ئەسر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 3 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

 بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: زىياندىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك چارىسىنى بايان قىلىش ۋە ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

وَٱلْعَصْرِ (1) إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَفِى خُسْرٍ (2) إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْحَقِّ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ (3)
1 _ 3 _ زامان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا جىمى ئىنسان چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر.