتْرَكُوٓا۟ أَن يَقُولُوٓا۟ ءَامَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ
2 _ ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي قېلىۋېرىمىز، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ؟
وَلَقَدْ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۖ فَلَيَعْلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ صَدَقُوا۟ وَلَيَعْلَمَنَّ ٱلْكَـٰذِبِينَ
3 _ بىز ھەقىقەتەن ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
أَمْ حَسِبَ ٱلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَسْبِقُونَا ۚ سَآءَ مَا يَحْكُمُونَ
4 _ يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز، دەپ ئويلاپ قالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
مَن كَانَ يَرْجُوا۟ لِقَآءَ ٱللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ لَـَٔاتٍ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
5 _ كىمكى ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَمَن جَـٰهَدَ فَإِنَّمَا يُجَـٰهِدُ لِنَفْسِهِۦٓ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِىٌّ عَنِ ٱلْعَـٰلَمِينَ
6 _ كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلغان بولىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ جاھان ئەھلىدىن بىھاجەتتۇر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّـَٔاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
7 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى چوقۇم ئۆچۈرۈۋېتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز.
وَوَصَّيْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ بِوَٰلِدَيْهِ حُسْنًا ۖ وَإِن جَـٰهَدَاكَ لِتُشْرِكَ بِى مَا لَيْسَ لَكَ بِهِۦ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَآ ۚ إِلَىَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
8 _ ئىنساننى ئاتا _ ئانىسىغا (قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىقلارنى ۋە خىزمەتنى) قېتىرقىنىپ قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئەگەر ئاتا _ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەرنىڭ قايتىشىڭلار مەن تەرەپكىدۇر. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە قىلمىشلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَنُدْخِلَنَّهُمْ فِى ٱلصَّـٰلِحِينَ
9 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى چوقۇم سالىھلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز.
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ فَإِذَآ أُوذِىَ فِى ٱللَّهِ جَعَلَ فِتْنَةَ ٱلنَّاسِ كَعَذَابِ ٱللَّهِ وَلَئِن جَآءَ نَصْرٌ مِّن رَّبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمْ ۚ أَوَلَيْسَ ٱللَّهُ بِأَعْلَمَ بِمَا فِى صُدُورِ ٱلْعَـٰلَمِينَ
10 _ بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئوخشاش قىلىۋېلىپ (ۋايساپ كېتىدۇ ۋە ئىماندىن يېنىۋالىدۇ)، ئەگەر رەببىڭدىن بىرەر مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ قەلبىدىكىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان زات ئەمەسمۇ؟
وَلَيَعْلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَلَيَعْلَمَنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ
11 _ ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّبِعُوا۟ سَبِيلَنَا وَلْنَحْمِلْ خَطَـٰيَـٰكُمْ وَمَا هُم بِحَـٰمِلِينَ مِنْ خَطَـٰيَـٰهُم مِّن شَىْءٍ ۖ إِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ
12 _ كاپىرلار ئىمان ئېيتقانلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچ نەرسىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شەكسىزكى، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر.
وَلَيَحْمِلُنَّ أَثْقَالَهُمْ وَأَثْقَالًا مَّعَ أَثْقَالِهِمْ ۖ وَلَيُسْـَٔلُنَّ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ عَمَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
13 _ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ (ئۆزى ئازدۇرغان كىشىلەرنىڭ) گۇناھلىرىنىمۇ ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە سوراققا تارتىلىدۇ.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦ فَلَبِثَ فِيهِمْ أَلْفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمْسِينَ عَامًا فَأَخَذَهُمُ ٱلطُّوفَانُ وَهُمْ ظَـٰلِمُونَ
14 _ شەكسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى. ئۇلار (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىۋاتقان پەيتتە ئۇلارنى توپان (بالاسى) ھالاك قىلىۋەتتى.
فَأَنجَيْنَـٰهُ وَأَصْحَـٰبَ ٱلسَّفِينَةِ وَجَعَلْنَـٰهَآ ءَايَةً لِّلْعَـٰلَمِينَ
15 _ بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى قۇتقۇزدۇق ۋە بۇنى ئالەملەرگە ئىبرەت قىلدۇق.
وَإِبْرَٰهِيمَ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ ۖ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ
16 _ ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْثَـٰنًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَٱبْتَغُوا۟ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزْقَ وَٱعْبُدُوهُ وَٱشْكُرُوا۟ لَهُۥٓ ۖ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
17 _ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەتلا بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر ۋە يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتىسىلەر. ھەقىقەت شۇكى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنىڭ رىزقىڭلارغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا، سىلەر رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَإِن تُكَذِّبُوا۟ فَقَدْ كَذَّبَ أُمَمٌ مِّن قَبْلِكُمْ ۖ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ٱلْمُبِينُ
18 _ ئەگەر سىلەر مېنى ئىنكار قىلساڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولغان) ئىدى. پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت دىننى روشەن يەتكۈزۈشتۇر».
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ كَيْفَ يُبْدِئُ ٱللَّهُ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥٓ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٌ
19 _ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە قانداق بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنى (پانىي بولغاندىن كېيىن) قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ شەكسىزكى، بۇ ئاللاھقا تولىمۇ ئاساندۇر.
قُلْ سِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱنظُرُوا۟ كَيْفَ بَدَأَ ٱلْخَلْقَ ۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشْأَةَ ٱلْـَٔاخِرَةَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
20 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «سىلەر زېمىننى كېزىپ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتنى) يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَرْحَمُ مَن يَشَآءُ ۖ وَإِلَيْهِ تُقْلَبُونَ
21 _ ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (ئاخىر) سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَمَآ أَنتُم بِمُعْجِزِينَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِى ٱلسَّمَآءِ ۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ
22 _ سىلەر مەيلى زېمىندا بولۇڭلار، مەيلى ئاسماندا بولۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا بىرەر ئىگە بولغۇچىمۇ، بىرەر مەدەتكارمۇ يوق».
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَلِقَآئِهِۦٓ أُو۟لَـٰٓئِكَ يَئِسُوا۟ مِن رَّحْمَتِى وَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
23 _ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلغانلار — ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن ئۈمىد ئۈزگەنلەردۇر، ئەنە شۇلارغا قىينىغۇچى ئازاب بار.
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ ٱقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنجَىٰهُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلنَّارِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
24 _ ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى (ئوتقا تاشلاپ) كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.
وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذْتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوْثَـٰنًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّـٰصِرِينَ
25 _ ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاراڭلاردىكى دۇنيا ھاياتىغا خاس دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر _ بىرىڭلارنى تونۇماس بولۇۋالىسىلەر، بىر _ بىرىلىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ بارىدىغان يېرىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ».
فَـَٔامَنَ لَهُۥ لُوطٌ ۘ وَقَالَ إِنِّى مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّىٓ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
26 _ ئىبراھىمغا (بىرىنچى بولۇپ) لۇت ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم رەببىم (بۇيرۇغان) تەرەپكە ھىجرەت قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِى ذُرِّيَّتِهِ ٱلنُّبُوَّةَ وَٱلْكِتَـٰبَ وَءَاتَيْنَـٰهُ أَجْرَهُۥ فِى ٱلدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
27 _ بىز ئىبراھىمغا (ئوغلى) ئىسھاقنى، (نەۋرىسى) يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. (شۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، (ساماۋى) كىتابنى ئۇنىڭ نەسلى (دىن كەلگەنلەر) ئىچىدە قىلدۇق، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا دۇنيادا بەردۇق، شەكسىزكى، ئۇ ئاخىرەتتىمۇ ئەلۋەتتە سالىھلار قاتارىدىن بولىدۇ.
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِۦٓ إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ ٱلْفَـٰحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِّنَ ٱلْعَـٰلَمِينَ
28 _ لۇتنىمۇ (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچكىم (مۇنداق قەبىھ ئىشنى) قىلغان ئەمەس.
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ ٱلرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ ٱلسَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِى نَادِيكُمُ ٱلْمُنكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ ٱئْتِنَا بِعَذَابِ ٱللَّهِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
29 _ سىلەر ھەقىقەتەن بەچچىۋازلىق قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا بۇ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟». ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرۈپ باققىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.
قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْمُفْسِدِينَ
30 _ لۇت: «ئى رەببىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
وَلَمَّا جَآءَتْ رُسُلُنَآ إِبْرَٰهِيمَ بِٱلْبُشْرَىٰ قَالُوٓا۟ إِنَّا مُهْلِكُوٓا۟ أَهْلِ هَـٰذِهِ ٱلْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا۟ ظَـٰلِمِينَ
31 _ بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا (ئوغلى ئىسھاق توغرۇلۇق) خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى.
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطًا ۚ قَالُوا۟ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَن فِيهَا ۖ لَنُنَجِّيَنَّهُۥ وَأَهْلَهُۥٓ إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ كَانَتْ مِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ
32 _ ئىبراھىم: «ئۇ يۇرتتا لۇت بارغۇ؟» دېۋىدى. پەرىشتىلەر: «ئۇ يۇرتتا كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەلۋەتتە قۇتقۇزىمىز، پەقەت ئۇنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالىدۇ» دېدى.
وَلَمَّآ أَن جَآءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِىٓءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالُوا۟ لَا تَخَفْ وَلَا تَحْزَنْ ۖ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهْلَكَ إِلَّا ٱمْرَأَتَكَ كَانَتْ مِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ
33 _ بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ ئالدىغا كەلگەن چاغدا، لۇت (قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن) ئەنسىرەپ چوڭقۇر قايغۇغا پاتتى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز سېنى ۋە ئائىلەڭنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز، پەقەت ئايالىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالىدۇ.
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰٓ أَهْلِ هَـٰذِهِ ٱلْقَرْيَةِ رِجْزًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُوا۟ يَفْسُقُونَ
34 _ بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز».
وَلَقَد تَّرَكْنَا مِنْهَآ ءَايَةًۢ بَيِّنَةً لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
35 _ ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بىز بۇ يۇرت (خارابىسى)دىن ئوپئوچۇق بىر ئالامەت قالدۇردۇق.
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ وَٱرْجُوا۟ ٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
36 _ مەديەن (ئاھالىسى) گىمۇ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىد باغلاڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرمەڭلار» دېدى.
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتْهُمُ ٱلرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا۟ فِى دَارِهِمْ جَـٰثِمِينَ
37 _ ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى _ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى.
وَعَادًا وَثَمُودَا۟ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَـٰكِنِهِمْ ۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ أَعْمَـٰلَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَكَانُوا۟ مُسْتَبْصِرِينَ
38 _ ئاد ۋە سەمۇد (قەۋملىرىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قانداق ھالاك قىلىنغانلىقى) ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدىن سىلەرگە ئوپئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا، شەيتان ئۇلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى.
وَقَـٰرُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ ۖ وَلَقَدْ جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا كَانُوا۟ سَـٰبِقِينَ
39 _ قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلدى. ئۇلار (بىزنىڭ ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى.
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنۢبِهِۦ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُم مَّنْ أَخَذَتْهُ ٱلصَّيْحَةُ وَمِنْهُم مَّنْ خَسَفْنَا بِهِ ٱلْأَرْضَ وَمِنْهُم مَّنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَـٰكِن كَانُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
40 _ بىز ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن ئازابقا تۇتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى (مال _ مۈلۈكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.
مَثَلُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْلِيَآءَ كَمَثَلِ ٱلْعَنكَبُوتِ ٱتَّخَذَتْ بَيْتًا ۖ وَإِنَّ أَوْهَنَ ٱلْبُيُوتِ لَبَيْتُ ٱلْعَنكَبُوتِ ۖ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
41 _ ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. شەكسىزكى، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ھەقىقەتەن ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى).
إِنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ مِن شَىْءٍ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
42 _ شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَتِلْكَ ٱلْأَمْثَـٰلُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَآ إِلَّا ٱلْعَـٰلِمُونَ
43 _ بۇ مىساللارنى بىز ئىنسانلار (نىڭ پايدىلىنىشى) ئۈچۈن كەلتۈرۈۋاتىمىز. بۇلارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.
خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ
44 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار.
ٱتْلُ مَآ أُوحِىَ إِلَيْكَ مِنَ ٱلْكِتَـٰبِ وَأَقِمِ ٱلصَّلَوٰةَ ۖ إِنَّ ٱلصَّلَوٰةَ تَنْهَىٰ عَنِ ٱلْفَحْشَآءِ وَٱلْمُنكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
45 _ (ئى پەيغەمبەر!) قۇرئاندىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنى تىلاۋەت قىلغىن ۋە نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىن. شەكسىزكى، (مۇكەممەل ئادا قىلىنغان) ناماز قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش (ئىبادەتلەرنىڭ) ئەڭ كاتتىسىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
وَلَا تُجَـٰدِلُوٓا۟ أَهْلَ ٱلْكِتَـٰبِ إِلَّا بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱلَّذِىٓ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَأُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَـٰهُنَا وَإِلَـٰهُكُمْ وَٰحِدٌ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ
46 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) سىلەر ئەھلى كىتاب بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتىلا مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئېيتىڭلاركى، «بىز ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان (قۇرئان)غا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان (كىتابلار)غا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئۇ ئىلاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز».
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ ۚ فَٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۖ وَمِنْ هَـٰٓؤُلَآءِ مَن يُؤْمِنُ بِهِۦ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِـَٔايَـٰتِنَآ إِلَّا ٱلْكَـٰفِرُونَ
47 _ (ئى پەيغەمبەر!) شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب نازىل قىلدۇق. بىز (ئىلگىرى) كىتاب بەرگەنلەر ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلار (يەنى ئەرەبلەر) ئىچىدىمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ
وَمَا كُنتَ تَتْلُوا۟ مِن قَبْلِهِۦ مِن كِتَـٰبٍ وَلَا تَخُطُّهُۥ بِيَمِينِكَ ۖ إِذًا لَّٱرْتَابَ ٱلْمُبْطِلُونَ
48 _ سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن بىلگەن بولساڭ) ئۇ چاغدا، ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچىلار (قۇرئاننىڭ ئىلاھىي كىتاب ئىكەنلىكىدىن) چوقۇم گۇمانلىناتتى.
بَلْ هُوَ ءَايَـٰتٌۢ بَيِّنَـٰتٌ فِى صُدُورِ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِـَٔايَـٰتِنَآ إِلَّا ٱلظَّـٰلِمُونَ
49 _ بەلكى بۇ (قۇرئان) ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆكرەكلىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت (ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بوي ئەگمەيدىغان) زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ.
وَقَالُوا۟ لَوْلَآ أُنزِلَ عَلَيْهِ ءَايَـٰتٌ مِّن رَّبِّهِۦ ۖ قُلْ إِنَّمَا ٱلْـَٔايَـٰتُ عِندَ ٱللَّهِ وَإِنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
50 _ ئۇلار: «نېمىشقا رەببى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا (باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان) مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن بولسام پەقەت ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّآ أَنزَلْنَا عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَرَحْمَةً وَذِكْرَىٰ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
51 _ ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلغانلىقىمىز كۇپايە قىلمامدۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك _ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە نەسىھەت بار.
قُلْ كَفَىٰ بِٱللَّهِ بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ شَهِيدًا ۖ يَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ وَكَفَرُوا۟ بِٱللَّهِ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ
52 _ ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەر— ئىككى تەرەپ ئارىسىدا (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. باتىلغا ئىشەنگەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلار— ئەنە شۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردۇر».
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَآ أَجَلٌ مُّسَمًّى لَّجَآءَهُمُ ٱلْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
53 _ ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئالدىن بەلگىلەنگەن مۇئەييەن ۋاقىت بولمىسا ئىدى، ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلارغا (تەلەپ قىلغان ۋاقتىدىلا) كەلگەن بولاتتى، ئۇ ئازاب ئۇلارغا چوقۇم ئۇلار تۇيماي قالغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ.
يَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلْعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌۢ بِٱلْكَـٰفِرِينَ
54 _ ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (مۇنداق) كاپىرلارنى چوقۇم قورشىۋالىدۇ.
يَوْمَ يَغْشَىٰهُمُ ٱلْعَذَابُ مِن فَوْقِهِمْ وَمِن تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا۟ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
55 _ ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ھەم ئۈستىدىن ھەم ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
يَـٰعِبَادِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّ أَرْضِى وَٰسِعَةٌ فَإِيَّـٰىَ فَٱعْبُدُونِ
56 _ ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! شەكسىزكى، مېنىڭ زېمىنىم كەڭدۇر، شۇڭا سىلەر (نەدە بولساڭلار) ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار.
كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ ٱلْمَوْتِ ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
57 _ ھەربىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلْجَنَّةِ غُرَفًا تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۚ نِعْمَ أَجْرُ ٱلْعَـٰمِلِينَ
58 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار ئۇ جايلاردا مەڭگۈ تۇرىدۇ. (ياخشى) ئەمەللەرنى قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى!
ٱلَّذِينَ صَبَرُوا۟ وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
59 _ ئۇلار (تائەت _ ئىبادەتتە) چىداملىق بولغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
وَكَأَيِّن مِّن دَآبَّةٍ لَّا تَحْمِلُ رِزْقَهَا ٱللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ ۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
60 _ (يەر يۈزىدە) نۇرغۇن ھايۋانلار باركى، ئۇلار ئۆز رىزقىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىمۇ، سىلەرنىمۇ ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
61 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن) كىم بويسۇندۇرۇپ بەردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
ٱللَّهُ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ وَيَقْدِرُ لَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
62 _ ئاللاھ رىزىقنى بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىپ بېرىدۇ، (خالىغان كىشىگە) تار قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ مِنۢ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ ۚ قُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
63 _ ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ.
وَمَا هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَآ إِلَّا لَهْوٌ وَلَعِبٌ ۚ وَإِنَّ ٱلدَّارَ ٱلْـَٔاخِرَةَ لَهِىَ ٱلْحَيَوَانُ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ
64 _ بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەت بىخۇتلۇق ۋە ئويۇن _ تاماشادىنلا ئىبارەتتۇر. شەكسىزكى، ھەقىقىي ھاياتلىق ئاخىرەت يۇرتىدىكى ھاياتلىقتۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇنى) بىلسە ئىدى (دۇنيالىقنى ئاخىرەتلىكتىن ئارتۇق كۆرمەيتتى).
فَإِذَا رَكِبُوا۟ فِى ٱلْفُلْكِ دَعَوُا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ فَلَمَّا نَجَّىٰهُمْ إِلَى ٱلْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ
65 _ ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا چىن ئىخلاسى بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئامان _ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا بولسا، ئۇلار شۇ ھامان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لِيَكْفُرُوا۟ بِمَآ ءَاتَيْنَـٰهُمْ وَلِيَتَمَتَّعُوا۟ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
66 _ ئۇلار بىزنىڭ بەرگەنلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلسۇن ۋە كەيپ-ساپا سۈرۈۋالسۇن! (قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا جَعَلْنَا حَرَمًا ءَامِنًا وَيُتَخَطَّفُ ٱلنَّاسُ مِنْ حَوْلِهِمْ ۚ أَفَبِٱلْبَـٰطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَةِ ٱللَّهِ يَكْفُرُونَ
67 _ ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۇلارغا (مەككىنى) چېقىلىشقا بولمايدىغان، ئامان (جاي) قىلىپ بەردۇق. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىنسانلار ئېلىپ قېچىلىۋاتىدۇ. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلامدۇ؟
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِٱلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُۥٓ ۚ أَلَيْسَ فِى جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْكَـٰفِرِينَ
68 _ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ھەقىقەت كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە (بۇنداق) كاپىرلارغا جاي يوقمۇ؟
وَٱلَّذِينَ جَـٰهَدُوا۟ فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَمَعَ ٱلْمُحْسِنِينَ
69 _ بىز ئۈچۈن جىھاد قىلغانلارنى بىز ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شەكسىزكى، ئاللاھ (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى