ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى مۇكەممەل شەكىلدە ياراتقانلىق ۋە ئۇنى ھەق دىنغا ھىدايەت قىلغانلىق نېمىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى ئۇنىڭ ھەق دىنغا سادىق بولۇشىغا، ئۇنىڭ قىممەتسىزلىكى ھەق دىندىن يىراقلىشىپ كېتىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
بِّسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ وَٱلتِّينِ وَٱلزَّيْتُونِ
1 _ ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىمەن، زەيتۇن بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَطُورِ سِينِينَ
2 _ تۇرسىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ ٱلْأَمِينِ
3 _ بۇ تىنچ شەھەر (مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِىٓ أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ
4 _ بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق.
ثُمَّ رَدَدْنَـٰهُ أَسْفَلَ سَـٰفِلِينَ
5 _ ئاندىن ئۇنى دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قەۋىتىگە تاشلايمىز.
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
6 _ پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئەجىر بار.
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِٱلدِّينِ
7 _ (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن (يەنى بۇنچە دەلىللەردىن) كېيىن، سېنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشىڭغا سەۋەب بولغان نەرسە نېمە؟
أَلَيْسَ ٱللَّهُ بِأَحْكَمِ ٱلْحَـٰكِمِينَ
8 _ ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادالەتلىكى ئەمەسمۇ؟
تىين سۈرىسى