ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ 85 _ ئايىتىنىڭ ھىجرەت ئەسناسىدا مەككە بىلەن مەدىنە ئوتتۇرىسىدا، 52 _ ۋە 55 _ ئايەتلىرىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش، زالىملارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنىيىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئەخلاق –پىرىنسىپنىڭ ھەقىقىي ئۆلچىمىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
طسٓمٓ
1 _ تا، سىين، مىيم (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى).
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ
2 _ بۇ (ھەر نەرسىنى) ئېنىق بايان قىلغۇچى كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
نَتْلُوا۟ عَلَيْكَ مِن نَّبَإِ مُوسَىٰ وَفِرْعَوْنَ بِٱلْحَقِّ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
3 _ (ئى پەيغەمبەر! قۇرئانغا) ئىشىنىدىغان قەۋم (نىڭ ئىبرەت ئېلىشى) ئۈچۈن، ساڭا مۇسا ۋە پىرئەۋن قىسسىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىمىز.
إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِى ٱلْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَآئِفَةً مِّنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَآءَهُمْ وَيَسْتَحْىِۦ نِسَآءَهُمْ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلْمُفْسِدِينَ
4 _ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى تەبىقىلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن (ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىبارەت) بىر تەبىقىنى بوزەك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى. چۈنكى پىرئەۋن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.
وَنُرِيدُ أَن نَّمُنَّ عَلَى ٱلَّذِينَ ٱسْتُضْعِفُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَنَجْعَلَهُمْ أَئِمَّةً وَنَجْعَلَهُمُ ٱلْوَٰرِثِينَ (5) وَنُمَكِّنَ لَهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَنُرِىَ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَجُنُودَهُمَا مِنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَحْذَرُونَ (6)
5 _ 6_ بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى، ئۇلارنى يولباشچى قىلىشنى، ئۇلارنى (پىرئەۋننىڭ مۈلۈكىگە) ۋارىس قىلىشنى، ئۇلارنى ئۇ زېمىندا كۈچ _ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىشنى، پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا (ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە ھالاك بولۇشتىن ئىبارەت) ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىدىن (كېلىدۇ، دەپ) ئەنسىرىگەن نەرسىسىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدۇق.
وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰٓ أُمِّ مُوسَىٰٓ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِى ٱلْيَمِّ وَلَا تَخَافِى وَلَا تَحْزَنِىٓ ۖ إِنَّا رَآدُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ
7 _ مۇسانىڭ ئانىسىغا: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا قويۇپ بەرگىن، (ئۇنىڭدىن) ئەنسىرىمىگىن ۋە قايغۇرمىغىن، ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرىمىز ۋە پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز» دەپ ئىلھام قىلدۇق.
فَٱلْتَقَطَهُۥٓ ءَالُ فِرْعَوْنَ لِيَكُونَ لَهُمْ عَدُوًّا وَحَزَنًا ۗ إِنَّ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَجُنُودَهُمَا كَانُوا۟ خَـٰطِـِٔينَ
8 _ پىرئەۋن تەۋەلىرى مۇسانى (نىل دەرياسىدىن) سۈزۈۋالدى. مۇسا ئاقىۋەتتە ئۇلارغا دۈشمەن ۋە خاپىلىق (نىڭ مەنبەسى) بولۇپ قالدى. شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى خاتالاشقۇچىلار ئىدى.
وَقَالَتِ ٱمْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِّى وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوْ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
9 _ پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇقمايتتى.
وَأَصْبَحَ فُؤَادُ أُمِّ مُوسَىٰ فَـٰرِغًا ۖ إِن كَادَتْ لَتُبْدِى بِهِۦ لَوْلَآ أَن رَّبَطْنَا عَلَىٰ قَلْبِهَا لِتَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
10 _ مۇسانىڭ ئانىسىنىڭ قەلبىدە (ئوغلىنىڭ ھەسرىتىدىن باشقا) ھېچ نەرسە قالمىدى، ئەگەر بىز ئۇنى (ۋەدىمىزگە) ئىشەنگۈچىلەردىن بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋر بىلەن) كۈچلەندۈرمىگەن بولساق، ئۇ ئۇنى (يەنى مۇسانىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى) ئاشكارىلاپ قويغىلى تاس قالغان ئىدى.
وَقَالَتْ لِأُخْتِهِۦ قُصِّيهِ ۖ فَبَصُرَتْ بِهِۦ عَن جُنُبٍ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
11 _ ئانىسى مۇسانىڭ ئاچىسىغا: «ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكىن» دېدى. ئاچىسى مۇسانى يىراقتىن كۆزىتىپ ماڭدى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى تۇيمايتتى.
وَحَرَّمْنَا عَلَيْهِ ٱلْمَرَاضِعَ مِن قَبْلُ فَقَالَتْ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰٓ أَهْلِ بَيْتٍ يَكْفُلُونَهُۥ لَكُمْ وَهُمْ لَهُۥ نَـٰصِحُونَ
12 _ (ئۆز ئانىسى كېلىشتىن) ئىلگىرى مۇسانى ئىنىكئانىلارنى ئېمىشتىن چەكلىگەن ئىدۇق. (مۇسانىڭ ئاچىسى ئۇلارغا) ئېيتتى: «سىلەرگە مۇسانى ھىمايىسىگە ئېلىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ بېقىپ بېرىدىغان بىر ئائىلىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟».
