بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).
ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەق دىننى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئاتىغان ئەڭ كاتتا نېمىتىنى تاماملىغان ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت مەڭگۈ ئۆچمەس ھىدايەت مەشئىلىنى نازىل قىلىپ دىللارنى نۇرلاندۇرغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن مەدھىيەلەيمەن. ئىنسانىيەتكە ھەق دىننى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن، ئۇنىڭ ئائىلە _ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇئمىنلەرگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئىسلام ئۈممىتىگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن.
ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن بۈگۈن كىچىكىمدىن ئارزۇلاپ كەلگەن، كېچە-كۈندۈز خىيال قىلغان، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر خىزمەتنى تاماملاپ، ئەزىز خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ھارپىسىدا تۇرۇپتىمەن. بۇ لەھزىلەردىكى شۈكۈر ۋە مەمنۇنىيەت، ئىپتىخار ۋە خۇشاللىق تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلەپ بولالمايمەن، ئەلۋەتتە!
ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا ئۆزۈمنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئۇدۇل ۋە توغرا چۈشىنەلەيدىغان ۋە چۈشەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە ئىگە بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، كۆپرەك ۋاقتىمنى قۇرئان كەرىم ۋە تەپسىر ئىلمىگە بېغىشلىدىم، بۇ ماۋۇدىكى كۆپ ئەسەرلەرنى ۋە مۆتىۋەر تەپسىرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ، بىر قانچە ئون يىللىق ئىزچىل تىرىشىش، ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆزۈمدە مەلۇم نىسبەتتە ئىقتىدار ۋە سالاھىيەت يېتىلدى دەپ قارىدىم _ دە، تەجرىبەم كەمچىل، سەۋىيەم تۆۋەن بولسىمۇ، بۇ شەرەپلىك ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئۇلۇغ خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ئۈمىدىم شۇكى، ئۇزاققا سوزۇلغان روھىي ئاسارەت ئىسكەنجىسىدە ھالسىرىغان ئەزىز خەلقىمنىڭ جاراھەتلىك قەلبىگە مۇشۇ خىزمەتلىرىم بىلەن ئازغىنە مەلھەم سۈرەلىسەم... ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توغرا چۈشىنىپ، شۇ چۈشەنچىلەرنىڭ نۇرىدا داغدام قەدەملەر بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلىسەم... ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە ۋەسىلە بولالىسام...
شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى 2002-يىلى 17-ئاپرىل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە دىكتور بولۇپ ئىشقا كىرگەن كۈنۈملا باشلىۋەتتىم. كۆپلىگەن مۆتىۋەر تەپسىرلەرنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنى توپلىدىم. ۋەتىنىمىزدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «ئىملا لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»...قاتارلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا شۇلارغا مۇراجىئەت قىلدىم. شۇنداقلا مەزكۇر تەرجىمىدە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى مۇمكىنقەدەر ئاز ئىشلىتىپ، ئۆز تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەردىم.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم» 140تىن كۆپرەك مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ۋە ھەرخىل تەرجىمە نۇسخىلىرى 1200دىن ئاشقان. ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 100 خىلدىن كۆپرەك تەرجىمىسى بارلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار تۈرك تىللىق خەلقلەر ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغان خەلق بولۇپ، مىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئاتاغلىق تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف دېگەن كىشى «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ سەككىز خىل قول يازما نۇسخىسى تولۇق ياكى تولۇقسىز ھالەتتە چەتئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ياكى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1735- يىلىدىن 1756- يىلىغىچە يەكەندە ھۆكۈمدارلىق قىلغان خوجا ياقۇب دېگەن كىشى دۆلەت خىراجىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يازدۇرۇپ نەشىر قىلدۇرغان ئىكەن. قاغىلىقتا ئۆتكەن ھۈسەينخان تەجەللىي دېگەن كىشىنىڭ 1910- يىلى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يېزىپ چىققانلىقى، يەنە شۇ يىلى چۆچەكتە يۈسۈپ داموللام دېگەن كىشىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىسمەن تەپسىرىنى تاماملاپ چىققانلىقى مەلۇم. سابىت داموللا ھاجىم شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە، 1937- يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، «روشەن بايان تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» دېگەن ئۇيغۇرچە تەپسىرنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ 30- پارىسى 1948- يىلى غۇلجىدا بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەپسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ 1961- يىلى غۇلجىدىن ئېلىپ كېلىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى»غا تاپشۇرغان ئىكەن. 1955- يىلى مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىم غۇلجىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچە تەپسىر قىلىپ چىققان بولۇپ، 2018-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. بۇ كىشىنىڭ 1926- يىلى قەشقەردە يېزىپ چىققان «ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرى» ناملىق ئەسىرى 1987- يىلى قاتاردا فاكسمېل قىلىپ، ئەسلىدىكى چاغاتاي يېزىقىدا بېسىپ تارقىتىلغان. كېيىنچە 2003- يىلى شۇ فاكسمېل نۇسخىسىغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان. زامانىمىزغا قەدەر ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى خېلى كۆپ مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كۆپلىرى نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي يوقۇلۇپ كەتكەن، يەنە نۇرغۇنلىرى نابۇت قىلىنغان.
