ھەج سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 78 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ ٱلسَّاعَةِ شَىْءٌ عَظِيمٌ
1 _ ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن دەھشەتلىك بىر ھادىسىدۇر.
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّآ أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى ٱلنَّاسَ سُكَـٰرَىٰ وَمَا هُم بِسُكَـٰرَىٰ وَلَـٰكِنَّ عَذَابَ ٱللَّهِ شَدِيدٌ
2 _ سىلەر ئۇنى كۆرگەن كۈندە، بالا ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا (قاتتىق قورققىنىدىن) ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەربىر ھامىلىدارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست ھالىتىدە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئەمەلىيەتتە مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر (شۇڭا ئۇلار ئاشۇنداق بولۇپ قالىدۇ).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَـٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَـٰنٍ مَّرِيدٍ
3 _ بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ ئۈلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىق قۇدرىتى) توغرىسىدا دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ ۋە ھەربىر گەدەنكەش شەيتانغا ئەگىشىدۇ.
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُۥ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُۥ يُضِلُّهُۥ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
4 _ ئۇ (شەيتان) توغرۇلۇق شۇنداق بەلگىلەنگەنكى: «كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئەلۋەتتە ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە يالقۇنلۇق ئوت ئازابىغا باشلايدۇ».
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمْ فِى رَيْبٍ مِّنَ ٱلْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَـٰكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِن مُّضْغَةٍ مُّخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِّنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِى ٱلْأَرْحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرْذَلِ ٱلْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنۢ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْـًٔا ۚ وَتَرَى ٱلْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَآ أَنزَلْنَا عَلَيْهَا ٱلْمَآءَ ٱهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنۢبَتَتْ مِن كُلِّ زَوْجٍۭ بَهِيجٍ
5 _ ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، (شۇنى بىلىڭلاركى) بىز سىلەرگە قۇدرىتىمىزنى بايان قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن ئەلەقتىن[1]، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن گۆش پارچىسىدىن ياراتتۇق. بىز (تۇغۇلىشىنى) خالىغان تۆرەلمىنى بالىياتقۇدا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز. ئاندىن سىلەرنىڭ قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن (سىلەرنى كۈچ _ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، بەزىڭلار ياش تۇرۇپلا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار (ئىلگىرى) بىلگەن نەرسىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالغۇدەك قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. (ئى پەيغەمبەر!) سەن زېمىننىڭ قاقاس ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ، كۆپىدۇ ۋە تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّهُۥ يُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
6 _ بۇ ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى چوقۇم تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەممە نەرسىگە ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى (سىلەرگە) بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ ٱللَّهَ يَبْعَثُ مَن فِى ٱلْقُبُورِ
7 _ شۇنداقلا قىيامەتنىڭ كېلىشىدە قىلچە شەك يوق ئىكەنلىكىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَـٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَـٰبٍ مُّنِيرٍ (8) ثَانِىَ عِطْفِهِۦ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ لَهُۥ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌ ۖ وَنُذِيقُهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ عَذَابَ ٱلْحَرِيقِ (9)
8 _ 9_ ئىنسانلار ئىچىدە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز تۇرۇپ، ئاللاھ توغرىسىدا مەغرۇرانە مۇنازىرىلىشىدىغان كىشى بار. ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز.
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّـٰمٍ لِّلْعَبِيدِ
10 _ (ئۇنىڭغا): «ئەنە شۇ (خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىندۇر» (دېيىلىدۇ).
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَعْبُدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُۥ خَيْرٌ ٱطْمَأَنَّ بِهِۦ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ ٱنقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِۦ خَسِرَ ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْخُسْرَانُ ٱلْمُبِينُ
11 _ بەزىلەر ئاللاھقا شەك _ شۈبھە بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە، ئۇ دىنىدا خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر سىناق كەلسە، دىنىدىن يېنىۋالىدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، مانا بۇ ئوپئوچۇق زىياندۇر.
يَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُۥ وَمَا لَا يَنفَعُهُۥ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَـٰلُ ٱلْبَعِيدُ
12 _ ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە ھېچبىر پايدا _ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. مانا بۇ (ھەقىقەتتىن تامامەن) يىراقلاشقان بىر ئازغۇنلۇقتۇر.
يَدْعُوا۟ لَمَن ضَرُّهُۥٓ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِۦ ۚ لَبِئْسَ ٱلْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ ٱلْعَشِيرُ
13 _ ئۇ پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى بەكرەك كۆرۈنۈپ تۇرغان كىشىگە (ساختا مەبۇدلارغا) چوقۇنىدۇ. ئۇ (چوقۇنغان) نەرسە نېمىدېگەن يامان دوست، نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!
إِنَّ ٱللَّهَ يُدْخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
14 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ.
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ ٱللَّهُ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى ٱلسَّمَآءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُۥ مَا يَغِيظُ
15 _ كىمكى ئاللاھ پەيغەمبىرىگە دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇۋالسۇن، ئاندىن قاراپ باقسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) قىلىقى غەزىپىنى باسالامدىكىن؟
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَـٰهُ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ وَأَنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يُرِيدُ
16 _ بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلصَّـٰبِـِٔينَ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ وَٱلْمَجُوسَ وَٱلَّذِينَ أَشْرَكُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ
17 _ شەكسىزكى، مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار[2]، خىرىستىيانلار، ئاتەشپەرەسلەر ۋە مۇشرىكلار ئارىسىدا ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَسْجُدُ لَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ وَٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ وَٱلنُّجُومُ وَٱلْجِبَالُ وَٱلشَّجَرُ وَٱلدَّوَآبُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ ٱلنَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ ٱلْعَذَابُ ۗ وَمَن يُهِنِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّكْرِمٍ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَآءُ ۩
18 _ بىلمەمسەنكى، ئاسمانلاردىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئازابقا لايىق بولدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
هَـٰذَانِ خَصْمَانِ ٱخْتَصَمُوا۟ فِى رَبِّهِمْ ۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ ٱلْحَمِيمُ
19 _ بۇ رەببى توغرىسىدا جېدەللەشكەن (كاپىرلار بىلەن مۇئمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقىدۇر. كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ قۇيۇلىدۇ.
يُصْهَرُ بِهِۦ مَا فِى بُطُونِهِمْ وَٱلْجُلُودُ
20 _ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ–باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ.
وَلَهُم مَّقَـٰمِعُ مِنْ حَدِيدٍ
21 _ ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ.
كُلَّمَآ أَرَادُوٓا۟ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَا مِنْ غَمٍّ أُعِيدُوا۟ فِيهَا وَذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْحَرِيقِ
22 _ ھەرقاچان ئۇلار غەم _ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقىشقا ئۇرۇنسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ ۋە (ئۇلارغا): «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).
إِنَّ ٱللَّهَ يُدْخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
23 _ شەكسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلاردىن (ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى) تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.
وَهُدُوٓا۟ إِلَى ٱلطَّيِّبِ مِنَ ٱلْقَوْلِ وَهُدُوٓا۟ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْحَمِيدِ
24 _ ئۇلار (دۇنيادا) ياخشى سۆز (كەلىمە تەييىبە)گە يېتەكلەنگەن ۋە مەدھىيەگە لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىنغان ئىدى.
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ٱلَّذِى جَعَلْنَـٰهُ لِلنَّاسِ سَوَآءً ٱلْعَـٰكِفُ فِيهِ وَٱلْبَادِ ۚ وَمَن يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍۭ بِظُلْمٍ نُّذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
25 _ شەكسىزكى، كاپىرلارغا، (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا، مەيلى ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەنلەر بولسۇن، بىز ئىنسانلارغا ئورتاق ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (قاتتىق ئازاب بار). كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قىينىغۇچى ئازابنى تېتىتىمىز.
وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَٰهِيمَ مَكَانَ ٱلْبَيْتِ أَن لَّا تُشْرِكْ بِى شَيْـًٔا وَطَهِّرْ بَيْتِىَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلْقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
26 _ بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بېرىپ، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك تۇتقىن،
وَأَذِّن فِى ٱلنَّاسِ بِٱلْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ
27 _ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئۇزۇن سەپەرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان تۆگىلەر ئۈستىدە يىراق يوللارنى بېسىپ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىدۇ.
لِّيَشْهَدُوا۟ مَنَـٰفِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ فِىٓ أَيَّامٍ مَّعْلُومَـٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلْأَنْعَـٰمِ ۖ فَكُلُوا۟ مِنْهَا وَأَطْعِمُوا۟ ٱلْبَآئِسَ ٱلْفَقِيرَ
28 _ ئۇلار (ھەج جەريانىدا) ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن (قۇربانلىق) كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، قىيىن ئەھۋالدىكى موھتاجلارغا بېرىڭلار.
