مۇمتەھىنە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، 13 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىنى پاكلاش ۋە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَّخِذُوا۟ عَدُوِّى وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَآءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِم بِٱلْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا۟ بِمَا جَآءَكُم مِّنَ ٱلْحَقِّ يُخْرِجُونَ ٱلرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ ۙ أَن تُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ رَبِّكُمْ إِن كُنتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَـٰدًا فِى سَبِيلِى وَٱبْتِغَآءَ مَرْضَاتِى ۚ تُسِرُّونَ إِلَيْهِم بِٱلْمَوَدَّةِ وَأَنَا۠ أَعْلَمُ بِمَآ أَخْفَيْتُمْ وَمَآ أَعْلَنتُمْ ۚ وَمَن يَفْعَلْهُ مِنكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
1 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى، سىلەر رەببىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. (شۇنداق تۇرسىمۇ يەنىلا) سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان ئىشلىرىڭلارنى تولۇق بىلىپ تۇرىمەن. سىلەردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
إِن يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا۟ لَكُمْ أَعْدَآءً وَيَبْسُطُوٓا۟ إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُم بِٱلسُّوٓءِ وَوَدُّوا۟ لَوْ تَكْفُرُونَ
2 _ ئەگەر ئۇلار سىلەرنى قولغا چۈشۈرسە، سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە قوللىرىنى، تىللىرىنى يامانلىق بىلەن ئۇزىتىدۇ، سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
لَن تَنفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُكُمْ ۚ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ ۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
3 _ قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِىٓ إِبْرَٰهِيمَ وَٱلَّذِينَ مَعَهُۥٓ إِذْ قَالُوا۟ لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَءَٰٓؤُا۟ مِنكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ٱلْعَدَٰوَةُ وَٱلْبَغْضَآءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥٓ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَآ أَمْلِكُ لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن شَىْءٍ ۖ رَّبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ ٱلْمَصِيرُ
4 _ ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن گۈزەل ئۈلگە بار. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆز قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن ئادا-جۇدامىز، بىز سىلەرنى (ۋە چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنى) ئىنكار قىلدۇق. تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا مەڭگۈلۈك ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك باش كۆتۈرىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھتىن كېلىدىغان (ئازابتىن) ھېچ نەرسىنى سەندىن توسۇپ قالالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار مۇنداق دۇئا قىلدى): «ئى رەببىمىز! ساڭىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.
رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَٱغْفِرْ لَنَا رَبَّنَآ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ
5 _ ئى رەببىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن. شەكسىزكى، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ ۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ
6 _ (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ھەقىقەتەن ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەردە سىلەرگە — ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار. كىمكى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىڭلار، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتۇڭلار دېگەن ئەمرىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
عَسَى ٱللَّهُ أَن يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ ٱلَّذِينَ عَادَيْتُم مِّنْهُم مَّوَدَّةً ۚ وَٱللَّهُ قَدِيرٌ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
7 _ ئاللاھ سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىلەر دۈشمەنلەشكەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
لَّا يَنْهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ لَمْ يُقَـٰتِلُوكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُم مِّن دِيَـٰرِكُمْ أَن تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوٓا۟ إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُقْسِطِينَ
8 _ ئاللاھ سىلەرنى (كاپىرلاردىن) سىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ۋە ئادالەتلىك بولۇشتىن توسمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
إِنَّمَا يَنْهَىٰكُمُ ٱللَّهُ عَنِ ٱلَّذِينَ قَـٰتَلُوكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَأَخْرَجُوكُم مِّن دِيَـٰرِكُمْ وَظَـٰهَرُوا۟ عَلَىٰٓ إِخْرَاجِكُمْ أَن تَوَلَّوْهُمْ ۚ وَمَن يَتَوَلَّهُمْ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
9 _ پەقەت ئاللاھ سىلەرنى دىن خۇسۇسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا جَآءَكُمُ ٱلْمُؤْمِنَـٰتُ مُهَـٰجِرَٰتٍ فَٱمْتَحِنُوهُنَّ ۖ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَـٰنِهِنَّ ۖ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَـٰتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى ٱلْكُفَّارِ ۖ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ ۖ وَءَاتُوهُم مَّآ أَنفَقُوا۟ ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَن تَنكِحُوهُنَّ إِذَآ ءَاتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ ۚ وَلَا تُمْسِكُوا۟ بِعِصَمِ ٱلْكَوَافِرِ وَسْـَٔلُوا۟ مَآ أَنفَقْتُمْ وَلْيَسْـَٔلُوا۟ مَآ أَنفَقُوا۟ ۚ ذَٰلِكُمْ حُكْمُ ٱللَّهِ ۖ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
10 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىن ئاياللار سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى (ئىمانى خۇسۇسىدا) سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي مۇئمىن دەپ بىلسەڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، (كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) تويلۇقىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار، (شۇنىڭدىن كېيىن) ئۇلارنىڭ مەھرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، ئۇ كاپىرلارمۇ (سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇئمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئاراڭلاردا (شۇنداق) ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
وَإِن فَاتَكُمْ شَىْءٌ مِّنْ أَزْوَٰجِكُمْ إِلَى ٱلْكُفَّارِ فَعَاقَبْتُمْ فَـَٔاتُوا۟ ٱلَّذِينَ ذَهَبَتْ أَزْوَٰجُهُم مِّثْلَ مَآ أَنفَقُوا۟ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ٱلَّذِىٓ أَنتُم بِهِۦ مُؤْمِنُونَ
11 _ ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بەزى ئاياللار (دىندىن يېنىۋېلىپ) كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، (ئۇ كاپىرلار مەزكۇر ئاياللارغا سىلەر بۇرۇن بەرگەن مەھرىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرمىسە)، سىلەر (كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ) غەنىيمەت ئالغان چېغىڭلاردا، ئايالى كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرگە (غەنىيمەتتىن) ئۇلار بەرگەن مەھرىگە تەڭ مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِذَا جَآءَكَ ٱلْمُؤْمِنَـٰتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰٓ أَن لَّا يُشْرِكْنَ بِٱللَّهِ شَيْـًٔا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَـٰدَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَـٰنٍ يَفْتَرِينَهُۥ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِى مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَٱسْتَغْفِرْ لَهُنَّ ٱللَّهَ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
12 _ ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، (نومۇستىن ياكى يوقسۇللۇقتىن قورقۇپ) بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلاردىن تۇغقان بالىنى يالغاندىن ئېرىنىڭ بالىسى دەۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر.
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَتَوَلَّوْا۟ قَوْمًا غَضِبَ ٱللَّهُ عَلَيْهِمْ قَدْ يَئِسُوا۟ مِنَ ٱلْـَٔاخِرَةِ كَمَا يَئِسَ ٱلْكُفَّارُ مِنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْقُبُورِ
13 _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلاركى، ئۇلار ئاخىرەتتىن خۇددى كاپىرلار قەبرىلەردىكى (ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىدىن) ئۈمىد ئۈزگەندەك ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردۇر.