«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»گە بېغىشلىمىلار

دوتسېنت دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيارنىڭ بېغىشلىمىسى

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

الْحَمْدُ لِلَّهِ لوليه والصلاة على نبيه وعلى آله وأصحابه وبعد:

جانابى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، توغرا يولنىڭ مەشئىلى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلغانلىقى بىز مۇئمىنلەرگە ئاتا قىلغان ئىنتايىن كاتتا نېمىتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە چۈشۈرگەن ئەمر - پەرمانلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، قۇرئاننى نازىل قىلىنىشتىكى ئاساسلىق غايىسى بويىچە ياخشى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئىلاھىي كالام بولغانلىقتىن، ئەرەب خەلقى ئۈچۈنمۇ چۈشىنىش ئاسان بولمىغان يەردە، بىزگە ئوخشاش ئەرەب مىللىتىدىن بولمىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە شۇنداقلا ئىلاھىي تەلىماتلارنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىش تېخىمۇ قىيىن، شۇنداقتىمۇ زۆرۈر ئىشتۇر.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. قولىڭىزدىكى بۇ تەرجىمە «شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كېچە - كۈندۈز ئەمگەك سەرپ قىلىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئىلىم تەشنالىقى ئۈچۈن شېرىن بۇلاق بولغۇسى.    

 «قۇرئان كەرىم» بارچە مەخلۇقاتقا رەھمەت، بەرىكەت، مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىگە شپا، ئىسلامنىڭ ھەقلىقىغا روشەن ھۆججەت، ساماۋى كىتابلارنىڭ تۈگەنچىسى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۆجىزىسى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولۇپ،  ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ھەر قايسى تىللارغا تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىشتۇر. بۇ لاياقەتلىك ئۆلىمالارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر.

 ئۇيغۇر خەلقىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان دەۋرىمىزدىكى ئۆلىما ئۇستازلىرىمىزدىن مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرلاپ چىققان بۇ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى، ئۇيغۇر مىللىتىگە تەقدىم قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھەدىيە ۋە تۈگىمەس بايلىقتۇر. چۈنكى، ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن رەببىمىزنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 21 يىل كۈچ چىقىرىپ ئىزدەندى ۋە ھارماي - تالماي جاپالىق ئىشلىدى. ئاخىرىدا ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس بىر گۇرۇپپا بۇ تەرجىمىنى «ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ ئىشخانىسىدا ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇنتىزىم ئىشلەپ باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. پېقىر بىرىنچى كۈنى بۇ مۇبارەك ئىشنى باشلاپ بەرگەن بولدۇم. كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا مەنمۇ بەزى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى بەردىم. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن يەنە بىر قېتىم قايتا كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن نەشرگە بەردى.

بۇ تەرجىمىدە نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئەرەبچە تەپسىرلەر مەنبە قىلىنغاندىن باشقا «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە قازاقچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىنمۇ ئەتراپلىق پايدىلىنىلغان. ئاخىرىدا، تەكشۈرۈشكە تاللانغان بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ، ھەرخىل تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرگە سېلىشتۇرۇپ چىقىلدى، ئىنچىكە تەھرىرلىنىپ پۇختا مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرلىغان بۇ تەرجىمە زامانىمىزدىكى ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» تەرجىمىلىرىدىن ئەڭ ئەۋزەل ۋە بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىن ئالاھىدە مۇكەممەل بىر تەرجىمە بولدى دەپ قارايمەن.

ھاياتىمىزنى «قۇرئان كەرىم»گە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسرى  بىزدە، — بولۇپمۇ، ئەسرى سائادەتتىن ئۇزاق قالغان ھازىرقى زاماندا — كەم بولسا بولمايدىغان بىر كىتابتۇر.  ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز ئون ئايەت ئۆگەنسەك مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلماي تۇرۇپ باشقا ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتۇق» دېگەن. شۇڭلاشقا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىزگە ئوخشاش ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىشى  ۋە ئۆزىمىزنى مەنىۋى جەھەتتىن كۆتۈرەڭگۈ روھتا تۇتۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇش، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر.

 

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ سابىق رەئىسى

مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى

دوتسېنت دوكتور: ئاتائۇللاھ شاھيار

 

 

 

 


 

ئاتائۇللاھ داموللا ھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

الْحَمْدُ لِلَّهِ والصلاة والسلام على رسول الله وعلى آله وصحبه وبعد:

شەكسىزكى، «قۇرئان كەرىم» ئىلاھىي دەستۇر، بارچە مەخلۇقاتقا رەھمەت ھەم بەرىكەت، ئىنسانلارغا ھىدايەت، مۇئمىنلەرگە شپا، ئىسلامنىڭ ھەقلىقىگە روشەن ھۆججەت، ساماۋى كىتابلارنىڭ خاتىمىسى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەڭداشسىز مۆجىزىسى ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس سۆزىدۇر. «قۇرئان كەرىم» مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتتە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ: بىرىنچىسى، لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىش؛ ئىككىنچىسى، مەنىسىنى ۋە مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىش؛ ئۈچىنچىسى، كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ ھاياتقا تەتبىقلاش.

ئىنسانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە بەكمۇ مۇھىم خىزمەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آَيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ﴾ «(ئى پەيغەمبەر! بۇ قۇرئان) ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىنى (ئەتراپلىق ) تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز _ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق  دېگەن: [بلغوا عنى ولو آية] «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[2].

 يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستىن مەلۇم بولىدۇكى، قۇرئان ۋە ھەدىسنى  دۇنيادىكى بارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈش پەرز كىپايەدۇر. «قۇرئان كەرىم» ساھابە كىراملارنىڭ زامانىدىن باشلاپ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ناھايىتى كۆپ قېتىم تەپسىر قىلىندى. بۇ تەپسىرلەر بىر - بىرىنى تولۇقلىدى. يەنە نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. بىز ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرغۇن ئۇستازلىرىمىز «قۇرئان كەرىم»نى ئېغىزاكى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىپ خەلقىمىزگە يەتكۈزۈپ كەلدى. يەنە بەزى ئۇستازلىرىمىز قەلىمى ئارقىلىق تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىپ، كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! ئەپسۇسكى، دۈشمەنلەرنىڭ تۈرلۈك سۇيىقەستلىرى ۋە زەھەرخەندىلىكلىرى تۈپەيلىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدىن باشقا  نۇرغۇنلىغان دىنىي ئەسەرلىرىمىز جۈملىدىن، ئەنە شۇنداق قىممەتلىك تەرجىمە ۋە تەپسىرلەرمۇ كۆيدۈرۈلدى ياكى يوقىتىلدى. بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىرى ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» مۆتىۋەر ئۇستازلىرىمىزنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى  بىلەن نەشر قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەق يولىدىن ئازغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا قايتىشىغا ۋەسىلە بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. رەببىم ئۇستازىمىزدىن رازى بولسۇن ۋە بۇ سەدىقە جارىيەسىنى قىيامەتكىچە داۋام قىلدۇرسۇن!

 دەۋرىمىزدىكى ئۆلىمالىرىمىزدىن ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن يۈكسەك ھىممەت بىلەن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقىمىزنى قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. رەببىم ئۇستازنىڭ بۇ ئەمەللىرىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن، ئامىن!

  ئۇستاز يېقىندا نەشر قىلدۇرماقچى بولغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ئىسلام ئۈممىتىگە، خۇسۇسەن، ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ھەدىيە ۋە تۈگىمەس بايلىقتۇر. چۈنكى، ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن رەببىمىزنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، 21 يىل كۈچ چىقاردى، ئىزدەندى ۋە ھارماي ئىشلىدى. ئاخىرىدا بىر قانچە ئۆلىما ئۇستازلاردىن تەشكىللەنگە مەخسۇس گۇرۇپپا بۇ تەرجىمىنى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ چىقتى. پېقىرمۇ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىپ كۆزدىن كەچۈردۈم ۋە نازۇك ئورۇنلىرى ھەققىدە كۆزقاراشلىرىمنى تەقدىم قىلدىم. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن يەنە قايتا ئىزدىنىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بۇرۇنقى بارلىق تەرجىمىلەرنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلىغان كامىل بىر تەرجىمە بولدى. رەببىم بۇ ئەمەلنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلغاي.

ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ لەۋزى ھەم مەنىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ھاياتىنىڭ نۇرلۇق مەشئىلى قىلغان. بىزمۇ پۈتۈن ھاياتىمىزنى ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى ئىلىم تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئىشەنچلىك ئۇستازلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ توغرا تەرجىمە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان  مەزكۇر تەرجىمىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇشىمىز ۋە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز ئون ئايەت ئۆگەنسەك مەنىلىرىنى ۋە ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنمىگۈچە باشقا ئايەتلەرنى ئۆگىنىشكە ئۆتمەيتتۇق» دېگەن. دېمەك، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئارىمىزدا جانلىق تۇرۇشى  ۋە ئۆزىمىزمۇ مەنىۋى جەھەتتىن روھلۇق تۇرۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇش، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. قۇرئاننى ئوقۇپ قويۇپ، مەنىسىنى چۈشەنمەسلىك ۋە ئەمەل قىلماسلىق يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئادىتىدۇر. رەببىم بىزلەرنى ئۇنداق قىلىشتىن ساقلسۇن!

ئۇلۇغ رەببىمىز مۇقەددەس ئىسلامنىڭ ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھارماي – تالماي تىنىمسىز خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئەللامە ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇندىن رازى بولسۇن! ئۇنى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسىغا رەھمەت قىلسۇن، گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلسۇن، ئۇستازنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك قىلسۇن! «قۇرئان كەرىم» خىزمىتىگە قاتناشقان ھەممە ئۇستازلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن! ئامىين!

 

ھۆرمەت بىلەن: ئاتائۇللاھ داموللا ھاجىم


 

مۇسا داموللاھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى

 

بسم الله الرحمن الرحيم

بىزگە ھەر شەيئىنىڭ بايانى بار «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلغان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە بىزنى يەرشارىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈممەت قىلغان يېگانە ئاللاھقا سان-ساناقسىز مەدھىيەلەر بولسۇن! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى پەيغەمبەرلەر سەردارى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ هَٰذَا ٱلْقُرْءَانَ يَهْدِى لِلَّتِى هِىَ أَقْوَمُ وَيُبَشِّرُ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱلَّذِينَ يَعْمَلُونَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا كَبِيرًا﴾ «شەكسىزكى بۇ قۇرئان ئىنسانلارنى ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلدىغان مۇئمىنلەرگە‍ ئۇلارنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»[3]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ أَعْرَضَ عَن ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَى﴾ «كىمكى مېنىڭ زىكرىم بولغان قۇرئاندىن يۈز ئ‍ۆرۈيدىكەن ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ، قىيامەت كۈنى بىز ئۇنى كور ھالىتىدە توپلايمىز»[4]. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: ]تكفل الله لمن قرأ القران وعمل بما فيه أن لا يضل في الدنيا ولا يشقى في الآخرة[«ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئوقۇغان ۋە قۇرئاندا كەلگەن ئەھكاملاغا ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا ئېزىپ كەتمەسلىكىگە ۋە ئاخىرەتتە بەخىتسىز بولۇپ قالماسلىقىغا كېپىل بولدى»[5].

ئاللاھ ئۆزىنىڭ كالامى بولغان بۇ «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلارنى ۋە  جىنلارنى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئەڭ توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەرشى ئۈستىدىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلدى. ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە، ساھابىلەر تابىئىنلەرگە ۋە تابىئىنلەر كېيىنكىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەۋىشتە ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ كەلدى.

«قۇرئان كەرىم» ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئەڭ مۇكەممەلى ۋە قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان مۆجىزە خاراكتېرلىك كىتابتۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئازغۇن، ئاخىرەتتە بەخىتسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر مىللەتتىن «قۇرئان كەرىم»نى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئالىملارنى چىقىرىپ بەردى. جۈملىدىن، خەلقىمىز ئىچىدىن مۇپەسسىر زىرىپ قارىھاجىمنى تەپسىر يېزىشقا، تەتقىقاتچى ئۇستازىمىز ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنىگىچە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