فَرَدَدْنَـٰهُ إِلَىٰٓ أُمِّهِۦ كَىْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
13 _ ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن، بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ.
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَٱسْتَوَىٰٓ ءَاتَيْنَـٰهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
14 _ مۇسا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئەقلى توشقاندا، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، بىز (تائەت-ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَدَخَلَ ٱلْمَدِينَةَ عَلَىٰ حِينِ غَفْلَةٍ مِّنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَـٰذَا مِن شِيعَتِهِۦ وَهَـٰذَا مِنْ عَدُوِّهِۦ ۖ فَٱسْتَغَـٰثَهُ ٱلَّذِى مِن شِيعَتِهِۦ عَلَى ٱلَّذِى مِنْ عَدُوِّهِۦ فَوَكَزَهُۥ مُوسَىٰ فَقَضَىٰ عَلَيْهِ ۖ قَالَ هَـٰذَا مِنْ عَمَلِ ٱلشَّيْطَـٰنِ ۖ إِنَّهُۥ عَدُوٌّ مُّضِلٌّ مُّبِينٌ
15 _ مۇسا شەھەر ئاھالىسى غەپلەتتىكى بىر ۋاقىتتا شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى ئادەمنى ئۇچراتتى. ئۇلارنىڭ بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنىدىن ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ دۈشمىنىدىن بولغان ئادەمگە قارشى مۇسادىن ياردەم سورىدى. مۇسا ئۇنى (مۇشت بىلەن بىرنى) ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر».
قَالَ رَبِّ إِنِّى ظَلَمْتُ نَفْسِى فَٱغْفِرْ لِى فَغَفَرَ لَهُۥٓ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
16 _ مۇسا: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنىڭ (گۇناھىمنى) مەغپىرەت قىلغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
قَالَ رَبِّ بِمَآ أَنْعَمْتَ عَلَىَّ فَلَنْ أَكُونَ ظَهِيرًا لِّلْمُجْرِمِينَ
17 _ مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە ئېرىشىپ تۇرۇپ، ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن».
فَأَصْبَحَ فِى ٱلْمَدِينَةِ خَآئِفًا يَتَرَقَّبُ فَإِذَا ٱلَّذِى ٱسْتَنصَرَهُۥ بِٱلْأَمْسِ يَسْتَصْرِخُهُۥ ۚ قَالَ لَهُۥ مُوسَىٰٓ إِنَّكَ لَغَوِىٌّ مُّبِينٌ
18 _ ئەتىسى ئەتىگەندە مۇسا شەھەردە قورقۇنچ ئىچىدە (خەۋەر) تىڭتىڭلاپ يۈرەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا تۈنۈگۈن ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغان ئادەم (بۇ قېتىم باشقا بىر قىبتىگە قارشى) مۇسادىن يەنە ياردەم سورىدى، مۇسا ئۇنىڭغا: «سەن راستتىنلا ئوپئوچۇق ئازغۇن ئادەم ئىكەنسەن» دېدى.
فَلَمَّآ أَنْ أَرَادَ أَن يَبْطِشَ بِٱلَّذِى هُوَ عَدُوٌّ لَّهُمَا قَالَ يَـٰمُوسَىٰٓ أَتُرِيدُ أَن تَقْتُلَنِى كَمَا قَتَلْتَ نَفْسًۢا بِٱلْأَمْسِ ۖ إِن تُرِيدُ إِلَّآ أَن تَكُونَ جَبَّارًا فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا تُرِيدُ أَن تَكُونَ مِنَ ٱلْمُصْلِحِينَ
19 _ مۇسا ئىككىسىنىڭ (ئورتاق) دۈشمىنى بولغان ئادەمگە قول ئۇزاتماقچى بولغاندا، ياردەم سورىغان ئادەم (مۇسا مېنى ئۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ): «ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ سەن زېمىندا ئىسلاھ قىلغۇچىلاردىن بولۇشنى خالىماي، پەقەت زومىگەر بولۇشنىلا خالايدىكەنسەن» دېدى.
وَجَآءَ رَجُلٌ مِّنْ أَقْصَا ٱلْمَدِينَةِ يَسْعَىٰ قَالَ يَـٰمُوسَىٰٓ إِنَّ ٱلْمَلَأَ يَأْتَمِرُونَ بِكَ لِيَقْتُلُوكَ فَٱخْرُجْ إِنِّى لَكَ مِنَ ٱلنَّـٰصِحِينَ
20 _ شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىن بىر ئادەم ناھايىتى تېز كېلىپ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، كاتتىلار سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، (شەھەردىن دەرھال) چىقىپ كەتكىن، مەن ئەلۋەتتە، ساڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرگۈچىلەردىنمەن» دېدى.
