ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنىڭ ئۇلارغا چوقۇم چۈشىدىغانلىقىنى ۋە مۇئمىنلەرگە ۋەدە قىلىنغان نېمەتلەرنىڭ ئەلۋەتتە ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
سَأَلَ سَآئِلٌۢ بِعَذَابٍ وَاقِعٍ (1) لِّلْكَـٰفِرِينَ لَيْسَ لَهُۥ دَافِعٌ (2) مِّنَ ٱللَّهِ ذِى ٱلْمَعَارِجِ (3)
1 _ 3_ (كاپىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كاپىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى
تَعْرُجُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيْهِ فِى يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُۥ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
4 _ پەرىشتىلەر ۋە روھ (جىبرىل) ئۇزۇنلىقى ئەللىك مىڭ يىل كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.
فَٱصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا
5 _ (ئى پەيغەمبەر!) سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن.
إِنَّهُمْ يَرَوْنَهُۥ بَعِيدًا
6 _ كاپىرلار ئۇ ئازابنى يىراق (يەنى كەلمەيدۇ) دەپ قارايدۇ.
وَنَرَىٰهُ قَرِيبًا
7 _ بىز بولساق ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز.
يَوْمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلْمُهْلِ
8 _ ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ.
وَتَكُونُ ٱلْجِبَالُ كَٱلْعِهْنِ
9 _ تاغلار (ئېتىلغان) رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ.
وَلَا يَسْـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمًا (10) يُبَصَّرُونَهُمْ ۚ يَوَدُّ ٱلْمُجْرِمُ لَوْ يَفْتَدِى مِنْ عَذَابِ يَوْمِئِذٍۭ بِبَنِيهِ (11) وَصَـٰحِبَتِهِۦ وَأَخِيهِ (12) وَفَصِيلَتِهِ ٱلَّتِى تُـْٔوِيهِ (13) وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ يُنجِيهِ (14)
10 _ 14_ ئۇلار بىر _ بىرىگە كۆرسىتىلىدۇ، (ئەمما ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن) دوست دوستىدىن (ھال-ئەھۋال) سورىمايدۇ. گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم _ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
كَلَّآ ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
15 _ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇ (دوزاخ) ئەلۋەتتە يالقۇنجاپ كۆيىدىغان ئوتتۇر.
نَزَّاعَةً لِّلشَّوَىٰ
16 _ (ئۇنىڭ ھارارىتى) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ.
تَدْعُوا۟ مَنْ أَدْبَرَ وَتَوَلَّىٰ (17) وَجَمَعَ فَأَوْعَىٰٓ (18)
17 _ 18_ ئۇ (ئوت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ۋە پۇل _ مال يىغىپ (ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەي) ساقلىغان كىشىلەرنى چاقىرىدۇ.
إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ خُلِقَ هَلُوعًا
19 _ ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى.
إِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ جَزُوعًا
20 _ ئۆزىگە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، بەكمۇ زارلانغۇچىدۇر.
وَإِذَا مَسَّهُ ٱلْخَيْرُ مَنُوعًا
21 _ بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، ناھايىتى بېخىللىق قىلغۇچىدۇر.
إِلَّا ٱلْمُصَلِّينَ
22 _ پەقەت (تۆۋەندىكىلەر) بۇنداق ئەمەس:
ٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ دَآئِمُونَ
23 _ ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ فِىٓ أَمْوَٰلِهِمْ حَقٌّ مَّعْلُومٌ (24) لِّلسَّآئِلِ وَٱلْمَحْرُومِ (25)
24 _ 25 _ ئۇلار پۇل _ ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ.
وَٱلَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ
26 _ ئۇلار قىيامەت كۈنىگە چىن ئىشىنىدۇ.
وَٱلَّذِينَ هُم مِّنْ عَذَابِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ (27) إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمْ غَيْرُ مَأْمُونٍ (28)
27 _28 _ ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر. چۈنكى رەببىنىڭ ئازابى (ھېچكىم) خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابتۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَـٰفِظُونَ
29 _ ئۇلار جىنسىي ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر.
إِلَّا عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
30 _ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلىقىغا) مالامەت قىلىنمايدۇ.
فَمَنِ ٱبْتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْعَادُونَ
31 _ كىمكى بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، مۇنداقلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ لِأَمَـٰنَـٰتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَٰعُونَ
32 _ ئۇلار (يەنى سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان مۇئمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُم بِشَهَـٰدَٰتِهِمْ قَآئِمُونَ
33 _ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغۇچىلاردۇر.
وَٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
34 _ ئۇلار نامىزىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر.
أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى جَنَّـٰتٍ مُّكْرَمُونَ
35 _ ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.
فَمَالِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ (36) عَنِ ٱلْيَمِينِ وَعَنِ ٱلشِّمَالِ عِزِينَ (37)
36 _ 37_ (ئى پەيغەمبەر!) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، ئوڭ _ سول تەرىپىڭدە توپ _ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ.
أَيَطْمَعُ كُلُّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ أَن يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍ
38 _ ئۇلارنىڭ ھەربىرى تېخى نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلىۋاتامدۇ؟
كَلَّآ ۖ إِنَّا خَلَقْنَـٰهُم مِّمَّا يَعْلَمُونَ
39 _ ئىش ئۇلار تەمە قىلغاندەك ئەمەس. شەكسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىدىن (مەنىيدىن) ياراتتۇق (شۇڭا ئۇلارنىڭ چوڭلۇق قىلىش ھەققى يوق).
فَلَآ أُقْسِمُ بِرَبِّ ٱلْمَشَـٰرِقِ وَٱلْمَغَـٰرِبِ إِنَّا لَقَـٰدِرُونَ (40) عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيْرًا مِّنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ (41)
40 _ 41_ مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ رەببى (بولغان ئاللاھنىڭ) نامى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ياخشىراق كىشىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز (ھەرگىز) ئاجىز ئەمەسمىز.
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا۟ وَيَلْعَبُوا۟ حَتَّىٰ يُلَـٰقُوا۟ يَوْمَهُمُ ٱلَّذِى يُوعَدُونَ
42 _ (ئى پەيغەمبەر) ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان (قىيامەت) كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسىدا) ئويناپ تۇرسۇن.
يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ ٱلْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَىٰ نُصُبٍ يُوفِضُونَ (43) خَـٰشِعَةً أَبْصَـٰرُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يُوعَدُونَ (44)
43 _ 44_ ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلەردىن چىقىپ، كۆزلىرى چەكچەيگەن، ئۆزلىرىنى خورلۇق باسقان ھالدا، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (ھېساب مەيدانىغا) يۈگۈرىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر.
مەئارىج سۈرىسى