يۈسۈف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 111 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئېغىر كۈلپەتلەردىن كېيىن غەلىبە ۋە نۇسرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

الٓر ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ
1 _ ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). بۇلار روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.
إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ قُرْءَٰنًا عَرَبِيًّا لَّعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
2 _ شۈبھىسىزكى، سىلەرنى ئەقلىنى ئىشلەتسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق.
نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ ٱلْقَصَصِ بِمَآ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانَ وَإِن كُنتَ مِن قَبْلِهِۦ لَمِنَ ٱلْغَـٰفِلِينَ
3 _ (ئى پەيغەمبەر!) بىز بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل قىسسىنى بايان قىلىپ بېرىمىز. ئەلۋەتتە سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى (بۇ قىسسىلەردىن) خەۋەرسىز قالغانلاردىن ئىدىڭ.
إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَـٰٓأَبَتِ إِنِّى رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِى سَـٰجِدِينَ
4 _ ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن (چۈشۈمدە) ئون بىر يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن ئىدى.
قَالَ يَـٰبُنَىَّ لَا تَقْصُصْ رُءْيَاكَ عَلَىٰٓ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا۟ لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ ٱلشَّيْطَـٰنَ لِلْإِنسَـٰنِ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
5 _ ئاتىسى: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قويمىسۇن. چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر،
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأْوِيلِ ٱلْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكَ وَعَلَىٰٓ ءَالِ يَعْقُوبَ كَمَآ أَتَمَّهَا عَلَىٰٓ أَبَوَيْكَ مِن قَبْلُ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَـٰقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
6 _ رەببىڭ شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا بۇ چۈشنى كۆرسەتكەندەك) سېنى (ئۇلۇغ ئىشلارغا) تاللايدۇ ۋە ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا (پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىپ نېمىتىنى) تاماملىغىنىغا ئوخشاش، ساڭا ۋە يەئقۇب ئائىلىسىگمۇ (پەيغەمبەرلىك بىلەن) نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى.
لَّقَدْ كَانَ فِى يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِۦٓ ءَايَـٰتٌ لِّلسَّآئِلِينَ
7 _ يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
إِذْ قَالُوا۟ لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰٓ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
8 _ ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى: «بىز بىر توپ (كۈچلۈك) جامائە بولغان تۇرۇقلۇق، يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى، ئاتىمىز ئوپئوچۇق بىر خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى.
ٱقْتُلُوا۟ يُوسُفَ أَوِ ٱطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا۟ مِنۢ بَعْدِهِۦ قَوْمًا صَـٰلِحِينَ
9 _ ئۇلار (ئۆز ئارىسىدا) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئاتاڭلار سىلەرگە ئوڭچە قالىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) سالىھ ئادەم بولۇۋالارسىلەر» (دېيىشتى).
قَالَ قَآئِلٌ مِّنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا۟ يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِى غَيَـٰبَتِ ٱلْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ ٱلسَّيَّارَةِ إِن كُنتُمْ فَـٰعِلِينَ
10 _ ئۇلاردىن يەنە بىرى: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئەگەر (ئۇنى ئاتىمىزدىن يىراق) قىلماقچى بولساڭلار، قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن بىرەرسى ئېلىۋالار» دېدى.
قَالُوا۟ يَـٰٓأَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَ۫نَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُۥ لَنَـٰصِحُونَ
11 _ ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياخشى قارايمىز.
أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَـٰفِظُونَ
12 _ ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ _ ئىچىپ، ئويناپ _ كۈلۈپ كەلسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز».
قَالَ إِنِّى لَيَحْزُنُنِىٓ أَن تَذْهَبُوا۟ بِهِۦ وَأَخَافُ أَن يَأْكُلَهُ ٱلذِّئْبُ وَأَنتُمْ عَنْهُ غَـٰفِلُونَ
13 _ يەئقۇب: «سىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار، مەن راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.
قَالُوا۟ لَئِنْ أَكَلَهُ ٱلذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّآ إِذًا لَّخَـٰسِرُونَ
14 _ ئۇلار: «بىز بىر توپ جامائە تۇرۇپ ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.
فَلَمَّا ذَهَبُوا۟ بِهِۦ وَأَجْمَعُوٓا۟ أَن يَجْعَلُوهُ فِى غَيَـٰبَتِ ٱلْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمْرِهِمْ هَـٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
15 _ (قېرىنداشلىرى) ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان (ئاندىن يۈسۈفكە قىلىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىغان) چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «شەكسىزكى، (كېلەچەكتە) ئۇلار (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇقمايدىغان بىر پەيتتە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (بىر _ بىرلەپ) ئېيتىپ بېرىسەن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق.
وَجَآءُوٓ أَبَاهُمْ عِشَآءً يَبْكُونَ
16 _ ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى.
قَالُوا۟ يَـٰٓأَبَانَآ إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِندَ مَتَـٰعِنَا فَأَكَلَهُ ٱلذِّئْبُ ۖ وَمَآ أَنتَ بِمُؤْمِنٍ لَّنَا وَلَوْ كُنَّا صَـٰدِقِينَ
17 _ ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسە _ كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قاپتۇق، (ئەپسۇسكى) ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى.
وَجَآءُو عَلَىٰ قَمِيصِهِۦ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَٱللَّهُ ٱلْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
18 _ ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بەلكى (ئىش سىلەر دېگەندەك ئەمەس)، نەپسىڭلار سىلەرگە قەبىھ بىر قىلمىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ بۇ يالغانلىرىڭلارغا (سەۋر قىلىشىم ئۈچۈن ماڭا) ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى.
وَجَآءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا۟ وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُۥ ۖ قَالَ يَـٰبُشْرَىٰ هَـٰذَا غُلَـٰمٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَـٰعَةً ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌۢ بِمَا يَعْمَلُونَ
19 _ بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سۇچىسىنى (سۇغا) ئەۋەتتى، ئۇ چېلىكىنى (قۇدۇققا) تاشلىدى ۋە (يۈسۈفنى كۆرۈپ): «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍۭ بَخْسٍ دَرَٰهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا۟ فِيهِ مِنَ ٱلزَّٰهِدِينَ
20 _ ئۇلار يۈسۈفنى بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى. ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى.
وَقَالَ ٱلَّذِى ٱشْتَرَىٰهُ مِن مِّصْرَ لِٱمْرَأَتِهِۦٓ أَكْرِمِى مَثْوَىٰهُ عَسَىٰٓ أَن يَنفَعَنَآ أَوْ نَتَّخِذَهُۥ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُۥ مِن تَأْوِيلِ ٱلْأَحَادِيثِ ۚ وَٱللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰٓ أَمْرِهِۦ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
21 _ ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىن، بىزگە ئەسقېتىپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈفنى (ئادالەتلىك ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن) ۋە ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئۇ يەرگە (مىسىرغا) مانا مۇشۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئاللاھ (ئۆزى ئىرادە قىلغان) ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُۥٓ ءَاتَيْنَـٰهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
22 _ يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز (تائەت _ ئىبادەتنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
وَرَٰوَدَتْهُ ٱلَّتِى هُوَ فِى بَيْتِهَا عَن نَّفْسِهِۦ وَغَلَّقَتِ ٱلْأَبْوَٰبَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ رَبِّىٓ أَحْسَنَ مَثْوَاىَ ۖ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
23 _ يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى _ دە، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! ئېرىڭىز ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. (خىيانەت قىلىدىغان) زالىملار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِۦ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَآ أَن رَّءَا بُرْهَـٰنَ رَبِّهِۦ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ ٱلسُّوٓءَ وَٱلْفَحْشَآءَ ۚ إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُخْلَصِينَ
24 _ ئايال ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدى. يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا (ئىنسانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئازراق) مايىل بولدى. ئۇ رەببىنىڭ دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا (گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتى). بىز يامانلىقنى ۋە سەتچىلىكنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق (دەلىلىمىزنى كۆرسەتتۇق). چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
وَٱسْتَبَقَا ٱلْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُۥ مِن دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَا ٱلْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَآءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوٓءًا إِلَّآ أَن يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
25 _ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. ئايال يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىككىلىسى ئىشىك ئالدىدا ئايالنىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئايال: «سېنىڭ ئائىلەڭگە يامانلىق قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى.
قَالَ هِىَ رَٰوَدَتْنِى عَن نَّفْسِى ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِّنْ أَهْلِهَآ إِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ
26 _ يۈسۈف: «ئۇ مېنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى» دېدى. ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا ئايال راست سۆزلىگەن بولىدۇ، يۈسۈف يالغانچىلاردىن بولىدۇ.
وَإِن كَانَ قَمِيصُهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
27 _ ئەگەر يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا ئايال يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، يۈسۈف راستچىللاردىن بولىدۇ» دېدى.
فَلَمَّا رَءَا قَمِيصَهُۥ قُدَّ مِن دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُۥ مِن كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ
28 _ (ئايالنىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالىغا: «(ئەي ئاياللار جامائەسى!) بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر».
يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَـٰذَا ۚ وَٱسْتَغْفِرِى لِذَنۢبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنتِ مِنَ ٱلْخَاطِـِٔينَ
29 _ ئى يۈسۈف! بۇنى دەپ يۈرمىگىن. (ھەي خوتۇن!) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن. چۈنكى، سەن گۇناھكارلاردىن بولدۇڭ» دېدى.
وَقَالَ نِسْوَةٌ فِى ٱلْمَدِينَةِ ٱمْرَأَتُ ٱلْعَزِيزِ تُرَٰوِدُ فَتَىٰهَا عَن نَّفْسِهِۦ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَىٰهَا فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
30 _ شەھەردىكى (بەزى) ئاياللار: «ئەزىزنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تارتماقچى بوپتۇ، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا كۆرۈۋاتىمىز» دېيىشتى.
فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَـًٔا وَءَاتَتْ كُلَّ وَٰحِدَةٍ مِّنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ ٱخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُۥٓ أَكْبَرْنَهُۥ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَـٰشَ لِلَّهِ مَا هَـٰذَا بَشَرًا إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
31 _ ئايال ئۇلارنىڭ سۆز _ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ، (چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن) ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا يۆلىنىدىغان تەكىيە _ ياستۇقلار (ۋە مېۋىلەر)نى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (ئايال يۈسۈفكە) «ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن» دېدى. ئاياللار ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا ھاڭ _ تاڭ بولۇپ، قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر! بۇ ئادەمزات ئەمەس، بۇ پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتە ئىكەنغۇ» دېيىشتى.
قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ ٱلَّذِى لُمْتُنَّنِى فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفْسِهِۦ فَٱسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِن لَّمْ يَفْعَلْ مَآ ءَامُرُهُۥ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِّنَ ٱلصَّـٰغِرِينَ
32 _ ئايال دېدى: «مانا بۇ سىلەرنىڭ مېنى ئەيىبلىشىڭلارغا سەۋەب بولغان ھېلىقى كىشى، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمغا ئۇنىمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەملەردىن بولۇپ قالىدۇ» دېدى.
قَالَ رَبِّ ٱلسِّجْنُ أَحَبُّ إِلَىَّ مِمَّا يَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّى كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُن مِّنَ ٱلْجَـٰهِلِينَ
33 _ يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن توسمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.
فَٱسْتَجَابَ لَهُۥ رَبُّهُۥ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ
34 _ رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن توستى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ثُمَّ بَدَا لَهُم مِّنۢ بَعْدِ مَا رَأَوُا۟ ٱلْـَٔايَـٰتِ لَيَسْجُنُنَّهُۥ حَتَّىٰ حِينٍ
35 _ ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، (سۆز _ چۆچەك بېسىققانغا قەدەر) ئۇنى بىر مەزگىل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى.
وَدَخَلَ مَعَهُ ٱلسِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَآ إِنِّىٓ أَرَىٰنِىٓ أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ ٱلْـَٔاخَرُ إِنِّىٓ أَرَىٰنِىٓ أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِى خُبْزًا تَأْكُلُ ٱلطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِۦٓ ۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلْمُحْسِنِينَ
36 _ زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن (ئۈزۈمدىن) مەي سىقىۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغۇدەكمەن، ناننى قۇشلار يەۋاتقۇدەك، بۇنىڭ تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ. چۈنكى، بىز سېنى (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىمۇ، ئىنسانلارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ) ياخشى كىشىلەردىن دەپ قارايمىز» دېدى.
قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِۦٓ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِۦ قَبْلَ أَن يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِى رَبِّىٓ ۚ إِنِّى تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ كَـٰفِرُونَ
37 _ يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا رىزىقلىنىشقا سىرتتىن تاماق كېلىدىغانلا بولسا، ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە (تاماق) ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن بىلىملەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلمىدىم.
وَٱتَّبَعْتُ مِلَّةَ ءَابَآءِىٓ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَآ أَن نُّشْرِكَ بِٱللَّهِ مِن شَىْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِن فَضْلِ ٱللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
38 _ مەن ئاتا _ بوۋىلىرىم _ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس. بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
يَـٰصَـٰحِبَىِ ٱلسِّجْنِ ءَأَرْبَابٌ مُّتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ ٱللَّهُ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّارُ
39 _ ئى زىندانداشلىرىم! كۆپ خىل مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىرلا ئاللاھمۇ؟
مَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِهِۦٓ إِلَّآ أَسْمَآءً سَمَّيْتُمُوهَآ أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُم مَّآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بِهَا مِن سُلْطَـٰنٍ ۚ إِنِ ٱلْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّآ إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلْقَيِّمُ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
40 _ سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا _ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە باشقا ساختا ئىلاھلارنىڭ) ناملىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلار (غا چوقۇنۇش) توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگەن ئەمەس. بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر. ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
يَـٰصَـٰحِبَىِ ٱلسِّجْنِ أَمَّآ أَحَدُكُمَا فَيَسْقِى رَبَّهُۥ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا ٱلْـَٔاخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ ٱلطَّيْرُ مِن رَّأْسِهِۦ ۚ قُضِىَ ٱلْأَمْرُ ٱلَّذِى فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ
41 _ ئى زىندانداشلىرىم! (كۆرگەن چۈشۈڭلارغا كەلسەك)، سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ، بۇرۇنقىدەك) خوجايىنىغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار توغرىسىدا (مۇشۇنداق) ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى».
وَقَالَ لِلَّذِى ظَنَّ أَنَّهُۥ نَاجٍ مِّنْهُمَا ٱذْكُرْنِى عِندَ رَبِّكَ فَأَنسَىٰهُ ٱلشَّيْطَـٰنُ ذِكْرَ رَبِّهِۦ فَلَبِثَ فِى ٱلسِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ
42 _ يۈسۈف ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قۇتۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان بىرىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مېنىڭ گىپىمنى قىلىپ قويغىن» دېگەن ئىدى. ئەمما خوجايىنىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى. بۇ سەۋەبتىن يۈسۈف زىنداندا يەنە بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى.
وَقَالَ ٱلْمَلِكُ إِنِّىٓ أَرَىٰ سَبْعَ بَقَرَٰتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعَ سُنۢبُلَـٰتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَـٰتٍ ۖ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَأُ أَفْتُونِى فِى رُءْيَـٰىَ إِن كُنتُمْ لِلرُّءْيَا تَعْبُرُونَ
43 _ پادىشاھ ئېيتتى: «مەن راستتىنلا چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى كاتتىباشلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار».
قَالُوٓا۟ أَضْغَـٰثُ أَحْلَـٰمٍ ۖ وَمَا نَحْنُ بِتَأْوِيلِ ٱلْأَحْلَـٰمِ بِعَـٰلِمِينَ
44 _ ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى بىلمەيمىز».
وَقَالَ ٱلَّذِى نَجَا مِنْهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا۠ أُنَبِّئُكُم بِتَأْوِيلِهِۦ فَأَرْسِلُونِ
45 _ ھېلىقى ئىككىسىنىڭ (زىنداندىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئېسىگە ئالغان بىرى: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ تەبىرىنى خەۋەر قىلىمەن، مېنى (دەرھال زىندانغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى.
يُوسُفُ أَيُّهَا ٱلصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِى سَبْعِ بَقَرَٰتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنۢبُلَـٰتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَـٰتٍ لَّعَلِّىٓ أَرْجِعُ إِلَى ٱلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ
46 _ (ئۇ زىندانغا بېرىپ، يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى _ دە) «يۈسۈف! ئى راستچىل كىشى! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاق (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈش) توغرىسىدا بىزگە تەبىر بەرگىن. ئۈمىدكى، مەن كىشىلەرگە (توغرا تەبىر بىلەن) قايتسام، ئۇلار (سېنىڭ قەدىرىڭنى) بىلگەي» دېدى.
قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدتُّمْ فَذَرُوهُ فِى سُنۢبُلِهِۦٓ إِلَّا قَلِيلًا مِّمَّا تَأْكُلُونَ
47 _ يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئاز بىر قىسمىنى ئادالىغاندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇڭلار.
ثُمَّ يَأْتِى مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِّمَّا تُحْصِنُونَ
48 _ شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىنى يەيسىلەر.
ثُمَّ يَأْتِى مِنۢ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ ٱلنَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ
49 _ شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) بىر يىل كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل _ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر (مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى) سىقىپ چىقىرىدۇ».
وَقَالَ ٱلْمَلِكُ ٱئْتُونِى بِهِۦ ۖ فَلَمَّا جَآءَهُ ٱلرَّسُولُ قَالَ ٱرْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَسْـَٔلْهُ مَا بَالُ ٱلنِّسْوَةِ ٱلَّـٰتِى قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّى بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ
50 _ (بۇلارنى ئاڭلىغان) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ يېنىغا بارغاندا، (يۈسۈف ئۇنىڭغا): «سەن خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان ئاياللارنىڭ دەردى نېمىكەن؟ سوراپ باققىن. شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَٰوَدتُّنَّ يُوسُفَ عَن نَّفْسِهِۦ ۚ قُلْنَ حَـٰشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِن سُوٓءٍ ۚ قَالَتِ ٱمْرَأَتُ ٱلْعَزِيزِ ٱلْـَٔـٰنَ حَصْحَصَ ٱلْحَقُّ أَنَا۠ رَٰوَدتُّهُۥ عَن نَّفْسِهِۦ وَإِنَّهُۥ لَمِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
51 _ پادىشاھ (ھېلىقى ئاياللارنى يىغىپ): «سىلەر يۈسۈفنى ئۆزۈڭلارغا تارتماقچى بولغاندا، ھەقىقىي ئەھۋال قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، بىز ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر گۇناھ بارلىقىنى بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنى ئۆزۈمگە تارتماقچى بولغان ئىدىم. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى.
ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّى لَمْ أَخُنْهُ بِٱلْغَيْبِ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى كَيْدَ ٱلْخَآئِنِينَ
52 _ (ئەزىزنىڭ ئايالى ئېيتتى) «بۇ (يەنى يۈسۈفنى ئاقلاپ، ئۆز گۇناھىمنى ئېتىراپ قىلىشىم) يۈسۈف يوق چاغدا، مېنىڭ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى (ئۇنىڭغا) بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىدى».
وَمَآ أُبَرِّئُ نَفْسِىٓ ۚ إِنَّ ٱلنَّفْسَ لَأَمَّارَةٌۢ بِٱلسُّوٓءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّىٓ ۚ إِنَّ رَبِّى غَفُورٌ رَّحِيمٌ
53 _ (ئەزىزنىڭ ئايالى يەنە دېدىكى): «(مەن بۇنىڭ بىلەن) ئۆزۈمنى ئاقلىماقچىمۇ ئەمەسمەن. چۈنكى، رەببىم رەھىم قىلمىسا، نەپس دېگەن ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرىغۇچىدۇر. رەببىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر».
وَقَالَ ٱلْمَلِكُ ٱئْتُونِى بِهِۦٓ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِى ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
54 _ پادىشاھ: «يۈسۈفنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئۇ يۈسۈف بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈپ: «ھەقىقەتەن سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى.
قَالَ ٱجْعَلْنِى عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلْأَرْضِ ۖ إِنِّى حَفِيظٌ عَلِيمٌ
55 _ يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە (بۇ ئىشنى) بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى.
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِى ٱلْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَآءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَن نَّشَآءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ
56 _ شۇنىڭدەك، بىز يۈسۈفكە خالىغان يەردە تۇرۇپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان سالاھىيەت بەردۇق. بىز رەھمىتىمىزنى خالىغان كىشىگە نېسىپ قىلىمىز، (ياخشى ئەمەللەرنى) قېتىرقىنىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز.
وَلَأَجْرُ ٱلْـَٔاخِرَةِ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَكَانُوا۟ يَتَّقُونَ
57 _ ئاخىرەتنىڭ مۇكاپاتى ئىمان ئېيتقان ۋە (گۇناھلاردىن) ساقلانغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر.
وَجَآءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا۟ عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ
58 _ يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى تونۇمىدى.
وَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمْ قَالَ ٱئْتُونِى بِأَخٍ لَّكُم مِّنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّىٓ أُوفِى ٱلْكَيْلَ وَأَنَا۠ خَيْرُ ٱلْمُنزِلِينَ
59 _ يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
فَإِن لَّمْ تَأْتُونِى بِهِۦ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِندِى وَلَا تَقْرَبُونِ
60 _ ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار».
قَالُوا۟ سَنُرَٰوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَـٰعِلُونَ
61 _ ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز بۇنى چوقۇم قىلىمىز» دېدى.
وَقَالَ لِفِتْيَـٰنِهِ ٱجْعَلُوا۟ بِضَـٰعَتَهُمْ فِى رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَآ إِذَا ٱنقَلَبُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
62 _ يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (ئاشلىق سېتىۋالغان) پۇل _ ماللىرىنى يۈك _ تاقلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى.
فَلَمَّا رَجَعُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَبِيهِمْ قَالُوا۟ يَـٰٓأَبَانَا مُنِعَ مِنَّا ٱلْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَآ أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَـٰفِظُونَ
63 _ ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرىلمەيدىغان بولدى، ئۇكىمىز (بۇنيامىن)نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايدىكەنمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى.
قَالَ هَلْ ءَامَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَآ أَمِنتُكُمْ عَلَىٰٓ أَخِيهِ مِن قَبْلُ ۖ فَٱللَّهُ خَيْرٌ حَـٰفِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
64 _ يەئقۇب ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇ توغرىسىدا مەن ئىلگىرى سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭ قېرىندىشى (يۈسۈف)نىڭ ئىشىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىمەن؟ (مەن ئۇنى پەقەت ئاللاھقا ئامانەت قىلىمەن) ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ئۇ شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىدۇر».
وَلَمَّا فَتَحُوا۟ مَتَـٰعَهُمْ وَجَدُوا۟ بِضَـٰعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا۟ يَـٰٓأَبَانَا مَا نَبْغِى ۖ هَـٰذِهِۦ بِضَـٰعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ
65 _ ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) پۇل _ ماللىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ پۇل _ ماللىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلەلەيمىز، بىز ئۇكىمىزنى (ئوبدان) مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالالايمىز. بۇ (پادىشاھقا نىسبەتەن) ئازغىنە ئاشلىقتۇر» دېدى.
قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُۥ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِّنَ ٱللَّهِ لَتَأْتُنَّنِى بِهِۦٓ إِلَّآ أَن يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّآ ءَاتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
66 _ يەئقۇب ئېيتتى: «سىلەر قورشىلىپلا قالمىساڭلار (يەنى چارىسىز ھالغا چۈشۈپلا قالمىساڭلار) ئۇنى (بۇنيامىننى) چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە، ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى.
وَقَالَ يَـٰبَنِىَّ لَا تَدْخُلُوا۟ مِنۢ بَابٍ وَٰحِدٍ وَٱدْخُلُوا۟ مِنْ أَبْوَٰبٍ مُّتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَآ أُغْنِى عَنكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ ۖ إِنِ ٱلْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُتَوَكِّلُونَ
67 _ (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (شەھەرگە) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا _ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئەمما مەن سىلەردىن ئاللاھتىن (كېلىدىغان) ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم، تايانغۇچىلار ئاللاھقىلا تايانسۇن!» دېدى.
وَلَمَّا دَخَلُوا۟ مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُم مَّا كَانَ يُغْنِى عَنْهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِى نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَىٰهَا ۚ وَإِنَّهُۥ لَذُو عِلْمٍ لِّمَا عَلَّمْنَـٰهُ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
68 _ ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە (شەھەرگە باشقا _ باشقا دەرۋازىلاردىن) كىرگەندە، (بۇ تەدبىر) يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى تىلەكنى ئورۇنداشتىن باشقا ئاللاھتىن (كەلگەن) ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن توسۇپ قالالمىدى. شەكسىزكى، يەئقۇب بىزنىڭ ئۆگىتىشىمىز سايىسىدا ئەلۋەتتە بىر بىلىم ئىگىسى ئىدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.
وَلَمَّا دَخَلُوا۟ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّىٓ أَنَا۠ أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
69 _ ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ ئاكاڭ بولىمەن. ئۇلارنىڭ (بىزگە) قىلغانلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى.
فَلَمَّا جَهَّزَهُم بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ ٱلسِّقَايَةَ فِى رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا ٱلْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَـٰرِقُونَ
70 _ يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، بىر سۇ قاچىسىنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە (تۇيدۇرماي) سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكارچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى.
قَالُوا۟ وَأَقْبَلُوا۟ عَلَيْهِم مَّاذَا تَفْقِدُونَ
71 _ (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دېدى.
قَالُوا۟ نَفْقِدُ صُوَاعَ ٱلْمَلِكِ وَلِمَن جَآءَ بِهِۦ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا۠ بِهِۦ زَعِيمٌ
72 _ ئۇلار: «پادىشاھنىڭ سۇ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق (مۇكاپات) بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى.
قَالُوا۟ تَٱللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُم مَّا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِى ٱلْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَـٰرِقِينَ
73 _ (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى.
قَالُوا۟ فَمَا جَزَٰٓؤُهُۥٓ إِن كُنتُمْ كَـٰذِبِينَ
74 _ ئۇلار: «ئەگەر سىلەر يالغانچى چىقىپ قالساڭلار، ئۇ چاغدا (سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا) ئوغرىنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟» دېدى.
قَالُوا۟ جَزَٰٓؤُهُۥ مَن وُجِدَ فِى رَحْلِهِۦ فَهُوَ جَزَٰٓؤُهُۥ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلظَّـٰلِمِينَ
75 _ (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى): «ئۇنىڭ جازاسى (ئوغرىلانغان نەرسە) كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئاشۇ (كىشىنى قۇل قىلىش) ئۇنىڭ جازاسىدۇر. بىز (ئوغرىلىق قىلىپ ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى.
فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَآءِ أَخِيهِ ثُمَّ ٱسْتَخْرَجَهَا مِن وِعَآءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِى دِينِ ٱلْمَلِكِ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَـٰتٍ مَّن نَّشَآءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِى عِلْمٍ عَلِيمٌ
76 _ يۈسۈف ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئاكىلىرىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن سۇ قاچىسىنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق. (چۈنكى) پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە ئۇ ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى. ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى. بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىملىكنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك بىرى بار.
قَالُوٓا۟ إِن يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَّهُۥ مِن قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِى نَفْسِهِۦ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنتُمْ شَرٌّ مَّكَانًا ۖ وَٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
77 _ ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئىلگىرى ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ ئوغرىلىق قىلغان ئىدى» دېيىشتى. يۈسۈف بۇنى ئىچىدە ساقلىدى، ئۇلارغا چاندۇرمىدى، (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار تېخىمۇ يامان، ئاللاھ سىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
قَالُوا۟ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْعَزِيزُ إِنَّ لَهُۥٓ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُۥٓ ۖ إِنَّا نَرَىٰكَ مِنَ ٱلْمُحْسِنِينَ
78 _ ئۇلار: «ئى ئەزىز [1] ! ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان بىر ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، شەكسىزكى، بىز سېنى ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى.
قَالَ مَعَاذَ ٱللَّهِ أَن نَّأْخُذَ إِلَّا مَن وَجَدْنَا مَتَـٰعَنَا عِندَهُۥٓ إِنَّآ إِذًا لَّظَـٰلِمُونَ
79 _ يۈسۈف: «بىز نەرسىمىزنى يۈكىدىن تاپقان كىشىدىن باشقىسىنى ئېلىپ قېلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن! (ئەگەر شۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى.
فَلَمَّا ٱسْتَيْـَٔسُوا۟ مِنْهُ خَلَصُوا۟ نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُم مَّوْثِقًا مِّنَ ٱللَّهِ وَمِن قَبْلُ مَا فَرَّطتُمْ فِى يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ ٱلْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِىٓ أَبِىٓ أَوْ يَحْكُمَ ٱللَّهُ لِى ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلْحَـٰكِمِينَ
80 _ ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) تامامەن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرۇپ چىن ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدا كەتكۈزۈپ قويغىنىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغۇچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ٱرْجِعُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَبِيكُمْ فَقُولُوا۟ يَـٰٓأَبَانَآ إِنَّ ٱبْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَآ إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَـٰفِظِينَ
81 _ سىلەر ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ (بۇنيامىن) راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيىبنى بىلمەيمىز.
وَسْـَٔلِ ٱلْقَرْيَةَ ٱلَّتِى كُنَّا فِيهَا وَٱلْعِيرَ ٱلَّتِىٓ أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ
82 _ بىز تۇرغان شەھەردىن (مىسىر ئاھالىسىدىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىز چوقۇم راست سۆزلەۋاتىمىز».
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَأْتِيَنِى بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ
83 _ يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بىر قەبىھ ئىشنى چىرايلىق كۆرسىتىپتۇ، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ (يۈسۈف، بۇنيامىن ۋە رۇبىل[2] قاتارلىق ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەكسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَـٰٓأَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَٱبْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ ٱلْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
84 _ يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئاھ يۈسۈف!» دېدى، قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى.
قَالُوا۟ تَٱللَّهِ تَفْتَؤُا۟ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ ٱلْهَـٰلِكِينَ
85 _ ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ئويلاۋېرىپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويىدىغان ياكى ھالاك قىلىدىغان بولدۇڭ» دېدى.
قَالَ إِنَّمَآ أَشْكُوا۟ بَثِّى وَحُزْنِىٓ إِلَى ٱللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
86 _ يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ _ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
يَـٰبَنِىَّ ٱذْهَبُوا۟ فَتَحَسَّسُوا۟ مِن يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَا۟يْـَٔسُوا۟ مِن رَّوْحِ ٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ لَا يَا۟يْـَٔسُ مِن رَّوْحِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلْقَوْمُ ٱلْكَـٰفِرُونَ
87 _ ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ».
فَلَمَّا دَخَلُوا۟ عَلَيْهِ قَالُوا۟ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا ٱلضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَـٰعَةٍ مُّزْجَىٰةٍ فَأَوْفِ لَنَا ٱلْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَآ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ يَجْزِى ٱلْمُتَصَدِّقِينَ
88 _ (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى مىسىرغا قايتا كېلىپ) ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ دېدىكى، «ئى ئەزىز! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى. (ئالدىڭغا) ئەرزىمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، سەن بىزگە (بۇرۇن بەرگەندەك) ئاشلىقنى تولۇق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن. چۈنكى ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ».
قَالَ هَلْ عَلِمْتُم مَّا فَعَلْتُم بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنتُمْ جَـٰهِلُونَ
89 _ يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى.
قَالُوٓا۟ أَءِنَّكَ لَأَنتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا۠ يُوسُفُ وَهَـٰذَآ أَخِى ۖ قَدْ مَنَّ ٱللَّهُ عَلَيْنَآ ۖ إِنَّهُۥ مَن يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ ٱلْمُحْسِنِينَ
90 _ ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «(ھەئە) مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزگە مەرھەمەت قىلدى. چۈنكى كىمكى تەقۋالىق قىلىدىكەن ۋە سەۋر قىلىدىكەن، شەكسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى.
قَالُوا۟ تَٱللَّهِ لَقَدْ ءَاثَرَكَ ٱللَّهُ عَلَيْنَا وَإِن كُنَّا لَخَـٰطِـِٔينَ
91 _ ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى.
قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ ٱلْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ ٱللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ
92 _ يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ شەپقەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكىدۇر.
ٱذْهَبُوا۟ بِقَمِيصِى هَـٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِى يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِى بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ
93 _ سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە يېپىڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلەردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار».
وَلَمَّا فَصَلَتِ ٱلْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّى لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَآ أَن تُفَنِّدُونِ
94 _ كارۋان (مىسىردىن) قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى (يېنىدىكىلەرگە): «مەن ھەقىقەتەن يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، ئەگەر سىلەر مېنى ئالجىپ قاپتۇ دېمەيدىغان بولساڭلار (مەن ئۇنى ھايات دەيتتىم)» دېدى.
قَالُوا۟ تَٱللَّهِ إِنَّكَ لَفِى ضَلَـٰلِكَ ٱلْقَدِيمِ
95 _ ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن تېخىچە بۇرۇنقى خاتا قارىشىڭدا ئىكەنسەن» دېدى.
فَلَمَّآ أَن جَآءَ ٱلْبَشِيرُ أَلْقَىٰهُ عَلَىٰ وَجْهِهِۦ فَٱرْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّىٓ أَعْلَمُ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
96 _ خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە يېپىۋىدى، ئۇنىڭ كۆزى دەرھال ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى.