فَخَرَجَ مِنْهَا خَآئِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِى مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
21 _ مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقىپ كەتتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى.
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَآءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّىٓ أَن يَهْدِيَنِى سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
22 _ مۇسا مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىمنىڭ مېنى (مەديەنگە بارىدىغان) توغرا يولغا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
وَلَمَّا وَرَدَ مَآءَ مَدْيَنَ وَجَدَ عَلَيْهِ أُمَّةً مِّنَ ٱلنَّاسِ يَسْقُونَ وَوَجَدَ مِن دُونِهِمُ ٱمْرَأَتَيْنِ تَذُودَانِ ۖ قَالَ مَا خَطْبُكُمَا ۖ قَالَتَا لَا نَسْقِى حَتَّىٰ يُصْدِرَ ٱلرِّعَآءُ ۖ وَأَبُونَا شَيْخٌ كَبِيرٌ
23 _ ئۇ مەديەندىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كەلگەندە (ماللىرىنى) سۇغىرىۋاتقان بىر توپ كىشىنى كۆردى. ئۇلاردىن باشقا يەنە (قويلىرىنى سۇدىن) توسۇپ تۇرغان ئىككى قىزنى كۆردى. مۇسا ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟» دېدى، ئۇلار: «پادىچىلار (ماللىرىنى سۇغىرىپ بولۇپ) كەتمەستىن، بىز سۇغىرالمايمىز، ئاتىمىز بولسا ياشىنىپ قالغان بوۋايدۇر» دېدى.
فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰٓ إِلَى ٱلظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّى لِمَآ أَنزَلْتَ إِلَىَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ
24 _ مۇسا ئۇلارغا (قويلىرىنى) سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «ئى رەببىم! سەن ماڭا چۈشۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ياخشىلىققا مەن ھەقىقەتەن موھتاجمەن» دېدى.
فَجَآءَتْهُ إِحْدَىٰهُمَا تَمْشِى عَلَى ٱسْتِحْيَآءٍ قَالَتْ إِنَّ أَبِى يَدْعُوكَ لِيَجْزِيَكَ أَجْرَ مَا سَقَيْتَ لَنَا ۚ فَلَمَّا جَآءَهُۥ وَقَصَّ عَلَيْهِ ٱلْقَصَصَ قَالَ لَا تَخَفْ ۖ نَجَوْتَ مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ
25 _ ئۇ ئىككى قىزنىڭ بىرى مۇسانىڭ يېنىغا ئۇياتچانلىق بىلەن مېڭىپ كېلىپ: «(قويلىرىمىزنى) سۇغىرىپ بەرگەنلىكىڭنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتام سېنى چاقىرىۋاتىدۇ» دېدى. مۇسا ئۇ (قىزلارنىڭ ئاتىسى شۇئەيب) نىڭ قېشىغا كېلىپ (بېشىدىن ئۆتكەن) قىسسىنى سۆزلەپ بەردى. (شۇئەيب): «قورقمىغىن، زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇڭ» دېدى.
قَالَتْ إِحْدَىٰهُمَا يَـٰٓأَبَتِ ٱسْتَـْٔجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ ٱسْتَـْٔجَرْتَ ٱلْقَوِىُّ ٱلْأَمِينُ
26 _ ئىككى قىزنىڭ بىرى: «ئى ئاتا! سەن ئۇنى ياللاپ ئىشلەتكىن، ھەقىقەتەن سەن ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى (مۇشۇنداق) كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغىنىدۇر» دېدى.
قَالَ إِنِّىٓ أُرِيدُ أَنْ أُنكِحَكَ إِحْدَى ٱبْنَتَىَّ هَـٰتَيْنِ عَلَىٰٓ أَن تَأْجُرَنِى ثَمَـٰنِىَ حِجَجٍ ۖ فَإِنْ أَتْمَمْتَ عَشْرًا فَمِنْ عِندِكَ ۖ وَمَآ أُرِيدُ أَنْ أَشُقَّ عَلَيْكَ ۚ سَتَجِدُنِىٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
27 _ شۇئەيب ئېيتتى: «ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى ساڭا بېرىشنى خالايمەن، ئەگەر ئون يىلنى توشقۇزۇۋەتسەڭ ئۇمۇ ئىختىيارىڭ، مەن سېنى مۇشەققەتكە سېلىپ قويۇشنى خالىمايمەن، ئاللاھ خالىسا، مېنىڭ سالىھ ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن».
قَالَ ذَٰلِكَ بَيْنِى وَبَيْنَكَ ۖ أَيَّمَا ٱلْأَجَلَيْنِ قَضَيْتُ فَلَا عُدْوَٰنَ عَلَىَّ ۖ وَٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
28 _ مۇسا ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى توختامدۇر، ئىككى مۇددەتنىڭ قايسىسىنى توشقۇزسام (توشقۇزاي)، ماڭا ئۇۋال بولۇپ قالمىسۇن، ئاللاھ بىزنىڭ سۆزىمىزگە گۇۋاھتۇر».
فَلَمَّا قَضَىٰ مُوسَى ٱلْأَجَلَ وَسَارَ بِأَهْلِهِۦٓ ءَانَسَ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ نَارًا قَالَ لِأَهْلِهِ ٱمْكُثُوٓا۟ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا لَّعَلِّىٓ ءَاتِيكُم مِّنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ جَذْوَةٍ مِّنَ ٱلنَّارِ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
29 _ مۇسا مۇددەتنى توشقۇزۇپ بولۇپ، ئائىلىسىنى ئېلىپ يولغا چىققان چېغىدا، ئۇ تۇر تېغى تەرەپتە بىر ئوتنى كۆردى، ئۇ ئائىلىسىگە: «سىلەر (بۇ يەردە) تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ھەقىقەتەن (يىراقتىن) بىر ئوتنى كۆرۈپ قالدىم، بەلكى ئۇ يەردىن سىلەرگە بىرەر خەۋەر ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەرمەن» دېدى.
فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِىَ مِن شَـٰطِئِ ٱلْوَادِ ٱلْأَيْمَنِ فِى ٱلْبُقْعَةِ ٱلْمُبَـٰرَكَةِ مِنَ ٱلشَّجَرَةِ أَن يَـٰمُوسَىٰٓ إِنِّىٓ أَنَا ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
30 _ مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، مۇبارەك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دەرەخ تەرەپتىن: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھمەن.
وَأَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَـٰمُوسَىٰٓ أَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۖ إِنَّكَ مِنَ ٱلْـَٔامِنِينَ
31 _ سەن ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ نىدا كەلدى. مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا يىلاندەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىيالمىدى، (بۇ چاغدا مۇنداق نىدا كەلدى): «ئى مۇسا! (مەن تەرەپكە) كەل، قورقمىغىن. سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن.
ٱسْلُكْ يَدَكَ فِى جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَآءَ مِنْ غَيْرِ سُوٓءٍ وَٱضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ ٱلرَّهْبِ ۖ فَذَٰنِكَ بُرْهَـٰنَانِ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦٓ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمًا فَـٰسِقِينَ
32 _ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ بىرەر كېسەلدىن ئەمەس، (بەلكى مۆجىزە سۈپىتىدە) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچتىن (ئېچىلغان) قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى (ھاسا ۋە قول مۆجىزىسى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ (قەۋمىنىڭ) كاتتىباشلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر. ئۇلار ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققان) پاسىق قەۋم ئىدى».
قَالَ رَبِّ إِنِّى قَتَلْتُ مِنْهُمْ نَفْسًا فَأَخَافُ أَن يَقْتُلُونِ
33 _ مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلاردىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.
وَأَخِى هَـٰرُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّى لِسَانًا فَأَرْسِلْهُ مَعِىَ رِدْءًا يُصَدِّقُنِىٓ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ
34 _ قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان، شۇڭا ئۇنى مېنى (قوللاپ پەيغەمبەرلىكىمنى) ئىسپاتلايدىغان ياردەمچى قىلىپ مەن بىلەن ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن».
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَـٰنًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِـَٔايَـٰتِنَآ أَنتُمَا وَمَنِ ٱتَّبَعَكُمَا ٱلْغَـٰلِبُونَ
35 _ ئاللاھ ئېيتتى: «سېنى قېرىندىشىڭ بىلەن كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا شۇنداق (كۈچلۈك) پاكىت ئاتا قىلىمىزكى، ئۇلار سىلەرگە ھەرگىز زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەر مۆجىزىلىرىمىز ئارقىلىق چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر».
فَلَمَّا جَآءَهُم مُّوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا بَيِّنَـٰتٍ قَالُوا۟ مَا هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ مُّفْتَرًى وَمَا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِىٓ ءَابَآئِنَا ٱلْأَوَّلِينَ
36 _ مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز ئىلگىرىكى ئاتا _ بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا بۇنداق نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق» دېدى.
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبِّىٓ أَعْلَمُ بِمَن جَآءَ بِٱلْهُدَىٰ مِنْ عِندِهِۦ وَمَن تَكُونُ لَهُۥ عَـٰقِبَةُ ٱلدَّارِ ۖ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
37 _ مۇسا ئېيتتى: «رەببىم ئۆزىنىڭ دەرگاھىدىن كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئاخىرەتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمگە نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شەكسىزكى، زالىملار ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَأُ مَا عَلِمْتُ لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرِى فَأَوْقِدْ لِى يَـٰهَـٰمَـٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجْعَل لِّى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ
38 _ پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! سەن خىش پىشۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئېگىز بىر بىنا سالغىن، بەلكى مەن (ئۇنىڭغا چىقىپ) مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرىشىم مۇمكىن، ئەمما مەن ئۇنى ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىن دەپ ئويلايمەن».
وَٱسْتَكْبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُمْ إِلَيْنَا لَا يُرْجَعُونَ
39 _ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى (مىسىر) زېمىنىدا يولسىزلىق قىلىپ كۆرەڭلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىز تەرەپكە قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلاشتى.
فَأَخَذْنَـٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذْنَـٰهُمْ فِى ٱلْيَمِّ ۖ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلظَّـٰلِمِينَ
40 _ نىھايەت، پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالاپ دېڭىزغا تاشلىۋەتتۇق. (ئى پەيغەمبەر!) زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن.
وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَئِمَّةً يَدْعُونَ إِلَى ٱلنَّارِ ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ
41 _ ئۇلارنى بىز دوزاخقا چاقىرىدىغان باشلامچىلار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ.
وَأَتْبَعْنَـٰهُمْ فِى هَـٰذِهِ ٱلدُّنْيَا لَعْنَةً ۖ وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلْمَقْبُوحِينَ
42 _ بىز ئۇلارنى بۇ دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.
وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ مِنۢ بَعْدِ مَآ أَهْلَكْنَا ٱلْقُرُونَ ٱلْأُولَىٰ بَصَآئِرَ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَّعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
43 _ شۈبھىسىزكى، بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، مۇساغا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئاچىدىغان دەلىللەر، ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتابنى (تەۋراتنى) بەردۇق.
وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلْغَرْبِىِّ إِذْ قَضَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَى ٱلْأَمْرَ وَمَا كُنتَ مِنَ ٱلشَّـٰهِدِينَ
44 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز (تۇر تېغىنىڭ) غەرب تەرىپىدە مۇساغا ۋەھيى قىلغاندا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇ ۋەقەلىكنى) كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.
وَلَـٰكِنَّآ أَنشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ ٱلْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنتَ ثَاوِيًا فِىٓ أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِنَا وَلَـٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
45 _ ئەمما بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىپ تۇرغانمۇ ئەمەسسەن، لېكىن (ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى ۋەھيى ئارقىلىق ساڭا) بىز ئەۋەتتۇق.
وَمَا كُنتَ بِجَانِبِ ٱلطُّورِ إِذْ نَادَيْنَا وَلَـٰكِن رَّحْمَةً مِّن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٍ مِّن قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
46 _ بىز (مۇساغا) نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز سېنى رەببىڭ تەرىپىدىن (كاتتا) بىر رەھمەت (قىلىپ ئەۋەتتۇق).
وَلَوْلَآ أَن تُصِيبَهُم مُّصِيبَةٌۢ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَيَقُولُوا۟ رَبَّنَا لَوْلَآ أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ ءَايَـٰتِكَ وَنَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ
47 _ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر ئازاب -ئوقۇبەت كەلسە، «ئى رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق).
فَلَمَّا جَآءَهُمُ ٱلْحَقُّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ لَوْلَآ أُوتِىَ مِثْلَ مَآ أُوتِىَ مُوسَىٰٓ ۚ أَوَلَمْ يَكْفُرُوا۟ بِمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ مِن قَبْلُ ۖ قَالُوا۟ سِحْرَانِ تَظَـٰهَرَا وَقَالُوٓا۟ إِنَّا بِكُلٍّ كَـٰفِرُونَ
48 _ ئەمما ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە، ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر _ بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىككى سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار يەنە: «بىز ئەلۋەتتە (بۇ ئىككى كىتابنىڭ) ئىككىلىسىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.
قُلْ فَأْتُوا۟ بِكِتَـٰبٍ مِّنْ عِندِ ٱللَّهِ هُوَ أَهْدَىٰ مِنْهُمَآ أَتَّبِعْهُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
49 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا بىرەر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلارچۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي».
فَإِن لَّمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَكَ فَٱعْلَمْ أَنَّمَا يَتَّبِعُونَ أَهْوَآءَهُمْ ۚ وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنِ ٱتَّبَعَ هَوَىٰهُ بِغَيْرِ هُدًى مِّنَ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
50 _ ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاب بېرەلمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھيى قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ شەكسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
وَلَقَدْ وَصَّلْنَا لَهُمُ ٱلْقَوْلَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
51 _ ئۇلارنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بۇ ئىلاھىي سۆز (قۇرئان)نى ئۇلارغا ئۈزۈلدۈرمەي چۈشۈرۈپ تۇردۇق.
ٱلَّذِينَ ءَاتَيْنَـٰهُمُ ٱلْكِتَـٰبَ مِن قَبْلِهِۦ هُم بِهِۦ يُؤْمِنُونَ
52 _ قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاب بەرگەنلەر (ئارىسىدىكى مۇئمىنلەر) قۇرئانغىمۇ ئىمان ئېيتىدۇ.
وَإِذَا يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِهِۦٓ إِنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّنَآ إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلِهِۦ مُسْلِمِينَ
53 _ ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، ئۇلار: «بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق. شەكىسىزكى ئۇ رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇسۇلمان ئىدۇق» دەيدۇ.
أُو۟لَـٰٓئِكَ يُؤْتَوْنَ أَجْرَهُم مَّرَّتَيْنِ بِمَا صَبَرُوا۟ وَيَدْرَءُونَ بِٱلْحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
54 _ ئەنە شۇلارغا سەۋر _ تاقىتى يۈزىسىدىن ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلار ياخشىلىق ئارقىلىق يامانلىقنى توسىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ.
وَإِذَا سَمِعُوا۟ ٱللَّغْوَ أَعْرَضُوا۟ عَنْهُ وَقَالُوا۟ لَنَآ أَعْمَـٰلُنَا وَلَكُمْ أَعْمَـٰلُكُمْ سَلَـٰمٌ عَلَيْكُمْ لَا نَبْتَغِى ٱلْجَـٰهِلِينَ
55 _ ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ: «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىزدىن سىلەرگە يامانلىق كەلمەيدۇ، بىزنىڭ نادانلار بىلەن ئىشىمىز يوق» دەيدۇ.
إِنَّكَ لَا تَهْدِى مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يَشَآءُ ۚ وَهُوَ أَعْلَمُ بِٱلْمُهْتَدِينَ
56 _ (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، سەن ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
وَقَالُوٓا۟ إِن نَّتَّبِعِ ٱلْهُدَىٰ مَعَكَ نُتَخَطَّفْ مِنْ أَرْضِنَآ ۚ أَوَلَمْ نُمَكِّن لَّهُمْ حَرَمًا ءَامِنًا يُجْبَىٰٓ إِلَيْهِ ثَمَرَٰتُ كُلِّ شَىْءٍ رِّزْقًا مِّن لَّدُنَّا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
57 _ ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن بىللە توغرا يولغا ماڭىدىغان بولساق، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. بىز ئۇلارنى ئۆزىمىز تەرەپتىن رىزىق قىلىپ بېرىلگەن تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدىغان تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَكَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍۭ بَطِرَتْ مَعِيشَتَهَا ۖ فَتِلْكَ مَسَـٰكِنُهُمْ لَمْ تُسْكَن مِّنۢ بَعْدِهِمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ وَكُنَّا نَحْنُ ٱلْوَٰرِثِينَ
58 _ بىز ئاھالىسى كەيىپ _ ساپالىق تۇرمۇشتىن خۇدىنى يوقاتقان نۇرغۇن يۇرتلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، مانا بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى. ئۇلار (ھالاك بولغان)دىن كېيىن، (ئۇ جايلاردا) ئازغىنە ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا ئادەم تۇرغان ئەمەس. بىز (ھەممە نەرسىنىڭ ھەقىقىي) ۋارىسى بولدۇق.
وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهْلِكَ ٱلْقُرَىٰ حَتَّىٰ يَبْعَثَ فِىٓ أُمِّهَا رَسُولًا يَتْلُوا۟ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِنَا ۚ وَمَا كُنَّا مُهْلِكِى ٱلْقُرَىٰٓ إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَـٰلِمُونَ
59 _ رەببىڭ يۇرتلارنىڭ مەركىزىگە ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ، ئۇ يۇرتلارنى ھالاك قىلغان ئەمەس. بىز ئاھالىسى (بىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغان يۇرتلاردىن باشقىسىنى ھالاك قىلمىدۇق.
وَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَىْءٍ فَمَتَـٰعُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَزِينَتُهَا ۚ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰٓ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
60 _ سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلسۇن، (ئۇ پەقەت) دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ (ۋاقىتلىق) مەنپەئەتى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر، سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
أَفَمَن وَعَدْنَـٰهُ وَعْدًا حَسَنًا فَهُوَ لَـٰقِيهِ كَمَن مَّتَّعْنَـٰهُ مَتَـٰعَ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ثُمَّ هُوَ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ مِنَ ٱلْمُحْضَرِينَ
61 _ بىز (جەننەتتىن ئىبارەت) گۈزەل بىر ۋەدىنى قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغان ئادەم بىز دۇنيا ھاياتىنىڭ ھۇزۇر _ ھالاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى (ئازابقا) ھازىر قىلىنغانلار قاتارىدىن بولىدىغان ئادەمگە ئوخشامدۇ؟
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَآءِىَ ٱلَّذِينَ كُنتُمْ تَزْعُمُونَ
62 _ شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر ئۆز گۇمانىڭلارچە ماڭا شېرىك دەپ قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دەپ نىدا قىلىدۇ.
قَالَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْقَوْلُ رَبَّنَا هَـٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَغْوَيْنَآ أَغْوَيْنَـٰهُمْ كَمَا غَوَيْنَا ۖ تَبَرَّأْنَآ إِلَيْكَ ۖ مَا كَانُوٓا۟ إِيَّانَا يَعْبُدُونَ
63 _ ئازابقا لايىق بولغانلار: «ئى رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز قانداق ئازغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردۇق. (ئى رەببىمىز!) بىز ئەمدى (ئۇلاردىن) ئادا-جۇدا بولۇپ ساڭا سىغىندۇق. ئۇلار ئەسلىدە بىزگە چوقۇنمايتتى (ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا چوقۇناتتى)» دېيىشىدۇ.
وَقِيلَ ٱدْعُوا۟ شُرَكَآءَكُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا۟ لَهُمْ وَرَأَوُا۟ ٱلْعَذَابَ ۚ لَوْ أَنَّهُمْ كَانُوا۟ يَهْتَدُونَ
64 _ ئۇلارغا: «(ئاللاھقا قوشۇۋالغان) شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ؛ ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاشكى، دۇنيادىكى ۋاقتىمىزدا) توغرا يولغا ئەگەشكەن بولساقچۇ! دېيىشىپ كېتىدۇ.
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَآ أَجَبْتُمُ ٱلْمُرْسَلِينَ
65 _ ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار؟»
فَعَمِيَتْ عَلَيْهِمُ ٱلْأَنۢبَآءُ يَوْمَئِذٍ فَهُمْ لَا يَتَسَآءَلُونَ
66 _ ئۇ كۈندە ئۇلارغا (ئۈمىد بېرىدىغان بارلىق) خەۋەرلەر ئۈزۈلگەن بولىدۇ، (ھەتتا) ئۇلار ئۆزئارا سورىشالمايدۇ.
فَأَمَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا فَعَسَىٰٓ أَن يَكُونَ مِنَ ٱلْمُفْلِحِينَ
67 _ تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى مۇقەررەردۇر.
وَرَبُّكَ يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ وَيَخْتَارُ ۗ مَا كَانَ لَهُمُ ٱلْخِيَرَةُ ۚ سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ وَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
68 _ رەببىڭ خالىغىنىنى يارىتىدۇ ۋە (خالىغىنىنى) تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈندۇر.
وَرَبُّكَ يَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ
69 _ رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنىمۇ ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ.
وَهُوَ ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ ٱلْحَمْدُ فِى ٱلْأُولَىٰ وَٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَلَهُ ٱلْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
70 _ ئۇ يەككە _ يېگانە ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد يوقتۇر، دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر. سىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيْكُمُ ٱلَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ مَنْ إِلَـٰهٌ غَيْرُ ٱللَّهِ يَأْتِيكُم بِضِيَآءٍ ۖ أَفَلَا تَسْمَعُونَ
71 _ (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمامسىلەر؟».
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن جَعَلَ ٱللَّهُ عَلَيْكُمُ ٱلنَّهَارَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ مَنْ إِلَـٰهٌ غَيْرُ ٱللَّهِ يَأْتِيكُم بِلَيْلٍ تَسْكُنُونَ فِيهِ ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
72 _ ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر سوزۇلىدىغان قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئالىدىغان كېچىنى كەلتۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ سىلەر (بۇ ھەقىقەتنى) كۆرمەمسىلەر؟».
وَمِن رَّحْمَتِهِۦ جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
73 _ سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (تىرىكچىلىك قىلىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياراتقانلىقى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر.
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَآءِىَ ٱلَّذِينَ كُنتُمْ تَزْعُمُونَ
74 _ ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر ئۆز گۇمانىڭلارچە ماڭا شېرىك دەپ قوشۇۋالغان نەرسىلىرىڭلار قېنى؟» دەيدۇ.
وَنَزَعْنَا مِن كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا فَقُلْنَا هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ فَعَلِمُوٓا۟ أَنَّ ٱلْحَقَّ لِلَّهِ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
75 _ (ئۇ كۈندە) بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا) گۇۋاھچى (قىلىپ) چىقىرىمىز، ئاندىن (ئۇ ئۈممەتكە): «قېنى پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار!» دەيمىز، ئۇلار شۇ چاغدىلا ھەقىقەتنىڭ پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (ساختا مەبۇدلىرى) ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولىدۇ.
إِنَّ قَـٰرُونَ كَانَ مِن قَوْمِ مُوسَىٰ فَبَغَىٰ عَلَيْهِمْ ۖ وَءَاتَيْنَـٰهُ مِنَ ٱلْكُنُوزِ مَآ إِنَّ مَفَاتِحَهُۥ لَتَنُوٓأُ بِٱلْعُصْبَةِ أُو۟لِى ٱلْقُوَّةِ إِذْ قَالَ لَهُۥ قَوْمُهُۥ لَا تَفْرَحْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْفَرِحِينَ
76 _ ھەقىقەتەن قارۇن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلدى، بىز ئۇنىڭغا خەزىنىلەردىن شۇنچىلىك كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇنىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى (نى كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ئۆز ۋاقتىدا قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، شەكسىزكى، ئاللاھ كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
وَٱبْتَغِ فِيمَآ ءَاتَىٰكَ ٱللَّهُ ٱلدَّارَ ٱلْـَٔاخِرَةَ ۖ وَلَا تَنسَ نَصِيبَكَ مِنَ ٱلدُّنْيَا ۖ وَأَحْسِن كَمَآ أَحْسَنَ ٱللَّهُ إِلَيْكَ ۖ وَلَا تَبْغِ ٱلْفَسَادَ فِى ٱلْأَرْضِ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلْمُفْسِدِينَ
77 _ ئاللاھ ساڭا بەرگەن (مال-دۇنيا) بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (باشقىلارغا) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى ئىستىمىگىن. شەكسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلْمٍ عِندِىٓ ۚ أَوَلَمْ يَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ قَدْ أَهْلَكَ مِن قَبْلِهِۦ مِنَ ٱلْقُرُونِ مَنْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُ قُوَّةً وَأَكْثَرُ جَمْعًا ۚ وَلَا يُسْـَٔلُ عَن ذُنُوبِهِمُ ٱلْمُجْرِمُونَ
78 _ قارۇن: «مەن بۇ بايلىققا پەقەت مەندىكى ئالاھىدە بىلىم بىلەن ئېرىشتىم» دېدى. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن ئۆزىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان پۇل _ مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغانلارنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلار (بەلگىلىرى ئارقىلىق تونۇلغانلىقى ئۈچۈن) گۇناھلىرىدىن سورالمايدۇ.