شۇنىڭدەك، دەۋرىمىزدە خەلقىمىزنىڭ دىنىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈشىگە زور ھەسسە قوشۇۋاتقان تەتقىقاتچى ئالىم، ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇنمۇ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە ئىلمى تەتقىقاتى نەتىجىسىدە «قۇرئان كەرىم»نى يېڭىچە ئۇسلۇپتا تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇندى. تەرجىمىنىڭ سۈپەتلىك روياپقا چىقىشى ھەمدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن ساغلام ئەقىدىلىك، ئىخلاسمەن بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتلىرىنى چىقىرىپ باشتىن ئاخرىغىچە، مۆتىۋەر تەپسىر كىتابلىرىغا ۋە قۇرئاننىڭ ھەرخىل تىللاردىكى نوپۇزلۇق تەرجىمىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ تولۇق كۆرۈپ چىقتى. مەنمۇ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە قاتنىشىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە تۇرۇپ، تەرجىمىنى باشتىن ئاخىرىغىچە مۆتىۋەر تەپسىر كىتابلىرىغا ۋە قۇرئاننىڭ باشقا تەرجىمىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چىقتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرجىمىنى ھەقىقەتەن ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇكەممەل تەرجىمە بولدى، دەپ قارايمەن.

ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالادىن ھارماس تەتقىقاتچى ئالىم ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ بۇ ئەمەلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا، ئاتا- ئانىسىغا ۋە ئۇستازلىرىغا قىيامەتكىچە سەدىقە جارىيە قىلىپ بېرىشىنى، شۇنىڭدەك قارىھاجىمنىڭ ئۆمرىگە ۋە ئىلمىگە بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. 

 

                                       ھۆرمەت بىلەن ئۇستاز: مۇسا داموللاھاجىم


 

مۇھەممەدئىمىن مەخسۇم ھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى

 

بسم الله الرحمن الرحيم

الحمد لله يقول الحق وهو يهدي السبيل، والصلاة والسلام على الهادي إلى صراط الله المستقيم، سيدنا وإمامنا وأسوتنا وحبيبنا محمد، وعلى آله وصحبه ومن اتبعهم بإحسان إلى يوم الدين

«قۇرئان كەرىم» ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى جاھالەت پاتقىقىدىن ۋە ئازغۇنلۇق باياۋانلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابىدۇر. بۇ نۇرلۇق كىتابنىڭ ھۆكۈم- پىرىنسىپلىرى، مەنا-مەزمۇنلىرى ۋە سىر-ئەسرار دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ بىباھا ئۈنچە مەرۋايىتلىرىنى، قىممەتلىك جەۋاھىراتلىرىنى سۈزۈپ چىقىش، شۇنداقلا قەلبلەرگە ھاياتلىق بېغىشلايدىغان خاسىيەتلىك ئابىھايات سۈيىدىن ئىچىش باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققى بولغاندەك بىزنىڭمۇ ھەققىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر.

«قۇرئان كەرىم» ئېنگىلىز، تۈرك قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىغا كۆپ قېتىم تەپسىر ۋە تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلىدا قىلىنغان تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر بارماقلارنىڭ سانىچىلىكمۇ ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىكار ئالىمى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن خەلقىمىزنىڭ چاڭقىغان قەلىبلىرىگە شىپا «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ناملىق بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق جاپا مۇشەققەت ۋە ئىجتىھاتلارنى كۆرسىتىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ماس ھالدا تىلىنىڭ گۈزەللىكى، مەزمۇنىنىڭ چۈشىنىشلىكلىكى، تەرجىمىنىڭ ئايەتلەرنىڭ لەۋزىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئىخچام ھەم مەنىگە ۋاپادارلىقى قاتارلىق تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»دىن كېيىنكى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق مول سەمەرىلىك، مۇبارەك ئەمگەك بولۇپ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

پېقىرمۇ بۇ مۇبارەك ئەسەرگە، بولۇپمۇ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئانالىز قىلىپ چىقتىم. نوپۇزلۇق تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. بۇ ئەسەر پىشقان ئىستىداتلىق بىر ئالىمنىڭ قولى بىلەن روياپقا چىققان، ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ سۈپەتلىك تەھرىرلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قابىلىيەتلىك ئۇستازلار تەرىپىدىن قايتىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن تەھرىرلەنگەن، نوپۇزلۇق تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرگە سېلىشتۇرۇلۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەم ئىلگىرىكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، كەم تەرەپلىرى تولۇقلانغان، ئىشەنچلىك، تولىمۇ سۈپەتلىك، ئىلمىي خىزمەتلەردە مەنبە سۈپىتىدە قوللىنىشقا تامامەن لايىق بىر ئەسەردۇر. شۇڭا ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ بىباھا بايلىقى دېيىشكە بولىدۇ.

 شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەسەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتىدا تەتبىقلىشىنى، ھەرگىزمۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىپ پىتنە – ئېغۋا قىلماستىن، بەلكى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىپ بۇ نۇرلۇق گۆھەرنىڭ قەدرىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئاخىرىدا، ئۇستازنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە، يۈكسەك ھىممىتىگە، تارتقان جاپاسىغا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىشىنى، بۇ شانلىق ئەسەرنى ئۆزى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن سەدىقە جارىيە قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خەلقىمىزنى مەنپەئەتدار قىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە ئۇستازنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىلمىي خىزمەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرۈشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن.

 

ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەدئىمىن مەخسۇم ھاجىم


 

 

ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىزنىڭ بېغىشلىمىسى

 

بسم الله الرحمن الرحيم

الحمد لله الذي أنزل القرآن تبيانا لكل شيء، وهدى ورحمة وشفاء لما في الصدور، والصلاة والسلام على المبعوث رحمة للعالمين سيدنا محمد وعلى آله وصحبه وسلم.

«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس كالامى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ساغلام مەنبەسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بۇ مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىپ ئوقۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشى ۋە توسقانلىرىدىن ساقلىنىشى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىدۇر. بۇ مۇقەددەس كىتابىمىز ئەرەبچە بولغاچقا خەلقىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرەبچىنى ئۆگىنىپ، «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ ئوقۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى ئىلىمدە پىشىپ يېتىلگەن ئالىملارنىڭ مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىشكە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نى ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقىمىزگە سۇنۇش ۋەزىپىسى بار. مانا بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداپ كېلىۋاتقان نادىر ئالىملىرىمىزدىن بىرى ساۋاقدىشىم ۋە دوستۇم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇندۇر.

 ساۋاقدىشىم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن كىچىك چېغىدىلا «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلاپ كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىدە خەتمىدىن ئۆتكەن. 1986- يىلى ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا ئىسسىق ئۆيىنى، مېھرىبان ئائىلىسىنى ۋە سۆيۈملۈك ۋەتىنىنى تاشلاپ ھەرەمگە كەلگەن. بىز ھەرەمدە ئۇچرىشىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن مىسىرغا بېرىپ، قەدىمدىن بېرى ئىلىم بۇلىقى بولغان ئەزھەر شېرىپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندۇق. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتى شەرىئەت ئىلىملىرى پاكۇلتېتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا ئەرەب تىلى ۋە دىنى ئىلىملەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدۇق. يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمىز.

ساۋاقدىشىم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن چەتئەلدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىملارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كىتاب يازغان، قازاقىستان، شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن تونۇلغان ھەم قارىي، ھەم ئالىم، ھەم شائىر بىر زات. ئۇنىڭ ھازىرغىچە يازغان ئەسەرلىرى دىنىي ئىلىمگە موھتاج خەلقىمىزنىڭ چاڭقىغان قەلبلىرىگە مەلھەم بولۇپ كەلمەكتە. يازغان ماقالىلىرىنىڭ سانى يوق. ھازىرمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى ماقالە يېزىپ تارقىتىۋاتىدۇ.

ساۋاقدىشىم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن يىگىرمە يىلدىن بېرى جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئون توملۇق تەپسىرىنى يېزىپ چىقتى. مەن ئۇنىڭ تەپسىر يېزىش جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بەكمۇ ئوبدان بىلىمەن. بەزىدە بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىنى تەلەپكە لايىق يېزىپ چىقىش ئۈچۈن كۈنلەرچە ئىزدىنىشكە، نۇرغۇن تەپسىر كىتابلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇشقا، مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلەتتى. نۇرغۇن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى بىللە مۇزاكىرە قىلدۇق. تەپسىر تاماملانغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، باشقا ئالىملارغا ئوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ تۈزىتىشىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا قايتىدىن تەھرىرلەش ئىشى تەپسىرنى يېزىشتىن نەچچە ھەسسە قىيىن بولدى. شۇنداقتىمۇ ئىنتايىن قىيىن بولغان بۇ خىزمەتنى چەكسىز سەۋر-تاقەت بىلەن ئورۇنداپ تاماملىدى.