ثُمَّ لْيَقْضُوا۟ تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا۟ نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا۟ بِٱلْبَيْتِ ٱلْعَتِيقِ
29 _ ئاندىن ئۇلار (بەدەنلىرىدىكى) كىرلىرىنى تازىلىسۇن، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي ئۆي (كەئبە)نى تاۋاپ قىلسۇن.
ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ حُرُمَـٰتِ ٱللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ ۗ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمُ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ۖ فَٱجْتَنِبُوا۟ ٱلرِّجْسَ مِنَ ٱلْأَوْثَـٰنِ وَٱجْتَنِبُوا۟ قَوْلَ ٱلزُّورِ
30 _ (ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا، بۇ (ئۇلۇغلاش) رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن (قۇرئاندا ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن يىراق تۇرۇڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار.
حُنَفَآءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِۦ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِٱللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَتَخْطَفُهُ ٱلطَّيْرُ أَوْ تَهْوِى بِهِ ٱلرِّيحُ فِى مَكَانٍ سَحِيقٍ
31 _ ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەي، (تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن) ئۇنىڭغىلا يۈزلىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى ئۇنى بوران يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَـٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى ٱلْقُلُوبِ
32 _ (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى) مانا مۇشۇدۇر. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (سىمۋوللۇق) ئالامەتلىرىنى ئۇلۇغلايدىكەن، شەكسىزكى، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر.
لَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَآ إِلَى ٱلْبَيْتِ ٱلْعَتِيقِ
33 _ سىلەر (ھەرەمگە ھەدىيە قىلىدىغان) ماللاردىن بوغۇزلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقتىغىچىلىك پايدىلانساڭلار بولىدۇ، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر).
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا لِّيَذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلْأَنْعَـٰمِ ۗ فَإِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ فَلَهُۥٓ أَسْلِمُوا۟ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُخْبِتِينَ
34 _ ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (بوغۇزلىغاندا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق. (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. (ئى پەيغەمبەر!) ئىتائەتمەن، كەمتەر كىشىلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن.
ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَٱلصَّـٰبِرِينَ عَلَىٰ مَآ أَصَابَهُمْ وَٱلْمُقِيمِى ٱلصَّلَوٰةِ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
35 _ ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى تىترەيدۇ، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ بۇيرۇغان يوللارغا) سەرپ قىلىدۇ.
وَٱلْبُدْنَ جَعَلْنَـٰهَا لَكُم مِّن شَعَـٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ ۖ فَٱذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَيْهَا صَوَآفَّ ۖ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا۟ مِنْهَا وَأَطْعِمُوا۟ ٱلْقَانِعَ وَٱلْمُعْتَرَّ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَـٰهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
36 _ قۇربانلىق تۆگىلىرىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (سىمۋوللۇق) ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنى (ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن) تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا (بىسمىللاھ دەپ) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاڭلار، ئۇلارنىڭ جېنى چىققاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَـٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقْوَىٰ مِنكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا۟ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمْ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُحْسِنِينَ
37 _ ئاللاھقا ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىپ بارىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا (تەكبىر ئېيتىپ) ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. (ئى پەيغەمبەر! تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
إِنَّ ٱللَّهَ يُدَٰفِعُ عَنِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
38 _ ئاللاھ (ھەقىقىي) مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق خىيانەتچى، تۇزكور بەندىنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدۇ.
أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَـٰتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا۟ ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ
39 _ ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر.
ٱلَّذِينَ أُخْرِجُوا۟ مِن دِيَـٰرِهِم بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّهُدِّمَتْ صَوَٰمِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَٰتٌ وَمَسَـٰجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا ٱسْمُ ٱللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنصُرَنَّ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِىٌّ عَزِيزٌ
40 _ ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغانلاردۇر. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن توسۇپ تۇرمىسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە ئەلۋەتتە ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ناھايىتى كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
ٱلَّذِينَ إِن مَّكَّنَّـٰهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ أَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَمَرُوا۟ بِٱلْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا۟ عَنِ ٱلْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَـٰقِبَةُ ٱلْأُمُورِ
41 _ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلار شۇنداق كىشىلەركى، ئەگەر بىز ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ (42) وَقَوْمُ إِبْرَٰهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ (43) وَأَصْحَـٰبُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَـٰفِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ (44)
42 _ 44_ ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (بۇنىڭغا بىئارام بولمىغىن)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرى، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) يالغانغا چىقارغان، مۇسامۇ يالغانغا چىقىرىلغان. كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟
فَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَا وَهِىَ ظَالِمَةٌ فَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُّعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَّشِيدٍ
45 _ بىز نۇرغۇنلىغان يۇرتلارنى ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلىۋاتقان پەيتتە ھالاك قىلدۇق. (ئۇ جايلاردا) ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، تاملىرى ئۈستىگە يىقىلغان نۇرغۇن يۇرتلار، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە (ئاھالىسىز قالغان) ئېگىز قەسىرلەر قالدى.
أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَآ أَوْ ءَاذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى ٱلْأَبْصَـٰرُ وَلَـٰكِن تَعْمَى ٱلْقُلُوبُ ٱلَّتِى فِى ٱلصُّدُورِ
46 _ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار قەدىمىي يۇرتلارنىڭ خارابىلىرىنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن) يەر يۈزىنى كەزمىدىمۇ؟ (شۇنداق قىلغان بولسا) ئۇلارنىڭ چۈشىنىدىغان ئەقىللىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، بەلكى كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر (ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن) كور بولىدۇ.
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ ٱللَّهُ وَعْدَهُۥ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
47 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئۇنى چوقۇم چۈشۈرىدۇ). ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلچىلىكتۇر.
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِىَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَىَّ ٱلْمَصِيرُ
48 _ نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىلىرى زالىم بولسىمۇ، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى ئازابقا تۇتتۇم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر.
قُلْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَآ أَنَا۠ لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
49 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن پەقەت سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
50 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.
وَٱلَّذِينَ سَعَوْا۟ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا مُعَـٰجِزِينَ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَحِيمِ
51 _ بىز بىلەن قارشىلىشىپ، ئايەتلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشقانلار __ ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ وَلَا نَبِىٍّ إِلَّآ إِذَا تَمَنَّىٰٓ أَلْقَى ٱلشَّيْطَـٰنُ فِىٓ أُمْنِيَّتِهِۦ فَيَنسَخُ ٱللَّهُ مَا يُلْقِى ٱلشَّيْطَـٰنُ ثُمَّ يُحْكِمُ ٱللَّهُ ءَايَـٰتِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
52 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل (كىتاب بېرىلگەن پەيغەمبەر)، قايسىبىر نەبى (كىتاب بېرىلمىگەن پەيغەمبەر) بولسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى) تىلاۋەت قىلغان چاغدا، شەيتان ئۇنىڭ تىلاۋىتىگە (شەك _ شۈبھىلەرنى) تاشلايتتى. ئاللاھ شەيتان تاشلىغان شەك-شۈبھىلەرنى بەربات قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
لِّيَجْعَلَ مَا يُلْقِى ٱلشَّيْطَـٰنُ فِتْنَةً لِّلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ لَفِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍ
53 _ (ئاللاھنىڭ شەيتانغا مۇنداق يول قويۇشى) دىللىرىدا (شەك ۋە مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلارنى، دىللىرى قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى شەيتاننىڭ تاشلىغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، بۇ زالىملار (ھەقتىن) تامامەن يىراق، (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) چوڭقۇر قارشىلىق ئىچىدىدۇر.
وَلِيَعْلَمَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤْمِنُوا۟ بِهِۦ فَتُخْبِتَ لَهُۥ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
54 _ (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشى ۋە دىللىرىنىڭ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىغۇچىدۇر.
وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى مِرْيَةٍ مِّنْهُ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ
55 _ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگەنگە ياكى ئۇلارغا دەھشەتلىك كۈننىڭ ئازابى چۈشكەنگە قەدەر داۋاملىق قۇرئاندىن شەكلىنىدۇ.
ٱلْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ
56 _ ھەممە نەرسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
57 _ كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوٓا۟ أَوْ مَاتُوا۟ لَيَرْزُقَنَّهُمُ ٱللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
58 _ ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغان، ئاندىن (جىھاد مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلگەن ياكى (باشقا جايلاردا) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
لَيُدْخِلَنَّهُم مُّدْخَلًا يَرْضَوْنَهُۥ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ
59 _ ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر.
ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِۦ ثُمَّ بُغِىَ عَلَيْهِ لَيَنصُرَنَّهُ ٱللَّهُ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
60 _ ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ
61 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ هُوَ ٱلْبَـٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْكَبِيرُ
62 _ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى باتىلدۇر، شەكسىزكى، ئاللاھ (ھەممىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَتُصْبِحُ ٱلْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
63 _ ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن ئاشۇ يامغۇر بىلەن زېمىننى يېشىللىققا ئايلاندۇرىدىشانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ
64 _ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ وَٱلْفُلْكَ تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِأَمْرِهِۦ وَيُمْسِكُ ٱلسَّمَآءَ أَن تَقَعَ عَلَى ٱلْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
65 _ ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئاسمان (جىسىملىرى)نى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىسىز يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَكَفُورٌ
66 _ ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدىغان، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدىغان، ئاندىن يەنە سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇر. ئىنسان ھەقىقەتەن بەكمۇ تۇزكوردۇر.
لِّكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَـٰزِعُنَّكَ فِى ٱلْأَمْرِ ۚ وَٱدْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُّسْتَقِيمٍ
67 _ بىز ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن، ئۇلار ئەمەل قىلىدىغان ئىبادەت يوللىرىنى بېكىتتۇق، ئۇلار شۇنىڭغائەمەل قىلىدۇ. (ئى پەيغەمبەر!) مۇشرىكلار شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، (كىشىلەرنى) رەببىڭنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توپتوغرا يولدىسەن.
وَإِن جَـٰدَلُوكَ فَقُلِ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
68 _ ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
ٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
69 _ ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِى كِتَـٰبٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٌ
70 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغاندۇر. بۇ (يەنى ئۇلارنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاساندۇر.
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِۦ سُلْطَـٰنًا وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِۦ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
71 _ ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (مەبۇدلىقى ھەققىدە) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوقتۇر.
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ تَعْرِفُ فِى وُجُوهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلْمُنكَرَ ۖ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِٱلَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِنَا ۗ قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرٍّ مِّن ذَٰلِكُمُ ۗ ٱلنَّارُ وَعَدَهَا ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
72 _ كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە يامان كۆرگەنلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرىسەن، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قالىدۇ. ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئاللاھ كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرغان دوزاختۇر. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان!».
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَٱسْتَمِعُوا۟ لَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخْلُقُوا۟ ذُبَابًا وَلَوِ ٱجْتَمَعُوا۟ لَهُۥ ۖ وَإِن يَسْلُبْهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيْـًٔا لَّا يَسْتَنقِذُوهُ مِنْهُ ۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلْمَطْلُوبُ
73 _ ئى ئىنسانلار! (سىلەرگە) بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شەكسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلار (ھەممىسى) يىغىلغان تەقدىردىمۇ، ھەرگىز بىر تال چىۋىننىمۇ يارىتالمايدۇ، ئەگەر چىۋىن ئۇلاردىن بىر نەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىۋالالمايدۇ. (دېمەك) تەلەب قىلغۇچىمۇ، تەلەب قىلىنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر.
مَا قَدَرُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِىٌّ عَزِيزٌ
74 _ ئۇ كاپىرلار ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
ٱللَّهُ يَصْطَفِى مِنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ ٱلنَّاسِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ
75 _ ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەرنى تاللايدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۗ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ
76 _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ ۋە ئارقىسىدىكىنىمۇ (يەنى ھازىرقى ئەھۋالىنىمۇ ۋە كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنمۇ) بىلىپ تۇرىدۇ. (بارلىق) ئىشلار پەقەتلا ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱرْكَعُوا۟ وَٱسْجُدُوا۟ وَٱعْبُدُوا۟ رَبَّكُمْ وَٱفْعَلُوا۟ ٱلْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
77 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار، رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار.
وَجَـٰهِدُوا۟ فِى ٱللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِۦ ۚ هُوَ ٱجْتَبَىٰكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِى ٱلدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِّلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَٰهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّىٰكُمُ ٱلْمُسْلِمِينَ مِن قَبْلُ وَفِى هَـٰذَا لِيَكُونَ ٱلرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا۟ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱعْتَصِمُوا۟ بِٱللَّهِ هُوَ مَوْلَىٰكُمْ ۖ فَنِعْمَ ٱلْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ ٱلنَّصِيرُ
78 _ ئاللاھنىڭ يولىدا لايىق رەۋىشتە (خالىس نىيەت بىلەن) جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (بۇ ئەمەلگە) سىلەرنى تاللىدى. دىندا سىلەرگە ھېچقانداق قىيىنچىلىق قىلمىدى. (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر. پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇنىڭدىمۇ (يەنى قۇرئاندىمۇ) شۇنداق دەپ ئاتىدى. شۇڭا، سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا چىن دىلىڭلار بىلەن باغلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!.