1986- يىلى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. بۇ تەرجىمە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولماسلىقتەك چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولدى. 2012- يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. 2017-يىلى ئەنەس ئالىم تەجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ھەرقانداق تىلدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قانچە خىل تەرجىمىسىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى. چۈنكى، ئۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان پىكرىي چوڭقۇرلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تەرجىمىنىڭ كۆپ بولۇشى پايدىلىقتۇر.
پايدىلىنىلغان ئاساسلىق تەپسىرلەر:
1. تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).
2. تەپسىرى قۇرتۇبى(تفسير القرطبي)
3. تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).
4. تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم).
5. تەپسىر جەلالەين (تفسير الجلالين).
6. تەپسىر سەفۋەتۇتتەفاسىر (تفسير صفوة التفاسير).
7. تەپسىرى سەئدى (تفسير الكريم الرحمن لكلام المنان).
8. تەپسىر شەئراۋى (خواطر الشعراوي حول القرآن).
9. تەپسىرى ئىبنى ئاشۇر (التحرير والتنوير).
10. تەپسىرى مۇيەسسەر (التفسير الميسر).
11. تەپسىرى مۇختەسەر (المختصر في التفسير).
12. فى زىلالىل قۇرئان (في ظلال القرآن).
13. «تەپسىرى شىنقىيتىي» (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن).
14. «تەپسىرى كەششاف» (الكشاف).
15. «تەپسىرى بەيزاۋى» (أنوار التنزبل وأسرار التأويل).
16. «تەپسىرى رازى» (التفسير الكبير للرازي).
17. «ئەل جەدۋەل فى ئىرابىل قۇرئان» (الجدول في إعراب القران).
يۇقىرىقى تەپسىرلەردىن باشقا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە قازاقچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلاندىم، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە «تەپسىرى مۇيەسسەر» بىلەن «تەپسىرى مۇختەسەر»گە سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.
«قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسى
تەرجىمە دېگەنلىك ھەرگىز بىر تىلدىكى سۆزلەرنى يەنە بىر تىلغا سۆزمۇسۆز يۆتكەپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدا ئەسلىسىگە ئۇيغۇن ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي تەرجىمىدۇر. ساھابىلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دېگەن شەرەپلىك ئۇنۋاننىڭ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۇنداق قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلگەنلىكى ۋە ئۇنى توغرا چۈشەنگەنلىكىدىن ئىدى.
تەرجىمە ئىشىدا، تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدىكى مەنىنى تولۇق بىلىشى ۋە مەقسەتنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىشى شەرتتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ تەرجىمە ئەمەس، بەلكى تېكىستنى پەقەتلا سۆزمۇ _ سۆز يۆتكەپ قويغانلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە تىلغا ئۆز ئەينى بويىچە، ھېچ بولمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئەينى بويىچە ئىپادىلەپ بېرىش تەرجىماننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىدۇر.
مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش باشقا ھەرقانداق كىتابنى تەرجىمە قىلىشتىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان تولىمۇ قىيىن ۋە نازۇك بىر ئىشتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق بىلىش ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىش تەرجىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىدۇر. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا يولغا چىققان بولدۇم. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت ھاياتىمدىكى ئەڭ شەرەپلىك بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەنچە تىرىشتىم.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل يۆنىلىش مەۋجۇت: بىرى، تەرجىمىدىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى باشقا تىلغا يۆتكەش بولغانلىقتىن، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش يېتەرلىكتۇر دېگەن يۆنىلىش، يەنە بىرى، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دېگەن يۆنىلىش. بىز بۇ تەرجىمىدە ئىككىنچى يۆنىلىش بويىچە ماڭدۇق. چۈنكى، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بۇ دېگەنلىك ئايەتلەرنى ئەرەب تىلىدىكى پاساھىتى ۋە بەدىئىيلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى مۇمكىنقەدەر ساقلاپ قېلىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: )وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ( دېگەن ئايەت تۈركىي تىللارغا:«ئاللاھ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى»، «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ روھىدىن پۈۋلىدى»، «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى»، «ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئىلكىدىكى روھنى كىرگۈزدى» ۋە «ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئۆزى ياراتقان) روھتىن پۈۋلىدى» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تەرجىمە قىلىنغان. بىز ئەڭ ئاخىرقىسىنى تاللىدۇق. يۇقىرىقى تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن 22 يىل ئىلگىرى مەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىشقا كىرگەن (يەنى ھىجرىيە 1423_ يىلى سەپەر ئاينىڭ 4 _ كۈنى/ مىلادىيە 2002 –يىلى 17_ ئاپرېل) كۈنىدىن باشلاپلا قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتكەن ئىدىم. رادىيونىڭ كۈنلۈك ئاڭلىتىشىنىڭ باشلىنىشىدا 15 مىنۇتلۇق «قۇرئان كەرىم تەرجىمە ۋە تەپسىرى» ناملىق پروگراممىسى بار ئىكەن. مەن بۇ پروگراممىنى تەييارلاپ ئاڭلىتىش ئىشىنى چوڭ خۇشاللىق ۋە زور ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئۈستۈمگە ئالدىم ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن فاتىھە سۈرىسىدىن باشلاپ ئاڭلىتىشقا باشلىدىم. بۇ پروگرامما ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ھەر قېتىم ناس سۈرىسىگە كېلىپ قالغاندا، سۈرىنىڭ تۈگىگەندىن يېرىدىن باشقا قايتىپ فاتىھە سۈرىسىدىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ھىجرىيە 1435 _ يىلى 29 _ شەۋۋال (مىلادىيە 2014 _ يىلى 25 _ ئاۋغۇست) دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇز پارىنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى تۈگىدى. ئون ئىككى يىللىق بۇ شەرەپلىك ئەمگەكنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تاماملانغان بۇ كۈندە، مەن ئۆزۈمنى چوڭ زەپەر قۇچقان كىشىدەك ھېس قىلىپ خۇشال بولۇپ كەتكەن ۋە ئۆزۈمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ كۆپ قول تۇتىدىغان باسقۇچلارغا يۆتكىلىش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئۇزاققا قالماي بىلدىم. چۈنكى، ئىشنىڭ ئەڭ قىيىن، ئەڭ جاپالىق باسقۇچلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى ئىكەن. ھەقىقەتەن تەرجىمە بىلەن تەپسىرنى باشتىن ئوقۇپ چىقىش، مەنىسىنى، ئىملاسىنى ۋە جۈملىلىرىنى ئالدىرىماي تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ئىشلار ئالدىنقىسىدىن كۆپ قىيىن ۋە تولىمۇ نازۇك ئىشلار ئىكەن.
تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، مەزمۇن ۋە تىل جەھەتتىن تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇستازلارغا تاپشۇرغان بولدۇم. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشلىرىدىن كېيىن، مەزكۇر تەرجىمىنىڭ تۇنجى نەشرى 2019- يىلى، ئىككىنجى نەشرى 2023- يىلى ئىستانبۇلدا يورۇق كۆرگەن ئىدى. ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرىكى، مانا ئەمدى قولىڭىزدىكى ئۈچىنچى نەشرى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولدى.
بۇ تەرجىمىنى تۈرلۈك خاتالىقلار ۋە سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. خاتالىق بايقىغان قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن تۈزىتىش بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن ئالىيجاناپلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئۈمىدىم شۇكى، جانابى ئاللاھ بۇ ئەرزىمەس خىزمىتىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىپ، مېنى، ئاتا-ئانامنى ۋە ئەھلى - ئەۋلادىمنى ئىككىلا ئالەمدە ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا مۇيەسسەر قىلسا...
— مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن
ھىجرىيە 1445-يىلى، زۇلھەججە ئاينىڭ 5- كۈنى،
مىلادىيە 2024-يىلى، 11-ئىيۇن، سەيشەنبە،
ئىستانبۇل — تۈركىيە.