قولىڭىزدىكى «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ئەنە شۇ يىگىرمە نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى. تەرجىمە مۇقەددىمىسىدە بايان قىلىنغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش تەپسىر قىلىشتىن مىڭ ھەسسە تەس. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» لەۋزى ئىنتايىن قىسقا، مەنىسى ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر بىر كىتاب بولغاچقا، قىسقا سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ مۇرادىنى ئۇقتۇرۇش بەكمۇ مۈشكۈل. ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس. ساۋاقدىشىم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن بۇ ئۇلۇغ ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماستىن تەر تۆكۈپ، ئاخىرىدا بۇ مۇبارەك تەرجىمىنى روياپقا چىقاردى. يەنە تېخىمۇ مۇكەممەل، مۇمكىنقەدەر خاتالىقتىن خالىي نەشر قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تەلىۋى بويىچە بىر نەچچە ئۆلىمالاردىن (ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار) تەركىب تاپقان تەھرىر ھەيئىتى بۇ تەرجىمىنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك يەرلىرىگە كېرەكلىك پىكىرلىرىنى بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن قارىھاجىم بۇ تەرجىمىنى ئۆلىمالارنىڭ پىكىر-تەكلىپ ۋە تۈزىتىشىگە ئاساسەن قايتىدىن ئىشلەپ چىقتى. شۇڭا بۇ تەرجىمىنى بۈگۈنگىچە يېزىلغان ئەڭ مۇكەممەل تەرجىمە دېيىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ تەرجىمە تىلى راۋان، لەۋزى ئىخچام، مەنىسى توغرا بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توغرا ۋە ئېنىق چۈشىنىشىگە ياردەمچى بولغۇسى.

ئاللاھ تائالادىن ساۋاقدىشىم مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ بۇ ئۇلۇغ خىزمىتىنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىشىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجرى ئەزىم بېرىشىنى، دىنسىز دۈشمەنلەرنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش زوراۋانلىقىغا دۇچ كەلگەن بىچارە خەلقىمىزنىڭ دىنىنى توغرا چۈشىنىپ، دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىغا ۋەسىلە قىلىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ قارىھاجىمنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئۇنى يامان كۆزلەردىن ۋە ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەردىن ساقلىسۇن! ئامىن!

 

ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇلئەھەد ھاپىز

 

         


 

 

 

 

ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن بېشارەتنىڭ بېغىشلىمىسى

 

«قۇرئان كەرىم» پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتكە مۇشەررەپ بولۇشى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، پۈتۈن ئىنسۇجىنلارمۇ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن، تەڭدىشى يوق، مۆجىزىۋى كىتابتۇر ۋە ئىلاھىي قانۇندۇر. ئۇيغۇرلار ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغان 1000 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بېرى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف، ھۈسەيىنخان تەجەللىي، يۈسۈف داموللام، سابىت داموللام قاتارلىق بىرقانچە ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم» نى تەرجىمە قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي مەلۇماتلار بولسىمۇ، بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە نەشر قىلىنغىنى پەقەت مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم ۋە ھەيئەت تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دۇر. قەدىمىي تارىخقا ئىگە، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان بىزدەك بىر مىللەتكە نىسبەتەن، بۇلار بەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

باشقا مىللەتلەرنىڭ قۇرئان ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي مىراسلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. يىراق مىللەتلەر ئەمەس، بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان تۈرك خەلقى ئارىسىدىمۇ «مەئال» ئىسمى بىلەن تونۇلغان يۈزلەرچە قۇرئان تەرجىمىلىرى بار. قۇرئاننىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئوشۇقچە ئىش بولماستىن، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان شەرەپلىك خىزمەتتۇر، ئەلۋەتتە. دېمەك، «قۇرئان كەرىم» قانچىلىك تەتقىق قىلىنسا، مەنىلىرى شۇنچە ئېچىلىدىغان، چوڭقۇرلاپ قېزىش بىلەن سىر-ئەسرارلىرى تۈگەپ قالمايدىغان مۆجىزىلىك كىتابتۇر.

