ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى كۇفرىلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە قەۋملىرىنىڭ ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىشىغا قارىتا سەۋرچانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىش ۋە كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
الٓر ۚ كِتَـٰبٌ أَنزَلْنَـٰهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ
1 _ ئەلىف. لام. را (بۇ خىلدىكى ھەرپلەرنىڭ بايانى بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئۆتتى). (ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان شۇنداق بىر) كىتابتۇركى، بىز ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى رەببىڭنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا — غالىب، مەدھىيەلەنگۈچى ئاللاھنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
ٱللَّهِ ٱلَّذِى لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَوَيْلٌ لِّلْكَـٰفِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
2 _ ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۆز ئىلكىدە بولغان زاتتۇر! قاتتىق ئازاب تۈپەيلىدىن كاپىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ٱلَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا عَلَى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ضَلَـٰلٍۭ بَعِيدٍ
3 _ ئۇلار دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئەنە شۇلار چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتىدۇر.
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
4 _ قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتەيلى، بىز ئۇنى ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى) بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا (سۆزلەيدىغان قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇن قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَآ أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ وَذَكِّرْهُم بِأَيَّىٰمِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
5 _ شەكسىزكى، بىز مۇسانى «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى (يەنى نېمەتلىرىنى ۋە جازاسىنى) ئەسلەتكىن» دەپ مۆجىزىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. شەكسىزكى، بۇنىڭدا ھەربىر سەۋرچان، كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنجَىٰكُم مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَآءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَآءَكُمْ ۚ وَفِى ذَٰلِكُم بَلَآءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
6 _ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، ئاياللىرىڭلارنى (قىزلىرىڭلارنى خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ بىر سىناق بار ئىدى» دېگەن ئىدى.
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِى لَشَدِيدٌ
7 _ ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭلار: «ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر» دەپ جاكارلىغان ئىدى.
وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِن تَكْفُرُوٓا۟ أَنتُمْ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ ٱللَّهَ لَغَنِىٌّ حَمِيدٌ
8 _ مۇسا: «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر). چۈنكى ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» دېدى.
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَؤُا۟ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا ٱللَّهُ ۚ جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرَدُّوٓا۟ أَيْدِيَهُمْ فِىٓ أَفْوَٰهِهِمْ وَقَالُوٓا۟ إِنَّا كَفَرْنَا بِمَآ أُرْسِلْتُم بِهِۦ وَإِنَّا لَفِى شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَنَآ إِلَيْهِ مُرِيبٍ
9 _ سىلەردىن ئىلگىرىكىلەردىن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلىپ بولالمايدۇ. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇلار (بولدى! بىزگە ئارتۇقچە گەپ قىلغۇچى بولماڭلار دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن) قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى راستتىنلا ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشتىن ھەقىقەتەن چوڭقۇر شەك ئىچىدىمىز» دېدى.
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِى ٱللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ قَالُوٓا۟ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ ءَابَآؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ
10 _ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى ئاللاھتا شەك بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلاردىن بىر قىسمىنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى مەلۇم مۇددەتكىچە ياشىتىش ئۈچۈن سىلەرنى (ھەق دىنغا) دەۋەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، سىلەر بىزنى ئاتا _ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتىسىلەر. ئۇنداقتا، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى.
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِن نَّحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ ۖ وَمَا كَانَ لَنَآ أَن نَّأْتِيَكُم بِسُلْطَـٰنٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ
11 _ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «(توغرا) بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكنى) ئېھسان قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
وَمَا لَنَآ أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى ٱللَّهِ وَقَدْ هَدَىٰنَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَآ ءَاذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُتَوَكِّلُونَ
12 _ ئاللاھ بىزنى (مېڭىشقا تېگىشلىك) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلمايمىز؟ سىلەر بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلەرگە ئەلۋەتتە سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى.
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُم مِّنْ أَرْضِنَآ أَوْ لَتَعُودُنَّ فِى مِلَّتِنَا ۖ فَأَوْحَىٰٓ إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ
13 _ كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇڭا رەببى ئۇلارغا: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز.
وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ ٱلْأَرْضَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِى وَخَافَ وَعِيدِ
14 _ ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، (ئۇلارنىڭ) زېمىنىدا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز. مانا بۇ مېنىڭ ئالدىمدا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تۇرۇشتىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر» دەپ ۋەھيى قىلدى.
وَٱسْتَفْتَحُوا۟ وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
15 _ (پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن) نۇسرەت تىلىۋىدى (ئۇلار نۇسرەتكە ئېرىشتى)، ھەربىر ئۇچىغا چىققان مۇتەكەببىر، گەدەنكەش ھالاك بولدى.
مِّن وَرَآئِهِۦ جَهَنَّمُ وَيُسْقَىٰ مِن مَّآءٍ صَدِيدٍ
16 _ ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، ئۇ، جەھەننەمدە يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ.
يَتَجَرَّعُهُۥ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُۥ وَيَأْتِيهِ ٱلْمَوْتُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٍ ۖ وَمِن وَرَآئِهِۦ عَذَابٌ غَلِيظٌ
17 _ ئۇنى يۇتۇملاپ ئىچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ (ھارارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئۈچەيلىرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ)، ئۆلۈم ئۇنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِرَبِّهِمْ ۖ أَعْمَـٰلُهُمْ كَرَمَادٍ ٱشْتَدَّتْ بِهِ ٱلرِّيحُ فِى يَوْمٍ عَاصِفٍ ۖ لَّا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا۟ عَلَىٰ شَىْءٍ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَـٰلُ ٱلْبَعِيدُ
18 _ رەببىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ (ياخشىلىق دەپ قىلغان) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، قىلغان ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، مانا بۇ قاتتىق ئازغۇنلۇقتۇر.
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
19 _ ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرىدۇ.
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٍ
20 _ بۇ ئاللاھقا (ھەرگىز) قىيىن ئەمەس.
وَبَرَزُوا۟ لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ ۚ قَالُوا۟ لَوْ هَدَىٰنَا ٱللَّهُ لَهَدَيْنَـٰكُمْ ۖ سَوَآءٌ عَلَيْنَآ أَجَزِعْنَآ أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ
21 _ (قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ، ئاجىزلىرى ھاكاۋۇر باشلامچىلىرىغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراقىنى بولسىمۇ كۆتۈرۈۋېتەلەمسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغان بولاتتۇق، بىز نالە _ پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ.
وَقَالَ ٱلشَّيْطَـٰنُ لَمَّا قُضِىَ ٱلْأَمْرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ ٱلْحَقِّ وَوَعَدتُّكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِىَ عَلَيْكُم مِّن سُلْطَـٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوْتُكُمْ فَٱسْتَجَبْتُمْ لِى ۖ فَلَا تَلُومُونِى وَلُومُوٓا۟ أَنفُسَكُم ۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصْرِخِكُمْ وَمَآ أَنتُم بِمُصْرِخِىَّ ۖ إِنِّى كَفَرْتُ بِمَآ أَشْرَكْتُمُونِ مِن قَبْلُ ۗ إِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
22 _ (ھېساب ئېلىش ئىشى ئاخىرلىشىپ) ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ھەق ۋەدىنى قىلغان ئىدى (ئۇنىڭغا ۋاپا قىلدى)، مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، مەن (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم. مېنىڭ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك كۈچۈم يوق ئىدى. مەن پەقەت سىلەرنى (كۇفرىلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، (بۈگۈن) مەن سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر. مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، (كۇفرىلىقنى تاللاپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان) زالىملارغا قىينىغۇچى ئازاب بار» دەيدۇ.
وَأُدْخِلَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ خَـٰلِدِينَ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ ۖ تَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَـٰمٌ
23 _ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، بۇ جەننەتلەردە ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇلارغا ئۇ يەردە (ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلەر تەرىپىدىن) «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن» دەپ سالام بېرىلىدۇ.
أَلَمْ تَرَ كَيْفَ ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا كَلِمَةً طَيِّبَةً كَشَجَرَةٍ طَيِّبَةٍ أَصْلُهَا ثَابِتٌ وَفَرْعُهَا فِى ٱلسَّمَآءِ (24) تُؤْتِىٓ أُكُلَهَا كُلَّ حِينٍۭ بِإِذْنِ رَبِّهَا ۗ وَيَضْرِبُ ٱللَّهُ ٱلْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ (25)
24 _ 25 _ (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھنىڭ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ياخشى سۆز (كەلىمە تەييىبە) يىلتىزى (يەرنىڭ ئاستىدا) مۇستەھكەم بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، رەببىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ۋاقتى _ ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ پەند- نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
وَمَثَلُ كَلِمَةٍ خَبِيثَةٍ كَشَجَرَةٍ خَبِيثَةٍ ٱجْتُثَّتْ مِن فَوْقِ ٱلْأَرْضِ مَا لَهَا مِن قَرَارٍ
26 _ يامان سۆز (كۇفرى سۆز) يەرنىڭ ئۈستىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، يىلتىزى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ.
يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱلْقَوْلِ ٱلثَّابِتِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّـٰلِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ
27 _ ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە چىڭ تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى (ھەقىقەتتىن) بۇرۇۋېتىدۇ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ.
أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ بَدَّلُوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ كُفْرًا وَأَحَلُّوا۟ قَوْمَهُمْ دَارَ ٱلْبَوَارِ
28 _ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلغان ۋە ئۆز قەۋمىنى (ئازدۇرۇپ) ھالاكەت يۇرتىغا باشلاپ بارغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟
جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا ۖ وَبِئْسَ ٱلْقَرَارُ
29 _ ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
وَجَعَلُوا۟ لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلُّوا۟ عَن سَبِيلِهِۦ ۗ قُلْ تَمَتَّعُوا۟ فَإِنَّ مَصِيرَكُمْ إِلَى ٱلنَّارِ
30 _ ئۇلار (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھقا شېرىكلەرنى قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، شەكسىزكى، سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر» دېگىن.
قُل لِّعِبَادِىَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُنفِقُوا۟ مِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَـٰلٌ
31 _ ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسۇن، ئېلىم _ سېتىممۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان (قىيامەت) كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئاتا قىلغان (پۇل _ مال) لىرىمىزدىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلسۇن.
ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَخْرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزْقًا لَّكُمْ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلْفُلْكَ لِتَجْرِىَ فِى ٱلْبَحْرِ بِأَمْرِهِۦ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلْأَنْهَـٰرَ
32 _ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەرگەن، سىلەرگە كېمىلەرنى ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان قىلىپ بەرگەن ۋە سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.
وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ دَآئِبَيْنِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ وَٱلنَّهَارَ
33 _ ئۇ سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، يەنە سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زاتتۇر.
وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ ۚ وَإِن تَعُدُّوا۟ نِعْمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحْصُوهَآ ۗ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ
34 _ ئۇ سىلەرگە سورىغان نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەرگەن زاتتۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. شەكسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن بەك زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ئىنتايىن تۇزكوردۇر.
وَإِذْ قَالَ إِبْرَٰهِيمُ رَبِّ ٱجْعَلْ هَـٰذَا ٱلْبَلَدَ ءَامِنًا وَٱجْنُبْنِى وَبَنِىَّ أَن نَّعْبُدَ ٱلْأَصْنَامَ
35 _ ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئېيتتى: «ئى رەببىم! بۇ (مەككە) شەھىرىنى تىنچ _ ئامان قىلىپ بەرگىن، مېنى ۋە مېنىڭ پەرزەنتلىرىمنى بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن يىراق قىلغىن.
رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِّنَ ٱلنَّاسِ ۖ فَمَن تَبِعَنِى فَإِنَّهُۥ مِنِّى ۖ وَمَنْ عَصَانِى فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
36 _ ئى رەببىم! ئۇلار (يەنى بۇتلار) ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. كىمكى ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر. كىمكى (مۇشرىكلىكتىن باشقا گۇناھ قىلىپ) ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، سەن ھەقىقەتەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، تولىمۇ مېھرىبانسەن.
رَّبَّنَآ إِنِّىٓ أَسْكَنتُ مِن ذُرِّيَّتِى بِوَادٍ غَيْرِ ذِى زَرْعٍ عِندَ بَيْتِكَ ٱلْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ فَٱجْعَلْ أَفْـِٔدَةً مِّنَ ٱلنَّاسِ تَهْوِىٓ إِلَيْهِمْ وَٱرْزُقْهُم مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ
37 _ ئى رەببىمىز! ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسىمىنى سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭ (كەئبە)نىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا ئورۇنلاشتۇردۇم، ئى رەببىمىز! (بۇ ئىشنى) ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلسۇن (دەپ قىلدىم). ئى رەببىمىز! ئىنسانلاردىن بىر قىسىمىنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنىڭ شۈكۈر قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن.
رَبَّنَآ إِنَّكَ تَعْلَمُ مَا نُخْفِى وَمَا نُعْلِنُ ۗ وَمَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا فِى ٱلسَّمَآءِ
38 _ ئى رەببىمىز! سەن بىزنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن. ئاسمان _ زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس».
ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى وَهَبَ لِى عَلَى ٱلْكِبَرِ إِسْمَـٰعِيلَ وَإِسْحَـٰقَ ۚ إِنَّ رَبِّى لَسَمِيعُ ٱلدُّعَآءِ
39 _ بارلىق ھەمدۇسانا ياشانغان چېغىمدىمۇ ماڭا ئىسمائىل بىلەن ئىسھاقنى بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر! شەكسىزكى، مېنىڭ رەببىم دۇئانى ناھايىتى بەك ئاڭلىغۇچىدۇر.
رَبِّ ٱجْعَلْنِى مُقِيمَ ٱلصَّلَوٰةِ وَمِن ذُرِّيَّتِى ۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَآءِ
40 _ ئى رەببىم! مېنى ۋە مېنىڭ نەسلىمدىن كېلىدىغانلارنى نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدىغان قىلغىن، ئى رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن.
رَبَّنَا ٱغْفِرْ لِى وَلِوَٰلِدَىَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ ٱلْحِسَابُ
41 _ ئى رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا _ ئانامغا ۋە مۇئمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن».
وَلَا تَحْسَبَنَّ ٱللَّهَ غَـٰفِلًا عَمَّا يَعْمَلُ ٱلظَّـٰلِمُونَ ۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمْ لِيَوْمٍ تَشْخَصُ فِيهِ ٱلْأَبْصَـٰرُ
42 _ زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن! ئاللاھ ئۇلارنىڭ جازاسىنى (قورقۇنچتىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان (قىيامەت) كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ.
مُهْطِعِينَ مُقْنِعِى رُءُوسِهِمْ لَا يَرْتَدُّ إِلَيْهِمْ طَرْفُهُمْ ۖ وَأَفْـِٔدَتُهُمْ هَوَآءٌ
43 _ (ئۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ (چاقىرىلغان تەرەپكە قاراپ) تېز يۈگۈرىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (قورققانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل _ ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ.
وَأَنذِرِ ٱلنَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ ٱلْعَذَابُ فَيَقُولُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ رَبَّنَآ أَخِّرْنَآ إِلَىٰٓ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُّجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ ٱلرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوٓا۟ أَقْسَمْتُم مِّن قَبْلُ مَا لَكُم مِّن زَوَالٍ
44 _ (ئى پەيغەمبەر!) كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن، (ئۇ كۈنى) زالىملار: «ئى رەببىمىز! (بىزنى دۇنياغا قايتا ئەۋەتىپ) قىسقىغىنا ۋاقىت بولسىمۇ بىزگە مۆھلەت بەرگىن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەپ يالۋۇرىدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇكى) «سىلەر ئىلگىرى ‹بىز ھەرگىز يوقالمايمىز› دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟
وَسَكَنتُمْ فِى مَسَـٰكِنِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَتَبَيَّنَ لَكُمْ كَيْفَ فَعَلْنَا بِهِمْ وَضَرَبْنَا لَكُمُ ٱلْأَمْثَالَ
45 _ سىلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاك بولغانلارنىڭ يۇرتلىرىدا ماكانلاشقان ئىدىڭلار، ئۇلارنى قانداق جازالىغانلىقىمىز سىلەرگە ئېنىق بولغان ۋە سىلەرگە نۇرغۇن مىساللارنىمۇ كەلتۈرگەن ئىدۇق».
وَقَدْ مَكَرُوا۟ مَكْرَهُمْ وَعِندَ ٱللَّهِ مَكْرُهُمْ وَإِن كَانَ مَكْرُهُمْ لِتَزُولَ مِنْهُ ٱلْجِبَالُ
46 _ ئۇلار (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۇئمىنلەرگە) تۇزاق قۇردى. ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (كۈچلۈك) بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىنى بەربات قىلىدۇ.
فَلَا تَحْسَبَنَّ ٱللَّهَ مُخْلِفَ وَعْدِهِۦ رُسُلَهُۥٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ ذُو ٱنتِقَامٍ
47 _ ئاللاھنى پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، (زالىملاردىن) ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.
يَوْمَ تُبَدَّلُ ٱلْأَرْضُ غَيْرَ ٱلْأَرْضِ وَٱلسَّمَـٰوَٰتُ ۖ وَبَرَزُوا۟ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ
48 _ ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ، (بارچە خالايىق) يېگانە، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ.
وَتَرَى ٱلْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُّقَرَّنِينَ فِى ٱلْأَصْفَادِ
49 _ ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن بىر _ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرىسەن.
سَرَابِيلُهُم مِّن قَطِرَانٍ وَتَغْشَىٰ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ
50 _ ئۇلارنىڭ كۆڭلىكى قەتىران (يەنى قاراماي)دىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ.
لِيَجْزِىَ ٱللَّهُ كُلَّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ
51 _ ئاللاھ ھەر كىمگە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلىدۇ). ئاللاھ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
هَـٰذَا بَلَـٰغٌ لِّلنَّاسِ وَلِيُنذَرُوا۟ بِهِۦ وَلِيَعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَا هُوَ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ وَلِيَذَّكَّرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ
52 _ (ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا نازىل قىلغان) بۇ (قۇرئان) ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئېلان (ۋە چاقىرىقتۇر).
ئىبراھىم سۈرىسى