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِۦ فِى زِينَتِهِۦ ۖ قَالَ ٱلَّذِينَ يُرِيدُونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا يَـٰلَيْتَ لَنَا مِثْلَ مَآ أُوتِىَ قَـٰرُونُ إِنَّهُۥ لَذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
79 _ قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن چىقتى. دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار: «كاشكى بىزگىمۇ قارۇنغا بېرىلگەندەك (بايلىق) بېرىلسىچۇ، شەكسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن» دېدى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ وَيْلَكُمْ ثَوَابُ ٱللَّهِ خَيْرٌ لِّمَنْ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًا وَلَا يُلَقَّىٰهَآ إِلَّا ٱلصَّـٰبِرُونَ
80 _ ئىلىملىك كىشىلەر: «ئىسىت سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ (بېرىدىغان) مۇكاپاتى (ھەممىدىن) ياخشىدۇر. ئۇنىڭغا پەقەت (تائەت _ ئىبادەتتە) چىدامچان بولغان كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى.
فَخَسَفْنَا بِهِۦ وَبِدَارِهِ ٱلْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُۥ مِن فِئَةٍ يَنصُرُونَهُۥ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلْمُنتَصِرِينَ
81 _ نىھايەت، قارۇننى ئۇنىڭ ئۆي _ جايى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق. ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان بىرەر جامائە بولمىدى، قارۇن ئۆزىمۇ ئۆزىنى قوغداپ قالالمىدى.
وَأَصْبَحَ ٱلَّذِينَ تَمَنَّوْا۟ مَكَانَهُۥ بِٱلْأَمْسِ يَقُولُونَ وَيْكَأَنَّ ٱللَّهَ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ وَيَقْدِرُ ۖ لَوْلَآ أَن مَّنَّ ٱللَّهُ عَلَيْنَا لَخَسَفَ بِنَا ۖ وَيْكَأَنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلْكَـٰفِرُونَ
82 _ تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ ئورنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلار: «مانا، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭكىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، بىزنىمۇ ئەلۋەتتە يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن بولاتتى، مانا كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىكەن» دەيدىغان بولدى.
تِلْكَ ٱلدَّارُ ٱلْـَٔاخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوًّا فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فَسَادًا ۚ وَٱلْعَـٰقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
83 _ ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ئەڭ ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.
مَن جَآءَ بِٱلْحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيْرٌ مِّنْهَا ۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى ٱلَّذِينَ عَمِلُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ إِلَّا مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
84 _ كىمكى (بۇ ئاخىرەت يۇرتىغا) ياخشى ئەمەل بىلەن كېلىدىكەن، ئۇ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش بىلەن كېلىدىكەن، يامان ئىشلارنى قىلغانلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.
إِنَّ ٱلَّذِى فَرَضَ عَلَيْكَ ٱلْقُرْءَانَ لَرَآدُّكَ إِلَىٰ مَعَادٍ ۚ قُل رَّبِّىٓ أَعْلَمُ مَن جَآءَ بِٱلْهُدَىٰ وَمَنْ هُوَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
85 _ (ئى پەيغەمبەر!) ساڭا قۇرئاننى (يەتكۈزۈشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات ئەلۋەتتە سېنى قايتىدىغان يەر (مەككە)گە قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ».
وَمَا كُنتَ تَرْجُوٓا۟ أَن يُلْقَىٰٓ إِلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبُ إِلَّا رَحْمَةً مِّن رَّبِّكَ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ ظَهِيرًا لِّلْكَـٰفِرِينَ
86 _ سەن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ساڭا ۋەھيى قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى ۋەھيى قىلدى)، سەن كاپىرلارغا ھەرگىز ياردەمچى بولمىغىن.
وَلَا يَصُدُّنَّكَ عَنْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بَعْدَ إِذْ أُنزِلَتْ إِلَيْكَ ۖ وَٱدْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
87 _ ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، (كاپىرلار) سېنى ئۇ ئايەتلەر (گە ئەمەل قىلىش)دىن ھەرگىز توسۇپ قويمىسۇن. (كىشىلەرنى) رەببىڭگە دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن.
وَلَا تَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ ۘ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ كُلُّ شَىْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُۥ ۚ لَهُ ٱلْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
88 _ ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر (ساختا) ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوقالغۇچىدۇر، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
قەسەس سۈرىسى