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ناملىق بۇ ئەسىرى ئۇزۇن يىللىق چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ خىزمەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2021- يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن 7-ئاينىڭ 19- كۈنى ئەرەپات كېچىسى سائەت 3:00 يەنى قۇربان ھېيتنىڭ ھارپا كېچىسىگىچە بولغان ۋاقىت ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس مەزگىل بولدى. چۈنكى، مەن بۇ كۈنلەردە ئاتائۇللاھ داموللا ھاجىم، ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى، ئابابەكرى قارىھاجىم ۋە ئابدۇلقەييۇم داموللام قاتارلىق ئۆلىمالار بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر تەرجىمىنى تەكشۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت مۇبارەك خىزمەتكە مۇيەسسەر بولدۇم. بىز بۇ ئىشنى ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىنتايىن مۇنتىزىم شەكىلدە ئېلىپ باردۇق. بىر قىسىم نازۇك ياكى مۇقىمدىيالمىغان يەرلەردە ئۇستازىمىز ئاتائۇللاھ داموللا ھاجىم يوليورۇق كۆرسەتتى. مۇسا قارىھاجىم مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە، ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز ھاجىم مەككە مۇكەررەمەدە ئۆز ئالدىغا كۆرۈپ چىقىش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ شەرەپلىك خىزمەتتە تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپنى ئاساس قىلدۇق، ھەمدە باشتىن ئاخىرى شۇنىڭغا رىئايە قىلدۇق:

• ئىملا خاتالىقى، مەزمۇنى، جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە تەرجىمىدىكى ھەرقانداق چوڭ-كىچىك خاتالىق ياكى سەۋەنلىكلەرنى قەتئىي كۆزدىن قاچۇرماسلىق.

• تەرجىمىدە «تەپسىرى مۇيەسسەر» بىلەن «تەپسىرى مۇختەسەر» ئاساسىي مەنبە قىلىنغان بولغاچقا، تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش جەريانىدا خاتالىق بولمىسىلا شۇلارنى ئاساس قىلىپ مېڭىش، ناۋادا باشقا نوپۇزلۇق تەپسىرلەرگە زىت كەلسە ياكى ئاجىز قاراش ئاساس قىلىنغان بولسا، باشقا تەپسىرلەردىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە مۆتىۋەر قاراشنى ئاساس قىلىش.

• تۈزىتىشكە تېگىشلىك يەرلەرنى ھەممەيلەننىڭ بىردەك قوشۇلۇشى، ھېچبولمىغاندا، كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن تۈزىتىش، بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاتائۇللاھ داموللا ھاجىم، مۇسا قارىھاجىم، ئابدۇلئەھەد ھاپىز ھاجىم ۋە مۇھەممەد يۈسۈف قارىھاجىم قاتارلىق ئۇستازلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش.

بىز بۇ جەرياندا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بەش دانە تۈركچە تەرجىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ چىقتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى مۇقىمداش ئۈچۈن ئەرەبچە نوپۇزلۇق تەپسىرلەردىن: «تەپسىرى مۇيەسسەر»، «مۇختەسەر فىتتەپسىر»، «تەپسىرى تەبەرىي»، «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، «تەپسىرى فەتھۇلقەدىر»، «تەپسىرى سەئدىي»، «تەپسىرى قۇرتۇبىي»، «تەپسىرى بەغەۋىي»، «تەپسىرى ئالۇسىي»، «ئەيسەرۇتتەپاسىر»، «تەپسىرى رازىي»، «تەپسىرى ئەزۋائۇلبايان»، «تەپسىرى جەلالەين»، «تەپسىرى بەيزاۋىي»، «تەپسىرى ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋىر»، «تەپسىرى قاسىمىي» قاتارلىقلارغا مۇراجىئەت قىلدۇق. يەنە بەزى ئايەتلەردىكى كەلىمىلەرنىڭ گىرامماتىكىلىق ئورنى ۋە جۈملە تەركىبى ھەققىدە «ئىئرابۇل قۇرئان»، «ئەلئىئرابۇل مۇيەسسەر»، «ئەددۇررۇل مەسۇن»، «ئەللۇباب فى ئۇلۇمىل قۇرئان» قاتارلىق قۇرئان ئىلىملىرى ھەققىدىكى مۆتىۋەر كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق خۇلاسىلىگەن يەكۈنلەرنى كۆپچىلىككە ئوتتۇرىغا قويدۇق.

بۇ جەرياندا ئاتائۇللاھ خەلپەتھاجىم تەرجىمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلدى، بەزىدە ئۆزىمۇ بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىپ قىممەتلىك تەكلىپ، پىكىرلىرىنى بەردى، مۈشكۈل جايلارنى ياكى گۇرۇپپىمىز بىرلىككە كېلەلمىگەن تەرجىمە ۋە تەپسىرلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ بەردى.

كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرى شۇكى، بۇ شەرەپلىك خىزمەت ئۇلۇغ ئايلاردىن بىرى بولغان زۇلقەئدە ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىپ، زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەپات كېچىسى كېچە سائەت 3:00 دە مۇۋەپپەقىيەتلىك تامام بولدى. دېمەك، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ مۇبارەك كىتابنىڭ خىزمىتى ئەڭ ئۇلۇغ ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ كېچىدە تاماملاندى. ئاللاھ بۇ ئەمىلىمىزنى قوبۇل قىلسۇن!

تەرجىمە نەشردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ يىل يەنى 2023 - يىلى مەزكۇر تەرجىمىنى قايتا نەشىر قىلىشنى قارار قىلغان ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈف قارىھاجىم پېقىرنى بۇ تەرجىمىنى قايتا كۆرۈپ چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. قۇرئان خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقىم تۈپەيلىدىن ئىشلىرىمنىڭ كۆپ، ۋاقتىمنىڭ قىس بولۇشىغا قارىماي، بۇ خىزمەتنى ئۈستۈمگە ئالدىم ۋە 6 - ئايدىن 9 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە پاتىھە سۈرىسىدىن ناس سۈرىسىگىچە بولغان تەرجىمىلەرنى ئايەتلىرىگە بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقتىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئايەت ياكى كەلىمىلەرنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نوپۇزلۇق ئەرەبچە تەپسىرلەرگە، تۈركچە تەرجىمىلىرىگە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىئرابىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ تەۋپىقى بىلەن بەزى يېڭى مەنىلەرنى قېزىپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.

 2023- يىلى رامىزاندىن كېيىنلا مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم 22 يىل جەريانىدا يېزىپ چىققان ۋە ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك ئاڭلىتىشىدا ئىزچىل ئاڭلىتىپ كەلگەن «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىرنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن ئىدى. مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم، پېقىر (مۇھەممەدئىمىن بېشارەت)، ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز، ئۆمەر قارىھاجىم، ئۇستاز ئۇبۇلقاسىم ئەھمەدى، ئابدۇراززاق قارىھاجىم ئۇجات مەزكۇر گۇرۇپپىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن چۈشكىچە مۇنتىزىم ئولتۇرۇپ تەپسىرنى كۆرۈپ چىقتۇق. بۇ ئۇلۇغ خىزمەت 2024- يىلى يانۋارنىڭ 20- كۈنى تاماملاندى. تەپسىرنى كۆرۈش جەريانىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىسىنىمۇ بىللە كۆرۈپ چىقتۇق. تولۇق ئون ئاي داۋاملاشقان بۇ خىزمەت جەريانىدا بەزى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تېخىمۇ مۇناسىپ ئىبارىلەر بىلەن تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇننىڭ بۇ قېتىمقى «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ھەقىقەتەن ئەتراپلىق، ئىنچىكە، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلدى. ئەسەر تىلىنىڭ شېرىن ۋە يەڭگىللىكى، مەزمۇنىنىڭ چۈشىنىشلىكلىكى، ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنىڭ گۈزەللىكى، تەرجىمىلەرنىڭ ئايەت لەپزىلىرىگە ۋە ئىشەنچلىك تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلۇقى، ئىمكانقەدەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىشى ۋە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ماس كېلىشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاۋام خەلق پايدىلانغاندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئۆلىمالارمۇ پايدىلىنالايدۇ، ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىشىغا تامامەن ئەرزىيدۇ. دېمەك، بۇ تەرجىمەنى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ پۇختا تەرجىمە دېيىشكە بولىدۇ.

ئاخىرىدا، ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ مۇبارەك ئەسەرنى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات يولىغا نۇرلۇق مەشئەل قىلىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىشىنى ۋە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن.

سەمىمىي ئېھتىرام بىلەن: مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت

25.02.2024

 



[1] ساد سۈرىسى: 29- ئايەت.
[2]  ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
[3]  ئىسرا سۈرىسى: 9- ئايەت.
[4] تاھا سۈرىسى: 124- ئايەت.
[5] « حلية الأولياء» 9- توم، 34- بەت.