قَالُوا۟ يَـٰٓأَبَانَا ٱسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَآ إِنَّا كُنَّا خَـٰطِـِٔينَ
97 _ ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن (ئاللاھتىن) بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن. چۈنكى بىز راستتىنلا گۇناھكارلاردىن بوپتىمىز» دېيىشتى.
قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّىٓ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
98 _ يەئقۇب: «كېيىنچە رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن، رەببىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر» دېدى.
فَلَمَّا دَخَلُوا۟ عَلَىٰ يُوسُفَ ءَاوَىٰٓ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ٱدْخُلُوا۟ مِصْرَ إِن شَآءَ ٱللَّهُ ءَامِنِينَ
99 _ ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا _ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خالىسا، مىسىرغا ئامان _ ئېسەن كىرىڭلار!» دېدى.
وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى ٱلْعَرْشِ وَخَرُّوا۟ لَهُۥ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَـٰٓأَبَتِ هَـٰذَا تَأْوِيلُ رُءْيَـٰىَ مِن قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّى حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِىٓ إِذْ أَخْرَجَنِى مِنَ ٱلسِّجْنِ وَجَآءَ بِكُم مِّنَ ٱلْبَدْوِ مِنۢ بَعْدِ أَن نَّزَغَ ٱلشَّيْطَـٰنُ بَيْنِى وَبَيْنَ إِخْوَتِىٓ ۚ إِنَّ رَبِّى لَطِيفٌ لِّمَا يَشَآءُ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَلِيمُ ٱلْحَكِيمُ
100 _ (يۈسۈف) ئاتا _ ئانىسىنى تەختىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار يۈسۈفكە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىشتى[3]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر. رەببىم ئۇ چۈشۈمنى ھەقىقەتەن راستقا چىقاردى. شەيتان قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى بۇزغاندىن كېيىن، رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش ۋە سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. رەببىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، چۈنكى، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
رَبِّ قَدْ ءَاتَيْتَنِى مِنَ ٱلْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِى مِن تَأْوِيلِ ٱلْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَنتَ وَلِىِّۦ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِى مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِى بِٱلصَّـٰلِحِينَ
101 _ ئى رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىقتىن (نېسىۋە) ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! سەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، جېنىمنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ئالغىن، مېنى سالىھلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن» دېدى.
ذَٰلِكَ مِنْ أَنۢبَآءِ ٱلْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوٓا۟ أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
102 _ (ئى پەيغەمبەر!) مانا بۇلار غەيىب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتىمىز. (يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) ھىيلە _ مىكىر بىلەن ئىشلىرىنى قارارلاشتۇرغاندا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
وَمَآ أَكْثَرُ ٱلنَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
103 _ سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.
وَمَا تَسْـَٔلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ
104 _ سەن بۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ئۇلاردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايسەن. ئۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەتلا ۋەز _ نەسىھەتتۇر.
وَكَأَيِّن مِّنْ ءَايَةٍ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ
105 _ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُم بِٱللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشْرِكُونَ
106 _ ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنگەندىمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ.
أَفَأَمِنُوٓا۟ أَن تَأْتِيَهُمْ غَـٰشِيَةٌ مِّنْ عَذَابِ ٱللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
107 _ ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ قورشىغۇچى ئازابلىرىدىن بىر ئازابنىڭ چۈشۈشىدىن ياكى ئۆزلىرى سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىپتۇمۇ؟
قُلْ هَـٰذِهِۦ سَبِيلِىٓ أَدْعُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا۠ وَمَنِ ٱتَّبَعَنِى ۖ وَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُشْرِكِينَ
108 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، مەن (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر ئوپئوچۇق دەلىل _ ئىسپاتقا ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِىٓ إِلَيْهِم مِّنْ أَهْلِ ٱلْقُرَىٰٓ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ ٱلْـَٔاخِرَةِ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
109 _ بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت يۇرت ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق. (مۇشرىكلار) يەر يۈزىدە كېزىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. سىلەر تېخىچە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
حَتَّىٰٓ إِذَا ٱسْتَيْـَٔسَ ٱلرُّسُلُ وَظَنُّوٓا۟ أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا۟ جَآءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّىَ مَن نَّشَآءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ ٱلْقَوْمِ ٱلْمُجْرِمِينَ
110 _ ھەتتا پەيغەمبەرلەر ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە يالغانغا چىقىرىلىدىغان بولدۇق دەپ تۇرغاندا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ.
لَقَدْ كَانَ فِى قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَـٰكِن تَصْدِيقَ ٱلَّذِى بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَىْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
111 _ ئۇلارنىڭ (يەنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ) قىسسىلىرىدە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. (بۇ قۇرئان) توقۇپ چىقىرىلغان سۆز ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن (ساماۋى كىتابلار)نى تەستىقلىغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.